بۇ بىر ئۆزۈمنىڭ قايتا ئويلىنىش نەتىجىسى خالاس. چۈنكى مەن ئۆزۈمنى بارا-بارا بېشى يوق چىۋىنغا ئوخشاش قېلىۋاتقاندەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم: قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلىرىم بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھېچقانچە ئىش قىلمىغاندەك تۇيۇلىدۇ. گەرچە ئۆزۈمنىڭ ناھايىتى چارچاپ كەتكەنلىكىمنى تۇيۇپ تۇرساممۇ، ئەمما تىلغائالغۇدەك بىرەر نەتىجە يوق
ھېچنېمىگە ئىنتىلمەي، ئاددىيلا بىر خىل پوزىتسىيە بىلەن كۈندىلىك تۇرمۇشتىن بەھرىلىنەمدىم؟ ياكى بولمىسا، زور قىزغىنلىق بىلەن تىرىشىپ، نىشانىمنى ئەمەلگە ئاشۇرامدىم؟ ئەلۋەتتە، بىرىنچى يولنى تاللىمايمەن، مەن تېخى ئۇ دەرىجىگە بېرىپ قالمىدىم، شۇڭلاشقا چوقۇم ئىككىنچى يولنى تاللىشىم كېرەك.
ئۇنداقتا زادى قەيەردىن مەسىلە چىققاندۇ؟
مەن نۇرغۇن ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلدىم، ناھايىتى نۇرغۇن ۋاقتىم ئىسراپ بولۇپ كەتتى. بۇ خىل ئىسراپ قىلىش پەقەت ئىسراپ قىلىشلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە بىر ئۆزىنى قاچۇرىدىغان بىر پسىخىكىلىق ھالەتنى يېتىشتۈرۈپ قويۇۋاتىدۇ…
ئىشنى رەسمىي باشلاشتىن بۇرۇن مىكروبلوگقا چىقىپ، بىر ئاز كەيپىياتنى تەڭشىۋالغاندىن كېيىن، تەييارلىقنى باشلاي. بىز تەتقىق قىلىش، ماتېرىيال ئوقۇش بولۇپمۇ، ماتېرىيال توپلاشقا ناھايىتى زور ئىشتىياق بىلەن بېرىلىپ كېتىمىز. بۇ گەرچە قارىماققا ئەقىلگە مۇۋاپىقتەك كۆرۈنسىمۇ،ئەمەلىيەتتە ئۈنۈمسىز خىزمەت ئاستىدا بىزنىڭ نۇرغۇن ۋاقتىمىز ئىسراپ بولۇپ كېتىدۇ. بىز ھورۇنلۇق ۋە سۆرەلمىلىك بىلەن بۇلارنى بىلىنەر-بىلىنمەي تەربىيىلەۋاتىمىز.
1. ئادەت خاراكتېرلىك توردا ئايلىنىشبۇنىڭغا بىر مىسال سۆزلىسەم، مەن بىر بلوگ يازمىسىنى يازاي دەۋاتقىلى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ كەتتى، بۇ يازمىنىڭ تېمىسىنىمۇ ئويلىنىپ بولغانىدىم ھەمدە ئۇنىڭغا نېمە يازماقچى بولغانلىقىمنىمۇ كاللامدا پۇشۇرۇپ قويغانىدىم. شۇنىڭدەك، بۇ بىر مەزگىل ئىچىدە مۇشۇ مەزمۇنغا ئائىت نۇرغۇن ياخشى مىساللارنى ئۇچراتقان ئىدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن تور كۆرگۈنى قوزغىتىپلا ئاۋال بلوگىمنى ئاچتىم ۋە يازمىنىڭ ماۋزۇسىنى قويدۇم، ئۇنىڭدىن كېيىن، قانداق بولۇپ باستىم بىلمىدىم، Chrome دىن بىر قۇرۇق يېڭى بەت ئاچتىم، ئۈستىدە مېنىڭ «ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلىنغان تور بېكەت»لىرىم كۆرۈندى: بۇلار سىنا مىكرو بلوگ، LinkedIn، GReader ۋە Gmail قاتارلىقلار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر-بىرلەپ بۇ ئۇلانمىلارنى ئېچىشقا باشلىدىم ھەمدە يېڭى ئۇچۇر بار-يوقلۇقىغا، دوستلىرىمنىڭ قانداق يېڭىلىقلىرىنىڭ بارلىقىغا دىققەت قىلىشقا باشلىدىم. بۇ تور بېكەتلەرنى كۆزدىن بىر كەچۈرۈپ بولغۇچە خېلى ۋاقىت ئۆتۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەڭ باشتا كۆرگەننى قايتا كۆرۈپ باقايمۇ يا دەپ ئويلىدىم. بولدىلا، بۇ چاغدا مەن ئاللىقاچان ئۆلۈك ئايلانمىغا كىرىپ قالغان ئىدىم…
بۇ بىر ئۆزىنى ئېلىپ قېچىش، ئۆزىنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىش، ئۆزىنى چېچىلاڭغۇ قىلىپ قويۇش ھەمدە ھاماقەتلەرچە سەرپ قىلىنغان بىر سېلىنما ئىدى!
بەزى چۈشەندۈرۈشلەر بىزگە ھەقىقەتەن يېقىملىق ئاڭلىنىدۇ. بۇنى ھەر ۋاقىت كەسپى يۈزلىنىشكە دىققەت نەزەردە بولۇش دەپ ئاتايمىز. ئەلۋەتتە، ئەڭ يېڭى تېخنىكىلارنى چۈشىنىش، نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىپ تۇرۇش كېرەك، ئەمما سىز بۈگۈن بىر نەچچە سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىپ، قايسى ئۇچۇرلارغا ئېرىشتىڭىز؟ سىزگە پايدىسى تەگكۈدەك ئۇچۇرلار بارمىكەن؟ بەلكىم سىز بىر نەچچە پارچە يۇقىرى تېخنىكا سۆزلەنگەن ماقالىلەرنى بلوگىڭىزغا ياكى تور بېكىتىڭىزگە يۆتكەپ كەلگەن بولۇشىڭىز ياكى ساقلىغۇچغا ساقلىۋالغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، ئەمما سىز بۇ ئۇچۇرلارنى تەپسىلىي كۆردىڭىزمۇ؟ توغرىسى كۆرۈپ چۈشىنەلىدىڭىزمۇ؟
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، ئۆزۈمگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتسام، مېنىڭ بۇ ئۇچۇرلاردىن ئېرىشكەنلىرىم ئۇنچە كۆپ ئەمەس.
2. مەقسەتسىزلا تورغا چىقىش
ئەگەر بىز ئۆيگە قايتىپ كېلىپلا، ھېچقانداق مەقسەت يوقلا كومپيۇتېرنى ئاچساق، ئۇ ھالدا بىز كومپيۇتېر ۋە تور كۆرگۈنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالىمىز ھەمدە كومپيۇتېرنىڭ بىر قورال ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ كەتكەن بولىمىز. ئەمەلىيەتتە بىز كومپيۇتېرنى مەلۇم ئېھتىياجىمىز ئۈچۈن ئىشلەتسەكلا كۇپايە. مەسىلەن: بلوگ يېزىش، بىرەر ئالگورېزىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ياكى توردىكى يازمىلارنى كۆرۈش دېگەندەك.
بىزنىڭ كومپيۇتېر ۋە تور كۆرگۈنى ئېچىشتا مەلۇم نىشان ۋە مەقسىتىمىز بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا، ۋاقتىمىز ۋە زېھنىمىزنى ئۆزىمىز نىشان قىلغان ئىشلارغا قاراتساق، ئۇ ھالدا ۋاقىت ۋە ئېنېرگىيە جەھەتتە كۆپ نەرسىلەرنى تېجەپ قالالايمىز. شۇڭلاشقا، كومپيۇتېرنى ئېچىشتىن بۇرۇن، ئەڭ ياخشىسى قىلىدىغان ئىشلىرىڭىزنى رەتكە تۇرغۇزىۋېلىڭ، ئاندىن بۇ ئىشلارنى تاماملاپ بولغاندا ئىككىلەنمەي كومپيۇتېرنى تاقىۋەتسىڭىز بولىدۇ.
3. بىر قېتىمدا بىر قانچە ئىشنى تەڭ بېجىرمەكچى بولۇشئەگەر سىز بىر قانچىلىغان تور بېكەتنى ئېچىۋېلىپ، ئاندىن زادى قايسىسنى كۆرۈشنى بىلمەي گاڭگىراپ قالسىڭىز، بۇ «ئات ئايلىخانغا، يول سارىخانغا» نىڭ تىپىك مىسالىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. گەرچە سۈرئەت جەھەتتىن ئۇتىمەن دەپ خام-خىيال قىلسىڭىزمۇ، ئەمما نەتىجە پۈتۈنلەي سىز ئويلىغاننىڭ ئەكسىچە بولۇپ چىقىدۇ. بۇ خۇددى مېنىڭ بىرلا ۋاقىتتا بىر نەچچە پارچە كىتاب ئوقۇش ۋە بىر قانچە تەرەپتىكى تېخنىكىلارنى تۇتۇۋالماقچى بولۇپ، ئاخىرى ھېچنىمىگە ئېرىشەلمىگىنىمگە ئوخشاشلا بىر ئىش. سىزنىڭ كاللىڭىز بىر بولغاندىكىن، ئۇنى بىر ۋاقىتتا بىرلا ئىشقا ئىشلىتىڭ. ئەگەر بۇ قائىدىنى تور بېكەت زىيارەت قىلىشقا تەتبىقلىسىڭىز، تامامەن ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيسىز.
بىرلا ۋاقىتتا نۇرغۇن ئىشنى قىلىش ھەقىقەتەن ئانچە چەك باسمايدىغان بىر ئىش. بۇ گەپنى چۈشىنىش ئاسان، بىراق بۇ خىل ئادەتنىڭ ۋەسۋەسىسىگە تاقابىل تۇرۇش تەس. بىر نەرسىگە قىيىشنى بىلسىڭىز، ئۇنىڭدىنمۇ پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى يەنە بىر نەرسىگە ئېرىشەلىشىڭىز مۇمكىن. شۇڭلاشقا، بىر ۋاقىتتا بىرلا ئىشنى قىلىڭ، يەنى بىر قېتىمدا بىرلا كىتابنى ئوقۇڭ.
خاتىمە: مېنىڭچە مەن ھازىر ئۆزۈمنىڭ كېسەللىكىنى بايقىۋالدىم، ئۇنداقتا مەن ئۇلارنى ئۆزگەرتىشكە ئاتلىناي!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا karluk2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-16 03:30 PM