ئۈمۈتسىز ئارمان
ئارمانلارچايقىلىپ تۇرار كۈپۈكتەك.
چەكلىك ھاياتنىڭ دولقۇنلىرىدا،
بەزىسى كۈمۈلدى بارخانلىرىڭغا.
بەزىسى كۈل بولدى يالقۇنلىرىڭدا،
كىلىدۇ تۈرۈلۈپ دولقۇنلار دەھشەت.
يۇتۇپلا تاشلىماق بۇلۇپ قالغاننى ،
ھىجىك ئارمانىم قالدى غادىيىپ.
باغاشلاپ يۈرەككە تېڭىپ پىغاننى،
قەلب ئىستىگىم توختىماس ھىچ ۋاق.
ۋىسالغا يەتمىكىم نىمىشقا بەك تەس،
قىسمەت كەلسىمۇ ئەگمىدىم بۇيۇن.
ھاياتلىق يۇلۇمنى باسقانمىدۇ نەس،
بىلمىدىم قاچان تاپاركىن نۇسرەت.
ئۇقاچان كۆككە كىتەر قۇشۇلۇپ،
ياكى قامقاقتەك كىتەرمۇ ئۇچۇپ.
تېخى ئۇ كۆككە ئۇلاشماي تۇرۇپ،
مەنبە سېخى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-16 11:33 AM