سۇرىيە ئۇرۇشى ۋە «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى» ئاپتورى: يۈ شىيۈ (ئامېرىكا) تەرجىمىدە: نەپرەت 2009
ئېلكىتابىنى چۈشۈرۈۋېلىڭ
ئوباما سۇرىيەگە ھەربىي ئارىلىشىشقا تەييارلاندى، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدە كۈنسېرى گۇمان ۋەتالاش-تارتىشقا ئۇچرىدى، بولۇپمۇ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى چاڭگىلىدىكى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدىكى ئوڭ، سولچىل نۇرغۇن پارلامېنت ئەزالىرى قارشى بېلەت تاشلاشقاتەييارلاندى. بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ ئىچكى قىسىمى ۋە ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھەربىي ئەمەلدارلىرىمۇ قارشى سادالارنى چىقارغان. ئەمما ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ «خەلقئارالىق ئىناۋىتى»ئالاقىدار بولغانلىقتىن، CNNتېلېۋىزىيە تورىنىڭ سىياسىي ئوبزورچىسى فارىد زاكارىيا: پارلامېنت قارشى تۇرغانتەقدىردىمۇ، ئوبامانىڭ ئۇرۇش قىلىش قارارى ئوقياسىنىڭ كىرىچى تارتىلىپ بولدى،ئاتماي بولمايدۇ، دەپ قارىدى. زاكارىيانىڭ خارۋاردئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇستازى، «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشىنەزەرىيىسى» نىڭ ئاتىسى خانتىڭتوننىڭ:«ئىسلام قانلىق چېگرىغا ئىگە» دېگەن بىر جۈملە مەشھۇر سۆزى بار، يەنى ئىسلامدۇنياسى بىلەن باشقا مەدەنىيەتلەر ئارىسىدە ھەمىشە كېلىشتۈرگىلى بولمايدىغانزىددىيەت بولۇپ، مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشىنىڭ مۇھىم سەۋەبى بولۇپ قالدى. مىسىردىكى كەڭ كۆلەملىك قانلىق توقۇنۇش، سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇشى ھەمدە بۇ توقۇنۇشنىڭ خەلقئارالىشىشى قاتارلىق ۋەقەلەر خانتىڭتوننىڭ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان قانۇنىيىتىگە مۇھىم ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى: بىرىنچى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىچكى قانلىق توقۇنۇشى ئۆز چېگرىسىدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتتى؛ ئىككىنچى، غەرب مەدەنىيىتى ئاكتىپلىق بىلەن ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئىچكىتوقۇنۇشىغا ئارىلاشتى. مەن يېقىندا: سۇرىيە ئۇرۇشى ياۋروپا-ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە-سەئۇدى ئەرەبىستانى-ئەل قائىد تەشكىلاتى بىرلىكسەپ ئۇرۇشىنى نامايان قىلىپ بەردى دەپ كۆرسىتىپ ئۆتكەن ئىدىم، بۇ بىر غەلىتە مەدەنىيەت ھالقىغان ۋاقىتلىق ئىتتىپاق، ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە ئىسلام مەدەنىيىتىگەتەۋە ئەمەس. بۇ ۋاقىتلىق ئىتتىپاق يېقىندا كۈنسېرى روشەنلەشتى. 8-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى «ئىقتىسادشۇناسلار» ھەپتىلىكى ئاشكارا ئېتىراپ قىلىپ:«غەرب بىلەن ئەل قائىد تەشكىلاتى قانلىق ئۇرۇش قىلىپ 20 يىلدىن كېيىن، ئىككى رەقىب ئۆزلىرىنىڭ سۇرىيەدەئوخشاش بىر سەپتە تۇرۇپ ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقىنى تۇيۇقسىز بايقىدى، دېگەن ئىدى. «نيۇيوركۋاقىت گېزىتى» 9-ئاينىڭ 5-كۈنى مەخسۇس تېمىلىق خەۋەر قىلىپ:ئىسرائىلىيە ئوبامانىڭ سۇرىيەگە ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى ئەڭ ئاساسلىق قوللىغۇچى،دېگەن. «ئاتلانتىك ئوكيان» ئايلىق ژۇرنىلى ئاشكارىلاپ: جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىي كۈچلىرىنىڭ ئوبامانىڭ ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى قوللىشى ھەققىدە غايەت زور بېسىمغا دۇچ كەلدى، دېگەن. «ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى» كېررىينىڭ ئاشكارا ھالدا: سەئۇدى ئەرەبىستانى ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەگە ھۇجۇم قىلىشىنى قوللاپلا قالماي، ھەتتا ھەربىي ھەرىكەتنىڭ پۈتكۈل خىراجىتىنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالايدۇ، دەپ جاكارلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن يۇقىرىدا دېيىلگەن «بىرلىكسەپ لىنىيىسى»پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بەشار ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ خىمىيىلىك قورال ئىشلەتكەنلىكىنى «جازالاش» كېرەكلىكىنى تەشۋىق قىلدى، كۆپتۈردى. ئەمما بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر، ياۋروپا،ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بەشار ئەسەدنىڭ 8-ئايدىكى خىمىيىلىك قورال ھۇجۇمىغا مەسئۇل بولىشى كېرەكلىكى ھەققىدە يەنىلا پولاتتەك ئىسپات چىقىرالمىدى. «ۋال كوچىسى گېزىتى» 9-ئاينىڭ 7-كۈنى داڭلىق ئوڭچىل يازغۇچى پېگگي نۇنان (PeggyNoonan) نىڭ ئوبزورىنى ئېلان قىلىپ، رەزىللىكى ھەددى-ھېسابسىز سۇرىيە قوزغىلاڭچىلىرى ئېھتىمال «رەززىللىكتە خىمىيىلىك قورال ئىشلىتىشكە دەرىجىسىگە يەتكەن بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئىقتىدارى بارلىقىغا ئىشىنىش تەس» دېگەن. ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە ئىسلام ئىچكى ئۇرۇشىنى داۋاملىشىشىنى مەقسەت قىلغان نۇناننىڭ «قوزغىلاڭچىلارنىڭ خىمىيىلىك ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى بارلىقىغا ئىشىنىش تەس»دېگەن قارىشى ئەمەلىيەتتە ياۋروپا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەلۇم بىرلىككە كەلگەن سۆزىگە ۋەكىللىك قىلدى. بۇنداق «تۇتامسىز» دەلىلگە ئاساسەن كەڭ كۆلەملىك رايونلۇق ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن بولغان ھەربىي ھۇجۇمنى قوزغاشنىڭ كىشىنى قايىل قىلالىشى ھەقىقەتەن تەس. شۋېتسارىيە ئەدلىيە مىنىستىرى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ب د ت نىڭ يۇقىرىدەرىجىلىك ئەمەلدارى كارلا دېل پونتېنىڭ (CarlaDel Ponte) يېرىم يىل ئىلگىرىلا «كۈچلۈك كونكرېت گۇمان بار» دەپ ئاشكارا ئەيىبلىشى سۇرىيە قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ خىمىيىلىك قورال ئىشلەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئەڭ يېقىنقى خىمىيىلىك قورال ھۇجۇمى ئومۇميۈزلۈك ھالدا سارىن گازى دەپ قارالدى. بۇ دەل ئەينىيىلى ياپونىيە شوكو ئاساخارانىڭ «ئائۇم ھەقىقىتى دىنى» توكيو مېتروسىدا قويۇپ بەرگەن ئەجەللىك زەھەرلىك گاز بولۇپ، بۇنى ئەل ئىچىدىكى بىر بىدئەت تەشكىلاتنىڭمۇ ياساش ھەمدە قويۇپ بېرىش ئىقتىدارى بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» ئىلگىرى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سوققان ئالاقىدار چوتىنى نەقىل قىلىشىغا ئاساسلانغاندا، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇش قارارىنىڭ مۇددىئاسى ئەمەلىيەتتە سىر ئەمەس. مەن ئىلگىرى ئامېرىكا دۆلەت مەھكىمىسىنىڭ سابىق ئەمەلدارى ئوبامانىڭ «بىۋاسىتە ئارىلاشماسلىق» سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، سۇرىيەنى ئىراننىڭ ئادەم ۋە ماددىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز خورىتىدىغان «ۋېيتنام ئۇرۇشى پاتقىقى» غا ئايلاندۇرماقچى بولغانلىقىنى ئاشكارىلىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدىم. بىراق لىۋان ئاللاھ پارتىيىسى قوراللىق كۈچلىرى ئارىلاشقاندىن كېيىن، بەشار ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇش غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىنچىلىكىنىڭ ئېشىشى ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنى بىرلىكتە تەدبىر تۈزۈپ، سۇرىيە قوزغىلاڭچىلىرىنى ھەربىي جەھەتتە بىۋاسىتە قوللاش ئارقىلىق، ئىسلام مەدەنىيىتىدىكى بۇ ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى. شۇڭا ئامېرىكا مېدىيەلىرى ئاشكارىلىغان ئوبامانىڭ ھەربىي زەربە بېرىش پىلانى بەشار ئەسەد ھۆكۈمىتىنى ئاددىي ھالدا جازالاشتىن بولماستىن، بەلكى سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ جەڭگىۋارلىق كۈچىنى كۆرۈنەرلىك ئاجىزلىتىشتۇر. بۇ ئاق ساراينىڭ ھەربىي ئارىلىشىشىنىڭ ھەقىقىي مۇددىئاسىنى ئاشكارىلاپ بېرىپلا قالماستىن، ھەم ئۇرۇشنىڭ پۈتكۈل رايونغا كېڭىيىش خەۋپ-خەتىرىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردى. ئەرەب باھارى قوزغىغان سۇرىيە دېموكراتىك ھەرىكىتى بۈگۈنكى كۈندە سىرتقى كۈچلەر كونترول قىلىپ پايدىلىنىدىغان «ئىسلام مەدەنىيىتى ئىچكى ئۇرۇشى» غا ئايلىنىپ كەتتى، مىسىرنىڭ دېموكراتىيەگە قارشى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشى بىلەن بىرگە تارىخىي پاجىئە بولۇپ قالدى. ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق ئوبزورچىسى زەھەرخەندىلىك بىلەن: ئەرافات رەھبەرلىكىدىكى فاتاخ تەشكىلاتى «ئەزەلدىن كەتكۈزۈپ قويغان پۇرسەتنىڭ پۇرسىتىنى كەتكۈزۈپ قويمايدۇ» دېگەن ئىدى. ئەرەب باھارىنىڭ ئۆزگىرىشى كىشىنى بۇ توغرا ھۆكۈمنى پۈتكۈل سۈننىي مەزھىپىدىكى ئەرەب دۇنياسىغا قوللىنىشنى مەجبۇر قىلىدۇ. ئەمما ئوبامانىڭ ھەربىي ئارىلىشىش پىلانى ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدا ئومۇميۈزلۈك گۇمانغا ئۇچرىدى،بولۇپمۇ ئەنگلىيە پارلامېنتى چەتتە تۇرۇۋېلىشى يۈز يىلغا يېقىن ئامېرىكا-ئەنگلىيە «ئالاھىدە ئىتتىپاقداش» لىقىغا ئېغىر زەربە بېرىپلا قالماي، ھەم غەرب دۇنياسىنىڭ ئىسلام مەدەنىيىتىگە ئارىلىشىش ۋە كونترول قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زەئىپلەشكەنلىكىنى نامايان قىلىپ بەردى. ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل يېڭى ئەسىردىكى توپچى پاراخوت سىياسىتىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تەسىرى دەل ئىران ۋە باشقا ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ يادرو قوراللىنىشىنى تېزلەتتى. بۇ باشقا بىر تېما بولۇپ قالدى. مەنبە: ئوكيان تورى؛ ئاپتورى يۈ شىيۈ شىمالىي ئامېرىكىدا تەتقىقات بىلەن شوغۇللىنىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Naprat2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-13 08:09 PM
|