مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1191|ئىنكاس: 12

شىنجاڭ غۇلجا تۈنجى نۆۋەتلىك خەتتاتلىق سەنئىتى كۆرگەزمىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95074
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 552
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2013-4-19
ئاخىرقى: 2015-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 07:24:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىنجاڭ · غۇلجا تۇنجى نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەت  خەتتاتلىق سەنئىتى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى.
      
      يېقىندا غۇلجا شەھرى 2- نۆۋەتلىك مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى ئۆتكۈزۈش مۇناسىۋىتى بىلەن  « شىنجاڭ · غۇلجا تۇنجى نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەت  خەتتاتلىق سەنئىتى كۆرگەزمىسى» نى شىنجاڭ ھەرەمباغ سودا چەكلىك شىركىتى ئىلى تارماق شىركىتىنىڭ «ئىلى سەنەم باغچىسى» مەركىزىدە ئۆتكۈزدى. غۇلجا شەھرىدىكى 2 مىڭغا يېقىن ھەر مىللەت ئاممىسى بۇ مول مەزمۇنلۇق، يوقۇرى سەۋىيىدە يېزىلغان، سۈپەتلىك نادىر خەتتاتلىق ئەسەرلىرىدىن بەھىر ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى ، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە ئارقىلىق ئىلىدىكى خەتتاتلارنىڭمۇ بىر قېتىملىق كەسپىي جەھەتتىكى ساۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئاساس تۇرغۇزۇلدى.              
       جۇڭگو خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ھەمدە جۇڭگو خەتتاتلار جەمئىيىتى تەھرىرلىك ، نەشىر قىلىش كومىتىتىنىڭ ھەيئىتى، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخ مەدەنىيەت تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، ئاپتونۇم رايونلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك سەنئەت ئۇستازى خەتتات - نىياز كېرىم شەرىقى. جۇڭگو خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونۇم رايونلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى-قاينام جاپپار. ئاپتونۇم رايونلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتىدىن ئەزا تۇرسۇن قۇربان قاتارلىقلار ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
         كۆرگەزمىگە ئاپتونۇم رايونىمىز تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق 60 قا يېقىن خەتتاتنىڭ 120 پارچىغا يېقىن تاللانغان خەتتاتلىق ئەسىرى قويۇلدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەت خەتتاتلىق كۆرگەزمىسى ، خەتتاتلىق ئەسەرلىرى توغرىسىدا مەخسۇس مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش ۋە قەلەم ماھارىتى مۇھاكىمىسى قىلىش قاتارلىق ئۈچ خىل شەكىلدە ئېلىپ بېرىلدى. كۆرگەزمىنى شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، شەھەرلىك خەتتاتلار جەمئىيىتى باش بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەتتاتلارجەمئىيىتى، ئىلى ئوبلاستلىق خەتتاتلارجەمئىيىتى شۇنداقلا شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسى ھەمكارلىشىپ، شىنجاڭ ھەرەمباغ سودا چەكلىك شىركىتى ئىلى تارماق شىركىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان.
    بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك تۆت يۈرۈش رەھبەرلىك كوللېكتىۋىدىكى رەھبەرلەر كۆرۈپ ناھايىتى يوقۇرى باھا بەردى.
       1 -كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن










  












  









               2- كۆرگەزمە پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر.






  









  














  
















        3-خەتتاتلىق مۇھاكىمە پائالىيەتلىرىدىن كۆرۈنۈشلەر
  



















  



















          4- قەلەم ماھارىتى يىغىنىدىن كۆرۈنۈشلەر
  




  




  




  



















  
























        5 - كۆرگەزمىگە قويۇلغان خەتتاتلىق ئەسەرلىرى
  




  
























  









  









  














  













































  
























       6- پائالىيەت جەريانىدىكى  قىممەتلىك مىنۇتلاردىن ئەستىلىك .
  






































            خاتىمە : بۇ قېتىمقى شەھرى 2- نۆۋەتلىك مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى ئۆتكۈزۈش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن  « شىنجاڭ · غۇلجا تۇنجى نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەت  خەتتاتلىق سەنئىتى كۆرگەزمىسى» نى ئاپتونۇم رايونلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ، ئىلى ئوبلاستلىق خەتتاتلار جەمئىىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ،غۇلجا شەھەرلىك خەتتاتلار جەمئىىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئىلىدىكى تونۇلغان ياش خەتتات، ئابدۇراھمان ئابلىمىت باشتىن -ئاخىرى تەشكىللەش ، ئويۇشتۇرۇش جەھەتتىكى  كەسپى خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولۇپ باشتىن ئاخىرى كۆرگەزمىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك ئېچىلىشىغا كۆپ ئەجىر سىڭدۈردى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ciao تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-11 07:30 PM  


eqilix murasim 11.jpg
eqilix murasim 10.jpg
eqilix murasim 09.jpg
eqilix murasim 08.jpg
eqilix murasim 07.jpg
eqilix murasim 06.jpg
eqilix murasim 05.jpg
eqilix murasim 04.jpg
eqilix murasim 03.jpg
eqilix murasim 02.jpg
eqilix murasim 01.jpg
asar 11.jpg
asar 10.jpg
asar 09.jpg
asar 08.jpg
asar 07.jpg
asar 06.jpg
asar 05.jpg
asar 04.jpg
asar 03.jpg
asar 02.jpg
asar 01.jpg

سىزمۇ كۈلۈڭ!!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18699
يازما سانى: 926
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2716
تۆھپە نۇمۇرى: 452
توردا: 2035 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 11:15:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ خەتتاتلىققا بەك ھەۋەس قىلىمەن،شۇنداق ياخشى يېزىلغان خەتلەرنى كۆرسەم ئىنچىكىلەپ قاراپ ،شۇ خەتنى يازغۇچىنىڭ ھەربىر ھەرپلىرىنى يېزىش جەريانىدا قانداق قەلەم تەۋرەتكەن  قەلەم تۇتقان ھەرىكەتلىرى ،ئۇسۇلى ،سىمالىرى كۆزئالدىمدا ئەكىس ئېتىدۇ.(پەرەز قىلىمەن ،ئەمما مەن نەق مەيداندا كۆرمىگەن)

مۇھەببەت ۋە تىنچلىق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86718
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1052
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 280 سائەت
تىزىم: 2012-11-2
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-12 10:46:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چىرايلىق يېزىلغان خەتكە قارىسام يۈرىكىم توختاپ قالدىمىكىن دەپ ئويلايمەن . مەن يىغىپ ساقلىغان (كومپيوتېر)ھۆسىنخەت ئەسەرلىرى1000پارچىغا يېقىن ، سىلەرگە لازىم بولسا تەڭ بەھرىلىنەيلى . چ چ 384205014

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68147
يازما سانى: 517
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4309
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 235 سائەت
تىزىم: 2011-12-2
ئاخىرقى: 2014-8-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-12 12:09:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بەك قالتىس ئىش ، بالدۇراق ئۇققان بولساق نەق مەيدانغا بېرىپ كۆرۈپ كېلەتتىمكەن، بۇ رەسىملەرنى كۆرۈپ بەك ھاياجانلاندىم ھەم ئۆزەمنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى رەسىم-ھۆسىنخەت ئوقۇتقۇچۇم ئەنۋەر مۇئەللىممۇ بار ئىكەن ئەمەسمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە، شۇ ۋاقىتلاردا رەسىم ۋە ھۆسنخەتكە قاتتىق ئىشتىياق باغلاپ ئۆگەنگەنىدىم، شۇڭا ھازىرمۇ قاتتىق ھەۋىسىم بار...تولىمۇ ھاياجانلاندىم..

ئاق شەمشەر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37170
يازما سانى: 202
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4199
تۆھپە نۇمۇرى: 145
توردا: 2741 سائەت
تىزىم: 2011-4-10
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-12 02:52:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى پائالىيەت بوپتۇ.  تولىمۇ  خۇرسەن  بولدۇم.

ئىلىم ئۇگۇنىش شەرەپ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37230
يازما سانى: 771
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6750
تۆھپە نۇمۇرى: 655
توردا: 1081 سائەت
تىزىم: 2011-4-11
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-12 07:56:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى بوپتۇ بۇ پائالىيەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرغانلىقى . مۇبارەك بولسۇن ،.

بىر ئانا ئون پەرزەنتىنى باقالايدۇ. بىراق ئون پەرزەنت بىر ئاتا-ئانىنى باقال

نەزەرىدىن جامالىدىن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6393
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10804
تۆھپە نۇمۇرى: 486
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2010-8-15
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-12 10:01:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ ئېسىل پائاليەت بوپتۇ   . . .  ئۇيغۇر يىزىقى نېمىدىگەن گۈزەل . . .  ھەي ئانا تىلىم ، سەن نېمىدېگەن يىقىملىق . . .   ھەي ئانا يىزىقىم ، سەن نېمىدېگەن گۈزەل . . .  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73736
يازما سانى: 479
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5016
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 882 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-12 10:10:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇبارەك بولسۇن ، مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنىڭ كۆپىرەك ئۆتكۈزۈلىشىگە تىلەكداشمەن ،

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2365
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7505
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7732 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-12 10:34:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ پائالىيەتنىڭ ئۇتۇغلۇق بولغانلىغىنى تەبرىكلەيمەن.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75070
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 9739
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 601 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-12 11:39:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بوپتۇ. پائالىيەتنى تەشكىللىگەن، ئېسىل ئەسەرلىرى بىلەن پائالىيەتنى رەڭدارلىققا ئىگە قىلغان ئەزىزلەرگە كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈر.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش