مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3234|ئىنكاس: 58

ئوتتۇرا شەرق قارا چۈشىدىن ئويغىنىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 911
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 26533
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 7817 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

201381612954127787_8.jpg


ئوتتۇرا شەرق قارا چۈشىدىن ئويغىنىش
ئاپتورى: جاۋىر سولانا (ئىسپانىيە)
تەرجىمىدە: نەپرەت 2009

ئېلكىتابىنى چۈشۈرۈۋېلىڭ


ئوتتۇرا شەرق ئاخىرى چىقماس داۋالغۇش قاينىمىغا پېتىپ قالدى. سۇرىيەگە ھەربىي ئارىلىشىشنىڭ ئېھتىماللىقى ھەمدە ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشتىن بۇيان مىسىر ۋەزىيىتىنىڭ يامانلىشىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مەزكۇر رايوننى ھالاكەت گىردابىغا ئاپىرىپ قويدى. بۇنىڭدىن سىرت، گەرچە 6-ئايدىكى پرېزىدېنت سايلىمى ئىراننى سەل يېڭى تۈسكە كىرگۈزدى، ئەمما ئۇنىڭ يادرو قارا نىيىتىگە ئالاقىدار خەلقئارالىق سۆھبەتنىڭ ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىشى يەنىلا ناھايىتى تەس.
غەلىتە يېرى، ئامېرىكىنىڭ ئەنئەنىۋى ئوتتۇرا شەرق ئىتتىپاقداشلىرى (سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئىسرائىلىيە، تۈركىيە، مىسىر ۋە دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرى) ئوتتۇرا شەرقتىكى ئاچقۇچلۇق توقۇنۇشتا قارشى تۇرۇش مەيدانىدا تۇردى، بەزىدە ئاساسەن زىددىيەتلىك بولۇپ قالدى. لېكىن بۈگۈنكى بارلىق قىزىق نۇقتىلاردا، قوشنا ياكى ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەت تەشەببۇسى ئەھۋالنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتتى.
سەئۇدى ئەرەبىستانى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ مىسىردا ھوقۇق تۇتۇشى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىشىدىن ئەندىشە قىلدى، ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ دېموكراتىك ھالدا قانۇنلۇققا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرۈشنى خالىمىدى. شۇڭا، گەرچە مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئىسلام سىياسىي پارتىيىلىرىگە قارىغاندا تېخىمۇ مۆتىدىل بولسىمۇ، ئەمما مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىغا بولغان مەيدانى قاتتىق قول بولدى.
ئىسرائىلىيە ئىككى تەرەپتىن تەسىر كۆرسەتتى. ئالدى بىلەن، مىسىر سىياسىي ئۆزگىرىشى ۋە ھەربىي ھاكىمىيەتكە بولغان خەلقئارالىق ئېتىراپ قىلىنىشنى قوللاپ، سىناي يېرىم ئارىلىدىكى چېگرىسىنىڭ يەنىمۇ مۇقىم بولىشىغا كاپالەتلىك قىلدى ھەم شۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىككىنچىدىن، پەلەستىن بىلەن بولغان تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ ئىلگىرىلىشى مىسىر ۋە رايوندىكى باشقا دۆلەتلەر (مەسىلەن ئىران) دە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ يۈزلىنىشىگە باغلىق. ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى كېررىي تىنچلىق سۆھبىتىنى باشلاشقا زور سىياسىي دەسمايە سالدى، ئىسرائىلىيە ھەم بۇ نۇقتىدىن پايدىلانسا بولىدۇ.
بۇنىڭ بىلەن بىرگە، سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇشى پۈتكۈل رايوننى كېسىپ ئۆتكەن سۈننىي مەزھىپى-شىئە مەزھىپى زىددىيىتىگە ئوت ياقتى، مەسىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىران. ئەمەلىيەتتە، سەئۇدى ئەرەبىستانى گەرچە ئىسلام دىنىنىڭ مىسىردا سايلام غەلبىسىگە ئېرىشىشىگە قارشى تۇرسىمۇ، ئەمما ئىسلام دىنىنىڭ سۇرىيەدىكى قارشىلىق كۆرسىتىشىنى قوللىدى، بۇ پۈتۈنلەي ئىراننىڭ سۇرىيە پرېزىدېنتى بەشار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈندۇر.
مىسىر سىياسىي ئۆزگىرىشىنىڭ خاتالىق ئىكەنلىكى ئاللاقاچان ئىسپاتلاندى. ئارمىيە سابىق پرېزىدېنت مۇبارەك ئۆتكەن 30 يىلدا ماڭغان ھۆكۈمرانلىق يولىغا قايتىپ كەلمەكچى بولغاندەك قىلىدۇ، ھەتتا كىشىنى دەككە-دۈككىگە سالىدىغان بىخەتەرلىك تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. مۇبارەكمۇ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلدى.
مىسىر ئارمىيىسى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنى باستۇرۇشىنى دىنىي مەسىلە دېدى، يەنىلا ھوقۇق كۈرۈشى دېگىنى ياخشى. مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى مىسىردا ئارمىيەگە تەھدىت سالالايدىغان بىردىنبىر تەشكىللىك كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن ئارمىيە دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ تەھدىت، مورسىنىڭ ئاغدۇرۇلىشتىن بىر يىل ئىلگىرى پرېزىدېنت سايلىمىدا غەلبە قىلىشى بۇ نۇقتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
ئورنى بارلىق مەسىلىلەردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئىران يادرو پىلانى مەسىلىسى يەنىلا ھەل بولمىدى. بۇ ئېھتىمال ئۇنچە ئەجەبلىنەرلىك بولماسلىقى مۇمكىن، چۈنكى مەزكۇر رايوننىڭ ھەممە يېرى زوراۋانلىق ۋە داۋالغۇشقا تولغان. ئەمما، ئىران يېڭى پرېزىدېنتى روھانىي 8-ئايدا تەختكە چىققاندىن بۇيان، تۈزلا قىلىپ غەرب ۋەزىيەتنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچىدىغان يېتەرلىك ئۈمىدتە بولمىدى، دېدى.
بۇ بىر ئېغىر خاتالىق، چۈنكى ئىران بىلەن يادرو پىلانىغا ئالاقىدار سۆھبەتنىڭ ئىلگىرىلىشى مەزكۇر رايوندىكى باشقا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا پايدىلىق شارائىت يارىتىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، بۈگۈنكى كۈندە سۆھبەتكە ئىران پرېزىدېنت ئىشخانىسى مەسئۇل بولىدۇ، بۇ روھانىيغا تېخىمۇ چوڭ ھەرىكەت بوشلۇقى بەردى. يېڭىدىن تەيىنلەنگەن دېپلوماتىيە مىنىستىرى جاۋاد زارىف سۆھبەتكە قاتناشقۇچى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئارىسىدا ناھايىتى مەشھۇر شەخس ۋە ھۆرمەتكە ئىگە، ئۇ ھەر قانداق سۆھبەتتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
گەرچە ئېھتىيات قىلىش ھەممىدىن مۇھىم بولسىمۇ، ئەمما روھانىينىڭ سايلىنىشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيتىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئەگەر پۇرسەت دېرىزىسى ئېچىلسا، غەرب ئامالنىڭ بارىچە پايدىلىنىشى كېرەك.
گەرچە روھانىي بېلەت تاشلاشتىن بۇرۇن ئومۇميۈزلۈك سەل قارالغان بولسىمۇ، بىز ئۇنىڭ غەلبىسى كۈتمىگەن يەردىن چىقىپ تەخمىنەن %75 ئۈستۈنلۈك بىلەن قولغا كەلگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. روھانىي ئېنىق ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش پىلانى ئارقىلىق ئىران خەلقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، مەزكۇر پىلان ئىراننىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە قاتنىشىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەردى، شۇڭا ھەم يادرو سۆھبىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
روھانىي تەختكە چىققاندىن بۇيان ئىران ئاممىسىنىڭ تەلىپىگە تېز سۈرئەتتە ئىنكاس قايتۇردى. ئەزالىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئىسلاھاتى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋىتى مەيدانىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ شۇنچىلىك ئىچكى كابىنېت تەشكىللىيەلىشى كۆزەتكۈچىلەرنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇردى.
شۇڭا، ئىككى مۇھىم باسقۇچ تاماملاندى: بۇنىڭ بىرىنچى قەدىمى ئىران خەلقىدىن سالقىپ ئۆتۈش، ئۇلار ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن خىرىسنىڭ ئۆزلىرىگە ناھايىتى ئېنىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى؛ يەنە بىر قەدەم ئۇلارنىڭ يېڭى پرېزىدېنتىدىن ھالقىپ ئۆتۈش، ئۇ ئەڭ ياخشى ئەترەت تەشكىللەپ ئىنتايىن  مۈشكۈل ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى.
ئىراننىڭ بىر كۆز قارىشىمۇ خەلقئارا جەمئىيەتكە ماس كېلىدۇ، يەنى:«سەن ئۇخلاپ قالغان ئادەمنى ئويغىتالىشىڭ مۇمكىن، ئەمما ئۇخلىغان قىياپەتكە كىرىۋالغان ئادەمنى ئويغىتالىشىڭ مەڭگۈ مۇمكىن ئەمەس». ئىراننىڭ خەلقئارالىق سۆھبەتچى خادىملىرى روھانىينىڭ سايلىنىشىنى تەلەي سىناش ئەمەس بەلكى بىر خىل تاللاش قىلامدۇ يوق.
مۇجمەلىككە تولغان ئوتتۇرا شەرقتە، قارا نىيىتى خەلقئارالىق قانۇن يول قويغان دائىرىدىن ھالقىپ كەتكەن بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىدىكى شىئە مەزھىپى ھەرىكىتى ئەمەس، بەلكى خۇددى رايونلۇق چوڭ دۆلەتلەرگە ئوخشاش، كەلگۈسىنى تېخىمۇ ئالدىن كۆرگىلى بولىدىغان ئىران بارلىق كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.
مەنبە: ئوكيان تورى؛ ئاپتورى جاۋىر سولانا ئىسپانىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى، ش ئا ئە ت نىڭ باش كاتىپى بولغان، ياۋروپا ئىتتىپاقى دېپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى. ئۇ نۆۋەتتە ESADE مەركىزىنىڭ يەر شارى ئىقتىساد ۋە جۇغراپىيىۋى سىياسەت مۇدىرى، ئامېرىكا برۇكىڭس جەمئىيىتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Naprat2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-11 08:05 PM  


باغراش كاككۇكى!!!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 3176
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 15226
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 964 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەرجىملىرىڭىزگە تەشەككۈر . ھارمىغايسىز .

سۆيۇشلەرنى كۈتۈپ يۈرۈپ ، كۈتۈشلەرنى سۆيۈپ قالدىم. .باغراش كاككۇكى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96863
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 329
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 103 سائەت
تىزىم: 2013-8-9
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ سىياسەت مەسىلىلىرىگە بىرنىمە دىمەك تەس جۇمۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95690
يازما سانى: 177
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 483
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 94 سائەت
تىزىم: 2013-6-3
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەرجىمىڭىزگە رەخمەت .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95802
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 77
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2013-6-5
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاھاننىڭ ئىشلىرنى بىلىپ بولگىلى بولمايدۇ ھە؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97368
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 30
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2013-8-29
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ ئەرەپ دۆلەتلىرىدىكى مالىمانچىلىق قاچانمۇ ئاخىرلىشا بەشىر دىگەن زۇڭتۇڭ تەخىتتىن چۈشسە نىمە بولماقچى كۈلىدىغانلار كۈلىدۇ، يىغلايدىغانلار يىغلايدۇ شۇ . ئەمما بارلىق دەرت-ئەلەم پۇخرالارغا بولىدۇ ۋاي ئىسىت .ئىتتىپا قسىزلىق، مەزھەپۋازلىق ،يۇرتۋازلىق قىلغاننىڭ ئاقىۋىتى شۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97368
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 30
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2013-8-29
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنىڭ بىلەن بىرگە، سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇشى پۈتكۈل رايوننى كېسىپ ئۆتكەن سۈننىي مەزھىپى-شىئە مەزھىپى زىددىيىتىگە ئوت ياقتى، مەسىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىران. ئەمەلىيەتتە، سەئۇدى ئەرەبىستانى گەرچە ئىسلام دىنىنىڭ مىسىردا سايلام غەلبىسىگە ئېرىشىشىگە قارشى تۇرسىمۇ، ئەمما ئىسلام دىنىنىڭ سۇرىيەدىكى قارشىلىق كۆرسىتىشىنى قوللىدى، بۇ پۈتۈنلەي ئىراننىڭ سۇرىيە پرېزىدېنتى بەشار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈندۇر.
سەئۇدى ھۆكۈمىتىتى بىر يۇمىلاق تاۋۇز ئاللا ئىنساپ بارسۇن . ئۇلار ئاغزىدا دەپ ئەمىلىيەتتە قىلمايدىكەن
ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   باشبۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-11 10:06 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95500
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 77
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2013-5-30
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئۇرۇش تېزراق بولسا بىزگە پايدىسى بولسا بۇلۇدۇكى زىيىنى بۇلمايدۇ،،،،،تۈركىيەگىمۇ پايدىسى چوڭ،،،،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1291
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4046
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 462 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋۇ مۇلاھىزە خېلى جانلىق تۇرىدۇ.

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95891
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 564
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2013-7-13
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭچە بۇ ئۇرۇشنىڭ بولغىنى ياخشى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش