مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5711|ئىنكاس: 39

قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان ھايۋاناتلار ۋە ئۇلارنىڭ قىسسەلىېرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18880
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5993 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-16 12:36:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئېلىغان       ھايۋىناتلار ۋە ئۇلارنىڭ قىسسىلىرى                   ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
خۇددى قۇرئان كەرىمدە يەر ۋە ئاسمان،قۇياش ۋە ئاي دەل-دەرەخ ۋە ئۆسۈملۈكلەر تىلغا ئېلىنغىنىدەك ھايۋىناتلارمۇ تىلغا ئېلىندى.
بۇ ھەقتە ئارتۇق گەپ قىلمىساقمۇ ھايۋىناتلارنىڭ نىمىشقا قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئېلىنغانلىقىنى ئاللا تائالانىڭ تۆۋەندىكى ئايىتىدىنلا چۈشۈنىۋالالايمىز. ئاللا مۇنداق دەيدۇ:
«چاھارپايلاردا سىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن بىر ئىبرەت بار. سىلەرنى چاھار پايلارنىڭ قارنىدىكى ماياق تىزەكتىن ۋە قاندىن ئايرىلىپ چىققان پاكىز ۋە تەملىك سۈت بىلەن سۇغىرىمىز»
( 16-سۈرە نەھل 66-ئايەت)                    
شۇنداق ئاللا ھايۋاناتلارنى بىز ئىنسانلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ياراتتى. ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىشىمىز، ئاللانىڭ بار ۋە بىرلىكىنىڭ دەلىلى قىلىشىمىز ئۈچۈن ياراتتى شۇڭا مەن كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزورىغا قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان ھايۋاناتلارنىڭ قىسسەلىرىنى سۇنىشنى توغرا تاپتىم.
1-تۆگە
تۆگە ئاللانىڭ ئاجايىپ مەخلۇقاتلىرىدىن بۇلۇپ ئاللا قۇرئان كەرىمدە تۆگە ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار قارىمامدۇكى تۆگىلەر قانداق يارىتىلدى» (88-سۈرە غاشىيە17-ئايەت)
دىمەك  ئاللانىڭ تۆگىلەرنى يارىتىشىدىكى مەقسەتلىرىدىن بىرسى بولسا ئىنسانلارنىڭ شۇ تۆگىلەرگە قاراپ ئاللانىڭ بارلىقىغا ئىمان ئېيتىشتىن ئىبارەت.
ئەلۋەتتە ئەرەبلەر تۆگىنى ھەممىدىن ئابدان بىلىدۇ.
ئۇلارنىڭ ھاياتى تۆگە بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. ئۇلار تۆگىگە مىنىدۇ، ئۇنىڭ گۆشىدىن يەيدۇ، سۈتىنى ئىچىدۇ، تىرىسىدىن ۋە يۇڭلىرىندىن كىيىم كىيىدۇ، ئۇلار تۆگىنىڭ باشقا ھايۋاناتلاردا تېپىلمايدىغان بارلىق ئالاھىدىلىكىدىن تۇلۇق پايدىلىنىدۇ. ئۇ بولسىمۇ كۈنلەپ-كۈنلەپ شۇ دەشت-باياۋاندا سۇمۇ ئىچمەي، بىرەر نەرسىمۇ يىمەي ئۇلارنى ۋە مال-مۈلكىنى جاي-جايلارغا توشۇشتۇر.
تۆگە قۇرئان كەرىمدە بىرقانچە يەردە تىلغا ئېلىنغان بۇلۇپ ئەڭ ئاۋال مەن ئوقۇرمەنلەرگە سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىسى قىلىپ ئەۋەتىلگەن تۆگىنىڭ قىسسىسىنى سۇنىمەن.
سەمۇد قەۋمى سالىھ ئەلەيھىسسالامدىن ئۆزلىرىگە ئۆزىنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان بىرەر مۆجىزە كەلتۈرىشىنى سورىغان ئىدى.
ئۇلار سالىھ ئەلەيھىسسالامدىن ھىجىر يۇرتىنىڭ بىر چېتىدىكى«كاتبە» ئىسىملىك يالغۇز بىر قۇرام تاشتىن توغۇشىغا ئازلا قالغان بىر تۆگىنىڭ چىقىشىنى تەلەپ قىلىشتى.
سالىھ ئەلەيھىسسالام ئۇلاردىن ئەگەر ئاللا ئۇلارنىڭ دېگىنىدەك تۆگىنى چىقىرىپ بەرسە ئۇلارنىڭ ئاللا تائالاغا ئىيمان ئېيتىشىغا ۋەدە ئالدى. شۇنىڭ بىلەن سالىھ ئەلەيھىسسالام نامازغا تۇردى ۋە ئاللاغا دۇئا قىلدى. شۇ پەيىتتە ھېلىقى قۇرام تاش مىدىرلىدى-دە ئۇنېڭ ئىچىدىن ئۇلار تەلەپ قىلغاندەك قۇرسىقىدا بالىسى مىدىرلاپ تۇرغان، قۇرساقلىق ۋە يۇڭلۇق بىر تۆگە چىقتى. بۇنى كۆرگەن سەمۇد قەۋمىنىڭ باشلىقى جۇندۇب ئىبنى ئەمرى ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى بەزى كىشىلەر ئىمان ئېيتتى. سەمۇد قەۋمىنىڭ باشقا چوڭ كىشىلىرى ئىمان ئېيتماقچى بولغاندا بۇلارغا مەسئول بولغان زۇئاب ئىبنى ئەمىر ئىبنى لەئىب قاتارلىقلار ئۇلارنى ئىمان ئېيتىشتىن توستى.
تۆگە بوتلاقلىغاندىن كىيىن ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەلۇم بىر مەزگىلگىچە تۇردى، ئۇ يەردە بىر قۇدۇق بار بۇلۇپ نۆۋەت بىلەن تۆگە بىركۈن سۇ ئىچسە كىشىلەر بىركۈن سۇ ئىچەتتى، تۆگە سۇ ئىچكەن كۈنى كىشىلەر ئۇ تۆگىنىڭ سۈتىنى ئىچەتتى، ۋە ئۇنى سېغىپ قاچىلىرىغا تولدىرىۋالاتتى. ئاللا بۇھەقتە مۇنداق دەيدۇ: (سۇنىڭ ئۇلار بىلەن تۆگىنىڭ ئارىسىدا بۆلۈنگەنلىكىنى،قايسىسىنىڭ نۆۋىتى كەلسە شۇنىڭ ھازىر بولىدىغانلىقىنى ئۇلارغا ئۇقتۇرۇپ قويغىن) ‹54-سۈرە قەمەر 28-ئايەت›
سالىھ ئېيتتى: «بۇ چىشى تۆگە ‹سۈيۈڭلاردىن بىركۈن› ئىچىدۇ،سىلەرمۇ مۇئەييەن بىر كۈن ئىچىسىلەر». (26-سۈرە شۇئەرا 155-ئايەت)
ئۇ تۆگە ئوتلاش ئۈچۈن بەزى جىلغا ئېغىزلىرىدىن كىرگەندە باشقا تۆگىلەرنىڭمۇ كىرىپ چىقىشىغا توسالغۇ بۇلۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن كىرىشتە جىلغىنىڭ بىر تەرىپىدىكى ئېغىزىدىن كىرسە قايتىشتا باشقا بىر ئېغىزىدىن قايتىپ چىقاتتى.
چۈنكى ئۇ ئىچكەن سۈيىنىڭ كۆپلىكىدىن قورسىقى ناھايىتىمۇ يوغىناپ كېتەتتى.
تۆگە سەمۇد قەۋمىنىڭ تۆگىسىنىڭ قېشىدىن ئۆتۈپ قالسا ئۇلار ئۇنىڭدىن ئۈركۈپ قاچاتتى،
بۇ ئەھۋالنىڭ داۋاملىشىۋېرىشى ۋە سەمۇد قەۋمىنىڭ سالىھ ئەلەيھىسسالامنى يالغانغا چىقىرىشى بىلەن ئۇلار تۆگىنىڭ سۇ ئىچىدىغان نۆۋىتى كەلگەن كۈنىدىمۇ سۇنى ئۆزلىرىنىڭ تۆگىلىرىنىڭ ئچىشى ئۈچۈن ئاللانىڭ تۆگىسىنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى قەددار دىگەن كىشى باشقىلارنىڭ قىززىقتۇرىشى بىلەن تۆگىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ماڭدى ئۇنىڭغا مەسىدەئ دىگەن كىشىمۇ ئەگەشتى، مەسىدەئ يۇشۇرۇنۇپ تۇرغان يېرىدىن تۆگىگە قارىتىپ ئوق ئۈزدى،قەددار قېلىچىنى كۆتۈرگۈنىچە ئېتىلىپ بېرىپ تۆگىنىڭ  لېپىكىنى كىسىۋەتتى.
تۆگە يەرگە يىقىلدى، ئۇ بوتىلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ۋارقىرىدى، قەددار تۆگىنىڭ بوينىغا قېلىچ ئۇرۇپ تۆگىنى بوغۇزلىدى. ئۇنىڭ بوتىلىقى قېچىپ ناھايىتى ئىگىز بىر تاغنىڭ ئۈستىدىكى قۇرام تاشنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ۋارقىرىدى. ئابدۇراززاق مۇئەممەردىن ھەسەن بەسرىنىڭ: ئى پەرۋەردىگارىم! ئانام قەيەردە؟ دېدى. دىگەنلىكنى ئاڭلىغانلىقىنى رىۋايەت قىلىدۇ.
ئۇ بوتىلاق ئۈچ قېتىم ۋارقىراپلا قۇرام تاشنىڭ ئىچىگە كىرىپ غايىپ بولۇپ كەتكەن. دىگەن كۆزقاراشمۇ بار.
ئاللا بۇھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ئەينى زاماندا سەمۇدنىڭ ئەڭ بەدبەخىت ئادىمى (مۆجىزە بولۇپ كەلگەن تۆگىنى) ئۆلتۈرۈشكە ئالدىرىدى.
ئۇلارغا ئاللانىڭ پەيغەمبىرى (يەنى سالىھ ئەلەيھىسسالام) : «ئاللانىڭ تۆگىسىگە چېقىلماڭلار، ئۇنى سۇ ئىچىشتىن توسماڭلار» دېدى. ئۇلار پەيغەمبەرنى (يەنى سالىھ ئەلەيھىسسالامنى) يالغانچى قىلدى، تۆگىنى ئۆلتۈردى، گۇناھى تۈپەيلىدىن ئاللا ئۇلارنى تەلتۈكۈس ھالاك قىلدى، ئومۇميۈزلىك ھالاك قىلدى. (91-سۈرە شەمس 12-14 ئايەتلەر)
ئۇنىڭدىن باشقا تۆگىگە ئالاقىدار بولغان ئىشلار قۇرئان كەرىمدە بىرقانچە يەردە تىلغا ئېلىنغان بۇلۇپ، مۇھىماراقى ئاللا ئەرەبلەرنىڭ ئاللاغا يالغاننى چاپلاپ،ئۆزلىرى خالىغانچە بەزى تۆگىلەرنى ئۆزلىرىگە ھارام دەۋىلىشلىرىگە رەدىيە بېرىش ئۈچۈن تۆگە ھەققىدە توختالغان ئايەتلەردۇر. ئاللا بۇھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
(ئاللا سىلەرگە) تۆگىدىن ئىككىنى (يەنى ئەركەك بىلەن چىشىنى) كالىدىن ئىككىنى (يەنى ئەركەك بىلەن چىشىنى ياراتتى، (مۇشرىكلارغا)  ئېيتقىنكى، «ئاللا ئىككى ئەركەكنى ھارام قىلدىمۇ؟! ياكى ئىككى چىشىنمۇ؟! ۋە ياكى ئىككى چىشىنىڭ قورسىقىدىكى بوتىلاق بىلەن موزاينىمۇ؟ ياكى ئاللا بۇنى سىلەرگە تەۋسىيە قىلغان چاغدا سىلەر ھازىرمىدىڭلار؟ كىشىلەرنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن بىلمەي تۇرۇپ ئاللا نامىدىن يالغان ئېيتقان ئادەمدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ شۈبھىسىزكى، ئاللا زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ» (6-سۈرە ئەنئام 144-ئايەت)
2-پاشا
ئەلۋەتتە قۇرئان كەرىم مۆجىزىلىك كىتاب،ئۇنىڭدا كىشىلەرنى ئىمانغا چاقىرىدىغان نۇرغۇن مۆجىزىلەر سۆزلەنگەن. بەزىدە ئاللا كىشىلەرنىڭ  تەپەككۇر قىلىپ چۈشۈنىۋېلىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرغان ئەمەلىي، كىچىك نەرسىلەرنىمۇ مىسال قىلىپ كەلتۈرەتتى.  
