|
|
|
|
قايرىلىپ قاراپ قويدۇم...
قىياق
خوشلىشىش پەيتىدە نېمىلەرنى ئويلىغىنىڭنى بىلمەيمەن، بىراق كۆزلىرىڭدىن جۇدالىقنىڭ ئۇچقۇنلىرىنى كۆردۈم. بىر نەرسە دېيىشگە تەمشىلىۋاتقان لەۋلىرىڭ بوشقىنا ئۈمچىيىپ قالغان ئىدى. سەن ھامان ماڭا روبىرو ئولتۇراتتىڭ. مەن كەتمەكچى، يەنە كېلىپ سەندىن ئايرىلىپ، يىراقلارغا كەتمەكچى ئىدىم. كەتمە دېگۈڭ بارلىقىنى بىلىمەن، ئامما گېپىڭگە كىرمەيدىغىنىمغى سەنمۇ بىلىسەن. شۇڭا كۆڭلۈڭدىكىنى ماڭا دېيىشكە پېتىنالمايۋاتلىقىڭمۇ ماڭا قاراڭغۇ ئەمەس. گەپلىرىڭنى دېيىشكە پۇرسەت بەرسەم ھىجران يارامنى تاتىلىتىۋالىمەن، ئاندىن ئاران تەستە چىقارغان قارارىم باھاردىكى چېچەكلەردەك توزۇپ كېتىدۇ. ئىستىقبال ئۈچۈن باسقان بۇ قەدەم سۆيگۈمىزنىڭ خاتىمىسى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ رىشتىنى چىڭىتىدىغان ياكى ئۈزۈدىغان بىر سىناق. مەن شۇنى خالىدىم، ئەگەر بۇمەزگىللىك سىناقنى باشتىن كەچۈرسەك، بىز بەلكىم پىشىپ يېتىلىشىمىز مۇمكىن. ئەڭ مۇھىمى مەن يىراق يوللارغا نەزەر تاشلاپ، شۇ تەرەپكە قەدەم ئېلىپ بولدۇم. ئەگەر خالىساڭ، مەن سېنىڭ يۈرىكىڭنى ۋە سۆيگۈڭنى بىرگە ئېلىپ كېتىپ، غېرىپلىق باسقان كۈنلىرىمگە تەسەللىي قىلماقچى ئىدىم...
بىلىمەن، ئۇزىتىش شۇ قەدەر تەس. سەنمۇ بىلىشىڭ كېرەك، ئۇزىتىلىشنىڭ نەقەدەر قىيىن بولىدىغانلىقىنى. يۈرەكتىكى ئىزتىراپنى يۇشۇرغان بىلەن، كۆزلەردىكى ياش ۋە يۈزلەردىكى مۇڭنى يۇشۇرۇپ قالغىلى بولمايدۇ. ئامال بار كۈلۈپ تۇرىمىز، ئەمما، يۈرەكلەر ئاللىقاچان يار ئېلىپ بولغان... جۇدۇن سوققان ياپراقتەك تىترەۋاتقىنى يالغۇز تىنىمىزلا ئەمەس، ساڭا خوش ئېيتىپ پولاڭلاۋاتقان پەقەت قولۇملا ئەمەس، ماڭا خوش دەپ مەيۈس بېقىۋاتقان كۆزلىرىڭدە ئۈمۈدسىزلىك شولىسى يالتىراپ تۇرغانلىقىنى يۇشۇرىمەن دەپ ئاۋارە بولما... چۈنكى، مەن كۆڭۈل بەتلىرىڭگە پۈتكەن مۇھەببەت سىرلىرىڭنى ئاللىقاچان بىلىپ بولغان، كۆزلىرىڭدىن ئوقۇپ بولغان...
خوش دىيىشكە قىيماي مۇڭسىراپ، يىغلامسىراپ قالغىنىمنى بىلمەسكە سېلىشىڭ كېرەك ئىدى، لېكىن سىنچى كۆزلىرىڭ ئوۋچىنىڭ بۈركۈتىدەك ھېسلىرىم كەينىدىن چېپىپلا يۈردى، بۇ دەقىق ئىنكارىمنىڭ ئىرادىسى سۇسلاپ بېرىۋاتاتتى. قانداقلا قىلسام ئۆزۈمدىن قاچالمايمەن، نېمىلا بولسا سەن ھامان مېنىڭ يۈرەك قېنىمدا، جانۇ - جېنىمدا...
ئاخىرقى دەقىقە... يەنە نەچچە قەدەم ماڭساملا ئىككىمىزنىڭ ئارىسى، پەقەت ئىككىمىزنىڭلا ئارىسى ئاستا - ئاستا يىراقلاپ بارىدۇ. ئەممە يۈرەكلەر ئارىسى يەنىلا يېقىن پېتى قېلىۋىرىدۇ. ناۋادا، كېتىۋېتىپ كەينىمگە بۇرۇلۇپ قاراپ قويسام، مەن ئۈنسىز ھالدا سەندىن يۈرەك سورايمەن، ئەگەر مەن كېتىۋاتقاندا سەن ئىسمىمنى ئاتاپ مېنى چاقىرىپ قالساڭ، مەن سوراشتىن بۇرۇن يۈرىكىڭنى ماڭا مەڭگۈلۈككە بەرگەن بولىسەن. شۇنداق بولۇپ قالسا دۇنيادا مەندىنمۇ بەخىتلىك بىرەرسى بولماس بەلكىم، لېكىن ئۇزۇن مەزگىللىك كۈتۈشلەرگە دۇچار بولىسەن. يەنە بەلكىم ئىسمىمنى چاقىرماي قالارسەن، قانداقلا بولمىسۇن مان ساڭا قايرىلىپ قارايمەن، يۈرىكىڭنى بىرەمسەن-بەرمەمسەن بۇ سېنىڭ ئاركىنلىكىڭ...
ئىسمىمنى ئۇنتۇپ قالما، ھەم شۇنىمۇ ئېسىڭدە تۇت، ھېلىتىنلا ، مانا ھېلىتىنلا خىيالىمدا ساڭا قايرىلىپ قاراپ قويدۇم... مەن يىراقلارغا كېتىمەن، بەلكىم يۈرىكىڭنى ئېلىپ ياكى ھەسرەت يۇتۇپ...
مەنبە؛ئەلكىن مۇنبىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gvlshat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-11 04:52 PM
|
|
|
|
|
|