NASA يېگى «قارا ئۆڭكۈر» دىن 10 نى تاپتى
بىلىمخۇمار
ناسا يېقىندا مەخسۇس كائىناتتىكى قارا ئۆڭكۈرلەرنى «ئوۋلاش» ئۈچۈن ياساپ ئالەم بوشلۇقىغا چىقارغان «NuSTAR» ناملىق ئېكس-نۇرى ئالەم تېلېسكوپىنى ئىشلىتىپ كائىناتتىكى بەزى بىر نىشانلارنى تېكشۈرىۋاتقاندا، كۈتۈلمىگەن يەردىن 10 دانە غايەت زور كۆلەملىك قارا ئۆڭكۈرنى تېپىۋالغان. ئوخشاش رايوننى ناسا نىڭ «Chandra» ۋە ياۋروپانىڭ «XMM-Newton» دەپ ئاتىلىدىغان ئېكس-نۇرى ئالەم تېلېسكوپلىرى بىلەن تېكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ 10 قارا ئۆڭكۈرنىڭ راستلىقىنى جەزىملەشتۈرگەن. بۇنداق تۆۋەن ئېنېرگىيىلىك نۇر بىلەن نامايان بولىدىغان قارا ئۆڭكۈرلەر ئەڭ دەسلەپتە 1962-يىلى بايقالغان بولۇپ، ئۇ چاغدا ئالىملار بۇنداق نۇرلارنىڭ نېدىن كېلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنەلمىگەن. ھازىر بولسا ئالىملار يۇقىرىقى يېڭى تىپلىق ئالەم تېلېسكوپلىرىنى ئىشلىتىپ، ئۇلارنىڭ كائىناتتىكى غايەت زور كۆلەملىك قارا ئۆڭكۈردىن كېلىۋاتقانلىقىنى جەزىملەشتۈرمەكتە. بۇ قېتىم بايقالغان قارا ئۆنكۈرنىڭ بەزىلىرى بىزنىڭ قۇياشنىڭ ماسسىسىدىن 17 مىليارد ھەسسە ئېغىر ئىكەن.
بۇ بايقاش نەتىجىسى ئامېرىكىدا چىقىدىغان «ئاسترونومىيە-فىزىكا ژورنىلى» (Astrophysical Journal) نىڭ 2013-يىلى 20-ئاۋغۇست سانىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ئىلمىي ماقالىنىڭ ئاساسلىق ئاپتورىNASA مەركىزى JPL دىن Daniel Stern ئىكەن.
1-رەسىم: بۇ قېتىم بايقالغان 10 قارا ئۆڭكۈرنىڭ كۆرىنىشى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئورنى يۇلغۇن-چېچىكى رەڭلىك ئىستىرىلكا بىلەن كۆرسىتىلگەن.
2-رەسىم: ناسا نىڭ «Spitzer» ئالەم تېلېسكوپى 10 يىلدىن بېرى سۈرەتكە ئېلىپ توپلىغان كائىنات رەسىملىرىنىڭ بىرلەشتۈرۈلگەن كۆرىنىشى.
پايدىلىنىش ماتېرىيالى:
http://www.cbsnews.com/8301-205_162-57602411/nasa-space-téléscope-discovers-10-monster-black-holes/
http://www.cbsnews.com/2300-205_162-10017985.html