ھىندىستاندا «ئاياللار تىكىنى» ئۆزىنى قوغداش ئۈزۈكى بارلىققا كەلدى
شۇ يەر ۋاقتى 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى، ھىندىستان بانگالور، مودىل خېنىلار «ئاياللار تىكىنى» ناملىق ئۆزىنى قوغداش ئۈزۈكىنى كۆرگەزمە قىلماقتا. بۇ ئۈزۈكنىڭ مىكرو يىڭنىسى بولۇپ، بىر مىكرو ناسوس ئارقىلىق خىمىيەلىك مۇچلارنى پۈركۈپ چىقىرالايدۇ. ئاياللار بۇ ئۈزۈكنى تاقاش ئارقىلىق ئۆزىنى قوغداش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ.
بارماق ئىزى سېنزورىنىڭ كەم بولىشى iphone5sنىڭ مال يېتىشمەسلىك ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن
شىنلاڭ پەن تېخنىكا قانىلىنىڭ 16-سېنتەبىردىكى خەۋىرى ، نۇر تورى تەرجىمىسى
ئامېرىكا پەن تېخنىكا بلوگىBGR نىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، ھەر خىل ئالامەتلەردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، ئالما شىركىتىنىڭ ئەڭ يېڭى مەھسۇلاتى بولغان iphone5s بەلكىم بارماق ئىزىنى پەرىقلەندۈرگۈچ سېنزورنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش سۈرئىتىنىڭ مۆلچەردىن ئاستا بولىشى سەۋەپلىك مال يېتىشمەسلىك ئەھۋالىغا يولۇقىشى مۇمكىن.
ئىلگىرى ئالما شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ iphone5s نىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بارماق ئىزىنى پەرىقلەندۈرگۈچى سېنزورنى ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەتنىڭ بۇ خىل ئەڭ يېڭى تىپلىق سېنزورنى ئىشلەپچىقىرىشتا قىيىنچىلىققا يۇلۇققانلىقى توغرىسىدا گەپ تارقالغان ئېدى ، ھازىر يەنە iphone5s كە ئىشلىتىلىدىغان سېنزورنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش مىقدارىنىڭ iphone5s نىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش مىقدارىدىن خېلىلا ئاز ئىكەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر تارقالغان .
ئامېرىكا مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ تەھلىلچىسى پېتېر.مايسىك (peter misek) ئالدىنقى ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنىدىكى بىر مەلۇماتتا ئالما شىركىتىنىڭ نىشان پاي باھاسىنى 450 دوللاردىن 425 دوللارغا چۈشۈرگەن. ئۇ iphone5s كە ئىشلىتىلىدىغان بارماق ئىزىنى پەرقلەندۈرگۈچ سېنزورنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش ئەھۋالى " ناھايىتى چاتاق " ، شۇڭا بۇ پەسىلدە iphone5s نىڭ ئىشلەپچىقىرىلغان مىقدارى ئاران 5 مىليۇندىن 10 مىليۇنغىچە بولىشى مۇمكىن ، iphone5c نىڭ بۇ پەسىلدىكى ئىشلەپچىقىرىلىش مىقدارى بولسا 20 مىليۇنغا يېتىششى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغان.
پېتېر.مايساك (peter misek) يەنە ئالما شىركىتىنىڭ 2014-يىلدىكى سېتىش مىقدارىنى ئىلگىرى پەرەز قىلغان 162مىليۇندىن 147مىليۇنغا چۈشۈرگەن . ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ ئالما شىركىتىنىڭ ھەر بىر پېيىنىڭ پۈتۈن يىللىق تاپاۋىتىنى ئىلگىركى 38.78 دوللاردىن 37.95 دوللارغا چۈشۈرگەن ، ئۇنىڭ ئالما شىركىتىنىڭ ئومۇمىي پايدىسىغا بولغان مۆلچەرى ۋال سىترېتنىڭ مۆلچەرىدىن %16 تۆۋەن بولغان.
لېغىتتا تېلېفوندا سۆزلىشىش خەتەرلىك كورىيە مۇھىت مېنىستىرلىكى يېقىندا مۇنداق دېدى : مېتىرو ياكى لېفىتتا ئەڭ ياخشىسى يانفوننى ئاچماسلىق كېرەك. چۈنكى يانفون بۇ يەرلەردە شاۋقۇن پەيدا قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئادەەتتىكىدىن 6 ھەسسىدىن 15 ھەسسىگىچە كۈچلۈك رادىئاتسىيە تارقىتىدىكەن. كورىيە مۇھىت پەنلىرى ئاكادىمىيىسىنىڭ ئالىملىرى مۇنداق دېدى: كېتىۋاتقان مېتىرودا تېلېفون بەرگەندە، ئېلىكتىر ماگىنت رادىئاتسىيەسىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىگە يانفوننىڭ ئۈزۈلۈكسىز ئارلىقى ئەڭ يېقىن بولغان ئۇلاش بىكەتنى ئىزدەيدىغانلىقى سەۋەب بولغان. ئېلىكتىر ماگىنىت دولقۇنىنى تاپشۇرىۋېلىش قىيىن بولغان يېپىق مەيداندا تېلېفون بەرگەندە، ئېلىكتىر ماگىنت رادىئاتسىيەسىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىگە يېپىق مۇھىتتىن قۇتىلىش ئىستىكى تۈرتكە بولدىكەن
ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئاپتوموبىلدىكى تازىلىق قەغىزى بۇلاڭ- تالاڭدا قالدى 9- ئاينىڭ 5- كۈنى كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت توققۇز يېرىم ئەتراپىدا، گۈيياڭ- دۇيۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ لوڭلى ھەق يىغىش پونكىتى ئەتراپىدا، ئىككى يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇشۇپ كېتىپ قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى. يېقىن ئەتراپتىكى دېھقانلار بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئاپتوموبىلغا قاچىلانغان تازىلىق قەغەزلىرى بۇلاپ كەتتى، 1302 بولاق تازىلىق قەغىزىدىن ئاران 152 بولاق قالدى.
شىئەندىكى بىر باغچىدا ئۈچ ساياھەتچى چاقپەلەكتىن چۈشۈپ كەتتى 9- ئاينىڭ 15- كۈنى، شىئەن شەھىرىدىكى چىنلىڭ شادلىق باغچىسىدا بىر قېتىملىق بىخەتەرلىك ھادىسىسى يۈز بەردى، ئۈچ نەپەر يولۇچى چاقپەلەككە ئوخشاپ كېتىدىغان كۆڭۈل ئېچىش ئۈسكۈنىسىدە ئويناۋاتقاندا سىرتقا ئىرغىپ چىقىپ كەتتى. ئىگىلىنىشچە، ھازىر بۇ ئۈچ كىشىنىڭ ھەممىسى داۋالىنىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئايال يارىدارنىڭ يارىسى ئەڭ ئېغىر ئىكەن.
مەنبە؛ نۇر تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gvlshat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-16 05:16 PM
|