مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2547|ئىنكاس: 40

سەن مىنى سۆيگەنمۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67489
يازما سانى: 1050
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4685
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 498 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-13 10:06:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      ھىلىمۇ  ئىسىمدە،  ئىككىمىزنىڭ  كۆزلىرى  ئۇچراشقان  ئاشۇ  ۋاخ ھىلىمۇ ھازىرقىدەك يادىمدا تۇرۇپتۇ . ئوتلۇق كۆزلەر  بىر - بىرىگە تىكىلگەندە سەن ئىختىيارسىز كۆزلىرىڭنى  مەندىن قاچۇردۇڭ، يۈزلىرىڭ  قۇلىقىڭىچە قىززىرىپ كۆزلىرىڭ خۇمالاشتى .... شۇ  بىر  قىتىملىق ئوتلۇق كۆزلەرنىڭ ئۇچرىشىشى يۈرىكىمگە مۇھاببەت ئۇرۇقىنى  چاچتى ...
      شۇ چاغلاردا بەكمۇ گۆدەككەنمەن ، سىنى  چىن دىلىمدىن  ياخشى كۆرۈپ  تۇرۇپ  سىنىڭ ئوتلۇق كۆزلىرىڭگە قاراشتىن ئەيمىنەتتىم ، ساڭا يۈرۈك سۆزلىمنى دىيىشتىن قورقاتتىم  ، كىچىكلىك  دېگەن  يەنىلا كىچىكلىكتە . سىنى  يىراقتىن بىر كۆرۈۋۈلسام بىر كۈن شۇنداق  روھلۇق يۈرەتتىم ، ئەگەر  بىرەر  كۈن كۆرەلمەي قالسام خۇددى ئىرىدىن  تاياق  يىگەن جۇۋاندەك قاپىقىم تۈۈلگىنى  تۈرۈلگەن ئىدى . بىر  چاغلار  ساڭا  يىقىنلاشتىم ، بارا  - بارا  ساڭا  ئېچىلىپ  چاقچاق  قىلالايدىغانمۇ  بولدۇم ، لېكىن بۇ كۈنلەر ئۇزاققا  بارمىدى .
      بىر كۈنى ئىختىيارسىز سەندىن كۆزۈمنى ئۈزەلمەي قالدىم ، ئەتراپىڭدىكى  قىزلار سىنى  نوقۇپ  مىنىڭ ساڭا  قاراۋاتقانلىقىمنى ئەسكەرتتى ، شۇ ۋاقىتتا  سەن قاپىقىڭنى  شۇنداق بىر تۈردۈڭكى  خۇددى  بىشىمدىن  بىر  چىلەك سوغۇق سۇ قۇيغاندەك ئەندىكىپ  كەتتىم  . ئەنە  شۇ كۈندىن باشلاپ  ساڭا  چاقچاق  قىلساملا ماندىن رەنجىيدىغان ، مەن بىلەن قەستەن ئېيتىشىدىغان بولۇپ قالدىڭ . ئامالسىز  مەنمۇ ساڭا چىراي  ئاپالمىدىم  .شۇ كۈندىن باشلاپ سىنىڭ ۋەسلىڭ مەن ئۈچۈن بۈيۈك  بىر  ئارزۇغا ئايلاندى .  ئۆزۈمنى توختىماي سوتلىدىم ، لىكىن بىرەر  قانائەتلىنەرلىك باھانە  تاپالمىدىم .
     بىر كۈنى  سەن  يىقىن  دوستۇڭدىن بىر  پارچە  خەت  ئەۋەتىپسەن ، خىتىڭدە : بىز تىخى كىچىك ، ھىچ  بولمىغاندا  مەن تىخى كىچىك ، ھازىر ماڭا  قاش كۆزىڭىزنى ئويناتقىنىڭىزنىڭ پايدىسى يوق ، مەن تىخى ئۇ ئىشلارنى ئويلاشقۇدەك بولمۇدۇم  ،  دەپ  يىزىپسەن . ئاشۇ  بىر  پارچە خىتىڭ  مەندە  زور  ئۈمۈدلەرنى  پەيدا قىلغانئىدى.
    ئارىدىن  2 يىل تىپتىنىچ ئۆتۈپ كەتتى ، سەنمۇ ئۆز ئىشىڭ بىلەن ، مەنمۇ ئۆز ئىشىم بىلەن يۈردۈم . ئۈچىنچى يىلىسى ئوقۇش مۇناسىۋىتى بىلەن بىرىمىز جەنۇپقا ، بىرىمىز شىمالغا كەتتۇق  ، ساڭابولغان سىغىنىشىم كۈندىن -كۈنگە ئېغىرلىماقتا ئىدى ..
     تونۇش  بىلىشلەردىن سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ  سىنڭ كىيۇ كىيۇ نومۇرۇڭنى  تاپتىم ،  كىيۇ كىيۇرۇڭغا  دوسىت بولۇشقا  ئىلتىماس  يوللىسام ئىتتىكلا   قوبۇل  قىلدىڭ ، لىكىن مىنىڭ ئىسمىمنى سورىمىدىڭ .
     سىنىڭ  بىلەن  مەۋھۇم دۇنيادىكى  مۇناسىۋىتىم  باشلاندى  ، كۈندە  ساڭا  ئۇچۇر  يوللايتىم  ، سەنمۇ  دەرھاللا  قايتۇراتتىڭ  ، ئەتراپىڭدىكى  قىزىقارلىق  ئىشلارنى  سۆزلەپ  بىرەتتىڭ  ، مەنمۇ  ئامال  بار  سىنى  زىرىكتۈرۈپ  قويماسلىققا  تىرىشاتتىم  . توۋا  ، شۇ  چاغلاردىمۇ ئۆزۈمنى دۇنيادىكى  ئەڭ  بەخىتلىك ئىنسان  دەپ ئويلاپتىكەنمەن .
      سەن بىلەن  بۇنداق  ئۆتىۋەرسەم  ساڭا  ئىرىشەلمەسلىكىمدىن ئەنسىردىم ،سىنىڭ باقىلارنىڭ كەينىدىن كىتىشىڭدىن قورقتۇم ، شۇنىڭ بىلەن ساڭا كىملىكىمنى ئاشكارلىدىم ، شۇ  چاغدا سەن كۈلۈپ  كەتتىڭ  ،  ھەم مىنىڭ  كىملىكىمنى  بۇرۇنلا  بىلىدىغانلىقىڭنى ئىيىتتىڭ  ھەم  بۇرۇنقى  ئىشلار  ئۈچۈن مەندىن  كەچۈرۈم  سورىدىڭ . شۇنىڭ بىلەن  مەن  ساڭا  كۆڭۈل  ئىزھار  قىلىشنىڭ پەيتى  كىلىپتۇ  دەپ ئويلۇدۇم.....
     ئاشۇ  كۈنى  مەن  ساڭا  بىرسىنى  ياخشى  كۆرۈپ قالغانلىقىمنى ئېيتتىم ، سەن  مەندىن  كىملىكىنى سورۇدۇڭ  ، مىنى  دوستۇم  دەپ  قارىساڭ  دەپ  بەرگىن  دەپ  چىڭ  تۇرۇۋالدىڭ  ....  يۈرۈگۈمدىن  چىققان  ئوتلۇق سۆزلەر  بارماقلىرمدا  كۆزلىرمنىڭ گۇۋاھلىقىدا يىزىلدى:  مەن  سىنى  ياخشى كۆرىمەن ...
     سەندىن  ئۈچ  كۈنگىچە  ئۇچۇر  كەلمىدى  ، تۆتىنچى  كۈنى ئەتىگەندە سىنىڭ  بىر  پارچە  ئۇچۇرۇڭنى  تاپشۇرۋالدىم:  مەن سىنىڭ  ياخشى  كۆرۈشۈڭگە ئەرزىمەيمەن ، مىنى ئۇنتۇپ  كەت ، .. مەن  ساڭا جاۋابەن  :ئەگەر  ئىتقانلىرىڭ  راس  بولسا  ساڭا  مەڭگەۈ بەخىت  تىلەيمەن ،  بەخىتلىك  بول  .  دەپ  يوللىدىم ، لىكىن سىنىڭ قايتۇرۇپ  يوللىغان  بىر  ئېغىز  سۆزۈڭ  مىنىڭ  يۈرۈكۈمنىڭ  چۇڭقۇر  قاتلاملىرىغا يىلتىز  تارتىپ  ، مىنى تۈگىمەس  ئۆكۈنۈش ، نەپرەت ئىلكىدە قالدۇردى:  سەن مىنىڭ بەختىمنى تىلىگۈدەك كىمتىڭ ، مىنىڭ بەخىتلىك بولۇش بولماسلىقىم بىلەم كارىڭ بولمىسۇن ، كۆزۈمدىن يوقال ، سىنى ئىككىنچىلەپ كۆرگۈم يوق .......
     ئارىدىن  يەنە  ئىككى يىل  ئۆتۈپ  كەتتى  ،  تەغدىرنىڭ  ئورۇنلاشتۇرۇشى  بىلەن  مىنىڭ نەۋرە  ئاكام  سىنىڭ  بىر  قورساق  ئاچاڭ  بىلەن  توي  قىلىپ  بىر  بالىسىمۇ  بولدى  . ئۇ جەرياندا  ئىككى  ئۈچ  قىز  بالا  بىلەن  ئارلىشىپ  باقتىم   لىكىن كۆڭۈل  بىرەلمەي  ئايرىلىپ  كەتتىم  .
        بىر  قۇربان ھىيىتتا نەۋرە  ئاكامنىڭ ئۆيىگە بارلىق تۇغقانلار  يىغىلدۇق   ، مەن ئۆيگە كىرىپ  تۆرگە  چىقىپ  ئولتۇراي  دەپ  تۇرۇشۇمغا  سەن ئىشىكتىن  كىرىپ كەلدىڭ  ، ئوتلۇق  كۆزلەر  يەنە  بىر  قىتىم  ئۇچراشتى، سىنىڭ كۆزلۈڭدىكى  تەلپۈنۈشنى ھىس  قىلالدىم ، سىنىڭ كۆزلىرىڭدىكى قورقۇش  ، ئەنسىرەش  ئارلاشقان  مۇھەببەتنى ھىس  قىلالدىم.  يۈرۈگۈمنىڭ سوقۇشىنى  ئاڭلاپ  تۇرماقتىمەن  ، ناھايتى  ئىتتىك  ، خۇددى  ھازىرلا  سەكىرەپ سىنىڭ  قولۇڭغا  چۈشىدىغاندەكلا ،  سەندىن كۆزۈمنى  ئۈزەلمىدىم  ،  بىر ۋاختا  ئاپاڭ  كەينىڭدىن  ئىتتەردى  دە  شۇ  چاغدىلا  مەڭدەپ  ئىسىڭگە  كەلدىڭ  ، مەنمۇ پۇت قولۇم كالۋالىشىپ   كەينىمدىكى  تامغا  ئۈسۈۋالدىم ....
     ئىيتە گۈزەل  ، سەن مىنى سۆيگەنمۇ ،  بۇ  ماڭا  مەڭگۈ  سىر  بولۇپ  قالدى  . سىنىڭ  ۋەسلىڭ  بولسا  مەڭگۈلۈك  ئەمەلگە ئاشماس ئارزۇ _ خام خىيال   بولۇپ قالدى...

2013-9-13-


مەنبە : مەن






ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
barquk8 + 100 ماختاشقا تېگىشلىك
subijan + 50 ^ *^
zulayha + 100

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 250   باھا خاتىرىسى

ئۆچمەس  ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96859
يازما سانى: 302
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 683
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 124 سائەت
تىزىم: 2013-8-9
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-14 10:49:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانداق قىز بالا ئۇ ، باشتا دوستلاردەك مۇئامىلە قىلىپ   ، ئىرىشەلمىگەندىن كىيىن بەخىت تىلىسىڭىز ، سەن مىنىڭ بەختىمنى تىلىگۈدەك كىمتىڭ ، مىنىڭ بەخىتلىك بولۇش بولماسلىقىم بىلەم كارىڭ بولمىسۇن ، كۆزۈمدىن يوقال ، سىنى ئىككىنچىلەپ كۆرگۈم يوق ........  
سىزنى ياخشى كۆرمىگەن تەقدىردىمۇ شۇنداقمۇ دەمدۇ ، سىزنى نىمە كۆردى ئۇ   .

بۇدۇنيانىڭ قايغۇرغۇچىلىكى يوق

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78143
يازما سانى: 2834
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10496
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3267 سائەت
تىزىم: 2012-3-30
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-14 10:49:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ظوتنىڭ ئىچىدە كۆيگەندىن تىشىدا كۆيگەن ياخشى ، پۇرسەت ئوبدانلا كەپتىغۇ مانا ، ياقسام پىشامۇ كۆمسەممۇ دەپ ئولتۇرماي ئۇ قىزنى ئىزدەپ كۆڭلىڭىزدىكىنى ئىيتىپ بىقىڭ ، بىر يىل ئىككى يىل ھەتتا بىر قانچە يىل ئۆتۈپ بوپتىغۇ ،
يوشۇرۇن سۆيگۈ بەك ئازاپلىق بولسا كىرەك !!!!!!!!!!!!!!!

ياشاش بىر قانۇنىيەت ، قانداق ياشاش بىر قابىلىيەت !
ھايات بىر چۈش ، تۇرمۇش ئۇنىڭغا بىرىلگەن تەبىر !

بۇدۇنيانىڭ قايغۇرغۇچىلىكى يوق

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78143
يازما سانى: 2834
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10496
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3267 سائەت
تىزىم: 2012-3-30
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-14 10:57:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىم@سىم يوللىغان ۋاقتى  2013-9-14 10:49 AM
قانداق قىز بالا ئۇ ، باشتا دوستلاردەك مۇئامىلە قىلىپ    ...

مەنمۇ شۇ يەرلىرىنى ئوقۇپ ئۇ قىزنى سەل ئەدەپسىز كۆردۈم .

ياشاش بىر قانۇنىيەت ، قانداق ياشاش بىر قابىلىيەت !
ھايات بىر چۈش ، تۇرمۇش ئۇنىڭغا بىرىلگەن تەبىر !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96863
يازما سانى: 256
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 882
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 503 سائەت
تىزىم: 2013-8-9
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-14 11:23:32 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق ساپ مۇھەببەتنى تاپماق تەس جۇمۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67489
يازما سانى: 1050
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4685
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 498 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-14 12:19:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىم@سىم يوللىغان ۋاقتى  2013-9-14 10:49 AM
قانداق قىز بالا ئۇ ، باشتا دوستلاردەك مۇئامىلە قىلىپ    ...

شۇ  چاغدا  ئۇنىڭ  بەك  شەخسىيەتچى  ئىكەنلىكىنى  بىلگەنتىم.

ئۆچمەس  ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87681
يازما سانى: 580
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 613
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 435 سائەت
تىزىم: 2012-11-24
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-14 12:52:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يوقال--    مۇشۇ گەپنى دېگەندە ئاڭلىغۇچىنىڭ قانچىلىك ئازاپلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقۇچى مەڭگۈ ھېس قىپ يىتەلمىسە كېرەك.  يوقال دېگەن گەپنى قىز يىگەتلەر بىر-بىرىگە دېمىگەن تۈزۈك.

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12410
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32471
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4469 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-14 01:08:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزىنىلا ئويلايدىغان، ئۆزىنى جاھاندا بىر چاغلايدىغان ،شەخسىيەتچى قىزلارنى ياخشى كۆرۈپ قالغان يىگىت ئازابتىن قۇتۇلالماي ئۆتىدۇ مېنىڭچە......

يازمىڭىزدا ئىچكى ھېسيات ياخشى ئىپادىلىنىپتۇ....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77233
يازما سانى: 234
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3577
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 88 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-14 01:26:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولىمۇ ياقتۇردۇم.ماڭا بىرخىل  تەسىر  قىلدى.تۇرۇپلا نۇرغۇن ئىشلا   خىيالىمغا  كەپ قالدى.

ئېھ ،گۈلۈم  ئاللاھ  سېنى ھەر جايدا ئامان قىلسۇن!.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67489
يازما سانى: 1050
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4685
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 498 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-14 01:28:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
musilina يوللىغان ۋاقتى  2013-9-14 01:08 PM
ئۆزىنىلا ئويلايدىغان، ئۆزىنى جاھاندا بىر چاغلايدىغان  ...

تۇنجى قىتىم  يىزىشىم  ئىدى  ،  سىلەگە  يارىغان  بولسا  مەنمۇ  رازى  ، ئەسلى  تەستىقلانماسمىكى  دەپ  ئويلىغانتىم ..

ئۆچمەس  ،
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش