يېتىلىۋاتقان ئەزا
قىينىئانام
يوغان قازان بېشىدا قىلار خىيال قىينىئانام , ئۈگۈتلەردىن قىزىغا تەلىم بېرەر قىينىئانام ، بىلىكىدە چوڭ ئۆينى مەھكەم تىرەر قىينىئانام ، مارافۇنچە ساپما كەش كىيىپ يۈرەر قىينىئانام، تۆت تال ئالتۇن چىشىدا ساغلام كۈلەر قىينىئانام ، پۇتىڭىزغا كۈچ بېرەر ، بالىلارنىڭ ئۆملىكى ، رىماتىزىم قىلمىسۇن بۇ تۇرمۇشنىڭ زەيلىكى ، بېشىڭىزغا يېيىلدى ،بىر ھويلىنىڭ كۈنلىكى ، ئەۋلادلارغا ئۇلانسۇن بۇ جەمەتنىڭ كىملىكى، چاچلىرىدا بىر ئەسىر سەھەر تۈنەر قىينىئانام . < ھازازۇل > غا جۆيلىدى ناباپ كېلىن تىلىدا ، ئۆي ئىشىنى تاشلىدى ،ياستۇق تېڭىپ بېلىغا ، تەييار ئاشنى ، نان – چاينى قانداق سالار گېلىغا ، ئۆكتەملىشىپ ، يامانلاپ مېڭىپ باقار نېرىغا ، بوسوغىدىن بويۇنداپ ئىشىك يۆلەر قىينىئانام . قىيىن ئىكەن تۇرمۇشنىڭ تۇز – تەمىنى تەڭشىمەك ، كىرىم- چىقىم ھېسابتا،مىقدارلارنى دەڭسىمەك، ماھارەتتە بەك قىيىن ،پارچە ئەينەك دەسسىمەك، بەزەنلىرى كۇسۇرلاپ دەيدۇ سىزنى < ئاقسۈڭەك > مىيىقىدا مىدىرلاپ سالقىن كۈلەر قىينىئانام . نەۋرىلەرگە ساقلىغان يەل يېمىشى نەم بولۇر ، ئايەملەردە ساقلىغان نەرسە ئۈچۈن غەم قىلۇر ، ھەسرەتلىرى قىزارغان دىلكىشىمىكىن تونۇر؟ چۆلدەرىسە ھويلىسى بىر نىمىسى كەم بولۇر ، ئانىسىغا چۈشىدە داستان سۆزلەر قىينىئانام . ئاشلاپ قويسا ساقىيار قوشنىلارنىڭ يارىسى ، سازلىنىدۇ ئۇدۇمدا بۇ تۇرمۇشنىڭ تارىسى ، يېپىشمايدۇ ئۇنىڭغا قارا دىلنىڭ قارىسى ، چۆچۈرىدەك نەۋرىلەر ئۇنىڭ يۈرەك پارىسى ، بولسا نەدە موھتاجلىق دەرھال ئۈنەر قىينىئانام. توي- تۆكۈندە ھۆرمەتلىك ئولتىرىدۇ تۆرىدە ، سىرغىپ تۇرغان ھېكمەت بار قىلغان ھەر بىر سۆزىدە ، پىلىلدايدۇ جاسارەت ،يىللار تامغان كۆزىدە ، ۋالىلدايدۇ نۇر – ئىمان ،مېھىر بالقىپ يۈزىدە ، بەرىكەتلىك بارماقتا بەخت بۆلەر قىينىئانام . توپلاملىرى پۈتۈكلۈك قانائەتنىڭ بابىدا ، پايپاقلىرى يىرتىلار پارچە پۇلنىڭ ھالىدا ، قىل ھېسابات كەم چىقماس ئۇ تاپشۇرغان سانىدا ، ئېخ، خاتىرجەم چاي ئىچەر مۇرەببىسى يانىدا ، سۆيگۈ ياماپ بىر ئۆمۈر قەرىز تۆلەر قىينىئانام . ئۆتنىلەرگە بېرىدۇ بەك ئىنچىكە ئېتىبار ، كېسەللەرگە، تۇغۇتقا ئۇ بىباھا غەمگۈزار ، مەھەللىنى، سائىلنى چۆچىكىدە سۇغىرار پىشمىسىمۇ پىلانى ئېتىكىدە ئاي تورار ، ساۋاتسىزلىق دەردىدە ساياق ھۆنەر قىينىئانام . كۈيئوغۇلنى تاك قىلماي سالار سۈزۈك ئىدىشقا ، شاھزادىدەك قەدىرلەپ بۇيرىمايدۇ بىر ئىشقا ، غەزنىسىنى تۆكىدۇ تاللاپ – تاللاپ ئېلىشقا ، مائارىپى يۈز نومور ،بولماس خاتا تىنىشقا ، قەسىدەمدە رىئاللىق چىقتىم كۈيلەپ قىينىئانام . زەمزەم ئاقار دىلىدا ،كېلىنلىرى ئۈمچەيسە ، ئاددىيلقتا پارقىرار ئۇ ئادەتتە نىم كىيسە ، كېپەك ئالتۇن چاپلىشار بۇ موماينى كىم سۆيسە ، قۇم ئېرىق بوپ ئاقارمىز ،قەبرىستانى زۈمچەيسە ، ئەۋلادلارغا قۇياشنى چىقار يۆلەپ قىينىئانام . <خورازلارنى بەختلىك> دىدى بىرسى پەش قىلىپ ، بۇ تەمسىلنى ئېيتماڭلار كۆڭۈللەرنى غەش قىلىپ ، نادان شۇنداق خارلايدۇ پۈتۈن ناننى بەش قىلىپ، مۇھاببەتنى يىغايلى خامانلارغا چەش قىلىپ ، تاقىر دىلدا تۆت قۇلاق بولوپ ئۈنەر قىينىئانام . ئاپتۇرى : ئا. مۇھەممەت باغۋەن
پاش قىلىش
ئاكتىپ ئەزا
يىـڭى ئــەزا
天z鹅 يوللىغان ۋاقتى 2013-9-12 06:05 PM Iكىلىن بولماق بەك تەسكەن ،مۇشۇ كۇنلەدە توي قىلغىنىمغى ...
باغراش كاككۇكى!!!
ئۈمىدلىك ئەزا
TOM -AND-JERRY
تىرىشچان ئەزا
ھايا ئىنساننىڭ ئ
چۈشەن يوللىغان ۋاقتى 2013-9-12 09:01 PM سەۋىر قىلىڭ قىرىندىشىم ،پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوت ...
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