مەشھۇر سەھىھ ھەدىسلەردىن بىرى بولغان «سەھىھۇل بۇخارى» دا قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى توغرىلىق توختالغان ھەدىسلەر بار. «قىيامەت بولۇشتىن ئىلگىرى دەجلە ۋە ئېفرات دەرياسىدا بىر ئالتۇن تاغ چىقىپ قالىدىغانلىقى» ماۋزۇلۇق ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن:
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد مۇستافا سەللالاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن :«قىيامەت بولۇشتىن ئىلگىرى دەجلە ۋە ئېفرات دەرياسىدا بىر ئالتۇن تاغ چىقىپ قالىدۇ. مۆئمىن مۇسۇلمان كىشى ئۇنىڭدىن ھېچقانداق نەرسە ئالماسلىق كېرەك.»
مانا مۇشۇ ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان بېشارەت زامانىمىزدا ئەمەلىيەتكە ئايلاندى. نۇر تورىدىكى تۆۋەندىكى خەۋەرنى كۆرۈپ بېقىڭ:
ئېرۇسالىمدا 1400 يىل بۇرۇنقى ئالتۇن غەزىنىسى بايقالدى
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 9-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گىزىتى» نىڭ 14-چىسلا خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل يازدا ئىرۇسالىم تېمپېل تېغى (Temple Mount) نىڭ باغرىدا ئېلىپ بېرىلغان قىدىرىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا، ئىرۇسالىم خېبرېۋ ئونىۋېرسىتېتى (The Hebrew University) نىڭ ئارخولۇگىيە ئىنىستىتوتىدىكى پىراففىسور ئېيلات مارسال (Eilat · Marcal) ئىككى ئورۇندا ئاز ئۇچرايدىغان ئالتۇن غەزىنىسىنى بايقىدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر غەزىنىدە چوڭ بىر تال ئالتۇن مىدال بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەھۇدىلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان يەتتە شامدان (قەندەل) (Seven candlesticks)، قوي مۈڭگۈزى (shofar) قاتارلىقلار ئويۇلغان ئىكەن.
پىراففىسور ئېيلات مارسالنىڭ قارىشىچە بۇ ئىككى ئورۇندىكى ئالتۇن غەزىنىسى تەخمىنەن مىلادى 614-يىلىدىكى پېرسىيە ئىمپىرىيىسى بېسىۋالغان ئىرۇسالىم ۋاقتىدا تاشلىۋىتىلگەن بولىشى مۇمكىن ئىكەن. سۈرەتتە: پىراففىسور ئېيلات مارسال ئالتۇن غەزىنىدىن تېپىلغان چوڭ ئالتۇن مىدالنى تۇتۇپ تۇرماقتا. مەنبە: نۇر تورى
زامانىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق، قۇرئان ۋە سەھىھ ھەدىسلەردە تىلغا ئېلىنغان قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى زامانىمىزدا بىردىن-بىردىن مەيدانغا كەلمەكتە. مىسال ئالىدىغان بولساق، قۇرئاندا قىيامەت يېقىنلاشقاندا ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا، ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە ئۆزگىرىپ قالىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. باشتا كىشىلەر بۇنى :«ئاياللارنىڭ ئەرلەرنىڭ ئورنىغا چىقىپ ھۆكۈمران بولۇشى، ئەرلەرنىڭ ئەرلىك روھىنىڭ يوقىلىپ، زەئىپلىشىشى، خېنىم مىجەز بولۇپ قېلىشى دەل مۇشۇ ئايەتكە چۈشىدۇ» دەپ سىمۋول مەنىدە چۈشەنگەن بولسا، زامانىمىزدا راستتىنلا جىنس ئۆزگەرتىش ئوپېراتسىيىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشى، ھەقىقەتەن ئەرلەر ئاياللارغا، ئاياللار ئەرلەرگە ئۆزگىرىۋاتقانلىقى قۇرئاننىڭ ئىنسان سۆزى ئەمەسلىكىنى، مۆجىزىلەر بىلەن تولغان بىباھا دەستۇر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. بىزنى مۇسۇلمان قىلىپ ياراتقان جانابىي ئاللاھقا چەكسىز شۈكۈرلەر بولسۇنكى، ئاللاھ يولىنى مەھكەم تۇتۇپ مېڭىش بىز مۇسۇلمانلارنىڭ مەجبۇرىيىتى. قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى ئارقا-ئارقىدىن كۆز ئالدىمىزدا زاھىر بولۇۋاتىدۇ. پەيغەمبىرىمىز زامانىسىدا، قىيامەت توغرىلىق سۇئال سورىغان بىر ساھابىگە پەيغەمبىرىمىز ئىككى بارمىقىنى كۆرسىتىپ :«قىيامەتنىڭ ئارىلىقى مۇشۇ ئىككى بارمىقىمنىڭ ئارىلىقىچىلىكلا قالدى» دېگەن تۇرسا، 1400 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈنىمىزدە قىيامەت قاش-كىرپىكنىڭ ئارىسىدىلا قالماسمۇ؟! شۇڭا بارلىق قېرىنداشلارنىڭ كۈتىدىغان ئۈمىدىم، ئاللاھقا بولغان ئېتىقادىمىزنى مۇستەھكەملەيلى، ئاللاھقا كۆپ دۇئا قىلايلى. مېھرىبان ئاللاھ ھەر ھالەتتە ئىمانىمىزنى مۇستەھكەم قىلسۇن! ئاللاھ بىزگە ئەقىلنى بەردى، «تەبىئەتكە، جەمئىيەتكە قاراپ ئويلان، تەپەككۇر قىل» دېدى. ھالا بۈگۈنگە كەلگۈچە يۈز بېرىۋاتقان بېشارەتلەرگە قارىتا كىشىلەر ھەرخىل ئويلاردا بولدى. قىيامەتنىڭ بېشارەتلىرىدىن بولغان دەججال __ كومپيۇتېر (ياكى تېلېۋىزور) نىڭ ئۆزى شۇمۇ؟ يەجۈج-مەجۈج __شەرقتىكى بىزگە تونۇش بولغان مۇشۇ تائىپە شۇمۇ؟ مەزكۇر تېمىدا تىلغا ئېلىنغان ئېرۇسالىمدىكى ئالتۇن خەزىنىسى «سەھىھۇل بۇخارى» دا تىلغا ئېلىنغان ئالتۇن تاغ شۇمۇ؟ توغرىسىنى بىلگۈچى __ پۈتۈن كائىناتنىڭ ئىگىسى بولغان جانابىي ئاللاھتۇر. رەببىم ئاللاھ بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن، غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە يولۇڭدىن ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، بەلكى سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا باشلىغىن.
|