مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4144|ئىنكاس: 13

ھىسام چاقچاقلىرىدىن دۇردانىلەر (2) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32154
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3364 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-14 02:40:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                             ھىسام چاقچاقلىرىدىن دۇردانىلەر (2)

گۇنا كىمدە؟


       ھىسام تۇرغان كەنىتنىڭ زىغىرى بۇ يىل بەك ئوخشاپتۇ.شۇنىڭ بىلەن يىللاپ بۇ كەنىتكە دەسسىمەيدىغان يېزا باشلىقى دەررو كەنىتكە كىلىپ ئېتىز-ئېرىقلارنى تەكشۈرۈپتۇ-دە،ئىسكىلاتقا كىرىپ زىغىرنى ماختاپتۇ؛
         - ھوسۇلۇڭلار قالتىس بوپتۇ.بۇ يىل زىغىردىن خېلى پۇل قىلىۋالارسىلەرغۇ دەيمەن؟
         - شۇنداق،-دەپتۇ كەنىت باشلىقى خۇشاللىق بىلەن.
         -بۇ زىغىرنىڭ مېيىدا ئاشمۇ ئوخشايدىغۇ دەيمەن،-دەپتۇ يېزا باشلىقى يەنە مەنىلىك قىلىپ،-يېزا باشلىقىنىڭ گىپىنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەن كەنىت باشلىقى؛-شۇنداق؛-دەپتۇ ۋە يېزا باشلىقى كەتكەندىن كىيىن،يېزا باشلىقىنىڭ ئۆيگە بىر تاغار زىغىر ئىبەرتىپ بىرىپتۇ.بۇ خەۋەر قۇلاقتىن-قۇلاققا ئاڭلىنىپ كەنىتتىكى دېھقانلارنىڭ غەزىۋىنى كەلتۈرۈپتۇ.كىشىلەر مەھەللە دوقمۇشىغا توپلىشىۋىلىپ؛-گۇنا كىمدە،يۈزى قېلىن يېزا باشلىقىدىمۇ ياكى كۆڭۈلچەك كەنىت باشلىقىدىمىۇ،دىيشىپ گەپ تالىشىپ قاپتۇ،كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىدا باياتىندىن بىرى ئۈن چىقماي تۇرغان ھىسام گەپكە نۆۋەت ئاپتۇ-دە؛
         - سىلەر ھېچقايسىڭلار گۇناھكارنى تاپالمىدىڭلار،گۇناھ يېزا باشلىقىدىمۇ .ئەمەس،كەنىت باشلىقىدىمۇ ئەمەس.
          -ئەمىسە گۇناھ كىمدە؟-كىشىلەر ھەيران بولوپ.
          - گۇناھ مول- ھوسولدا،-دەپتۇ ھىسام شۇ چاغدا چۈشەندۈرۈپ،-ئەگەر بۇ يىل زىغىر مۇنچىلا ئوخشىمىغان بولسا،بايقى يېزا باشلىقىمۇ بىزنىڭ كەنىتكە زادىلا كەلمىگەن بولاتتى.

كۆزىنى يۇمۇش


       يېراق يېزىدىكى تۇققىنىنى يوقلايمەن دەپ نەچچە قېتىم تەرەددۇت قىلغان ھىسام مەھەللىدىكى توي_تۆكۈن، نەزىر_ چىراقلاردىن ئۈزۈلمەستىن تۇققىنىنىڭكىگە چىقالماي قاپتۇ، بىر قىتىم ئايالى قاتناشقا بىرىپ ماشىنا بىلىتى ئېلىپ كەپتۇ - دە، ھىسامغا:
       __ مەھەللىدىكى توي، نەزىرلەرگە تارتىشسىڭىز زادىلا چىقالمايسىز، ئۇنىڭدىن كۆرە كۆزىڭىزنى يۇمۇڭدە تۇققانلارنى يوقلاپ كىلىڭ.- دەپ بىلەتنى بىرىپتۇ.
       __ ماڭا دۈشمەن ئوخشىمامسەن.- دەپتۇ ھىسام جىددىي چىراي بىلەن،- كۆزۈمنى يۇمىۋىلىپ ماشىنىغا چىقسام يىقىلىپ چۈشۈپ بىر يىرىمنى ناكا قىلۋالمامدىمەن!

يىگىنىڭىزگە شۈكرى قىلىڭە



         ھىسام دۈينىڭ قوغۇنلىرىنى باققان چاغدا بىر كىشى ھەر كۈنىلا قوغۇن يىگىلى كىلىۋىلىپ، ئۇنى جىلى قىپتۇ. بىر قىتىم

ھىلىقى كىشى كەپىدە قوغۇن يەۋىتىپ، ھىچنىمە بولمىغاندەك  ئەلپازدا ھىسامدىن سوراپتۇ:

              __ ھىسامىدىن، بۇ قوغۇنلۇقنى سىز كۆتىرە ئالغانمۇ؟

             تىرىكىپ تۇرغان ھىسام دەرھال جاۋاپ بىرىپتۇ:

              __ ياقە، بىزنىڭ بۇ يەردە كۆتىرىپ ماڭىدىغانغا يوق،يەپ ماڭغىنىڭىزغا شۈكرى قىلىڭا!


                                             دۇنيادا نىمە ئەڭ ئۇچلۇق؟


         

              تولىمۇ نەپسىانىيەتچى بىر ئادەم ھىسامدىن گەپ سوراپتۇ:

           - ھىسامىدىن، بىلەمسىز دۇنيادا نىمە ئەڭ ئۇچلۇق؟

           - سىزنىڭ ساقىلىڭىز ئۇچلۇق،- دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ ھىسام ئويلانمايلا.

           - يوق گەپنى قىلماڭ، قانداقسىگە مىنىڭ ساقىلىم ئۇچلۇق بولىدۇ؟- دەپتۇ چۆچۈپ ئۇ كىشى.

           - ساقىلىڭىز ئۇچلۇق بولمىسا قىلىن يۈزىڭىزنى قانداق تىشىپ چىقاتتى.


  


         

                                           ھىلىمۇ ئويغۇتۇپ قويۇپتۇ---


      كەچ كىرگەندە توساتتىنلا ھىسامنىڭ ئۆيىگە بىر نەچچە ئاغىينىسى كېلىپ قاپتۇ،ھىسام ئۇلارنىڭ ئالدىغا داستىخان سېلىپ،تاماق ئەكىرىپتۇ.ھىسام قارىسا ئاغىنىلىرىنىڭ بىرى گەپكىمۇ ئارلاشماي ئاچكۆزلۈك بىلەن تاماققا تۇتۇش قىلغىلى تۇرۇپتۇ.ھىسام گەپ ئارىسىدا ئۇنىڭدىن؛

         -ئاداش سىز بۇلار بىلەن نەدە ئۇچرىشىپ قالدىڭىز؟-دەپ سپراپتۇ.

          - ئۆيدە ئۇخلاۋاتاتتىم،-ھىلىقى ئاغينىسى ئاغزىدىكى لوقمىنى يالماپ تۇرۇپ،- بۇلار كىلىپ<<ھىسامنىڭكىگە بارىمىز>>دەپ ئويغۇتىشتى.          - ھىلىمۇ ئويغىتىشىپتۇ،- دەپتۇ ھىسام شۇ چاغدا،-بولمىسا ئاچ قوساق قانداق ئۇخلايتىڭىز؟


                                       ھىلىمۇ ياۋرۇپاچە تەربىيىلەپسىز


         ھىسام بىر نەچچە كىشى بىلەن مەلۇم خىزمەتدىشىنىڭكىگە مېھمانغا بېرىپتۇ.ئۆي ئىگىسى ئەركە ئوغلىنى مېھمانلارنىڭ ئالدىدا ماختاپ؛

         - بالامنى ياۋرۇپاچە تەربىيلىدىم،قالتىس بالا بولدى جۇمۇڭلار،-دەپتۇ.شۇ ئارىدا بالا ئۆزىنى ئەكىلەتكەن ھىسامنى ۋاققىدە بىرنى ئۇرۇپتۇ.

         - بارىكاللا،- دەپتۇ ھىسام بالىنى ئۆزىدىن يىراقلىتىپ،خىزمەتدىشىغا- ئوغلىڭىزنى ھىلىمۇ ياۋرۇپاچە تەربىيلەپتىكەنسىز،ئەگەر باشقا يەرچە تەربىيلىگەن بولسىڭىز،بۇ كەمگىچە بىزنى ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرىدىكەن.


                                              مەسلىكنىڭ سىرى


           ئاشخانىدىن چىقىۋاتقاندا بىر ئاغىنىسى ھىسامدىن سوراپتۇ؛

           -دائىم قانچىلىك ئىچسىڭىز مەس بولمايتىڭىز،بۈگۈن ئازراقلا ئىچىپ تەڭشىلىپ قالدىڭىز!؟

          ھىسام جاۋاپ بىرىپتۇ؛

           -بۈگۈن پۇل خەجلەپ قويدۇم ئەمەسمۇ.


                                                   خەۋەر تۇرماق---


          ھىسام مەكتەپتە ئىشلىگەندە يۇقۇرىغا بىر پارچە ئەرز يازغان ئىكەن،لىكىن ئەرزنىڭ ئۇچۇرى تاش سۇغا چۆككەندەك جىمىپ كىتىپتۇ.بىر قېتىم مەكتەپتىكى گىرامماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭدىن ھىسداشلىق قىلىپ سوراپتۇ؛

        -ھىسامكا،مائارىپقا بەرگەن ئەرزىڭىزدىن خەۋەر بارمۇ؟

        نەدىكىنى دەيسىز،-دەپتۇ ھىسام،-خەۋەر تۈرماق ئىگىمۇ يوق.


                                                    مەنبە؛ھىسام چاقچاقلىرى توپلىمىدىن



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-14 02:47 AM  


قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96859
يازما سانى: 302
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 681
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 124 سائەت
تىزىم: 2013-8-9
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-14 11:41:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھې  ھې   ھې  ھې قىززىقارلىقكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79487
يازما سانى: 817
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 34268
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 502 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-14 01:08:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زامانىمىزدىكى «نەسىردىن ئەپەندىم»

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-14 02:19:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ چاقچاقمۇ يا گەپمۇ ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92786
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 808
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 397 سائەت
تىزىم: 2013-3-6
ئاخىرقى: 2014-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-14 02:25:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەڭگۈ ئالغا تەلپۈنەر يۈرەك ،
رازى بولماس بۈگۈندىن ئىنسان .
ئۈتۈپ كېتەر ھەممە بىر پەستە،
ئۆتكەنلىرى بۇلۇپ قەدىردان .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92786
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 808
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 397 سائەت
تىزىم: 2013-3-6
ئاخىرقى: 2014-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-14 02:51:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېسامكام  بىر كۈنى  مەس بوپ قېلىپ  ،ئۆيگە قايتىپ كېلىپ ئۆيگە كىرىدىم دەپ كالا قوتىنىغا كىرىپ قاپتۇ  ۋە  :
-خۇتۇن ،مەن كەلدىم ،توك ياندۇر .دەپتۇ .
خۇتۇندىن  سادا  چىقمىغاندىن كىيىن  توكىنى ئۆزۈم ياندۇراي دەپ بېرىپ   ۋېكلىيۇچاتىلنىڭ سىمىنى تارتىم دەپ كالنىڭ قۇيرۇقىنى بىر تارتىپتىكەن ،كالا ۋاققىدە بىرنى تېپتىكەن ؛  
-ۋاي  ،خۇتۇن قېنى سەن  ،مىنى توك  تەپتى  .-دەپتۇ .

مەڭگۈ ئالغا تەلپۈنەر يۈرەك ،
رازى بولماس بۈگۈندىن ئىنسان .
ئۈتۈپ كېتەر ھەممە بىر پەستە،
ئۆتكەنلىرى بۇلۇپ قەدىردان .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96863
يازما سانى: 256
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 878
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 501 سائەت
تىزىم: 2013-8-9
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-14 03:26:02 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىززىق ئەمەس كەن  

shahzada1 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-14 05:40:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2579
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11565
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1552 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-14 06:11:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىتىقسىز پاراڭلارنى قانداقمۇ دۇردانە دىگىلى بولسۇن !؟

Made in Answer

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97407
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 60
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2013-8-30
ئاخىرقى: 2013-10-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-14 08:24:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باش پېرسۇناجىنى ھىسام دەپ ئالسىلا ھىسامكامنىڭ يۇمۇرلىرى بوپ قالمايدۇدە.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش