ئەرنىڭ دەردى
سائادەت ساتتار ئايتۇغ
يېقىندىن بېرى‹‹نىمىشقىمۇ دېھقان ياكى چارۋىچى بولۇپ قالمىغان بولغىيتىم؟››دېگەن سوئال پات-پات كاللامغا كىرىۋالىدىغان بولۇپ قالدى.نىمىشقا، دەپ ھەيران قېلىۋاتامسىز؟ راست،بىزدەك شەھەرلىكلەرگە،‹‹تۆمۈر تاۋاق››ى بارلارغا ھەۋىسى كېلىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس.ئۇلارنىڭ بەلكىم بىز ‹‹ئاق ياقىلىق››لارنىڭ ئېغىر جىسمانى ئەمگەك كۆرمىگەنلىك سەۋەبلىك ئاسان قېرىمايدىغان تۇرقىمىزغا،پېتىدىن كەتمەي،يىللاپ يېڭى پېتى تۇرىدىغان كاستىيۇم-بۇرۇلكىلىرىمىزغا،ئاپتاپ كۆرمەي سۈزۈلۈپ كەتكەن چىرايىمىزغا،ھەرئاينىڭ ئاخىرى قولىمىزغا تىگىدىغان مۇئاشىمىزغا ھەۋىسى كېلىدىغاندۇ... نەچچە قوينى باقسا بىر قوتان مال بولغۇدەك،بىر كۈچەتنى تىكىپ قويسا بىركۈنلەرگە كەلگەندە يوغان مىۋىلىك دەرەخكە ئايلانغۇدەك ۋاقىتنى سەرپ قىلىپ ئالى مەكتەپتە ئوقۇپتىمەن.بىرمۇنچە پۇل خەجلەپ،خىجالەتنىڭ دوقمۇشلىرىنى تولا ئەگىپ يۈرۈپ مىڭ تەسلىكتە ئارزۇيۇمدىكىدەك بولمىسىمۇ ھەرھالدا ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى زاۋۇتقا ئىشقا ئورۇنلىشىپتىمەن.ئەمدى‹‹ئۇھ››دەپ بولغۇچە تەڭتۈشلەرنىڭ ئالدى بالىلىق بولۇپ، كەينى بەس-بەستە توي قىلىشقىلى تۇردى.‹‹ئاتا-ئانام ھېلىمۇ بەك جاپايىمنى تارتتى،ئەمدى تويۇمنى بولسىمۇ ئۆزۈم ئىقتىساد قىلىپ ،پۇل يىغىپ قىلىۋالارمەن››دەپ ئاش ئورنىغا نان، چاي ئورنىغا قايناقسۇ ئىچىپ ئىقتىساد قىلغان پۇللار ئۇدۇللۇق ساۋاغداش-دوستلىرىمنىڭ ئۇزۇلمەس باردى،كەلدى،توي-تۈكۈنلىرىدىن ئاشمىدى.‹‹بالىنى ئوقۇتۇپ، خىزمەتكە چىقىرىۋالساق ھاردۇقىمىزمۇ چىقار، قولىمىزمۇ پۇل كۆرەر››دەپ ئۆزىگە تەسەللى بېرىپ، چىشىنى چىشلەپ بۇ كۈنلەرنى كۈتكەن ئاتا-ئانامدىن ‹‹ئايلىقىم يەتمەي قىينىلىپ قالدىم،ئاۋۇ ساۋاغدىشىمنىڭ، ماۋۇ دوستۇمنىڭ تويى ئىدى...››دەپ بېزىرىپ تۇرۇپ پۇل سورىغان ۋاقىتلىرىممۇ كۆپ. ئۇچامغا پۇزۇر كىيىۋالغىنىم بىلەن مەيدە يانچۇقۇمغا ئالى دەرىجىلىك تاماكىدىن بىر قاپ سېلىۋېلىپ، خۇمارىم تۇتقاندا ياتاققا بېكىنىۋېلىپ موخۇركا ئوراپ چىكەتتىم.ئۇرۇغ-تۇققان،دوست-بۇرادەرلەر‹‹بېشىمنى تېزرەك ئوڭشاپ قويۇش››غېمىگە چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ ھېلى ئۇ قىز، ھېلى بۇ قىزنى سايە قىلىشاتتى. كۆرۈشۈشكە ئورۇنلاشتۇراتتى.قىزلار بىلەن كۆرۈشكەندە بىر-بىرىگە قاراپ قۇرۇق ئولتۇرغىلى بولاتتىمۇ؟ تېشىمدا ھېيىت ئويناپ، ئىچىمدە روزا تۇتۇپ ھەپتىلىك تۇرمۇش پۇلۇمنى بىر ۋاق تاماققا خەجلىۋېتىپ نەچچە كۈنلەرگىچە سالپىيىپ يۈرگىنىم يۈرگەن.ئۇ قىزلارنىڭ بىرەرسىگە مەن ياقسام، بىرەرسى ماڭا ياقسا كاشكى...ياكى ئۇلارنىڭ مەقسىدى بىر ۋاق تاماقمىكىن تاڭ؟! خىزمەتكە چۈشۈپ ئۈچ يىلدىن كېيىن يەنىلا بىچارە ئاتا-ئانام غېمىمنى ئۆزلىرى قىلىپ، كۈزدە پاختا ۋە دەرەخلەرنى سېتىپ ئەلقاتارى تويۇمنى قىلىپ قويدى.ئايالىم چىرايلىق، مۇلايىم، چىقىشقاق، ئاقكۆڭۈل ئايال ئىدى. لېكىن ئۇ يېزىدا چوڭ بولغان،ئالى مەكتەپتە ئوقۇمىغان قىسقىسى-ئائىلە ئايالى ئىدى. مانا، بىر ئۆينىڭ يۈكى زىممەمگە ئارتىلىۋىدى،نەچچە يىلدىلا مۈكچىيىپ قالاي دىدىم. پۈتۈن سۈرۈك ئەركەك دېگەن يەنىلا چىدايدىغان،چوڭلارنىڭ،مەھەللە-كوينىڭ، بولۇپمۇ خوتۇن-بالىنىڭ ئالدىدا يەنىلا دەردتنى ئىچىگە يۈتۈپ، مەيدىنى تىك تۇتۇپ،ھېچكىمگە ھال ئېيتالماي‹‹ئاتتىن چۈشسىمۇ ئۈزەڭگىدىن چۈشمەي››ياشايدىغان گەپ ئىكەن. ئالغان مۇئاشىم ئۆي ئىجارىسى، سۇ-توك پۇلى،قاتناش-داۋالىنىش،بالىنىڭ لازىمەتلىكلىرى،تۈگىمەس قائىدە-يوسۇن،باردى-كەلدىلەر...بىلەنلا ‹‹ھالسىراپ››قالىدۇ.شۇنچە ئىقتىسادچانلىق بىلەن ئاددى-ساددا ياشىساقمۇ شۇنچە يىلدىن بېرى خىيالىمدىلا قېلىۋاتقان، ئاتا-ئانامنى تۇيۇقسىز ساياھەتكە ئاپىرىپ بىر خۇش قىلىۋېتىش ،ئايالىمغا بىرەر يۈرۈش زىبۇ-زىننەت ئېلىپ بېرىپ چىرايىنى گۈلدەك ئېچىلدۇرىۋېتىش،بالامنى ھايۋاناتلار باغچىسىغا ئاپىرىپ تازا بىر ئوينىتىپ قويۇش،ئائىلە بويىچە جەنۇپقا بېرىپ ئايلىنىپ كىلىش،ئاۋال ئازراق رەسمىيەت ھەققى تۆلەپ بانكا قەرزى قىلىپ بولسىمۇ بىرەر ئۆي سېتىۋېلىش،ئىشخانىدىكىلەرنىڭ تاپا ئارىلاش تەلىۋىگە بىنائەن‹‹ھايات››مۇزىكىلىق ئارامگاھىغا باشلاپ بىر مىھمان قىلىۋېتىش،تويۇمدا ئالغان، يەتتە يىلدىن بېرى ھەرقانداق سورۇنلاردا ئۇچامغا مەھكەم چاپلىشىپ كىلىۋاتقان كاستىيۇم-بۇرۇلكامنى ھازىرقى مودا بولمىسىمۇ ،داڭلىق ماركىلىق بولمىسىمۇ يېڭىسىغا ئالماشتۇرىۋېلىش،ۋەھاكازا...پىلانىم تېخى ئەمەلگە ئاشقىنى يوق. مانا كۈز كىلىپ قالدى. قىشلىق كۆمۈر،قۇربان ھېيتلىق قوي،ئوغلۇمنىڭ ئوقۇش پۇلى،قىزىمنىڭ يەسلى ھەققى،كۈزلۈك-قىشلىق كېيىم-كېچەكلەر...يەنە تېخى دۆلەت بايرىمىدىكى دەم ئېلىشتىلا تۆت دوستۇمنىڭ ئوغلىنىڭ خەتمە تويى،تۇغقانلاردىن ئىككىسى قىز چىقىرىپ بىرسى ئوغۇل ئۆيلىمەكچى... نىمىشقا‹‹دېھقان ياكى چارۋىچى بولۇپ قالمىغاندىمەن؟››دېگىنىمنى ئەمدى چۈشەنگەنسىز؟ دېھقان بولسام كۈزدە ئاز-تولا ھوسۇل ئالالايتىم،كۆمۈر ئالالماي قالساممۇ يېزا دېگەندە ياغاچ-تاش،ئوتۇن-چاۋا دېگەن كەممۇ؟لاي كېسەكتە سېلىنغان بولسىمۇ ئۆيۇم بولاتتى ھېچبولمىسا تەرى سۆرۈن ئۆي ئىگىسىنىڭ ‹‹ بۇ ئۆيدىن يوقال››دېگەندەك سەت ھۈرپىيىشلىرىدىن خالى بولاتتىم.قانچىلىك ئەجىر قىلسام شۇنچىلىك ھوسۇل ئالاتتىم.ھېچكىم مىنى‹‹ماۋۇ ۋەزىپىنى تاماملىماپسەن،دەم ئېلىش قېتىم سانىڭ ئېشىپ كېتىپتۇ، بۇ ئايلىق مۇكاپاتىڭ تۇتۇۋېلىندى››دەپ ئىگىلىپ تازىم قىلىشقا،بىچارىلەرچە يالۋۇرۇشقا مەجبۇر قىلماس ئىدى؟ئايالىممۇ ھەر بىر دوستىنىڭ ئۆيىدىن كەلسە خرىستال،كىرىسلو،ئاسما چىراق...غەلۋىسىنى قىلماي، بىرەر پارچە گېلەم ئالساق نەچچە يىلغۇچە سۆيۈنۈپ، سىلاپ ئۆتكەن بولاتتى.كاشكى، ئەرلەرمۇ ئاياللاردەك تۇتقان ئۆيى،كۆرگەن خۇۋلىقىنى باشقىلارنىڭكىگە سېلىشتۇرۇپ،ئۆينى بېشىغا كىيىپ تازا بىر ھاردۇقى چىققۇچە چاڭىلدىۋالالىسا، ئىچىم بوشىغۇدەك مىشىلداپ يىغلىۋالالىسا ھە؟!توغرا! دېھقان-چارۋىچى بولسام ھېچبولمىغاندا كەڭ تەبىئەتنىڭ ئۆزۈمگە تەئەللۇق بوشلۇقى بولغان بولاتتى،ئاشۇ كەڭ سەھرا،تىمتاس،پىنھان تاغلاردا ئاۋازىمنى بولىشىغىچە قويۇۋېتىپ‹‹ئەرنىڭمۇ دەردى بار››دەپ توۋلىيالىغان بولاتتىم ئەمەسمۇ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Aytugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-11 10:18 PM
|