مىسرانىم ئەھلى يىڭىلتىماق ئېيتىشىپ باقايلى
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم مىسرانىمدىكى بارلىق دوسلار قېرىنداشلار...كەمىنە دېسنىدىن بارلىق قېرىنداشلارغا ئوتلۇق سالام!
تۇرۇپلا ئويلىنىپ قالدىم...تورنى خېلى ئارىلاپ باقتىم،مۇشۇ يىڭىلتىماق توغرۇلۇق ھېچقانداق بىر نەرسە تاپالمىدىم.شۇڭا بارلىق دوستلارنى مۇشۇ يەردە بىر يىڭىلتىماق ئېيتىشىپ باقايلىمىكى دەپ چاقىرىشىم...
يىڭىلتىماق __ تېز دىگەن ۋاقىتتا سۆزلەش تەسلىشىدىغان تىل ئاجىزلىشىپ قالىدىغان سۆز ياكى جۈملە دىگەندەك.
ئەمىسە كەمىنە سىلەرگە بىر قانچىنى يېزىپ بېرەي تېز-تېز دەپ ئېغىز ماھارىتىڭلارنى بىر سىناپ بىقىڭلار قېنى...
1.تام تۈۋىدە بىر تورغاي يورغىلىيالىغايمىشمۇ.
2.قىشتا ئۈزۈم پىشماسمىش پىشسىمۇ يىگىلى بولماسمىش.
3.توققۇز توكو توخو،توققۇز توقسان توكو توخو،توققۇزمىڭ توققۇزيۈز توقسان توققۇزنىڭ ھەممىسى توكو توخو.
4.ئۇ ساراي،بۇ ساراي.
5.ئايدىڭلاشتۇرالمايۋاتقانلىقىمدىنمىكىنتاڭ.
6.ئەر مالاي،ئايال مالاي.
7.كالتە قۇيرۇق ئالا كالا.
8.ئىشىكنىڭ تۈۋىدە بىر كۈپ تۇرۇپتۇ،كۈپنى تۈپ تۇتۇپ تۇرۇپتىمۇ ياكى كۈپنى تۈپ تۇتۇپ تۇرۇپتىمۇ.
9.بىزنىڭ ئۆيدە تۆت تاكچا،
تۆتىلىسى تاق تاكچا.
باشتىكى تاكچا چاك تاكچا،
چەتتىكى تاكچا چەت تاكچا.
10.شال ئاقلاش ماشىنىسى شال ئاقلاۋاتىدۇ.
11.تۆت كۆك ئىشەككە تۆت كۆك كۆكتاتقۇ.
دوستلار ئەمىسە ئۆزۈڭلار بىلىدىغان يىڭىلتىماقلارنى ئايىماستىن يوللاپ قوڭۇڭلار بىللە يىڭىلىپ باقىلى...ئۈستىدە يېزىلمىغان يىڭىلتىماقتىن بىرنى يازغانلارغا ئۈچ يۈز مۇنبەر پۇلى مۇكاپات.
مەنبەسى مانا مىنىڭ تاققا-تۇققا خىياللىرىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Desni تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-12 05:44 PM