كۆڭلۈم
تەپەككۇر ئىلكىدە ھەردەم قانات ياساپ كېزەر كۆڭلۈم،
سۈكۈت ئىچرە بولۇپ غەمكىن،ھەقىقەتنى سېزەر كۆڭلۈم.
.
پايانى يوق بۇ ئالەمنىڭ،كۆڭۈلمۇ ئوخشىشى بولغاچ،
خىياللاردىن تۇغۇپ خىيال، نە-نەلەرگە يېتەر كۆڭلۈم!.
.
ئۆزۈم نىمجان،روھىم ئويغاق،دىلىم خەستە،تىلەك قايناق،
تارام ياشتىن ئېقىن ياساپ باياۋانغا سىڭەر كۆڭلۈم...
.
ھامان قۇتراپ نىجىس شەيتان، داۋامەت قىلسىمۇ غەليان-
ھىيلىسى بولغۇسى بەربات،شىپا-مەلھەم سېپەر كۆڭلۈم.
.
مۇھەممەت ئەسلا خۇرسىنماس،كۆڭۈلدىن باشقىغا ھەتتا،
قارا زۇلمەتنى يوق ئەيلەپ،يورۇقلۇق بەخش ئېتەر كۆڭلۈم!
.
مەنبە: ئىجادىيىتىم.