|
|
|
|
ئۇبۇنتۇ تىلفۇنى ۋە ۋە پەد ىسسىتېمىسى تۇغۇرلۇق سىن ۋە چۈشەندۈرۈشلەرنى نۇرغۇن دوستلېرىمىز كۆرگەن بۇلىشى مۇمكىن. بۇ ھەقتىكى ماتىياللار ۋە سىن لار كۆپ بولسىمۇ ئەمما ماۋۇ خەنچە چۈشۈندۈرىشىنى كۆپچىلىك بىر قەدەر ئاسان چۈشىنەلەيدۇ دەپ قارايمەن.
يىقىندا ئۇبۇنتۇ تىلفۇن ئۇسلۇبى قۇلۇپى ئەپى (ubuntu tuch lockscreen ) نىڭ يىڭى نەشىرى ئېلان قىلىندى. مەن چۈشۈرۈپ سىناپ باقتىم ، ھەقىقەتەن يامان ئەمەس چىقىپتۇ. راستىنى ئىيتسام بىرىنچى قىتىم ئىشلىتىپ ھاياجانلىنىپ كەتتىم. چۈنكى ئۇبۇنتۇ تىلفۇنى بىزنىڭ ھازىرقى تىلفۇن ئىشلىتىش ئادىتىمىزگە جەڭ ئېلان قىلىدۇ . يەنى ئاندىرويد تىلفۇنىدا ئۈچ كۆنۇپكا، ئالمىدا بىر ئەمما ئۇبۇنتۇ تىلفۇنىدا بىرمۇ كۇنۇپكا يوق. يەنى سىز بارماقلېرىڭىزنى ئۇبۇنتۇ تىلفۇنىنىڭ يۈزىگە يىنىك سۈركەش ئارقىلىقلا مەشۇلاتىڭىزنى تاماملىيالايسىز. مەن ئارتۇق چۈشەندۇرمىسەممۇ سىننى تەپسىلىي كۆرسىڭىز ھەقىقەتەن ئىسللىقىنى بىلىپ قالىسىز.
ئەمەلىي ئىشلىتىشتىن كۆرۈنۈشلەر
مەن ئەڭ يىڭى نەشىرىنى بەيدۇغا يوللاپ قويغان ، ئەلۋەتتە توردىن ئىزدىسەڭلەرمۇ ئاسانلا تىپىۋالالايسىلە،
2.1.1بىتا نۇسخسى
2.1.1 نۇسخىسى
ئەپنى قاچىلىغاندىن كىينىكى تەڭشەش رايونىدىن پارچىلار
UHD دىگىنى unity رامكىسىنى تەڭشەش ئىكەن. بىرەر قۇر تەڭشىگەندىن كىيىن ئۈستىدىكى سىندا ئىپ بارغان مەشغۇلاتلارنى سىناپ بىقىڭ ھەممىسنى دىگۈدەك ئىلىپ بارغىلى بۇلىدۇ. مەسلەن ؛
ئىكران قۇلۇپلىنىپ قالغاندا ئاندىرويدنىڭ ئەكسىچە ئوڭدىن سولغا بارمىقىمىزنى ينىك سۈركىسەك قۇلۇپ ئىچلىدۇ،
سول تەرەپ ياندىن تىك بىر قۇر untiy تىزىملىكىنى ئاچالايسىز، ئەلۋەتتە ئۇبۇنتۇ ھەۋەسكارى بولسىڭىز خۇشاللىقىڭدىن سەكرەپ كىتشىڭىز مۇمكىن.
مەلۇم بىر پىروگىرامما ياكى ئەپنى ئىجرا قىلىۋىتىپ بىۋاستە باش بەتكە قايتماقچى بولسڭىز سولدىن ئوڭغا تىزلىكتە بارمقىڭىزنى سىيرىسڭىز باش بەتكە چىقىپ قالسىز، قانداق قالتىسمىكەن؟؟؟؟
باشقىلار كۆرسە ئۇبۇنتۇ تىلفۇنى ئىشلىتىۋاتقان چىغى دەپ قىلىشى مۇمكىن.
|
|
|
|
|
|