مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2058|ئىنكاس: 10

سېتىلغاندىن كېيىنكى نوكىيانىڭ تەقدىرى قانداق بولىدۇ ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بەزى ئىشلارغا مەڭگۈ ئامال يوق

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63
يازما سانى: 5200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24613
تۆھپە نۇمۇرى: 4424
توردا: 7291 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-13 06:02:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   سېتىلغاندىن كېيىنكى نوكىيانىڭ تەقدىرى قانداق بولىدۇ ؟

ئىلاۋە :
مەزكۇر تېما مەزمۇنى پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆز كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىك  قىلىدۇ



بەلكى ھەممىڭلارغا ئايان بولىشى مۇمكىن.مىكروسوفىت دۈشەنبە 3  مىلىيارت 790 مىلىيون ياۋرولۇق باھا بىلەن نوكىيا شىركىتىنىڭ يانفۇن كەسپىنى، ئۇنىڭدىن سىرىت 1مىلىيارت 650 مىلىيون ياۋرولۇق باھا بىلەن يانفۇن پاتنېت ھوقوقىنى سېتىۋالدى ! ئومومى سودا 5مىلىيارت440مىلىيون ياۋرولۇق باھا بىلەن پۈتتى. سودا ئاخىرلاشقاندىن كېيىن نوكىيانىڭ باش ئىش باشقۇرغۇچىسى، يەنى CEO بىلەن 320 مىڭ خىزمەتچى مىكروسوفىتقا قوشۇلىدىغان بولدى. بۇلارنىڭ ئارسىدا 4700 نەپەر فىنلاندىيە يەرلىك ئاھالىگە تەۋە خىزمەتچىمۇ بار. نوكىيانىڭ ئەڭ يۇقىرى ئىش  باشقۇرغۇچىسى بۇرۇن مىكروسوفىتنىڭ يۇقىرى دەرجىلىك باشقۇرغۇچى بولۇپ بۇرۇن ئىزچىل << گېيتىستىن كېيىنكى مىكروسوفىتنى باشقۇردىغان ئادەم >> دەپ قارىلىپ كېلىنگەن ئىدى. گەرچە نوكىيا ئۆزىنىڭ جان تومۇ كەسپى بولغان يانفۇن كەسپىنى مىكروسوفىتقا سېتىپ بەرگەن بولسىمۇ بىراق يەنە 2012-يىلدىن كېيىن شىركەت ئاساسلىق پايدىسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپىرەكىنى ئىگەللىگەن باشقا كەسىپلىرىدىن مەسىلەن نوكىيا خەرىتە ۋە HERE قاتارلىق كەسىپلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ دېيىلگەن. بۇ سودا تۆت قېتىملىق كېلىشىشتىن كېيىن ئاخىرى ئەمەلگە ئاشقان بولۇپ، مۇشۇنداق غايەت زور تەسىرگە ئىگە خەۋەر مەزكۇر مۇنبەردە پەيدا بولمىغىنى قىززىق ئىش بولدى ..مەزكۇر خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن نۇر قاتارلىق بىر قانچە خەۋەر بەتلىرىدىلا ئېلان قىلىنىپ ئۇيغۇر تور دۇنياسىدا ئۇزاق مەۋجۈت بولۇپ تۇرالمىدى..بەلكى تورداشلارنىڭ قىززىقماسلىق سەۋەبىدىن بولىشى مۇمكىن. بىراق مىنىڭچە بۇ ھەقىقەت كەلگۈسى يانفۇن دۇنياسىنى ئۆزگەرتىۋېتەلىشى مۇمكىن. ئۆزۈم بىر نوكىيا ھەۋەسكارى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەزكۈر تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن، ئەمدىكى مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم سېتىلغاندىن كېيىنكى نوكىيانىڭ تەغدىرى..بىز گەپنى نوكىيانىڭ شانلىق دەۋىرلىرىدىن باشلايلى...نوكىيا-1865يىلى قۇرۇلغان ناھايىتى كونا شىركەتلەرنىڭ بىرى . فىنلاندىيەدىكى روسىيە بىلەن چىگىرلىنىدىغان بىر كۆلنىڭ قېشىدا كىچىك زاۋۇت شەكىلدە قۇرۇلغان بولۇپ ياغاچ ۋە قەغەز ماتىرىياللىرى بىلەن ئىش باشلىغان.  1871-يىلىغا كەلگەندە قۇرغۇچى ئۆزىنىڭ دوستى  بىلەن بىرلىشىپ ئىككى زاۋۇتنىڭ قوشۇلىشى بىلەن تۇنجى بولۇپ (نوكىيا) ئىسمى بىلەن پاي چېكى بازارغا سېلىنغان،ئەنە شۇنىڭ بىلەن نوكىيا ئاتالغۇسى بارلىققا كەلگەن. -يىلغا كەلگەندە نوكىيا فىنلاندىيەدىكى كەسىپ ھالقىغان كۈچلۈك شىركەت بولۇپ شەكىللەنگەن بولۇپ ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى ئاساسلىق كەسىپلىرىدىن : ياغاچ ماتىرىياللىرى، قەغەز ماتىرىياللىرى،دورىگەرلىك قاتارلىق بولۇپ ھەتتا ھەربى سانائەتكىچە تارقىلىپ ئىنتايىن گۈللەنگەن.1960- يىلغا كەلگەندە شىركەتنى  ئۆتكىزىۋالغان Bjorn Westerlund تېلگىراف كەسپىنىڭ كىيىنكى تەرەققىياتىنى ،ھەمدە كەلگۈسىدىكى تېخنىكىلىق تەرەقىيانىڭ تېلگىراف بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكەن.شۇنىڭ بىلەن ئۇ شىركەتتە تۇنجى بولۇپ تېلگىراف تارمىقىدىن بىرنى قۇرغان،ھەم شىركەتنىڭ تەرەققىيات يۈنىلىشىنى تېلگىرافغا قاراتقان. ئەينى چاغدا مەزكۇر تارماق سىمسىز يەتكۈزۈش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ كەلگۈسى نوكىيانىڭ شانلىق سەھىپىسىگە يول ئېچىپ بەرگەن.1967-يىلىغا كەلگەندە ئەينى چاغدىكى تېلگىراف بۆلىمى خىزمەتچىسى 460 تىن ئاشقان چوڭ تارماققا ئايلانغان بولۇپ ساپ كىرىمى پۈتۈن شىركەتنىڭ %3 پىرسەنتىنى ئېگەللىگەن.شىركەتنىڭ كۈچى ھەم تەرەققىياتى يۈكسەكلىكىنى ئېتىراپ قىلىش ھەمدە تەغدىرلەش مۇناسىۋېتى بىلەن مەزكۇر شىركەت تۇرۇشلۇق كەنىت نوكىيا نامى بىلەن ئاتالغان.(مېنىڭچەھىچقانداق بىر شىركەت بۇنداق شەرەپكە ئېرىشكەن ئەمەسقۇ دەيمەن ھە ) 1967-يىلدىن 70-يىللارغىچە بولغان ئارلىقتا نوكىيانىڭ تېلگىراف كەسپى فىنلاندىيە تېلگىراف كەسپىنى بارا-بارا مونۇپۇل قىلىۋالغان،1982-يىلى نوكىيا ئۆزىنىڭ تۇنجى كۆچمە تېلفۇنى بولغان Senator نى ئىشلەپ بازارغا سالغان ! كىيىن ئىشلەپ چىقارغان كۆچمە تېلفۇنى  Talkman ئەينى چاغدىكى ئەڭ ئىلغار مەھسۇلات ھېساپلانغان. ھەمدە ئامىرىكا قىتئەسىگە ئېتىلغان تۇنجى (ئۇرۇش ئۇقى) بولغان!
  شۇنداق قىلىپ نوكىيا،تاكى 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىغا قەدەر بولغان ئارلىقتا يان تېلفۇن دۇنياسىنى ئاساسەن مونۇپۇل قىلىپ دۇنيادا ئۆزىنىڭ ھەيۋىسى بىلەن ھەممىگە تۇنۇلغان فىنلاندىيەدىكى بازار باھاسى 300 مىلىيارت 300 مىلىيون دوللارلىق <باھاسىز > شىركەتكە ئايلانغان ئىدى.. ھالا بۈگۈنچۇ.. گەرچە مىكروسوفىت بىلەن سودا مۇناسىۋەت ئورۇنتۇپ ھەممىنى ھەۋەستە قالدۇرغان بىلەن تاقىلىش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان پەيىتتە ئۆزىنىڭ شېرىكى تەرىپىدىن سېتىۋېلىندى..نوكىيانىڭ مەغلۇبىيىتىنى بىر قانچە نۇقتىدىن تەھلىل قىلىپ كۆرەيلى. 1. بارلىق قوشۇمچە كەسپىدىن ۋاز كېچىپ يان تېلفۇن كەسپىگە جاننى تىكىش. بۇ مىكروسوفىتنىڭ باش ئىش بىجىرگۈچىسىدىكى خاتالىق !
2. مىكروسوفىت سېستىمىسىغا جاننى تىكىپ ئومۇملاشقان ئاندىروئىت سېستىمىسىدىن ئۆزىنى ئېلىپ قېچىش. مىنىڭچە بۇ ئەڭ چوڭ خاتالىق، نىمە ئۈچۈن دىگەندە مەيلى سېستىما ئالاھىدىلىك جەھەتتىن بولسۇن ۋەياكى ئىستىمالچىلارنىڭ تاللاش مۇمكىنچىلىكى جەھەتتىن بولسۇن ئاندىروئىت شۇ چاغدىكى ۋەزىيەتكە نىسپەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا ئەڭ ياخشى تاللاش ئىدى، بىراق نوكىيانىڭ مەغرۇرلىقى ھەم جائىللىقى ھەمدە ئاتالمىش خاسلىقنى تاللاش پىرىنسىپى ئۇلارنىڭ بېشىغا چىققان ئىدى.ئەينى چاغدىكى شۇ قاتتىق دىتال ئارتۇقچىلىقى بىلەن ماركا ئارتۇقچىلىقى ئاندىروئىت سېستىمىسى بىلەن بىرلەشكەن بولسا بەلكىم نوكىيانى باشقىچە بىر خىل تەقدىر كۈتىۋالغان بولاتتى. بىراق نوكىيا بۇ يولدا ماڭمىدى..
   3. جەڭ تاكتىكىسىدىكى خاتالىق ! نىمىشقا بۇنداق دەيمىز دىگەندە مىنىڭچە ئەينى چاغدىكى نوكىيا ئالمىنىڭ مۇۋاپىقىيىتىدىن ئۆزگىچىلىك ئۆزلىرىنىڭ يېڭى قۇتقازغۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئويلاپ يۈرگەن چاغلىرىدا ۋىندوۋىس تېلفۇن سېستىمىسىدىكى كەمچىلىكنى كۆرۈپ يەتمىگەن ئىدى..بۇنى بىز ئاددى بىر دىئالوگدىن كۆرەيلى، خوش..
ئالىم : مەن ساڭا 100مىلىيارت بېرىمەن، ماڭا نوكىيانى سېتىپ ئېلىپ بەر.
ھەسەن : بىراق ئۇنىڭ بازار باھاسى بەك يۇقىرى،بۇ بولماسمىكىن..
ئالىم : ئەمسە قانداق قىلىش كىرەك ؟
ھەسەن : مىنىڭ بىر ئامالىم بار.
ئالىم : قانداق ئامال ؟
ھەسەن : بىز ئۇنىڭ سېتىۋالماقچى بولدىكەنمىز، چوقۇم ئۇنىڭ بازار باھاسى تۆۋەنلىشى، ياكى ۋەيران بولۇش باسقۇچىغا بېرىش كېرەك..نوكىيانىڭ مەشخۇلات سېستىمىسىنى ئۆزلىرى تەمىنلەيدىلا ئەمەسمۇ..شۇنىڭ ئۈچۈن بىز.....
ئالىم : ھە بولدى بىلدىم..
نوكىيانىڭ ھازىرقى يانفۇن كەسپى ئىش بىجىرگۈچىسى ، يەنى CEO سى مىكروسوفىتنىڭ يۇقىرى دەرجىلىك ئىش بىجىرگۈچىسى Stephen شۇ  !دىمەك ئەمدى مىكروسوفىت ئەمدى يانفۇن كەسپىگە قول تىقتى، نوكىيانىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتى قانداق بولىدۇ ؟ بۇ ھەققىدە مەن يەنىلا ھىچ نەرسىنى بىلمەيمەن، مۇنبەرداشلارنىڭ مۇشۇ ھەقتە مۇنازىرە قىلىپ بېقىشىنى، ھەمدە نوكىيانىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ھەققىدە بولغان قىياسلىرىنى مەزكۇر تېمىدا ھەمبەھىرلىنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن..

مەنبە : ئۆزۈم
2013-09-13 جۈمە


[ بۇ يازمىنى Zulpikar تەھرىرلىگەن ۋاقتى 2013-9-13 06:30 AM ]

[ بۇ يازمىنى Zulpikar تەھرىرلىگەن ۋاقتى 2013-9-13 06:34 AM ]


بەزى چاغلاردا بىلىدىغىنىڭ قانچە ئاز بولسا شۇنچە بەخىتلىك بولىسەن

ئۈمىدۋار بول،تەڭشىلىدىغان جاھا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6671
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8351
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 1479 سائەت
تىزىم: 2010-8-18
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-13 03:04:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ۋ

ۋىندوسقا ئېسىلىۋېلىىپ ئاخىرى راسلا ئېسىلىپ قالدى ،CEO سى گۇمانلىق جۇمۇ مۇشۇ ئىشتا،ۋىندوس نوكىيانى سېتىۋېلىشتىن بۇرۇنلا ئىجرائىيە ئەمەلدارىنى سېتىۋالغان بولۇشى مۇمكىن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   otqash405 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-13 03:07 PM  


بىدئەت پەقەت ئېتىقادىي ئەمەللەردە بولىدۇ

قانائەت--تۈگىمەس

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47173
يازما سانى: 470
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3760
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 3376 سائەت
تىزىم: 2011-7-8
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-13 03:21:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«چوڭ بېلىقنىڭ كىچىك بېلىقنى يېيىشى » سودا ساھەسىدىكى نورمال ھادىسىلەرغۇ دەيمەن ؟!


بارلىققا كېلىش --- تەرەققىي قىلىش --- يوقۇلۇش


بۇ بىر قانۇنىيەت..........................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19369
يازما سانى: 469
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8665
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1966 سائەت
تىزىم: 2010-11-28
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-13 05:01:44 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىكروسوفت  قارمىقىدىكى  نوكىيا ئەمدى  نوكىيا  بولۇپ  تۇرالىشىنىڭ  ئۈمىدى  ئاز  .   كىشىلەرگە   يانفۇننى يانفۇن  قىلىپ  تونۇتقان ماركا  ئىدى  .  مىكروسوفتنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ كەتكىنى يامان  بولدى  .  بۇرۇن قايسى بىر ماتىرىيالدىن  كۆچمە ئالاقە ئۈسكۈنىسى تىخنىكىسىغا ئائىت  پاتنىتنىڭ  يىرىمىنى نوكىيا ياراتقانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى كۆرگىنىم  ئىسىمدە  . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mercury تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-13 05:02 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95945
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 188
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 83 سائەت
تىزىم: 2013-7-15
ئاخىرقى: 2013-11-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-13 06:25:29 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ نوكيا ھەۋەسكارىتىم ئۇلار مەغرۇرلىنىپ قالدى

نۇرچى بىز ھىدايەتنى  قوللايمىز  قاراڭغۇلۇقتىن تىڭىرقاشتىن يورۇقلنى ۋە يول تىپىشنى تاللايمىز

رۇجەكتىن يىراقلارغا قارا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1716
يازما سانى: 1066
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14053
تۆھپە نۇمۇرى: 709
توردا: 516 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-13 07:21:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاجىزلار مەغلۇپ بولىدۇ ،كۈچلۈكلەر غەلبە قىلىدۇ ،بۇ قانۇنىيەت.

تۈنۈگۈنگە ئۆكۈنمە-بۈگۈننى چىڭ تۇت-ئەتىنى قەدىرلە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80802
يازما سانى: 607
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6052
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 801 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-13 07:49:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە  بولسا نىمە كارىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85349
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 43
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2012-9-23
ئاخىرقى: 2014-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-13 07:58:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نوكىيانىڭ CEO سى ئاۋۇ دىئالوگدىكى ھەسەن شۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1507
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6019
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1010 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-13 10:18:27 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەڭ مۇھىمى يېڭى يۈزلىنىشتىن ۋاز كەچتى بولمىسا سامسۇڭ ئاندروئىد خوجىسى بولالامتى؟

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96768
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1111
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 571 سائەت
تىزىم: 2013-8-6
ئاخىرقى: 2014-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-14 03:09:24 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نوكىيا ئەسلى سىمبىيان سىستىمىسىدىن ۋاز كەچمەي سىستىمىنى تىخىمۇ يىڭىلاپ ئاچقان بۇلسا بۇلاتتى
سىمبىيان سىستىمىسى كۇچمە ئالاقە سۇپىسىدىكى ئەڭ ياخشى سىستىما.
ئاخىرقى نەشىرى سىمبىيان بىللى نى كارامەت شاش لاھىيەلەپ قۇيۇپتىكەن كۇرۇنمە يۇزى بەك نۇچى ئىدى.
كۇنلەرنىڭ بىرىدا يانفۇن زاۋۇتى قۇرۇپ سىمبىيان سىستىمىسىنى ئۇزۇم تەرەققى قىلدۇرمەن .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش