 |
 |
 |
 |
ئالدىنقى رەت, ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆزىنىڭ ئالدىدا بىمالال ئولتۇرالامسىز؟ پىچىرلاش , ئۇششاق ھەرىكەتلەر دېگەنلەرنى يۇشۇرغىلى بولمايدۇ. بەزى, ئوقۇتقۇچىلار يادىلاش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى ئالدىنقى رەتتىن ( بىرىنجى رەتتىن ) باشلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭلاشقا, ئالدىدا ئولتۇرىدىغان ساۋاقداشلار دائىم بىرىنجى بۇلۇپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. كەينىدىكى ساۋاقداشلار ئۇلارنىڭ بۇنداق «كېيىنكىلەرگە بەخت يارىتىپ بېرىش» رولىدىن ئىنتايىن مىننەتدار بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە, ئالدىنقى رەتتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپۈنچىسى پاكارلار بولىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن, ئۇ ھالدا ئۇ چۇقۇم سىنىپ مۇدىرىنىڭ نۇقتىلىق تىزگىنلەش ئوبېكتى ھېسابلىنىدۇ…
ئوتتۇرىدىكى ئورۇنلار «توققۇزى تەل گۆھەر زېمىن» ھېسابلىنىدۇ . بۇ يەرگە نۇرغۇن ئۇزۇن قۇلاقلار يىغىلغان بۇلۇپ, ئۇلار ھەر تەرەپنى كۆرۈپ, ھەممە گەپنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ. ئۇلار ئارىسىدا پات – پات قىزغىن دولقۇنلار قوزغىلىپ, بىر نەرسىلەرنى ئالماشتۇرۇپ ئولتۇرىشىدۇ. پارتا ئاستىدىكى يەر ئاستى يولىدا دائىم بىرەر پارچە رەسىم, بولاق پىستە يۈرۈشۈپ تۇرىدۇ . ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مەلۇم بىر توپ ئوقۇغۇچىلار پات- پات قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ, پۈتۈن سىنىپتىكىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىدۇ. ئارقا تەرەپتىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكى 1.75 مېتىردىن ئېگىز بۇلۇپ, سىنىپنىڭ تەنتەربىيە چولپانلىرى كۆپرەك شۇلارنىڭ ئارىسىدىن چىقىدۇ. ئەمما خاتالىق ئۆتكۈزۈپ «سۈرگۈن» قىلىنغانلارمۇ بار. مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان ۋاقىتلىرىمدا بۇ خىل ئەھۋالىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن.
دېرىزە تۈۋىدىكى ئۇرۇنلار خۇددى «ئايرىم خانىلار» غا ئوخشايدۇ , دەرس تىڭشاپ ھېرىپ قالغاندا , تامغا يۆلىنىۋالسا بۇلىدۇ, بەك كۆڭۈللۈك . ئۇلار چىراغنىڭ ئۇز چاتىنى ۋە دېرىزىنى ئىگەللەپ تۇرىدۇ, ئەگەر چىشىغا تىگىپ قويسىڭىز, قەھىرىتان سوغوقتا بىر كۆزنەكنى ئېچىپ قۇيۇپ, تازا ئەدىپىڭىزنى بېرىدۇ .ئۇلار يەنە كۆزەتچىلىك «ۋەزىپىسى» نى ئۈستىگە ئالغان. دائىم ئۇلارنىڭ «ئوقۇتقۇچى كەلدى» دېگەن بىر ئېغىز گېپى بىلەن, ۋاراڭ- چۇرۇڭغا تولغان سىنىپ ئىچى بىردەمدىلا «يىڭنە چۈشسە ئاڭلانغۇدەك» جىمىپ كېتىدۇ, ئۇلارنىڭ رولى ھەقىقەتەن زور.
ئۇنداقتۇ سىزچۇ؟ ئالدىدا ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرەمتىڭىز ياكى كەينىدىمۇ؟
|
 |
 |
 |
 |
|