خۇشاللىنارلىق ئىشكەن .مەڭگۈتاش تەكلىپى: 1- پايتەخىتتە رىقابەت كەسكىن ، ئىقتىساد چىڭ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەزكۇر شەھەردىكى تەشىقات ئىشلىرغا ئالاھىدە كۈچ سەرىپ قىلىش ۋە كوچىدا مىللىچە ناخشا-مۇزىكا ئورۇنداش قاتارلىق نەق مەيدان تەشۋىقاتنى قەرەلسىز قىلىپ تۇرۇش .
2-قارا جەمئىيەتنىڭ قولى كۆپ ،شۇنىڭ ئۈچۈن ئامانلىق ساقلىغۇچىلارنىڭ سەرخىللىرنى ئىشلىتىش ۋە ئامانلىق قۇشۇننىڭ جەڭگىۋارلىقنى ئاشۇرۇش زۆرۈر . مەزكۇر رايوندىكى ساقچىخانا ۋە ئامانلىق قوغداش ئورگانلىرى بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش .
3-ئىتبار بىرش پائالىيەتلىرنى دائىم قىلىپ تۇرۇش، ئەزالىق كارتىسى تەسىس قىلىش .
بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر سىتودىنىتلار خېلى كۆپ ، ئىستىمال سەۋىيەسى يۇقىرى بولسا ئاي-يىلدا بىر خېرىدار بۇلۇپ قالىدۇ ، ،شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر سىتودىنىتلارغا ئالاھىدە ئوقۇغۇچىلىق ئەزالىق كارتىسى بىجىرىلىپ باھادا 30-50% كىچە ئىتبار قىلىنسا،دائىملىق خېرىدار كۆپىدۇ ، خەلىق ئارسىدىكى ئىناۋەت يۇقرى بۇلىدۇ .
4- قۇربان ھېيىت ،رۇزا ھېيىت ،نۇۋرۇز بايرىمى قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنۋى بايراملاردا، نەغمە-ناۋا قىلىش ۋە باھادا ئىتبار قىلىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلسە ؛بىرىنچىدىن، مىللي تائام ۋە مىللي مەدەنىيتىمىزنى ئالەمگە تۇنۇتۇشقا تۆھپە قوشقىلى بۇلىدۇ. ئىككىنچىدىن، شەرەپ قۇچۇشقا ئاساس سالغىلى بۇلىدۇ .
5-سەنئەتكارلار ئالاھىدە شىنجاڭدىن تەكلىپ قىلنمىسمۇ ،بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر سىتودىنىتلاردىمۇ قابىللار كۆپ ، شۇلار ئىشلىتىلسە ؛بىرىنچىدىن سەنئەتكار تەكلىپ قىلشىقا سەرىپ قىلدىغان ئىقتىساد ئازىيدۇ . ئىككىنچىدىن ، ئۇيغۇر سىتودىنىتلىرمىز ئوقۇشىغا ئاز-تولا ياردەمدە بۇلىدۇ .بۇ ھال مىللي مائارىپىمىزنى قوللىغانلىقتۇر.
ئاخرىدا تىجارىتڭىلارنىڭ روناق تېپىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرمىز !
غەربي شىمال مىللەتلەر ئۈنۋېرىستىسىدىن مەڭگۈتاش
www.menggutash.cn
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا manggutash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-14 09:36 PM