قۇرئان كەرىمدە ئۆمۈچۈك،چىۋىن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ كۆزئالدىدا تۇرىدىغان مەيلە بىلىملىك ياكى بىلىمسىز شەھەرلىك ياكى يېزىلىق ھەرقانداق كىشى بىر قاراپلا بىلىدىغان، چۈشىنەلەيدىغان مىساللارنى بايان قىلغىنىدا بەزى يەھۇدىيلار ۋە مۇشرىكلار «ئاللا بۇ ئەرزىمەس  كىچىك نەرسىلەرنى مىسال قىلىش بىلەن نىمىنى مەقسەت قىلماقچى؟» دەپ رەسۇلۇللانى ۋە مۇسۇلمانلارنى مەسخىرە قىلىپ كۈلگىنىدە ئاللا بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى:
ئاللا ھەقىقەتەن پاشا ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك نەرسىلەرنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈشتىن تارتىنىپ قالمايدۇ، مۆمىنلەر بولسا ئۇنى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل  بولغان ھەقىقەت دەپ بىلىدۇ؛ كاپىرلار بولسا: «ئاللا بۇنەرسىلەرنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈشتىن نېمىنى ئىرادە قىلىدۇ؟» دەيدۇ. (2-سۈرە بەقەر 26-ئايەت)
شۇنداق ئاللا ئەلۋەتتە يارىتىشتىن باش تارتمىغان ئىكەن ئۇنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈشتىنمۇ باش تارتمايدۇ، ئۇ مىساللار بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنى  ئىشەنگەنلىكى بىلەن ھىدايەت قىلسا يەنە نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۇنى ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن ئازدۇرىدۇ. ئاللا بىزنى ئېزىپ كىتىشتىن ساقلىسۇن!!!
3-كالا
كالا قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان مەشھور ھايۋانلارنىڭ بىرى بۇلۇپ ھەتتا قۇرئان كەرىمدىكى 2- سۈرىگە «كالا سۈرىسى» دەپ نام بىرىلگەن.
بۇ سۈرىنىڭ بۇنداق ئاتىلىشى بەنىي ئىسرائىل ئىچىدە يۈزبەرگەن بىر ۋەقەلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.
ئىبنى ئەبۇ ھاتەم ئۇبەيدە سالماننىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: ئىسرائىل ئەۋلادىدا بالىسى يوق مال-مۈلكى ناھايىتى كۆپ بىركىشى بۇلۇپ ئۇنىڭغا بىر تۇغقىنىنىڭ بالىسى مىراسخور ئىدى، بىر كۈنى ئۇ بالا ئۇ كىشىنى ئۆلتۈرۈپ ئۇنىڭ جەسىتىنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ بېرىپ بىركىشىنىڭ ئىشىك ئالدىغا تاشلاپ قۇيىدۇ، بالا ئەتىگىنى ئۇ كىشىنى ئاۋۇ ئادەم ئۆلتۈردى دەپ ئۇنىڭغا تۆھمەت قىلدى.
ھەتتا ئۇلار بىر-بىرى بىلەن سوقۇشۇش ئۈچۈن قوللىرىغا قۇرال ئالىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئەقىللىكىرەك بىر كىشى، سىلەر نىمە ئۈچۈن جىدەل ماجىرا قىلىسىلەر؟ سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا ئاللا تائالانىڭ پەيغەمبىرى مۇسا ئەلەيھىسسالام بار شۇنىڭ قېشىغا بېرىڭلار! دەيدۇ.
ئۇلار مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىلىپ بولغان ئەھۋالنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بېرىدۇ.
مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن مۇنداق دەيدۇ:
«ئاللا ھەقىقەتەن سىلەرنى بىر كالا بۇغۇزلاشقا بۇيرۇيدۇ» (2-سۈرە بەقەرە 65-ئايەتنىڭ بىرقىسمى) ئەمما ئۇلار مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن ئۇ كالىنىڭ قانداق كالا ئىكەنلىكىنى، رەڭگىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى، بودالغان كالىمۇ ياكى دىھقانچىلىقتا ئىشلىتىلگەن كالىمۇ قاتارلىق سۇئاللانى زىغىرلاپ سوراۋىرىپ بويرۇلغان ئىشنى تەسلەشتۈردى.
ئۇبەيدە سەلمانى مۇنداق دەيدۇ؛ ئەگەر ئۇلار مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن قارشىلاشماي، ئاددى بىر كالا بۇغۇزلىغان بولسىلا بۇلاتتى،لېكىن ئۇلار ئىشنى قىينلاشتۇردى، ئاللا تائالامۇ ئۇلارنىڭ ئىشىنى تەسلەشتۈرۈپ ناھايىتى ئاز تېپىلىدىغان مۇئەييەن بىر كالىنى بۇغۇزلاشقا بويرۇيدۇ.
ئۇلار كالىنى شۇكالىدىن باشقا بىرمۇ كالىسى يوق بىر كىشىنىڭ يېنىدىن تاپتى، ئۇكىشى ئۇلارغا: مەن بۇ كالىنى تىرىسىغا  لىق كەلگۈدەك ئالتۇن بەرمىگۈچە ساتمايمەن دېدى.
ئۇلار كالىنى تىرىسگە لىق كەلگۈدەك ئالتۇنغا سېتىۋالدى.
ئاندىن ئۇلار كالىنى بوغۇزلاپ ئۆلۈكنى كالىنىڭ پارچىسى بىلەن ئۇردى، ئاندىن ئۆلۈك تىرىلىپ قوپتى، ئۇلار ئۇنىڭدىن سىنى كىم ئۆلتۈردى؟ دەپ سورىدى، ئۇ: مېنى بۇ ئۆلتۈردى دەپ تۇغقىنىنىڭ بالىسىنى كۆرسەتتى، ئاندىن ئۇ قايتا ئۆلدى. تۇغقىنىنىڭ بالىسغا ئۇنىڭ مال-مۈلكىدىن ھېچ قانداق نەرسە بېرىلمىدى.
شۇنىڭدىن باشلاپ ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشى ئۆلتۈرۈلگەن كىشىنىڭ مال-مۈلكىدىن مىراس ئالالمايدىغان بولدى.
ئۇنىڭدىن باشقا قۇرئان كەرىمدە بىرقانچە يەردە كالا تىلغا ئېلىنغان، مەسىلەن يەھۇدىيلار چوقۇنغان كالا ۋە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ پەرىشتىلەرنى مىھمان قىلىپ پىشۇرغان كالىسى قاتارلىقلار.
ئەمما بۇيەردە توختىلىدىغىنىمىز مىسىر پادىشاھىغا چۈشىدە كۆرسىتىلگەن كالا.
ئاللا تائالا مىسىر پادىشاھىنىڭ بۇ چۈشىنى يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ زىنداندىن ئىززەت-ئېكرام ۋە ھۆرمەت بىلەن چىقىرىلىشى ئۈچۈن سەۋەب قىلدى. بۇ مۇنداق ۋەقەلىكتۇر.
پادىشاھ بىر كۈنى مۇنداق چۈش كۆرگەن بۇلۇپ ئۇ چۈشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھەقىقەتەن چۈشۈمدە يەتتە ئۇرۇق كالىنىڭ يەتتە سېمىز كالىنى يەپ كەتكەنلىكىنى ۋە يەتتە يىشىل باشاق بىلەن يەتتە ئۇرۇق باشاقنى كۆرۈپتىمەن، ئى ئەرباپلار! سىلەر ئەگەر چۈش تەبىرىنى بىلسەڭلار، بۇ چۈشىمگە تەبىر بىرىپ بېقىڭلار!»(12-سۈرە يۈسۈف 43-ئايەت)
ئۇ چۈشىدىن قورقۇپ كېتىدۇ، ئۇ چۈشۈنىڭ تەبىرىنىڭ قانداق بۇلىدىغانلىقىدىن ئەنسىرەپ كاھىنلارنى،پالچىلارنى،دۆلەت ئەرباپلىرىنى ۋە ئەمەلدارلارنى يىغىپ ئۇلارغا كۆرگەن چۈشىنى سۆزلەپ بېرىدۇ ۋە ئۇلاردىن بۇ چۈشكە تەبىر بېرىشنى سورايدۇ. ئەمما ئۇلار بۇ چۈشكە قانداق تەبىر بېرىشنى بىلەلمەي قالىدۇ ئۇلار پادىشاھقا ئۆزرە ئېيتىپ «بۇ بىر قالايمىقان چۈش ئىكەن» (12-سۈرە44-ئايەتنىڭ بىرقىسمى)دەيدۇ.
دەل شۇچاغدا زىنداندىن قۇتۇلغان كىشى يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنى ئېسىگە ئېلىپ پادىشاھقا ۋە بۇ چۈش ھەققىدە يىغىلغان كىشىلەرگە «مەن سىلەرگە بۇ چۈشنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ بېرەلەيمەن، مېنى (يۈسۈفنىڭ يېنىغا) ئەۋەتىڭلار!» (12-سۈرە يۈسۈف 45-ئايەتنىڭ بىرقىسمى)
ئۇلار ئۇنى يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا ئەۋەتتى، ئۇ يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ «ئى راستچىل يۈسۈف! يەتتە ئۇرۇق كالىنىڭ يەتتە سېمىز كالىنى يەپ كەتكەنلىكىنى ۋە يەتتە يىشىل باشاق بىلەن يەتتە قۇرۇق باشاقنى (كۆرۈپ چۈشىگەن چۈشنىڭ تەبىرىنى) بىزگە ئېيتىپ بەرسەڭ» (12-يۈسۈف 46-ئايەتنىڭ بىرقىسمى) دەپ پادىشاھ كۆرگەن چۈشنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەردى.
شۇ چاغدا يۈسۈف ئەلەيھىسسالام يگىتكە، ئۇنى يۈسۈف ئەلەيھىسسالام تاپىلىغان ئىشنى ئۇنتۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئەيىپلىمەستىن ۋە چۈشكە تەبىر بىرىشتىن ئىلگىرى زىنداندىن چىقىرىلىشىنى شەرت قىلماستىن بۇ چۈشنىڭ تەبىرىنى بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «يەتتە يىل ئۈزۈلدۈرمەي تېرىقچىلىق قىلىڭلار» (12-سۈرە يۈسۈف 47-ئايەتنىڭ بىرقىسمى)
يۈسۈف ئەلەيھىسسالام كالىغا يىل دەپ تەبىر بەردى، چۈنكى كالا بىلەن ھەر يىلى يەرلەر ئاغدۇرىلىدۇ، يەرلەردىن مول-ھوسۇل ئېلىنىدۇ،بۇ مول-ھوسۇل يەتتە يىشىل باشاقنىڭ تەبىرىدۇر. يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئۇلار يەتتە يىل تېرىغان بۇغدايلارنىڭ ئاز بىرقىسمىنى خامان تەپكەندىن باشقا كۆپ قىسمىنى باشاقلىرى بىلەن ساقلاشقا بويرىيدۇ. مولچىلىق بولغان يەتتە يىلنىڭ ئارقىدىنلا ئاچارچىلىق بولغان يەتتە يىل كىلىدۇ.
يەتتە يىل بولغان ئاچارچىلىق، يەتتە سېمىز كالىنى يەپ كىتىدىغان يەتتە ئۇرۇق كالىنىڭ تەبىرىدۇر.
چۈنكى مولچىلىق بولغان يەتتە يىلدا ئېلىنغان مول-ھوسۇل قۇرغاقچىلىق بولغان يەتتە يىل ئىچىدە يىيىلىدۇ.
4- خېچىر
«ئاللا ئاتنى،خېچىرنى ۋە ئېشەكنى مېنىشىڭلار ئۈچۈن ۋە زىننەت ئۈچۈن ياراتتى» (16-سۈرە نەھلى 8-ئايەتنىڭ بىرقىسمى)
خېچىر ئۇلۇغ ئاللا ئۆزىنىڭ بەندىلىرىگە مىنىش ۋە زىننەت ئۈچۈن يارىتىپ بەرگەن چارۋا-ماللارنىڭ بىر تۈرى بۇلۇپ ئاللا ئۇلار بىلەن ئىنسانلارغا ئىھسان قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ، بۇلارنى مىنىش ۋە زىننەت ئورنىدا پايدىلىنىش مەقسەتلەرنىڭ چوڭىدۇر.
ئىسلامنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە خېچىر يىيىش چەكلەنمىگەن ھايۋان بۇلۇپ ئۇ خەيبەر كۈنىدە ھارام قىلىنغان. بۇ ھەقتە ئىمام ئەھمەد ۋە ئەبۇ داۋۇت جابىرنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: بىز خەيبەر كۈنىدە ئات، خېچىر ۋە ئىشەكلەرنى بۇغۇزلىدۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خېچىر بىلەن ئېشەكنىڭ گۆشىنى يېيىشتىن توستى لېكىن ئاتنىڭ گۆشىنى يىيىشتىن توسمىدى.
5-ئات
…………ئارغىماقلار .......دىن ئىبارەت كۆڭۈل تارتىدىغان نەرسىلەرنىڭ مۇھەببىتى ئىنسانلارغا چىرايلىق كۆرسىتىلدى (3-سۈرە ئالى ئىمران 14-ئايەت)
خۇددى ئايەتتە ئېيتىلغىنىدەك ھاياتى دۇنيادا ئىنسانغا چىرايلىق كۆرسىتىلگەن نەرسىلەرنىڭ ئىچىدە ئاتمۇ بار ئىدى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەينى دەۋىرلەردە ئەڭ مۇھىم قاتناش خەۋەرلىشىش قۇرالى ئىدى، بۇلۇپمۇ جەڭلەردە ئەر كىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم ھەمرائى ئىدى، شۇڭا كىشىلەرنىڭ ئىچىدە «ئەر قانىتى ئات» دىگەندەك ماقال-تەمسىللەر تارقالغان ئىدى،
شۇڭا قۇرئان كەرىمدىمۇ  كۆپىنچە يەرلەردە ئاتنىڭ جەڭ مەيدانلىرى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىن كۆرىۋالالايمىز.
بىزنىڭ بۇ يەردە توختالماقچى بولغان مەزمۇنىمىز سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتلىرى. ئۆز ۋاقتىدا كەچقۇرۇنلىقى ئۇنىڭغا ياخشى يۈگۈرۈك ئاتلار توغىرلاندى، سۇلايمان ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن ئاتلارنى پەرۋەردىگارىمنى ئەسلەش ئۈچۈن ياخشى كۆردۈم، ئۇلار (كۆزۈمدىن) غايىب بولغۇچە (ئۇلارنى كۆزدىن كۆچۈرۈش بىلەن بولدۇم)، سۇلايمان ئېيتتى: «ئاتلارنى مېنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار» (ئاتلار ئېلىپ كىلىنگەندىن كىيىن) سۇلەيمان ئۇلارنىڭ پاچاقلىرىنى،بويۇنلىرىنى سىلاشقا باشلىدى. (38-سۈرە ساد 30-33ئايەتلەر)
سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ئاتلىرى ئۇنىڭغا ئاتىسى داۋۇت ئەلەيھىسسالامدىن قالغان بۇلۇپ، ئالىملارنىڭ ئۇنىڭ بۇ ئاتلىرى ھەققىدىكى كۆزقاراشلىرى بىرخىل ئەمەس.
ھەسەن بەسرى، قەتادە قاتارلىق ئالىملار سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ئاتلار بىلەن بۇلۇپ كېتىپ ئەسىر نامىزىنى ئۇنتۇلۇپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاتلارنى بۇغۇزلاشقا بويرىدى، دەپ قارايدۇ.
ئىبنى ئابباس، ئىبنى جەرىر قاتارلىق ئۆلىمالار سۇلايمان ئاتنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن ئۇلارنىڭ يايلىلىرىنى ۋە پاچاقلىرىنى سىلىغان ئۇ ھايۋانلارنىڭ پاچاقلىرىنى كىسىپ قىينىمايتى، ۋە ماللىرىنىڭ بىرەرىنى  سەۋەپسىزلا ئۆلتۈرمەيتى، ئۇنىڭ ئاتلارنى كۆزدىن كەچۈرۈش بىلەن بۇلۇپ كېتپ نامىزىنى قازاقىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈنلا گۇناھسىز ئاتلارنى ئۆلتۈرۈشى ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەس دەيدۇ.
6-ئېشەك
ئېشەك ھەققىدە توغتالغىنىمىزدا ئەڭ ئاۋال ئۇزەيىر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلۇقى بولغان ئېشەك ھەققىدە توختىلىمىز. ئۇزەيىر زالىم پادىشاھ بۇختۇننەسرى بەيتۇل مۇقەددەس شەھىرىنى ۋەيران قىلىپ ئۇنىڭدىكى كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈپ بولغاندىن كىيىن ئېشىكىگە مىنىپ بەيتۇل مۇقەددەسنىڭ يېنىدىن ئۆتىدۇ.
ئۇ كۆز ئالدىدىكى بۇ شەھەرنىڭ ھەددىدىن زىيادە ۋەيران بولغانلىقىنى ۋە بۇرۇنقى ئەسلىگە قايتىشنىڭ ئېھتىمالدىن بەك يىراقلىقىنى كۆرگەندىن كىيىن ئىختىيارسىز «ئاللا بۇ شەھەرنىڭ ئۆلگەن ئاھالىسىنى قانداق تىرىلدۈرەر؟» (2-سۈرە بەقەر 259-ئايەتنىڭ بىر قىسمى) دەۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئاللا ئۇنىڭغا كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئاللا ئۇنى 100 يىل ئۆلۈك ھالەتتە تۇرغۇزدى، ئاللا مۇنداق دەيدۇ: ئاللا ئۇنى يۈز يىل ئۆلۈك ھالىتىدە تۇرغۇزۇپ ئاندىن (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن) تىرىلدۈردى (يۇقارقى ئايەتنىڭ بىرقىسمى)
ئۇنىڭ بىلەن بىللە مىنىپ كەلگەن ئېشىكىمۇ بارئىدى، ئۇ مۇ ئۇزەيىر بىلەن بىللە ئۆلگەن بۇلۇپ، ئۇ چىرىپ سۆڭەككە ئايلانغان ئىدى.
ئاللا ئۇزەيىر ئەلەيھىسسالامنى تىرىلدۈرگەندە ئېشەكنىمۇ بىللە تىرىلدۈرۈپ ئۇنىڭغا ئۆلۈكنى قانداق تىرىلدۈردىغانلىقىنى بىۋاستە كۆرسەتتى. ئاللا بۇھەقتە مۇنداق دەيدۇ؛
ئېشىكىڭگە قارىغىنكى (ئۇنىڭ سۆڭەكلىرى چىرىپ كەتكەن).(ساڭا يۇقارقىدەك ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلارنى قىلغانلىقىمىز) سېنى بىز كىشىلەرگە (قۇدرىتىمىزنىڭ) دەلىلى قىلىش ئۈچۈندۇر. بۇ سۆڭەكلەرگە قارىغىنكى،ئۇنى قانداق قۇراشتۇرىمىز، ئاندىن ئۇنىڭغا گۆش قوندۇرىمىز. (يۇقارقى ئىشلار) ئۇنىڭغا ئېنىق بولغان چاغدا (يەنى ئۇ روشەن مۆجىزىلەرنى كۆرگەن چاغدا)، ئۇ: «مەن ئاللانىڭ ھەممە نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلدىم» دېدى. (2-سۈرە بەقەر 259-ئايەت)
سۇددى ۋە باشقىلار مۇنداق دەيدۇ؛
ئۇنىڭ ئېشىكىنىڭ سۆڭەكلىرى ئۇنىڭ ئوڭ-سول تەرەپلىرىد چېچىلىپ تۇراتتى، ئۇ سۆڭەكلەر ئاقىرىپ كەتكەنلىكتىن پارقىراپ تۇراتتى، ئاندىن ئاللا بىر شامالنى ئەۋەتىپ شۇيەردىكى چېچىلىپ كەتكەن سۆڭەكلەرنى بىريەرگە يىغدى، ئاندىن ھەر-بىر سۆڭەكنى ئۆزىنىڭ ئورنىغا قۇراشتۇردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ گۆش يوق سۆڭەكتىن بولغان بىر ئېشەككە ئايلاندى، ئاندىن ئاللا ئۇنىڭغا گۆش،پەي،تۇمۇر ۋە تېرە قوندۇردى. ئاللا بىر پەرىشتىنى ئەۋەتتى، ئاندىن ئۇ پەرىشتە ئېشەكنىڭ بۇرنىغا پۈۋلىدى، ئاللانىڭ ئىزنى بىلەن ئۇنىڭغا جان كىرىپ ھاڭگىرىدى.
بۇ يەردە يەنە شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كىرەككى ئاللا قۇرئان كەرىمدە تەۋرات بېرىلگەن ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش مەجبۇرىيىتى ئۈستىلىرىگە  يۈكلەنگەن بىراق ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغان يەھۇدىيلارنى ئۈستىگە چوڭ-چوڭ كىتابلار يۈكلەنگەن بولسىمۇ ئۈستىگە نېمىنىڭ يۈكلەنگەنلىكىنى بىلمەيدىغان پەقەت ئېغىر نەرسىنىڭ ئارتىلغانلىقىنىلا ھېسقىلىدىغان ئېشەكلەرنىڭ مىسالىغا ئوخشاتتى.
ئاللا مۇنداق دەيدۇ:
تەۋراتنى كۆتۈرۈشكە (يەنى ئەمەل قىلىشقا) تەكلىپ قىلىنغان، ئاندىن ئۇنى كۆتۈرمىگەنلەر (يەنى تەۋرات بېرىلگەن ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغان ۋە ھىدايەتتىن پايدىلانمىغان يەھۇدىيلەر) خۇددى كىتاب يۈكلەنگەن ئېشەككە ئوخشايدۇ (يەنى پايدىلىق چوڭ-چوڭ كىتابلارنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان،چارچاشتىن باشقا، ئۇلاردىن ھېچقانداق پايدىلىنالمايدىغان ئېشەككە ئوخشايدۇ)، ئاللانىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان قەۋمنىڭ مىسالى نىمە دىگەن يامان! ئاللا زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ. (62-سۈرە جۈمە5-ئايەت)
ئاللا يۇقارقى ئايەتتە بەزى ئەمەلسىز يەھۇدىيلارنى ئېشەككە ئوخشاتقان بولسا تۆۋەنكى ئايەتتە لوقمان ھېكىم بەزى ئەخلاقسز، تەربىيەسىز كىشىلەرنى ئېشەككە ئوخشىتىدۇ. ئاللا لوقمان تىلى بىلەن ئېيتىدۇ:
ئاۋازىڭنى پەسلەتكىن، ئاۋازلارنىڭ ئەڭ زېرىكەرلىكى ھەقىقەتەن ئېشەكلەرنىڭ ئاۋازىدۇر. (31-سۈرە لوقمان 19-ئايەت)
يۇقارقى ئايەت لۇقمان ھېكىمنىڭ ئوغلىغا قىلغان ۋەز-نەسھەتلىرىنىڭ بىر قىسمى بۇلۇپ ئايەتتە كىشىلەر بىلەن يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلىشىدىغان كىشىلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاۋازلارنىڭ ئەڭ يېقىمسىزى بولغان ئېشەكنىڭ ئاۋازىغا ئوخشاتتى،
بۇ يەردىكى ئوخشىتىش كىشىلەر بىلەن يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلىشىپ باشقىلارغا ئەزىيەت يەتكۈزۈشنىڭ ناھايىتى چوڭ ئەيىپ ۋە ئەخلاقسىزلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
7- يىلان ( ئەجدىرھا )
مۇسا ئەلەيھىسسالام مىسىردىن ئايرىلىپ شۇئەيىب ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇيىنى بېقىپ بىرش بەدىلىگە ئۇنىڭ قىزىنى ئالغاندىن كىيىن يەنە مىسىرغا قايتىشنى ئىرادە قىلىپ سەپەرگە چىقىدۇ، ئۇ قىشنىڭ بىر كىچىسى بۇلۇپ، قاتتىق سۇغۇق، بۇلۇتلۇق ۋە قاراڭغۇ ئىدى، مۇسا يولدىن ئېزىپ قېلىپ جىلغا بىلەن تاغنىڭ ئارىلىقىدىكى بىر يەرگە كىلىپ چۈشتى ۋە ئوت قالاش ئۈچۈن قۇلۇدىكى چاقمىقىنى يېقىشقا باشلىدى، بىراق ئۇنىڭدىن ئوت چىقمىدى.
شۇ پەيىتتە تاساددىپى ئوڭ تەرپىدىكى تاغنىڭ يېنىدا ئوت كۆرۈندى، (ئۇ ئەمەلىيەتتە ئوت ئەمەس ئاللانىڭ نۇرى ئىدى) مۇسا ئۇ ئوتتىن ئېلىپ كىلىش ئۈچۈن ئايالى ۋە بالىلىرىنى قوپ قۇيۇپ ئوت كۆرۈنگەن تەرەپكە قاراپ ماڭدى،
ئۇ ئوت بار يەرگە كەلگىنىدە ئاللا ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ مۆجىزىسنى كۆرسىتىپ ئۇنى پەيغەمبەرلىك مەقامىغا كۆتۈردى.
مۇسا بىلەن يىلان ئوتتىرسىدىكى ۋەقەلىك مانا مۇشۇيەردىن باشلىنىدۇ.
ئى مۇسا ئوڭ قۇلۇڭدىكى نىمە ئۇ؟ مۇسا ئېيتتى: «ئۇ مېنىڭ ھاسام، ئۇنىڭغا تايىنىمەن، ئۇنىڭ بىلەن قويلىرىمغا غازاڭ قېقىپ بېرىمەن، مېنىڭ يەنە باشقا ئېھتىياجلىرىممۇ بار» ئاللا: «ئى مۇسا! ئۇنى يەرگە تاشلىغىن» دېدى. مۇسا ئۇنى تاشلىۋېدى، ئۇ ناگاھان مېڭىۋاتقان بىر يىلانغا ئايلاندى، ئاللا ئېيتتى «ئۇنى تۇتىۋالغىن، قورقمىغن، ئۇنى دەسلەپكى (يەنى ھاسىلىق) ھالىتىگە قايتۇرىمىز. (20-سۈرە تاھا17-21 ئايەتلەر) مانا بۇ ھاسىنىڭ يىلانغا ئايلىنىشى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىلىرىنىڭ بىرى ئىدى.
مۇسا ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرىۋالغاندىن كىيىن پىرئەۋننى ئىمانغا دەۋەت قىلىشقا ۋە ئىسرائىل ئەۋلادىنى ئازاپلىماسلىققا چاقىرىپ ئۇنىڭ يېنىغا كىلىدۇ.
ئەمما پىرئەۋن ئۇنى ئىنكار قىلىپ مۇسانىڭ بىرەر مۆجىزە كەلتۈرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، مۇسا ھاسىنى تاشلاپ يىلانغا ئايلاندۇرغاندىن كىيىن پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى ئۇنى سېھرىگەر دىيىشتى ۋە مۇساغا ئۆزلىرىنىڭ سېھرى ئارقىلىق تاقابىل تۇرماقچى بۇلۇپ مەسلەھەتلەشتى.
ئۇلار مۇسا بىلەن مۇئەييەن بىر كۈنى مەيدانغا يىغىلىپ ئۆزئارا «سېھىر» كۆرسىتىش ھەققىدە ۋەدىلىشىدۇ.
ۋەدىلەشكەن كۈن يىتىپ كەلگەندە ئۇلار مۇسانىڭ قوشۇلىشى بىلەن ئاۋال سېھىر كۆرسەتتى، نۆۋەت مۇساغا كەلگىنىدە ئاللا مۇساغا مۇنداق دىدى: مۇساغا «ھاساڭنى تاشلىغىن» دەپ ۋەھى قىلدۇق، (مۇسا ھاسىنى تاشلىۋىدى، ئۇ ئەجدىھاغا ئايلىنىپ) ئۇلارنىڭ ئويدۇرما نەرسىلىرىنى دەرھال يۈتىۋەتتى. (7-سۈرە ئەئراف 117-ئايەت) (ئەجدىھانىڭ ھەقىقى مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە ئىشەنچىلىك پاكىت بولمىغاچقا ئىبنى كەسىر بۇ ئايەتنى ئەركەك يىلان دەپ تەپسىر قىلىدۇ)
قاسىم ئىبنى ئەبۇ بەزە مۇنداق دەيدۇ: ئاللا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ھاساڭنى تاشلا دەپ بويرۇق قىلدى، مۇسا ھاسىنى تاشلىدى، ھاسا شۇ ھامانلا ئاشكارا بىر يىلانغا ئايلىنىپ سېھىرگەرلەر تاشلىغان ئارغامچا ۋە ياغاچلارنى يۈتىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن سېھىرگەرلەر سەجدە قىلغان ھالەتتە يەرگە يىقىلدى.
8-چىكەتكە، پاقا، پىت
يۇقاردا سۆزلىگىنىمىزدەك يىلان مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىلىرىنىڭ بىرى بولغىنىدەك چىكەتكە، پاقا، پىتمۇ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىلىرىنىڭ قاتارىدا تىلغا ئېلىنىدۇ.
يۇقاردا مۇسا پىرئەۋن قەۋمىگە بەزى مۆجىزىلىرىنى كۆرسەتكىنىدە ئاز بىر قىسىم سېھىر گەرلەردىن باشقا پىرئەۋن قەۋمىنىڭ چوڭلىرى ئىماندىن تېغىمۇ باش تارتتى ۋە ھەددىدىن ئاشتى، شۇنىڭ بىلەن ئاللا ئۇلارغا تۈرلۈك ئاپەتلەرنى ئەۋەتتى.
ئۇلارغا سۇ ئاپىتىنى چىكەتكە،پىت،پاقا،قان (بالالىرىنى) روشەن مۆجىزىلەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. (7-سۈرە ئەئراف 133-ئايەتنىڭ بىرقىسمى)
مۇھەممەد ئىبنى ئىسھاق ئىبنى يەسار مۇنداق دەيدۇ: ئاللا ئۇلارغا كەلكۈن بالاسىنى ئەۋەتتى، ئۇلار زىرائەتلەرنى تېرىشقا ئامالسىز قالدى، شۇنىڭ  بىلەن ئۇلار ئاچارچىلىقتا قىينالدى، ئۇلارغا بۇ بالا يەتكەندىن كىيىن ئۇللار مۇساغا، ئاللا بۇ بالالارنى بىزدىن كۆتۈرسە بىز چوقۇم ئىيمان ئېيتىمىز ۋە ئىسرائىل ئەۋلادىنى چوقۇم قۇيۇپ بېرىمىز دېدى. مۇسا ئاللاغا دۇئا قىلىۋىدى، ئاللا ئاچارچىلىقنى كۆتۈرۋەتتى، لىكىن ئۇلار سۆزلىرىگە ۋاپاقىلمىدى. ئارقىدىنلا ئاللا ئۇللارغا چىكەتكە بالاسىنى ئەۋەتتى. بۇ چىكەتكىلەر ئۇلارنىڭ دەل-دەرەخ، زىرائەتلىرىنى يەپلا قالماي ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئىشىكلىرىنىڭ تۆمۈردىن بولغان مىغلىرىنى يەپكىتىپ ئۆيلىرىنى ئۆرىۋەتتى. ئۇلار مۇسادىن بۇرۇن تەلەپ قىلغان نەرسىلىرىنى تەلىپ قىلدى. مۇسا ئاللاغا دۇئا قىلدى، ئاللا چىكەتكە بالاسىنىمۇ كۆتىرىۋەتتى. لىكىن ئۇلار يەنىلا دىگەن سۆزلىرىگە ۋاپا قىلمىدى.
ئاندىن ئاللا ئۇلارغا مىتە « پىت » بالاسىنى ئەۋەتتى، مۇسا بىرەر قۇم دۆۋىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ ھاسىسى بىلەن قۇم دۆۋىسىنى ئۇرۇشقا بويرۇلدى.
مۇسا قۇملىرى سىيرىلىپ تۇرىدىغان چوڭ بىر قۇم دۆۋىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنى ھاسىسى بىلەن بىرنى ئۇردى-دە مىتە «پىت» پىرئەۋن قەۋمىگە ھەر تەرەپتىن يامراپ كىلىشكە باشلىدى. ئۆيلەرنى ۋە يىمەكلىكلەرنى مىتە بېسىپ كەتتى.
پىرئەۋن قەۋمى ئۇخلاشقا، ئولتۇرۇپ-قوپۇشقا ئامالسىز قالدى. ئۇلار بۇنىڭدىن قىيلىنىپ مۇسادىن بۇرۇن تەلەپ قىلىشقان نەرسىسىنى يەنە تەلەپ قىلىشتى.
مۇسا ئاللاغا دۇئا قىلدى. ئاللا ئۇلاردىن پىتنىڭ بالاسىنىمۇ كۆتىرىۋەتتى، لىكىن ئۇلار يەنىلا دىگەن سۆزلىرىگە ۋاپا قىلمىدى.
ئاللا ئۇلارغا پاقا بالاسىنى ئەۋەتتى. ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى، يىمەكلىكلىرى ۋە قاچىلىرى پاقا بىلەن تۇشۇپ كەتتى. ئۇلار قاچىلىرىنى ئاچسا ئۇنىڭغا پاقىنىڭ تۇشۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرەتتى. ئۇلار يەنە مۇسانىڭ ئالدىغا كىلىشتى، لىكىن بالا كۆتۈرلىپ كەتكەندىن كىيىن ئۇلار يەنىلا سۆزلىرىگە ۋاپاقىلىشمىدى ئاندىن ئاللا ئۇلارغا قان بالاسىنى ئەۋەتتى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىغان سۇلىرى قانغا ئايلاندى،ئۇلار سۇ ئىچمەكچى بۇلۇپ بىرەر ئۆستەڭ،قۇدۇق،ياكى قاچىدىن سۇ ئالغان ھامانلا سۇ قانغا ئايلىناتتى.
9-بېلىق   
بېلىق تىلغا ئېلىنسا دەرھاللا يۇنىس ئەلەيھىسسالامنى يۇتىۋالغان بېلىق يادىمىزغا كىلىدۇ.
ئاللا يۇنىس ئەلەيھىسسالامنى ئېراقنىڭ مۇسۇل شەھرىنىڭ نىنۋا كەنتىگە پەيغەر قىلىپ ئەۋەتتى، يۇنۇس ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى ئىمانغا چاقىردى ئۇلار يۇنىس ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنىڭ دەۋىتىنى قۇبۇل قىلمىدى، يۇنۇس ئۇلارنىڭ ئىمان ئېتمىغانلىقىدىن بىئارام بۇلۇپ، ئۇلارنى ئاللانىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇردى. يۇنىس ۋاقىت ئۇزارغان سىرى ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتمىغانلىقىدىن خاپا بۇلۇپ، ئاللانىڭ ئىزنىنى ئالمايلا ئۇلارنى تاشلاپ چىقىپ كەتتى. ئاللا مۇنداق دەيدۇ: يۇنۇسنىڭ (قىسسىسىنى بايان قىلغىن) ئۆزۋاقتىدا ئۇ (قەۋمېنىڭ ئىمان ئېيتمىغانلىقىدىن) خاپا بۇلۇپ (شەھرىدىن) چىقىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ بىزنى (بېلىقنىڭ قارنىدا) ئۆزىنى قىسمايدۇ دەپ ئويلىدى. (21-سۈرە ئەنبىيا 87-ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
ئۇ چىقىپ كەتكەندىن كىيىن بىر تۈركۈم كىشىلەر بىلەن كېمىگە چىقىدۇ، دېڭىزنىڭ ئوتتۇرسىغا بارغاندا كېمىنى دولقۇن ئورىۋالدى. ئۇلار دېڭىزغا چۆكۈپ كىتىشتىن قورقۇپ، كېمىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن  چەك تاشلاپ، چەك چىققان كىشىنى دېڭىزغا تاشلىماقچى بولىدۇ.
چەك يۇنىس ئەلەيھىسسالامغا چىقىدۇ، ئۇلار يۇنىس ئەلەيھىسسالامنى تاشلىۋېتىشقا رازى بولماي قايتا بىرنەچچە قېتىم تاشلىغان بولسىمۇ چەك ھەرقېتىمدا يۇنىس ئەلەيھىسسالامغىلا چىقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يۇنىس ئەلەيھىسسالام كىيىملىرىنى سېلىپ ئۆزىنى دېڭىزغا تاشلايدۇ. ئاللا بۇھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
يۇنۇس (چەكتە) مەغلۇب بولغانلاردىن بۇلۇپ، (دېڭىزغا تاشلاندى) ئۇنى چوڭ بىر بېلق يۈتىۋەتتى.          (37-سۈرە ساففات 141-142ئايەتلەر)
شۇنداق قىلىپ يۇنۇس دېڭىزغا تاشلىنىدۇ، ئاللا يىشىل (ئوتتىرا)  دېڭىزدىن بىر بېلىققا دېڭىزلارنى يېرىپ بېرىپ يۇنىس ئەلەيھىسسالامنى ئۇنېڭ ئەتلىرىنى زىدە قىلماستىن، سۇڭەكلىرىنى سۇندىرماستىن يۇتىۋېلىشقا بويرىدى. بېلىق ئۇنى يۇتىۋالدى- دە ئېلىپ كىتىپ قالدى. بېلىق ئۇنى ئېلىپ پۈتۈن دېڭىزلارنى ئايلىنىپ چىقتى، يۇنىس بېلىقنىڭ قارنىغا كىرىپ كەتكەندىن كىيىن ئۆزىنى «ئۆلدىم» دەپ ئويلىدى، كىيىن بېشىنى، ئىككى پۇتىنى،ۋە ئۇيەر-بۇيەرلىرىنى مىدىرلىتىپ بېقىپ، ئۆزىنىڭ تىرىك ئىكەنلىكىنى بىلدى. ئۆلىمالارنىڭ ئۇنىڭ بېلىقنىڭ قارنىدا قانچىلىك تۇرغانلىقى ھەققىدىكى كۆزقارشى بىردەك ئەمەس، مۇھىمى يۇنىس بېلىق قارنىدا ئاللاغا تۆۋبە قىلىپ دۇئا قىلدى، ئۇ ؛
(پەرۋەردىگارىم) سەندىن بۆلەك ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، سەن (جىمى كەمچىللىكلەردىن) پاكتۇرسەن، مەن ھەقىقەتەن (ئۆز نەپسىمگە) زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇم دەپ نىدا قىلىدۇ. (31-سۈرە ئەنبىيا 87-ئايەت)
ئاللا ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى ۋە ئۇنى ساق-سالامەت زىمىنغا قايتۇردى، يۇنىسمۇ ئۆز ۋەتىنىگە قايتىپ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
قۇرئان كەرىمدە بېلىق ھەققىدە يەنە بىر ۋەقەلىك بار بۇلۇپ، بۇ ۋەقەلىك مۇسا ئەلەيھىسسالام زامانىدا يۈزبەرگەن.
ئىمام بۇخارى سەئىد ئىبنىڭ جۇبەيىرنىڭ ئىبنى ئابباستىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن كىشىلەرنىڭ ئىچىدە كىم ئەڭ ئەقىللىق دىگەن سۇئال سۇرالغىنىدا مۇسا مەن دەپ جاۋاپ بىرىپ قويغان، لىكىن ئاللا مۇساغا ئۇنىڭدىنمۇ بىلىملىك بىرسىنىڭ زىمىن يۈزىدە بارلىقىنى ۋەھىي قىلغان.
مۇسا ئۇ كىشىنىڭ يېنىغا بېرىشقا بەل باغلىدى.
ئاللا ئۇنىڭغا، ئۆزەڭ بىلەن بىر بېلىقنى سېۋىتىڭگە سېلىپ ئېلىۋالغىن، بېلىقنى قەيەردە يوقىتىپ قويساڭ ئۇ شۇيەردە دەپ يول كۆرسەتتى. مۇسا بېلىقنى ئېلىپ ئۆزىنىڭ ياش  خادىمىنى ئەگەشتۈرۈپ سەپەرگە ئاتلاندى.
ئۇلار بىر قۇرام تاشنىڭ يېنىغا كىلىپ، باشلىرىنى قۇيۇپلا ئۇخلاپ قالدى، دەل مۇشۇ يەردە بېلىق سىۋەتتىن سەكرەپ چىقىپ دېڭىزغا كىرىپ كەتتى. لىكىن ياش خادىم مۇساغا بۇ ئەھۋاللارنى  خەۋەر بىرىشنى ئۇنتىلىپ قالىدۇ، ئۇلار شۇكۈننىڭ قالغىنىنى ۋە پۈتۈن كىچە يول يۈرۈپ ئەتىسى ئەتىگەندە ئۆزلىرىنىڭ مەقسەت قىلغان يىرىدىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلىدۇ ۋە كەينىگە قايتىدۇ.ئاللا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ئۇلار ئىككى دەريانىڭ قوشۇلىدىغان جايىغا يىتىپ بارغاندا، بېلىقنى ئۇنتۇپ قالدى، بېلىق دەرياغا يول ئېلىپ كىرىپ كەتتى. ئۇلار (ئىككى دەريانىڭ قوشۇلىدىغان جايىدىن) ئۆتكەندە مۇسا ياش خادىمىغا: «ئەتىگەنلىك تامىقىمىزنى ئېلىپ كەلگىن، بۇ سەپىرىمىزدە ھەقىقەتەن چارچاپ كەتتۇق» دېدى. ياش خادىم: «بىز چوڭ تاش ئاستىدا ئارام ئېلىۋاتقاندا يۈزبەگەن ئىشتىن (يەنى پىشۇرۇلغان بېلىقنىڭ تىرىلىپ، سېۋەتتىن سەكرەپ چىقىپ دەرياغا كىرىپ كەتكەنلىكىدىن ئىبارەت قىزىق ئىشتىن) خەۋىرىڭ بارمۇ؟ مەن راستلا بېلىقنى ئۇنتۇپتىمەن. بېلىقنىڭ (ئاجايىپ ۋەقەسى)نى ساڭا ئېيتىشنى پەقەت شەيتان ماڭا ئۇنتۇلدۇرۇپتۇ، بېلىق دەرياغا  ئاجايىپ يول ئالغان ئىدى» دېدى. مۇسا: «بىزنىڭ ئىزدەيدىغىنىمىز دەل مۇشۇ ئىدى » دېدى-دە، ئىككىسى كەلگەن ئىزى بۇيىچە كەينىگە يېنىشتى. (18-سۈرە كەھف 61-64 ئايەتلەر)
10-چوشقا ۋە مايمۇن
گەرچە چوشقا بىلەن مايمۇن بەدەن قۇرلىشى ۋە ياشاش شارائىتى جەھەتتىن يېقىن كەلمىسىمۇ ئاللا قۇرئان كەرىمدە ئۇ ئىككىسىنى بىر يەردە تىلغا ئالغانلىقى ئۈچۈن بىزمۇ ئۇ ئىككىسنىڭ قىسسىسىنى تەڭلا زىكرى قىلىمىز.
چوشقا تىلغا ئېلىنسا ئەلۋەتتە كىشىلەر ئۇنىڭ ھاراملىقىنى يادىغا ئالىدۇ.
شۇنداق چوشقا گۆشى، مېيى،تىرىسى،ئومۇمەن چوشقا مۇسۇلمان كىشى ئۈچۈن ھارامدۇر.
ئەمما بىزنىڭ بۇيەردە توختالماقچى بولغىنىمىز چوشقىنىڭ ھاراملىقى ئەمەس بەلكى بىرقىسىم يەھۇدىيلارنىڭ ئاللانىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن چوشقىغا ئۆزگەرتىۋىتىلگەنلىكى. ئاللا مۇنداق دەيدۇ؛
ئاللا ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى مايمۇن ۋە چوشقا قىلدى. (5-سۈرە مائىدە 60-ئايەتنىڭ بىرقىسمى) ئاللا يەھۇدىيلارنى شەنبە كۈنى بېلىق تۇتماسلىققا ئۇ كۈننى ئۇلۇغلاشقا بويرىدى، ئەمما ئۇلارنى سىناش ئۈچۈن شۇ كۈنى بېلىقلانى كۆپەيتىپ بەردى.
ئۇلار ھېيلە ئىشلىتىپ شەنبە كۈنىدىن بۇرۇن قارماق ۋە تورلىرىنى سېلىپ قۇيۇپ شەنبە كۈنىدىكى بېلىقلارنى قارماق ۋە تورلىرىغا چۈشۈرۈلۋالغان شەنبە كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ تور ۋە قارماقلىرىنى يىغىپ بېلىقلارنى تۇتقان. بۇلارنىڭ قىلغن ئىشلىرى كۆرۈنۈشتە توغرىدەك ھەقىقەتتە خاتا بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللا ئۇلارنى ئىنسانغا ئوخشاپ كىتىدىغان ئەمما ئىنسان ئەمەس ھايۋان مايمۇننىڭ سۈرىتىگە ئۆزگەرتىۋەتكەن.
ئاراڭلاردىكى شەنبە كۈنى (بېلىق تۇتماسلىق) توغىرسىدىكى شەرىئەت چەكلىمىسىدىن چىقىپ كەتكۈچىلەرنى (قانداق قىلغانلىقىمىزنى) ئەلۋەتتە بىلىسىلەر، بىز ئۇلارغا: «خار مايمۇن بۇلۇپ كېتىڭلار » دېدۇق.     (2-سۈرە بەقەر 65- ئايەت)
ئوقۇرمەنلەرگە بىر نۇقتا مەلۇم بولسۇنكى يۇقارقى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان مايمۇن ۋە چوشقىلار ئەلۋەتتە بۈگۈنكى كۈندىكى مايمۇن، چوشقىلار ئەمەس. ئىبنى ئابباسنىڭ دىيىشىچە ئۇلار ئۈچكۈن ياشاپلا ھەممىسى ھالاك بولغان.
سۇفيان سەۋرى ئىبنى ئابباس (ئاللا ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) نىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ؛ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن مايمۇنلار ۋە چوشقىلار ھەققىدە: بۇلار ئاللا سۈرىتىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن ئىنسانلارمۇ؟ دەپ سورالغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «ئاللا تائالا بىر قەۋمنى ھالاك قىلىۋەتسە ياكى ئىنسانى سۆرىتىدىن ئۆزگەرتىۋەتسە ئۇلاردىن نەسىل قالدۇرمىدى. ۋەھالەنكى ھازىرقى مايمۇن ۋە چوشقىلار بۇرۇنلا بار ئىدى». ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
11-بۆرە
بۆرە قۇرئان كەرىمدە پەقەت سۈرە يۈسۈفتىلا تىلغا ئېلىنىدۇ.
ياقۇپ ئەلەيھىسسالام يارىتىلىش ۋە ئەخلاق جەھەتتىكى كامالەت ۋە پەيغەمبەرلىك بىشارىتى قاتارلىق جەھەتلەردىن يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنى ياخشى كۆرەتتى، لىكىن ئۇنىڭ يۈسۈفنى ياخشى كۆرىشى باشقا بالىلىرىنىڭ ھەسىتىنى قوزغىدى، شۇ سەۋەبلىك ئۇلار يۈسۈفكە قەست قىلىشماقچى بۇلۇشتى، ئەمما ياقۇپ ئەلەيھىسسالام يۈسۈفتىن خاتىرجەم بۇلالمايتى.
ئۆزۋاقتىدا يۈسۈفنىڭ قېرىنداشلىرى يۈسۈفنى ئوينىتىپ كىلىش باھانىسى بىلەن ئۇنى ياقۇپنىڭ يېنىدىن ئايرىماقچى بولغىنىدا ياقۇپ بالىلىرىغا مۇنداق دېدى؛
«ئۇنى (يەنى يۈسۈفنى) ئېلىپ كەتسەڭلار راستىنلا خاتىرجەم بۇلالمايمەن، سىلەت غەپلەتتە قېلىپ ئۇنى بۆرە يەپ قۇيىشتىن ئەنسىرەيمەن دېدى. (12-سۈرە يۈسۈف 13-ئايەت)
لىكىن يۈسۈفنىڭ قېرىنداشلىرى ھەرغىل ياغلىما گەپلەرنى قىلىپ، ۋەدىلەرنى بېرىپ يۈسۈفنى ياقۇپنىڭ يېنىدىن ئايرىۋالدى ۋە ئۇنى چولگە ئاپىرىپ قۇدۇققا تاشلىدى. ۋەھالەنكى ئۆزلىرى بولسا يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكىنى يالغاندىن قانغا بۇياپ ئاتىسنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىلىشتى.
ئۇلار كەچتە ئاتىسىنىڭ ئالدىغا يىخلاپ كىلىشتى. ئۇلار «ئى ئاتىمىز! يۈسۈفنى نەرسىلىرىمىزنىڭ يېنىدا قۇيۇپ يۈگۈرۈشكىلى كېتىپ قېلىپتۇق ئۇنى بۆرە يەپ كېتىپتۇ. راس گەپ قىلساقمۇ سەن بىزگە ئىشەنمەيسەن دېيىشتى. (12-سۈرە يۈسۈف 16-17 ئايەتلەر)
12-چىۋىن
قۇرئان كەرىمدە چىۋىن كىشىلەرگە بىر مىسال قىلىپ بايان قىلىندى، بۇنىڭدىكى مەقسەت بولسا ئىنسانلارنى يەككە يىگانە ئاللاغا ئىبادەت قىلىشقا چاقىرىشتىن ئىبارەت.  ئاللا مۇنداق دەيدۇ:
ئى ئىنسانلار! (يەنى مۇشرىكلار جامائەسى) بىر مىسال كەلتۈرىلىدۇ. ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار، شۈبھىسىزكى سىلەر ئاللانى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارنىڭ ھەممىسى يىغىلغان تەقدىردىمۇ بىر چىۋىننى يارىتالمايدۇ (ئەقلى بار ئادەم قانداقمۇ مۇشۇنداق بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋېلىپ ئۇلارغا چوقۇنىدۇ!)،چىۋىن ئۇلارنىڭ بەدىنىدىن بىر نەرسىنى (يەنى بۇتقا سۈركەپ قويۇلغان خۇشپۇراق بىر نەرسىنى) ئېلىپ قاچسا، ئۇنى چىۋىندىن تارتىپ ئالالمايدۇ، بۇتمۇ ۋە (ئۇنىڭغا) چوقۇنغۇچىمۇ ئاجىزدۇر.
(22-سۈرە ھەج 73-ئايەت)
شۇنداق چىۋىن گەرچە ئۆزى كىچىك مەينەت بىر ھاشارەت بولسىمۇ يارىتىلىش جەھەتتىن ئاللانىڭ بىر مۆجىزىسى.
بۇھەقتە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللا ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: (ھەدىس قۇددۇسىدا) ئاللا تائالا مۇنداق دەيدۇ: مەن ياراتقاندەك بىر نەرسە ياراتماقچى بولغان كىشىدىنمۇ ئۆزىگە ئۇۋال قىلغۇچى بارمۇ؟
(ئەگەر ئۇ بىر نەرسە يارىتالايدىغان بولسا) زەررە ياراتسۇن ۋە دان ياراتسۇن. (ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)
13-بۆدۈنە
ئاللا يەھۇدىيلارغا ھېچ جاپا چەكمەيلا كېلىدىغان  رىزىق قىلىپ تەرەنجىبىن بىلەن بۆدۈنىنى چۈشۈرۈپ بىرىدۇ.
ئۇلار ئاللا ئاسماندىن چۈشۈرۈپ بەرگەن بۆدۈنىلەرنى شۇ كۈنلىكىگە يەتكۈدەكلا بۇغۇزلايتى، ئۇنىڭدىن ئارتۇق بۇلۇپ قالسا بۇزۇلۇپ قېلىپ ھېچ نەرسە قالمايتى، ھەپتىنىڭ ئالتىنچى كۈنىگە كەلگەندە بىراقلا ئالتىنچى ۋە يەتتىنچى كۈنىگە يەتكۈدەك بۇغۇزلىۋالاتتى، چۈنكى يەتتىنچى كۈنى ئۇلارنىڭ دەم ئېلىش كۈنى ئىدى.
ھەسەن بەسرى مۇنداق دەيدۇ:
ئۇلار تەرەنجىبىن بىلەن بۆدۈنىنى ئاددى كۆرۈپ داۋاملىق ئۇنى يەۋىرىشكە چىداپ تۇرالمىدى، ئۇلار بۇرۇن تەرخەمەك، سامساق، يېسىمۇق ۋە پىياز قاتارلىق كۆكتاتلارنى يەيدىغان كىشىلەر ئىدى. ئۇلار بۇرۇنقى تۇرمۇشىنى سېغىنىپ مۇنداق دىيىشتى؛
ئى مۇسا بىرخىل يىمەكلىككە چىداپ تۇرالمايمىز، بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭغا دۇئا قىلغىن، بىزگە زىمىننىڭ كۆكتاتلىرىدىن تەرخەمەك، سامساق، يېسىمۇق ۋە پىيازلارنى ئۆستۈرۈپ بەرسۇن.
(2-سۈرە بەقەر 61- ئايەتنىڭ بىرقىسمى)
ئۇلار ئاللا ئالدىلىرىغا چۈشۈرۈپ بىرىۋاتقان بۆدۈنە، تەرەنجىبىن قاتارلىق نەرسىلەرنى بولسىمۇ بۇلىدىغان بولمىسىمۇ بۇلىدىغان سامساق قاتارلىق نەرسىلەرگە ئالماشتۇرغانلىقى ئۈچۈن مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا كايىيدۇ.
14-ئۆمۈچۈك
ئاللانى قۇيۇپ بۇتلارنى مەبۇت قىلىۋالغانلارنىڭ مىسالى ئۆي ياسىغان ئۆمۈچۈكنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ. (يەنى ئۆمۈچۈكنىڭ ئۆيى ئۇنى  ئىسسىق سۇغۇقتىن قوغدىيالمىغاندەك، ئۇلارنىڭ چوقىنىۋاتقان بۇتلىرىمۇ ئۇلارغا ھېچ قانداق پايدا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ) ئۆيلەرنىڭ ئەڭ ئاجىزى ئۆمۈچۈكنىڭ ئۆيىدۇر. ئەگەر ئۇلار (بۇ ھەقىقەتنى) بىلسە ئىدى (بۇتلارغا چوقۇنمايتى)
(29-سۈرە ئەنكەبۇت 41- ئايەت)
قۇرئان كەرىمدىكى نۇرغۇن مىساللارغا ئوخشاشلا ئاللا بۇ مىسالنى مۇشرىكلارغا، ئۇلارنىڭ ئاللانى قۇيۇپ بۇتلارنى ئىلاھ قىلىۋالغانلىقى،بۇتلاردىن ياردەم ۋە رىزىق ئۈمۈد قىلغانلىقلىرى، ئېغىر كۈنلەردە ئۇلارغا يېلىنىدىغانلىقلىرى ئۈچۈن مىسال قىلىپ كۆرسەتتى.
ۋەھالەنكى بۇتلار ئۇلارنىڭ كۈتكۈنىنى بىرىشتە ئۆمۈچۈكنىڭ تورىغا ئوخشاش ئاجىز ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى ھېچ نەرسىگە قادىر ئەمەس ئىدى.
ئۇنىڭغا چوقۇنغان كىشىمۇ ئۆمۈچۈكنىڭ تورىغا ئېلىنغان كىشىگە ئوخشايدۇ، ئۇ ھەقىقەتەن جانسىز تاشلاردىن قىلچە مەنپەئەت ئالالمايدۇ.
ئەگەر ئىنسانلار بۇ ئەھۋالنى بىلسە ئىدى ئاللانى قويۇپ باشقا نەرسىلەرنى مەبۇد قىلىۋالمايتى.
ئاللغا چىن دىلىدىن ئىشەنگەن مۇسۇلماننىڭ ئەھۋالى دەل بۇنىڭ ئەكسىچە ئۇ ئاللاغا ئىشىنىپ تۇرۇپ، شەرىئەتكە ئەگىشىپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدۇ. ئۇ چىڭ ۋە پۇختىلىقىدىن سۇنمايدىغان مۇستەھكەم تۇتقىغا ئېسىلغان بۇلىدۇ.
15-قاغا
قابىل قېرىندىشى ھابىلنى ئۆلتۈرۋەتكەندىن كىيىن قابىل ھابىلنىڭ جەسىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلەلمەي قالىدۇ، دەل شۇچاغدا ئاللا ئۇنىڭ يېنىغا ئىككى قېرىنداش قاغىنى ئەۋەتىدۇ، بۇ ئىككى قاغا ئۆز-ئارا ئۇرۇشۇپ بىرى يەنە بىرىنى ئۆلتۈرۋىتىدۇ، ئۆلتۈرۋەتكۈچى قاغا ئۆلگەن قاغىنى يەرنى كولاپ ئۆلگەن قاغىنى كولانغان ئازگالغا تاشلاپ ئۈستىگە تۇپا تىندۈرۋىتىدۇ. قابىل بۇنى كۆرۈپ نادامەت چىكىدۇ. ئاللا مۇنداق دەيدۇ؛
ئاللا ئۇنىڭغا قېرىندىشىنىڭ جەسىتىنى قانداق كۆمۈشنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بىر قاغا ئەۋەتتى. ئۇ (تۇمشۇقى ۋە ئىككى پۇتى بىلەن) يەرنى كولىدى، ئۇ (بۇنى كۆرۈپ): «ۋاي مەن قېرىندىشىمنىڭ جەسىتىنى كۆمۈشتە مۇشۇ قاغىچىلىك كىلىشتىن ئاجىز كەلدىممۇ ؟»دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ نادامەت قىلغۇچىلاردىن بولدى. (5-سۈرە مائىدە 30-31 ئايەتلەر)
16-قوي
قوي تىلغا ئېلىنسا كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ يادىغا مۇسا ئەلەيھىسسالام باققان شۇئەيىب ئەلەيھىسسالامنىڭ قويلىرى كىلىدۇ. بۇ ۋەقەلىك قۇرئان كەرىمدىكى قويغا مۇناسىۋەتلىك مەشھۇر ۋەقەلەرنىڭ بىرى.
مۇسا ئەلەيھىسسالام مىسىردىن قېچىپ چىققاندىن كىيىن مەديەنگە قاراپ ماڭىدۇ، ئۇ مەديەندىكى بىر بۇلاقنىڭ يېنىغا كەلگەندە پادىچىلارنىڭ قوي سۇغىرىۋاتقانلىقىنى ئەمما ئىككى قىزنىڭ بولسا يىراقتا پادىچىلاردىن ئايرىلىپ تۇرغانلىقىنى كۆردى، مۇسانىڭ ئۇلارغا ئىچى ئاغرىپ ئۇلارنىڭ قويلىرىنى سۇغىرىپ بەردى. ئۇ ئىككى ئايال قويلارنى بالدۇر سۇغىرىپ ئۆيلىرىگە قايتقىنىدا شۇئەيىب ئەلەيھىسسالام ئۇلاردىن تىزلا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى سورىدى، ئۇلار بىر ئادەمنىڭ ئۆزلىرىگە ياردەم قىلغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى، ئاتىسى ئىككى قىزنىڭ بىرىنى مۇسانى چاقىرىپ كىلىشكە ئەۋەتتى، مۇسا شۇئەيب ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىلىپ بولغان ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بەردى.
ئۇ مۇسانىڭ ئەخلاقلىق، پەزىلەتلىك، كۈچلۈك، قاۋۇل ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كىيىن 8 يىل ياكى 10 يىل قوي باقتۇرۇش بەدىلىگە بىر قىزىنى بەرمەكچى بۇلىدۇ.  ئاللا بۇھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
ماڭا سەككىز يىل ئىشلەپ بېرىشىڭ بەدىلىگە ساڭا بۇ ئىككى قىزىمنىڭ بىرىنى بىرىشنى خالايمەن. ئەگەر ئون يىلنى توشقۇزىۋەتسەڭ ( ئۇمۇ ) ئىختىيارىڭ، (ئون يىلنى شەرت قىلىپ) سېنى مۇشاقەتكە سېلىپ قۇيۇشنى خالىمايمەن خۇدا خالىسا مېنىڭ ياخشى ئادەم ئىكەنلىكىمنى بايقايسەن. (28-سۈرە قەسەس 27-ئايەت)
شۇنداق قىلىپ مۇسا ئەلەيھىسسالام سەككىز يىل ياكى ئۇن يىل قوي بېقىپ بىرىش بەدىلىگە شۇئەيب ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزىغا ئۆلىنىدۇ.
قۇرئان كەرىمدە يەنە داۋۇت ئەلەيھىسسالام بىلەن ئوغلى سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەلىرىدە قويغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار تىلغا ئېلىنىدۇ.
داۋۇت ئەلەيھىسسالام مەسجىدنىڭ مىھرابىدا ئىبادەت قىلىۋاتقىنىدا تۇيۇقسىز ئىككى داۋاگەر مەسجىدنىڭ تېمىدىن ئارتىلىپ چۈشىدۇ، داۋۇت بۇلارنىڭ تۇيۇقسىزلا بىمەھەل، روخسەتسىز كىرىپ كەلگەنلىكىنى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشىكتىن كىرمەي تامدىن ئارتىلىپ چۈشكەنلىكىنى كۆرۈپ ئۇلاردىن سەل قورقۇپ قالىدۇ، ئۇلار داۋۇتنىڭ ئالدىغا كىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدا يۈزبەرگەن ئىشنى سۆزلەپ بېرىدۇ.
(ئۇلارنىڭ بېرى) «شۈبھىسىزكى مېنىڭ بۇ قېرىندىشىمنىڭ 99 ساغلىقى بار، مېنىڭ بىر ساغلىقىم بار،قېرىندىشىم بۇ بىر ساغلىقنىمۇ ماڭا بەرگىن دەيدۇ،(ئارىمىزدا بۇ توغرىلىق مۇنازىرە بۇلۇپ) ئۇ مېنى سۆزدە يېڭىپ قويدى»دېدى.
(38-سۈرە ساد 23- ئايەت)
داۋۇت ئەلەيھىسسالام ئۇ ئىككەيلەننىڭ بايانىنى ئاڭلاپلا  ھېچقانداق دەلىل ئىسپات تەلەپ قىلماستىنلا بىر تەرەپنىڭ سۆزىگە بىنائەن ھۆكۈم چىقىرىپ قۇيىدۇ، ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«ئۇ سېنىڭ ساغلىقىڭنى ئۆزىنىڭ ساغلىقلىرىغا قوشۇۋېلىشنى تەلەپ قىلىپ راستىنلا سېنى بوزەك قىلىپتۇ» (38-سۈرە ساد 24-ئايەتنىڭ بىرقىسمى)
لىكىن داۋۇت ئەلەيھىسسالام شۇھامانلا ئۆزىنىڭ خاتالاشقىنىنى بىلىدۇ ۋە ئاللاغا ئىستىغفار ئوقۇيدۇ، ئاللامۇ ئۇنى ئەپە قىلىدۇ.
قۇرئان كەرىمدە داۋۇت ئەلەيھىسسالام بىلەن قويغا مۇناسىۋەتلىك  يەنە بىر ۋەقەلىك بۇلۇپ ئاللا بۇ ۋەقەلىكنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
«ئۆز ۋاقتىدا بىر قەۋمنىڭ قويى كېچىسى زىرائەتنى يەپ (بۇزىۋەتكەندە)، ئۇ ئىككىسى زىرائەت توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ھۆكمىگە بىز شاھىت ئىدۇق
(21-سۈرە ئەنبىيا 78-ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
بەزى ئۆلىمالارنىڭ قارىشىچە ئۇ ساپاقلىرىغا توشقان ئۈزۈملۈك باغ ئىدى، قوي ئۇ باغنى چەيلەپ ۋەيران قىلىۋەتتى. داۋۇت ئەلەيھىسسالام قوينى باغنىڭ ئىگىسگە بويرۇپ بەردى، سۇلايمان ئەلەيھىسسالام: ئى ئاللانىڭ پەيغەمبىرى ! دەپ ئۆزىنىڭ بۇ مەسلىگە باشقىچەرەك قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، داۋۇت ئەلەيھىسسالام سۇلايمان ئەلەيھىسسالامغا: قارىشڭنى دەپ باقمامسەن دېدى، سۇلايمان ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: ئۈزۈملۈك باغ قوينىڭ ئىگىسگە بېرىلىدۇ، قوينىڭ ئېگىسى باغنى بۇرۇنقىدەك ئوڭشاپ بېرىدۇ،قوي باغنېڭ ئىگىسگە بېرىلىدۇ، باغنېڭ ئىگىسى باغ بۇرۇنقىدەك ئەسلىگە كىلىپ بولغۇچە ئۇ قويدىن پايدىلىنىپ تۇرىدۇ، كىيىن باغمۇ،قويمۇ ئۆز ئىگىلىرىگە قايتۇرىلىدۇ، مانا بۇ ئاللا تائالانىڭ قانداق ھۆكۈم قىلىشنى بىز سۇلايمانغا بىلدۈردۇق (21--سۈرە 79-ئايەتنىڭ بىر قىسمى) دىگەن ئايىتىنىڭ مەزمۇنىدۇر.
ئەۋفى ئىبنى ئابباسنىڭمۇ يۇقارقىغا ئوخشاش دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ.
17-كىپىنەك (پەرۋانە)
كىپىنەك (يەنى پەرۋانە) بىر خىل ھاشارەت بۇلۇپ قۇرئان كەرىمدە ئىنسانلارنىڭ قىيامەتتىكى ئەھۋالىنى  تەرتىپسىز،قالايمىقان ئۇچىدىغان پەرۋانىغا ئوخشىتىش ئارقىلىق قىيامەتنىڭ ناھايىتى چوڭ ۋە ئەھۋالىنىڭ ناھايىتى ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، شۇ كۈندە ئىنسانلار ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن ئىشلاردىن گاڭگىراپ قېلىپ تارىلىش، ئايرىلىش ۋە ئۇياق بۇياققا بېرىپ كىلىشلىرىدە خۇددى تارىلىپ كەتكەن پەرۋانىدەك بولۇپ كېتىدۇ.
شۇ كۈندە ئىنسانلار تارىلىپ كەتكەن پەرۋانىدەك بۇلۇپ كېتىدۇ
(101-سۈرە قارىئە 4-ئايەت)
18-فىل
رىۋايەتلەرگە قارىغاندا يەمەن ھۆكۈمرانى ئەبرەھە يەمەندە ناھايىتى كاتتا بىر چىركاۋ سالدۇرۇپ، كىشىلەرنى كەبىنى تاشلاپ مۇشۇ چىركاۋنى تاۋاپ قىلىشقا بويرىيدۇ، بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن بەزى كىشىلەر چىركاۋنىڭ ئىچىگە تاھارەت قىلىپ قۇيىدۇ.
بۇنى بىلگەن ئەبرەھە كەبىنى چوقۇم بۇزۇپ تاشلايدىغانلىقىغا قەسەم قىلىدۇ.
ئۇ ناھايىتى جىق ئەسكەر باشلاپ يولغا چىقىدۇ، قوشۇن بىلەن بىللە يەنە «مەھمۇد» ئىسىملىك ناھايىتى چوڭ فىلنىمۇ بىللە ئېلىۋالىدۇ.
بەزى ئالىملار قوشۇندىكى فىلنىڭ سانى سەككىز دىسە يەنە بەزىلەر 12 ئىدى دەيدۇ. ئاللا توغرىسىنى بىلىدۇ.
ئۇنىڭ فىلنى ئېلىۋېلىشتىكى مەقسىتى بولسا كەبىنىڭ ئەتراپىنى زەنجىر بىلەن ئوراپ زەنجىرلەرنىڭ ئۇچىنى بىر ياغاچقا باغلاپ ياغاچنى فىلنىڭ گەدىنىگە قويۇپ پىلنى ماڭدۇرۇپ كەبىنىڭ تېمىنى بىر قېتىمدىلا ئۆرىۋېتىش ئىدى.
ئۇلار ھۇجۇم قىلىش ئالدىدا تۇرغاندا تۇفەيىل ئىبنى ھەبىب دىگەن كىشى فىلنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭ قۇلقىدىن تۇتۇپ: سەن ئاللانېڭ ھەرىمىدە سەن ياكى يېتىۋال ياكى كەلگەن يېرىڭگە كەت دەيدۇ، شۇنېڭ بىلەن فىل ئالدىغا ماڭماي يېتىۋالىدۇ.
ئۇلار پىلنى قوپتۇرۇش ئۈچۈن ئۇرىدۇ، فىل قوپقىلى ئۇنىمايدۇ، ئۇلار فىلنىڭ بېشىغا پالتا بىلەن ئۇرىدۇ، بۇرۇنلىرىغا  ئىلمەكلەرنى كىرگۈزۈپ خارتومىنى تىتىۋىتىدۇ، فىل يەنىلا قوپقىلى ئۇنىمايدۇ، ئۇلار فىللارنى يەمەن تەرەپكە قاراتسا قوپۇپ يۈگۈرەيدۇ، شام ۋە مەشرىق تەرەپلەرگە قاراتسىمۇ شۇنداق قىلىدۇ، ئەمما مەككە تەرەپكە قاراتسا يېتىۋالىدۇ.
شۇ ھامان ئاللا ئۇلارغا قۇشلارنى ئەۋەتىدۇ. ئاللا مۇنداق دەيدۇ:
پەرۋەردىگارىڭنىڭ فىل ئىگىلىرىنى قانداق قىلغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇ ئۇلارنىڭ ھىيلە-مىكرىنى بەربات قىلمىدىمۇ؟ ئۇ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە توپ-توپ قۇشلارنى ئەۋەتتى. قۇشلار ئۇلاغا ساپال تاشلارنى ئېتىپ، ئۇلارنى چاينىۋېتىلگەن ساماندەك قىلىۋەتتى. (105-سۈرە فىل 1-5 ئايەتلەر)
ئاللانىڭ فىل ئىگىلىرىگە قارشى قۇرەيش خەلقىگە ياردەم بېرىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر بۇلۇپ ئەۋەتىلىدىغانلىقىغا ئالدىن بىرىلگەن بىشارەتتۇر  چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇ يىلى تۇغۇلغان بۇ خۇددى :
ئى قۇرەيش گۇرۇھى! بىزنىڭ سىلەرگە ياردەم قىلغىنىمىز سىلەرنىڭ ھەبەشلەردىن ياخشى بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئەمەستۇر!
بىزنىڭ سىلەرگە ياردەم قىلغىنىمىز پەقەد مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىش بىلەن ئۇلۇغلىماقچى بولغان كەبىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈندۇر دىگەنلىكتۇر.
19- يولۋاس
قۇرئان كەرىمدە يولۋاس سۈرە مۇدەسسىردە تىلغا ئېلىنغان بۇلۇپ بۇيەردە ئاللا  مۇشرىكلارنىڭ ھەقىقەتتىن ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن يۈز ئۆرىشىنى خۇددى يولۋاسنى كۆرۈپ جان قايغۇسىدا ھەر تەرەپكە ئۆزىنى ئۇرۇپ قېچىۋاتقان ياۋاي ئېشەكلەرگە ئوخشاتقان. ئاللا مۇنداق دەيدۇ:
گويا ئۇلار يولۋاستىن قاچقان ياۋايى ئېشەكلەردۇر (يەنى بۇ مۇشرىكلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كۆرگەندە، ئۇنىڭدىن خۇددى يوۋاسنى كۆرۈپ قاچقان ياۋا ئېشەكلەردەك قاچىدۇ)
(74-سۈرە مۇدەسسىر 50-51 ئايەتلەر)  
20-ئىت
قۇرئان كەرىمدە ئىت ئىككى يەردە تىلغا ئېلىغان بۇلۇپ بۇنىڭ بىرى ئەسھابۇل كەھفىدىكى يىگىتلەرنىڭ ئوۋ ئىتى بۇلۇپ بۇ ئىت شۇغارنى ماكان تۇتقان يىگىتلەرنىڭ بىرىنىڭ ئىدى، ئىت ئۇلارنىڭ غارىنىڭ ئىشىكىنى ساقلاپ بىرەتتى،(غارنىڭ ئىچىگە كىرمەيتى) چۈنكى پەرىشتىلەر ئىت بار ئويگە كىرمەيدۇ.
ئاللا يىگىتلەرنى ئۇخلىتىپ قويغىنىدا غارنىڭ سىرتىدا تۇرغان ئىتمۇ ئۇخلىغان ئىدى.
ئاللا بۇھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
ئۇلارنىڭ ئىتى (غارنىڭ) بۇسۇغۇسىدا ئىككى پۇتىنى سوزۇپ ياتىدۇ. (18-سۈرە 18-ئايەتنىڭ بىرقىسمى)
ئىتقا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر ۋەقەلىك بولسا مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىكى بەلئەم ئىبنى بائۇرا دىگەن بىر كىشىگە مۇناسىۋەتلىك بۇلۇپ ئاللا ئۇنىڭغا ئۆز ئىلمىدىن بەرگەن، ئۇنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بۇلىدىغان خاسىيىتى بار كىشى ئىدى.
لىكىن ئۇ كىشى ئاللانىڭ ئىمتىھانى ئالدىدا ئېزىپ كېتىپ گۇمراھلاردىن بۇلۇپ كەتتى.
ئاللا مۇنداق دەيدۇ:
ئۇنىڭغا ئايەتلىرىمىزنى بەردۇق (يەنى كىتابۇللانىڭ بەزى ئىلىملىرىنى ئۆگەتتۇق). ئۇ ئايەتلىرىمىزدىن ئۆزىنى تارتتى، ئۇنىڭغا شەيتان ئاپىرىدە بولىشى بىلەنلا گۇمراھلاردىن بۇلۇپ كەتتى.
(7-سۈرە ئەئراف 176-ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
يۇقارقى ئايەتتىن مەلۇمكى بەلئەم ئىبنى بائۇرا ئاللا ئۆز ئىلمىدىن بەرگەن كىشى ئىدى. لىكىن ئۇ كىشى دۇنيا زىننەتلىرى ئالدىدا ئىلمىنى ناھەق يوللارغا ئىشلەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئاللا ئۇنى ئىتنىڭ مىسالىغا ئوخشاتتى.
ئۇ گويا بىر ئىتقا ئوخشايدۇكى، ئۇنى قوغلىۋەتسەڭمۇ تىلىنى چىقىرىپ ھەسىرەيدۇ قوغلىۋەتمىسەڭمۇ ھەسىرەيدۇ.
(يۇقارقى سۈرە يۇقارقى ئەيەتنىڭ بىرقىسمى)
يەنى بەلئەم ئىبنى بائۇرا ئۇنىڭ گۇمراھلىقىدا ئىمانغا چاقىرىلسىمۇ چاقىرىلمىسىمۇ ئۇنىڭدىن ھېچقانداق مەنپەئەت ئالالمىغانلىقىدا قوغلىۋەتسىمۇ قوغلىۋەتمىسىمۇ تىلىنى چىقىرىپ ھاسىرايدىغان ئىتقا ئوغشايدۇ.
21-ھەسەل ھەرىسى
قۇرئان كەرىمدە ئىسمى سۈرە نامى قىلىنغان ھاشارەت.ئەلۋەتتە زىمىن يۈزىدىكى بارلىق ھايۋىناتلار بىر بىرىگە ئوخشىمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا بەزى ئارتۇقچىلىقىمۇ بار. ئەلۋەتتە ئاللا بۇ ئارتۇقچىلىقلارنى ئۇلارنى ياراتقاندىلا ئۇلارغا بەرگەن، ئەلۋەتتە بىز توختالماقچى بولغان ھەسەل ھەرىسىمۇ ئۆزىگە خاس بەزى ئالاھىدىلىككە ئىگە بۇنىڭ بىرسى ئۇنىڭدىن ئىنسانلارغا شىپالىق بولغان ھەسەل چىقىدۇ، بۇھەقتە مەيلى ئەيەتتە بولسۇن ياكى ھەدىستە بولسۇن ئۇچۇق مەزمۇنلار بار.
ھەسەل ھەرىسىنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئارتۇقچىلىقىدىن بىرى ئاللا قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان ھايۋىناتلار ئىچىدە پەقەت ھەسەل ھەرىسىگىلا «ئىلھام» (يەنى ۋەھىي) سۆزىنى ئىشلەتكەن.
پەرۋەردىگارىڭ ھەسەل ھەرىسىگە ئىلھام بىلەن بىلدۈردى: «تاغلارغا دەرەخلەرگە ۋە (كىشىلەرنىڭ ھەسەل ھەرىلىرى ئۈچۈن) ياسىغان ئۆيلىرىگە ئۇۋا تۈزگىن ئاندىن كىيىن تۈرلۈك مىۋىلەر (يەنى گۈل-چىچەكلەر) دىن يىگىن، پەرۋەردىگارىڭنىڭ يوللىرىغا ئىتائەتمەنلىك بىلەن كىرگىن ». ئۇنىڭ (يەنى ھەسەل ھەرىسىنىڭ) قارنىدىن ئىنسانلارغا شىپا بولىدىغان خىلمۇخىل رەڭلىك ئىچىملىك (يەنى ھەسەل) چىقىدۇ. (16-سۈرە نەھل 68-69 ئايەتلەرنىڭ بىرقىسمى)
مەلۇمكى گەرچە ئاللا ھەممە مەۋجۇداتنى ئۆزى ئىدارە قىلىپ تۇرسىمۇ لىكىن مەزكۇر ئايەتتە ئاللا ھەسەل ھەرىسىگە بىلدۈرگەن ئىلھامىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ.
ئاللا ھەسەل ھەرىسىنىڭ بۇ بىپايان كۆكتە، كەڭ دالىلاردا، جىلغىلاردا ۋە ئىگىز تاغلاردا خالىغان يىرىگە ئۇچۇپ بېرىشىنى ئالدىنئالا ئورۇنلاشتۇرۇپ بويسۇندۇرغان، ھەربىر ھەسەل ھەرىسى باشقا تەرەپلەرگە ئېزىپ كىتىپ قالماستىن ئۆز ئۇۋىسىغا قورسىقىنى شىرنە بىلەن تولدۇرۇپ قايتىپ كىلىدۇ، ئاندىن ھەسەل كۆنىكى ياساپ ئاغزىدىن ھەسەل چىقىرىدۇ، ئاندىن تۇغۇم چقىرىدۇ.
شۇ تەرىقىدە دائىم شىرنە يىغىدۇ.
ئاللانىڭ ھەسەل ھەرىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشىدىكى يەنە بىر سەۋەپ بولسا ھەسەل ۋە ھەسەل ھەرىسىدە پىكىر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈم ئاللانىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان دەلىل ئىسپات بارلىقىدىندۇر. ئاللا يۇقارقى ئايەتنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەيدۇ:
بۇنىڭدا (يەنى ھەسەل ۋە ھەسەل ھەرىسىدە ئاللانىڭ قۇدرىتىنىڭ چوڭلىقىنى) پىكىر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئىبرەت بار.
(16-سۈرە نەھل 69-ئايەتنىڭ بىرقىسمى)
22-چۈمۈلە
قۇرئان كەرىمدە ئىسمى سۈرە نامى قىلىنغان ھاشارەت. ئوقۇرمەنلىرىمىزگە مەلۇمكى سۇلايمان ئەلەيھىسسالامغا قۇشلارنىڭ تىلى تەلىم بىرىلدى، ئەلۋەتتە سۇلايمان ئەلەيھىسسالام چۈمۈلىنىڭ تىلىنىمۇ بىلەتتى.
قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان بۇ چۈمۈلە ۋەقەلىكى سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە يۈزبەرگەن.
سۇلايمان ئەلەيھىسسالام قوشۇنلىرىنى باشلاپ شامدىكى بىر ۋادىغا يىتىپ كەلگەندە، بىر چۈمۈلە بارلىق چۈمۈلىلەرگە سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ قوشۇنى كەلگەنلىكىنى ئۇقۇشماستىن ئۆزلىرىنى دەسسىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇگىلىرىغا كىرىۋېلىشى لازىملىقىنى ئۇقتۇرغان، چۈنكى سۇلايمان ئەلەيھىسسالام بىر پەيغەمبەر بولغانلىقى ئۈچۈن ئەلۋەتتە چۈمۈلە چاغلىق ھايۋىناتلارغىمۇ رەھىمدىللىك قىلاتتى.
چۈمۈلە شۇنى بىلگەچكە بارلىق چۈمۈلىلەرگە ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.
ئاللا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ئۇلار (شامدىكى چۈمۈلىلەر ۋادىسىغا يىتىپ كەلگەندە، بىر چۈمۈلە ئېيتتى: «ئى چۈمۈلىلەر! ئۇۋىلىرىڭلارغا كىرىپ كېتىڭلار، سۇلايمان ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى ئۇقماستىن سىلەرنى يەنچىۋەتمىسۇن» سۇلايمان چۈمۈلىنىڭ سۆزىدىن تەبەسسۇم قىلىپ كۈلدى.  (16-سۈرە نەھل 18- 19ئايەتلەر)
23-ھۆپۈپ
خۇددى چۈمۈلە ۋەقەلكىگە ئوخشاشلا ھۆپۈپنىڭ ۋەقەلىكىمۇ سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە يۈزبەرگەن.
ئىبنى ئابباسنىڭ قارشىچە ھۆپۈپ سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنى سۇ بار يەرگە باشلاپ ئاپىرىدىغان يول باشلىغۇچى ئىدى.
ئۇ يەر ئاستىدىكى سۇنى خۇددى ئىنسان يەر ئۈستىدىكى سۇنى كۆرگەندەكلا كۆرەتتى.
بىر كۈنى سۇلايمان ئەلەيھىسسالام  بىر چۆلدە ھۆپۈپنى ئىزدەپ تاپالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن تاكى ھۆپۈپ ئۆزىنىڭ يوق بولغانلىقىغا بىر دەلىل كەلتۈرمىگۈچە ئۇنى جازالاشقا ياكى بۇغۇزلاشقا ۋەدە قىلىدۇ، لىكىن ئۇ ئۆزىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىگە كۈچلۈك بىر دەلىل كەلتۈرىدۇ.
ئۇ سۇلايمان ئەلەيھىسسالامغا ئۇ بىلمەيدىغان، قۇياشقا چوقۇنىدىغان، بىلقىسنىڭ خەۋرىنى ئېلىپ كىلىدۇ.
ھۆپۈپ سۇلايمانغا مۇنداق دەيدۇ؛
مەن سەن بىلمىگەن ئىشنى بىلىپ كەلدىم. ساڭا مەن سەبەدىن (يەنى يەمەندىكى سەبە شەھرىدىن) بىر مۇھىم خەۋەر ئېلىپ كەلدىم. (27-سۈرە نەملە 22-ئايەتنىڭ بىرقىسمى)
ھۆپۈپنىڭ ئېلىپ كەلگەن خەۋرى بولسا، سەبە ئاھالىسىگە بىر ئايال كىشىنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ناھايىتى شەۋكەتلىك پادىشاھلىققا ئىگە ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئاللانى قۇيۇپ قۇياشقا چوقۇنىدىغانلىقىدەك خەۋەرلەر ئىدى.
سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ھۆپۈپ ئەكەلگەن خەۋەرنى ئېنىقلىماقچى بۇلۇپ شۇ خەۋەرنى ئەكەلگەن ھۆپۈپتىن بىلقىسقا بىر پارچە خەت ئەۋەتىدۇ.
ھۆپۈپ ئۇلارنىڭ شەھرىگە يېتىپ بېرىپ بېلقىسنىڭ سارىيىنىڭ بىلقىس ئۆزى يالغۇز تۇرىدىغان يېرىگە كىرىپ، خەتنى ئۇنىڭ ئالدىغا بىر تۈشۈكتىن تاشلاپ قۇيۇپ ئەدەپ ۋە ھۆرمەتلەش يۈزىسىدىن بىر چەتكە بېرىپ تۇرىدۇ، بېلقىس بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ھەيران قالىدۇ ۋە قورقىدۇ، ئاندىن خەتنى ئېلىپ ئوقۇيدۇ، كىيىن بېلقىس بىلەن سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ئوتتۇرسىدا بېرىپ كىلىشلەر بۇلىدۇ، ۋە بېلقىس ئىمان ئېيتىدۇ.







manba jula munbiri

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   1670154432 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-16 12:38 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
sumbul-bigim + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

بىلمىگەننى بىل ،

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4482
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14591
تۆھپە نۇمۇرى: 525
توردا: 1531 سائەت
تىزىم: 2010-7-22
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-16 04:32:30 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نادىر تېما! ناھايىتى تەپسىلىي يېزىلىپتۇ.
داۋامى باردەك تۇرامدۇ نېمە؟

ياخشى بولساڭ ئەلگە تۇمارسەن.

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18880
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5993 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-16 04:40:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
boraoghli يوللىغان ۋاقتى  2013-9-16 04:32 PM
نادىر تېما! ناھايىتى تەپسىلىي يېزىلىپتۇ.
داۋامى باردە ...

مىنىڭ ئۇقۇغىنىم مۇشۇنچىلىككەن ،مەن يەنە ئىزدەپ باقاي ،ئاخىرى چىقسا چۇقۇپ يوللاپ قۇيىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85728
يازما سانى: 1037
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4191
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 412 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-16 04:52:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇرئان كەرىمدە « بىرى بىرىگە ھەقنى، سەۋىرنى تەۋسىيە قىلىشقۇچىلاردىن باشقا ھەممەيلەن زىيان ئىچىدە» دىيىلگەن. مۇسۇلمان بولغان ئېكەن ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى لىشىلەرنى دەۋەت قىلىش مەجبۇرىيتى بولىدۇ. قۇلى بىلەن دەۋەت قىلىش، بولالمىسا سۈزى بېلەن، بولالمىسا قەلبىدە نارازىلىق، ئامالسىزلىق ئىپادىلنىشى كېرەك دەپ بايان قىلىنغان. مەئسىيەتلەرنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ پەرۋا قىلماسلىق ئىماننىڭ ئاجىزلىقى ئەمەس يوقلۇقىنىڭ قەلبنىڭ ئاللا بۇرۇن ئۆلگەنلىكنىڭ نىشانىسىدۇر. قۇلىمىزدىن كىلىدىغان ھەرقانداق ۋاستە، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئۇرۇندا دەۋەتنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ھەربىر مۇسۇلماننىڭ تۇلىمۇ زۆرۈلدۇر. ئەھمىيەتلىك تىمىللىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي رەھمەت سىزگە
1858584c4q2k2v6exu5ozq.jpg


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3091
يازما سانى: 2859
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14641
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 2814 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2014-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-16 05:31:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزنى اللاھ بەرسۇن قېرىندىشىم...تېمىڭىزنى تۇلۇق ئۇقۇپ چىقتىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85230
يازما سانى: 165
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 705
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 280 سائەت
تىزىم: 2012-9-19
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-16 05:51:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئىگەم ئەجىرىڭىزنى  بەرسۇن  بەك ياخشى تىما ئىكەن ، تىما ئىگىسىگە كۆپ رەخمەت.  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61891
يازما سانى: 213
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4106
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 420 سائەت
تىزىم: 2011-10-23
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-16 07:05:38 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Nahayiti yahxi yolap siz kirindixim alla rahmat kilsun ajrigizga rahmat

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 1566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1582 سائەت
تىزىم: 2014-12-12
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-16 08:04:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن ئاچا قەلەم تۇتقان قولڭىزغا دەت كەلمسۇن

diki-dikkang بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-16 08:07:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1630
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10932
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2220 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-16 09:44:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خېچىر بىلەن ئېشەكنىڭ گۆشىنى يېيىشتىن توستى لېكىن ئاتنىڭ گۆشىنى يىيىشتىن توسمىدى.


قۇرئان كەرىمدە  سىلەرگە سەككىز ھايۋاننى ھالال قىلدۇق،  يەنى  تۆگە  ( ئەركەك- چىشى ) كالا ( ئەركەك- چىشى ) قوي ( ئەركەك- چىشى ) ئۆچكە ( ئەركەك- چىشى )  دەپتىكەن....  ئاتمۇ ھالال گۆشمۇ؟؟؟؟  مەن خەيرى گۆش دەپ ئاڭلىغان ئىدىم؟؟؟
قەتتى ئامال بولمىغاندە يىسە بۇلىدۇ، بولمىسا يىيىشكە بولمايدۇ دەيدىكەن؟؟؟


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan ساغلاملىقىڭىز ئۈچۈن يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش