مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5036|ئىنكاس: 37

سىزنى كېلىن قىلماقچى ئىدىم... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96946
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 372
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2013-8-13
ئاخىرقى: 2013-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 04:39:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قىز كۆرۈش


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 h5 n$ S7 ]: L4 ~$ D0 l

37_9685_072ebcdf6adf990.jpg

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 c) I3 `! M) n& ]1 I

سىزنى كېلىن قىلماقچى ئىدىم...


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 N/ f; \5 n: m) d, L

رەھىمە شامەنسۇرۇۋا (ئۆزبىكىستان)


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ x+ i5 ]- @  n$ P

ئۆزبىكچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى؛ ئەزىزى

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ P) U- S- j2 S2 s

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( W3 G4 A1 \" c

_ كىيىمى يالىڭاچنىڭ پىكرى يالىڭاچ، يۈزى بىھايانىڭ ئاغزى بىھايا. ھازىرقى قىزلىرىمىزنىڭ كۆرۈنۈشى گۈزەلدەك كۆرۈنگىنى بىلەن ئىچكى دۇنياسى مەجرۇھ!

بۇ سۆزنى دېگەن كىشى ئەينەككە قاراپ ئولتۇراتتى، چامىمدا بۇ گەپ ئارقىلىق مۇرەككەپ پىكىرلىرىنى يەكۈنلىدى بولغاي.

  ئاپتوبۇسقا چىققىنىمدا، ئارقىدىكى ئورۇندۇقتا ئۈچ قىز ئەتراپىدا ئۆزلىرىدىن باشقا ھېچكىم يوقتەك، ئاپتوبۇسنى باشلىرىغا كىيگۈدەك بولۇپ توختىماي گەپلىشىپ ئولتۇراتتى. ئالدىنقى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان ئاياللار ۋە مويسىپىت كىشى بەزىدە كەينىگە قايرىلىپ، بەزىدە شوپۇرنىڭ ئالدىدىكى ئەينەكتىن قىزلارغا نارازى قاراپ قوياتتى، قىزلار بۇنى سەزسىمۇ پەرۋا قىلماي ئوتۇراتتى. بىرىنىڭ يوپكىسى ئولتۇرغاندا يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، ئەدەبسىز كېرىلگەن پۇتلىرى ئارىسىدىن يالىڭاچ يوتىسىلا ئەمەس، ئىچ كىيىملىرى ھەم بىمالال كۆرۈنۈپ قالغان ئىدى. ئىككىنچىسىنىڭ ئىككى يېنى ئېگىز قىيىلغان كۆينىكىنىڭ ئالدى ئېتىكى تىزلىرى ئارىسىغا چۈشۈپ، ئاپئاق يوتىسى ئېچىلىپ قالغان ئىدى. ئۈچىنچىسى ھەرھالدا شىم كىيگەن ئىكەن، بىراق ئۇمۇ پۇتلىرىنى مىنگەشتۈرۈپ، ئالدىنقى ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىنى شوپۇر رادىئوسىدىن ئاڭلىنىۋاتقان مۇزىكا ئاھاڭىغا ماس تېپىپ ئولتۇراتتى.

قىزلار ئاخىرقى بىكەتتە ھەم چۈشمىدى. ئۇلارنىڭ قىلىقلىرىغا شوپۇرنىڭ تاقىتى قالمىدى بولغاي، ئۇلارغا مۇراجىئەت قىلدى:

_ قىزلار، قەيەردە چۈشىسىلەر؟

_ ئاقتېپەدە!- جاۋاب بەردى ئۇلارنىڭ بىرى چېرايىنى سۈزۈپ.

ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن «ساڭا نېمە بولدى؟!» دېگەن سوئال چىقىپ تۇراتتى.

_ ھازىر ئۆتۈپ كەتتۇققۇ، نېمىشقا چۈشۈپ قالمىدىڭلار؟

_ يول كىراسىنى ئالغاندىن كېيىن نېمە ئىشىڭ بار؟ ئالدىڭغا قاراپ مېڭىۋەرمەمسەن. بۇ يېنى قىيىلغان كۆينەك كىيگەن قىز ئىدى. ئۇ بۇ سۆزنى چىرايىنى پۈرۈپ، ئەينەككە قاراپ ئېيتتى.

شوپۇرنىڭ غەزەبلەنگىنى كۆرۈنۈپ تۇراتتى، ئەمما گەپ قىلمىدى....

قىزلارنىڭ ئاتىسى دېمەتلىك بۇ ئادەم ئىچىدىكى زەردابىنى كۆكرىكىگە جەملەپ سىرتقا قاراپ تۈكۈردى....

_ ھەي، بالام، توختات ماشىناڭنى! چۈشۈرۈۋەت بۇ يۈزسىزلەرنى! - بۇ مويسىپىت كىشىنىڭ سۆزلىرى ئىدى، _ ياشلارنى كۆرگەندە دىلىڭ يايراپ قالاتتى، بۇلار بولسا ئاپتوبۇسنىڭ ھاۋاسىنى بۇزدى! پەدەرى لەنەتلەر...

_ ھازىر چۈشىمىز، كېيىن سىزگە ئوخشىغان ئەزمىلەردىن تۆت سائەت دەرس ئالىمىز...

مويسىپىت كىشى تىترەپ كەتتى.

ئاپتوبۇس كېيىنكى بىكەتكە يېقىنلاشقاندا قىزلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، خۇددى كىيىملىرىنى كۆز-كۆز قىلىۋاتقان مودىللار كەبى مېڭىپ، ئالدى ئىشىككە يېقىنلاشتى.

_ مانا بۇ ئاياللار ھەم بىز بىلەن ئوخشاش، يول ھەققىنى تولۇق ئېلىڭ ئۇلاردىن،- دېدى ئۇلارنىڭ بىرى شوپۇرغا ئالدىدا ئولتۇرغان ئاياللارنى كۆرسىتىپ، شۇ چاغدا يارغا قاراپ جىم كېلىۋاتقان ئاياللارنىڭ بىرى:

_ سىزنى كېلىن قىلماڭچى ئىدىم... تۈنۈگۈن ئۆيىڭىزگە ئەلچىلىككە بېرىپ، ئانىڭىز بىلەن تونۇشتۇق. بۈگۈن ئوغلۇمدىن قەيەردە ئوقۇيدىغانلىقىڭىزنى بىلىپ، كوچىدا، ئوقۇشتا قانداقتۇر، ئوغلۇم خاتالاشمىغاندۇ، دەپ ئارقىڭىزدىن كۆزىتىپ كەلگەن ئىدىم... - دېدى،ئۈمۈتسىزلەنگەن ھالدا.

_ ۋاي، زىبا، شۇنداق كۆرۈمسىز ئاياللارغا كېلىن بولامسەن؟ - دېدى ئۇزۇن ئەمما ئىككى تەرىپى ئېگىز قىيىلغان كۆينەك كىيگەن قىز، شىم كىيگەن قىزنىڭ يەلكىسىنى تۈرتۈپ ئۆزىچە كۈلۈپ.

ئاپتوبۇس توختىشى بىلەن قىزلار سەكرەپ چۈشۈپ كېتىشتى.

_ زىبا، قېيناناڭغا «بەي بەي» دە!

_ بولدى قىل، - شىم كىيگەن قىز ئايالنىڭ سۆزىدىن تاشتەك قاتقان ئىدى.

_ ۋاي، سىزنى خۇدا بىر ئاسرىدى! ھازىرقى قىزلار بەكلا ئۆزگىرىپ كەتتى. كوچىدا كۆزەتسەڭ ئۆزۈڭ تۇققان قىزنى ھەم تونۇمايسەن! شۇلارنىڭ بىرى ئۆيىڭىزگە كېلىن بولۇپ قالسا بارمۇ؟ زىبا ئەمەس، ئاپەت ئۇ، ئاپەت! - ئىككىنچى ئايال بوش سۆزلىگەن بولسىمۇ ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ھەممە ئاڭلاپ تۇراتتى.

قىزلارنىڭ ئىككىسى ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ، مەكتەپ تامان ئالدىراپ كېتىشتى، پەقەت ئابايام ئايال گەپ قىلغان شىملىق قىزلا ئاپتوبۇستىن چۈشكەن يېرىگە مىخلاپ قويغاندەك، دۇستلىرىنىڭ كەينىدىن يۈرۈشىنى ياكى ئاپتوبۇسقا چىقىپ ئاياللارغا بىرنېمىلەرنى دېيىشىنى بىلەلمەي قېتىپ تۇرۇپ قالغان ئىدى. ئۇ كۆزىنى يەردىن ئۈزمەيتتى، دوستلىرى ئۇنىڭ قالغانلىقىنى بايقىمىدى.

ئەنە شۇ تىمتاسلىقتا مويسىپىتنىڭ رەنجىگەن سۆزلىرى ئاڭلاندى:

_ كىيىمى يالىڭاچنىڭ پىكرى يالىڭاچ، يۈزى بىھايانىڭ ئاغزى بىھايا. ھازىرقى قىزلىرىمىزنىڭ كۆرۈنۈشى گۈزەلدەك كۆرۈنگىنى بىلەن ئىچكى دۇنياسى مەجرۇھ!

ئارىغا ئېغىر سۈكۈنات چۈشتى. ئادىتى بويىچە ئاپتوبۇس ئاخىرقى بېكەتتە بىرئاز تۇردى-دە، ئاندىن قوزغالدى. ئاپتوبۇس بۇرىلىۋاتقاندا ئايال ئاستا ئارقىغا قارىدى. قىز ھامان جايىدا قېتىپ تۇراتتى... ئۇ تېخى ياش ئىدى... ئۇنىڭ جايىدا قېتىپ قالغىنى، ياشلىقى دىلىمغا ئۈمىد بېرىپ، ئىختىيارسىز ئۇنىڭ قۇلىقىغا ئاستا شىۋىرلىغىم كەلدى: ئاھ قىزىم، مانا بۇ ھاياتتا بىرىنجى زەربىنى ھەم يېدىڭىز... ئىلاھىم بۇ ئاخىرقىسى بولسۇن، بۇ ئاساسەن ئۆزىڭىزگە باغلىق.

سىز ھازىر شۇنداق ياشتىكى، ھەممە نەرسىگە تېز بېرىلىسىز. ھازىر كىيىمىڭىز تۈپەيلى ئېغىر گەپلەرنى ئاڭلىدىڭىز، ئىھتىمال، بۇ كىيىمنى سىز بىلمەستىن دۇستلىرىڭىزغا ئەگىشىپ كىيگەندۇرسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بېرىلگەن باھا ھەم ئومۇمىي بولدى. ھازىر شۇنداق ياشتىسىزكى، ئەينەك ئالدىدا ئۇزاق-ئۇزاق تۇرۇپ قالىسىز. ئۆيدە ھېچكىم بولمىغان پەيتلەردە ئەينەككە ئۈمۈدۋار تىكىلىپ، گاھ ئوڭغا بۇرۇلىسىز، گاھ سولغا... قېنى ئەمدى ئەينەككە جان كىرسە، ئۆز تىلى بىلەن سىزگە باھا بېرىپ «نەقەدەر گۈزەلسەن! نەقەدەر چېرايلىقسەن» دېسە، بۇنى ئەينەكتىن ئاڭلىمىسىڭىزمۇ، كوچا-كويدا باشقىلارنىڭ ئارقىڭىزدىن قاراپ قېلىشقانلىرىنى سېزىسىز. بۇ گەپنى ھېچكىم تىلى بىلەن ئېيتمىغان بولسىمۇ، كۆزلىرىدىكى چوغنى سېزىپ تۇرىسىز. بۇ سىزەە قۇۋەت بېرىدۇ، كۈلكىڭىز جىلغىلار ئاھاڭىنى ئالىدۇ. كىشىلەر ئىچىدە شائىر تەبىئەتلىكلىرى كۆپ بولىدۇ. شۇلار تىلىدىن بۇ سۈپەتنى ئوچۇق-ئاشكارا ئاڭلىغىنىڭىزدا ھەم مەغرۇرلىنىپ كەتمەڭ.

چىرايدا كەم قىلمىغان ئايرىم تەڭداشلىرىڭىزنىڭ ئۆز ھۆسنىنى كۆز-كۆز قىلىشى، بايىقىدەك ھايسىز كىيىنىپ، ئەخلاقىنى ھەم شۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىشى، ئۆزىڭىز شاھىدى بولغاندەك، ئەتراپتىكىلەرنىڭ ئۆچلىكىنى كەلتۈرىدۇ. شۇنداق قىلسام گۈزەل ھەم زامانىۋى كۆرۈنىمەن، دەپ گۈل يۈزىڭىزنى يەرگە قارىتىدىغان ئىش قىلماڭ. ھەربىر ئايال قىزنىڭ ئۆزىچە چىرايلىقلىقىغا ئۆزىڭىز ھەم كۆپ ئۆتمەي ئىشەنچ ھاسىل قىلىسىز. قىزلارنى كۆپىنچە گۈلگە قىياس قىلىشىدۇ. ھەربىر گۈلنىڭ ئۆز گۈزەللىكى بولۇشۇنى ئۇنتۇماڭ، قىزىم.

لېكىن سىز ھامان ئەينەك ئالدىدىن كەتمەيۋاتىسىز. بۇنىڭ سەۋەبى بەلكى كىيگەن كىيىمىڭىزنىڭ ئۆزىڭىزگە ياراشقان ياكى ياراشمىغىنىنى بىلمەكچىدۇرسىز؟ ئەمدى چوڭ قىز بولۇپ قالدىڭىز. ئەينەككە تىكىلىشتىن مەقسەت پەقەت قەددى-قامەت، قاشۇ كۆز، قول-پۇتنى كۆرۈش ئەمەسلىكىنى سىز ئەمدى ياخشى بىلىسىز. كېيىنىشتە ھەم ئۆز جەزبىڭىز، ئۆز يولىڭىز، ئۆز ئۇسۇلىڭىزنى تاللايدىغان دەۋرگە قەدەم قويغىنىڭىزنى ھېس قىلدىڭىز. كىيىنىشتە ھەم «يول»، «ئۇسلۇب» بولۇشى سىزنى بىرئاز چۆچۈتتىمۇ؟

ئاددىيراق قىلىپ ئېيتساق، قايسى كىيىملەردە ئۆزىڭىزنى ئەركىن ھېس قىلدىڭىز؟ قايسى لىباسلىرىڭىزدا يۈرگىنىڭىزدە، يۇقىرىدا ئېيتقىنىمدەك، ئارقىڭىزدىن چوڭلار مېھىر بىلەن، بايىقى ئاياللارغا ئوخشىغانلار كېلىن قىلىش ھەۋىسى بىلەن، يىگىتلەر مەپتۇن بولۇپ، تەڭداشلىرىڭىزنىڭ ھەۋەس بىلەن قاراپ قېلىشىۋاتقانلىقىنى سەزدىڭىز؟ ھەممە كىيىملىرىڭوىزدە ياىشى يۈرۈۋاتقان، ھەممە ۋاقىت ھەم مەمنۇن قارىشىۋاتقىنىنى سەزگەن بولسىڭىز كىيىملىرىڭىز قۇت بولسۇن، كىيىۋېرىڭ! دېمەك سىز ئۆز«يول»،«ئۇسلۇب»ىڭىزنى تاپتىڭىز، سىز توغرا يولدا سىز.

ئايرىم قىزلارغا ئوخشاش، باشتىلا بىلىپ بىلمەي مودا كەينىدىن قارىغۇلارچە قوغلىشىپ كېتىش ياخشى ئەمەس. مودا ئاسماندىن چۈشمەيدۇ. مودىغا ئەگىشىش ھاجەت ئەمەس، مودا ھەر دەۋرنىڭ ئىچكى تەلىپىگە ئاساسەن كەشىپ قىلىنىدۇ. يەنە بىر نەرسىگە دىققەت قىلىڭ: مودىغا قارىغۇلارچە بېرىلىش خېلى دۆلەتمەن ئاياللارنى ھەم خانىۋەيران قىلىشى مۇمكىن. لېكىن ئاشۇ ئايالنىڭ زەرىچە بولسىمۇ ئۆزلىكىنى نامايان قىلمايدۇ. ھەيران بولماڭ، كىيىم ھەم كىشىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئاشكارلايدىغان ئەڭ ئېنىق ۋاستە ھېسابلىنىدۇ. ئۆزىڭىز بۈگۈن ئاپتوبۇستا بۇنىڭ شاھىدى بولدىڭىز. دوستلىرىڭىزنىڭ يېرىم يالىڭاچ كىينگىنى سەۋەبلىك، سىز ھەم ئازار يېدىڭىز. مەسىلەن تەقدىرىڭىزگە تاقالغاچ، مانا نادامەت بىلەن قېتىپ تۇرۇپسىز. ئىچىڭىزدە بەلكى خاتاغا يول قويغىنىڭىزغا پۇشايمان قىلغاندۇرسىز. بەلكى«مودا»بولۇش، «زامانىۋى»بولۇش ئەسلا يېرىم يالىڭاچ كىيىنىش ئەمەسلىكىنى بۈگۈن چۈشەنگەندۇرسىز. ئىلاھىم شۇنداق بولسۇن.

سىزنىڭ يېشىڭىزدىكىلەر كۆپىنچە يەنە بىر خاتاغا يول قويىدۇ. ئۇلار كىيىم ئالغاندا ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە يارىشىش-ياراشماسلىقىغا ئەمەس،قايسى مەشھۇر شىركەتنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىگە قاراپ ئېلىشىدۇ. يەنە شۇ شىركەتنىڭ بەلگىسى كىيىمنىڭ ئەڭ كۆرۈنىدىغان يىرىدە بولۇشى كېرەك! كىيىمنىڭ قولايلىقى، ئۇنىڭ قايسى يەرلەردە ۋە قاچان كىيىلىشى ھەققىدە مۇتلەق ئويلاشمايدۇ. ھالبۇكى سىز كىيىمدە ئۆزىڭىزنى قولاي سىزىۋاتقان بولسىڭىز، ئۇ سىزەە يارىشىپ تۇرغان بولسا ۋە ئۇنى جايىدا كىيەەن بولسىڭىزلا باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىسىز. بۇ سىز! سىزنىڭ جەزبىڭىز، سىزنىڭ ئۇسلۇبىڭىز، سىزنى ھېچكىم بىلەن تەڭ قىلمايدۇ.

ئۆز كىيىنىش ئۇسلۇبىڭىزنى تاللاش جەريانىدا ئۆز قەددى-قامىتىڭىز، بويىڭىز، تەن تۈزۈلۈشىڭىز بىلەن ھېسابلىشىشقا توغرا كېلىدۇ. ھېچكىم سىزنىڭ بەدەن تۈزۈلۈشىڭىزنى، ئايرىم ئەزالىرىڭىزنىڭ ئۆزىگە خاسلىقىنى ئۆزىڭىزدەك ياىشى بىلمەيدۇ. خاسلىقنى زىنھار نۇقسان دەپ چۈشەنمەڭ ۋە بۇندىن ئىزتىراپ چەكمەڭ. كىيىم ئالغاندا شۇلارنى ئىناۋەتكە ئالسىڭىز، ئىشىنىڭ، سىزدىن چىرايلىق قىز بولمايدۇ.

باشقىلاردىن قالماسلىققا ئىنتىلىشىڭىز ۋاقىتلىق، ئەلۋەتتە. بولۇپمۇ، كىيىنىش مەسىلىسىدە ئۆزىڭىزگە تەلەپچان بولۇشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى ئائىلىدە سىز يالغۇز ئەمەسسىز. ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ھەم سىزنىڭ «ھەممىدىن قالماسلىق» تەلىپىڭىزنى بەجا كەلتۈرۈش ئىمكانى بارمۇ-يوقمۇ، بۇنى ھەم ئىناۋەتكە ئېلىشىڭىز كېرەك. ئۇلارنىڭ ھەممە ئېيتقانلىرىڭىزنى بەجا قىلمايۋاتقانلىقلىرىنىڭ باشقا سەۋەبلىرى ھەم يوق ئەمەستۇر.

ھازىر سىز شۇنداق ياشتىسىزكى، ئاتا-ئانىڭىز سىزنىڭ ياسىنىشقا چەكسىز ئىخلاس قىلىشىڭىزدىن، كىيىنىشكە ئارتۇقچە بېرىلىپ كېتىشىڭىزدىن، بۇلاردىن ئاقىۋەتتە بۈگۈنكىدەك ھالەتلەرگە ئېلىپ كېلىپ، كېيىنكى ھاياتىڭىزغا ئۆز ئىزىنى سېلىشى مۇمكىنلىقىدىن ھەم قورقىدۇ. باشقىلارغا «زامانىۋىي» كۆرۈنۈش ئۈچۈن مودا ۋە ياسىنىشقا بېرىلىشنىڭ يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىشىنى ئۇلار ياخشى بىلىشىدۇ.

ھالىڭىز، ئۆزىڭىز ۋە ئىمكانىيىتىڭىزگە قاراپ كىيىنىپ يۈرسىڭىز، باشقىلارنىڭ مېھرىگە ئېرىشكەن، قەدرىڭىزنى ساقلىغان بولىسىز. ئۇلارنىڭ ئاساسىي مەقسىتى قىزلارنىڭ ئەس-ھوشى جايىدا بولۇپ يېتىلىشىنى كۆرۈش. ئەس-ھوشى جايىدىلىقنىڭ بىرىنجى ئالامىتى ئۆز خىسلىتىدىن ئايرىلماسلىق، ئىمكانى يېتىدىغان كىيىمگە قانائەتلىنىش، كىيىملىرىنى ئازادە، پاكىز ساقلاش، كىيىملەرنى يارىشىملىق بولۇشىنى تاللاشنى بىلىشتۇر.

  سىزھازىر شۇنداق ياشتىسىزكى، مودىلار ھەققىدە ئەمەس، كۆپراق ئانىڭىزنىڭ گېپىگە كىرىپ، ئۆزىڭزىنى رەتلىك تۇتۇش، چاچ ۋە بەدىنىڭىزنى ئازادە ساقلاش ھەققىدە ئويلىشىڭىز كېرەك. چۈنكى كىشىنىڭ ئۆز ئۇسلۇبىغا ئېرىشىشى سىز ئويلىغاندەك تېز بولمايدۇ. بىر-ئىككى كىيىم كىشى ئۆزىنى نامايەن قىلالمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەم خېلى يىللار كېرەك، ئوقۇش، ئۆگىنىش، ئىزدىنىش كېرەك. كىشى ئاۋال ئۆزىگە نىسبەتەن تەلەپچان بولۇشى كېرەك. سىزنىڭ يېشىڭىزدا بىراۋ ئېيتقان نۇقسان ۋە كەمچىلىكلەر كۆڭلىڭىزگە ئېغىر كېلىدۇ. ياخشىسى بۇلارنى ئۆزىڭىز بىلگىنىڭىز، ئۆزىڭىز، ئۆز ئىرادىڭىز بىلەن تۈزەتكىنىڭىز ياخشى.

ئۆزىڭىزگە خاس جەزىبە، ئۇسلۇبلارغا كەلسەك،ئۇلار بالاغەتنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىدا ئەلۋەتتە كېلىدۇ. يېشىڭىز يىگىرمە بەشلەرگە يىقىنلاشقاندا سىزنى نە كۆرۈنۈشتە، نە كىيىنىشتە ھېچكىم بىلەن ئالماشتۇرۇپ بولمايدۇ. سىز پەقەت سىز بولۇپ قالىسىز،بۈگۈنكى ھالەت ئەسلا يۈز بەرمەيدۇ.

چۈنكى سىز شۇنىڭغا ئېرىشىشنى بەكلا خالايسىز، توغرىمۇ؟

مەنبە: ئۆزبىكىستان يازغۇچىسى - رەھىمە شامەنسۇرۇۋا نىڭ؛« روھ پاكلىقى _ دىل جىلۋىسى» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.

كىتابنى ئۆزبىكچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى؛ ئەزىزى

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 U6 a4 c0 B( G3 i! E: K


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ P0 J; e$ H% ]4 Aبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 O3 `5 D; l( v

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% q$ h6 N% [5 ?* ~5 |) ^7 w5 V( vبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 C7 r9 L. m, V* g. `
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gvlshat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-11 04:40 PM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- L( V* ]2 H/ {) a) c2 T
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 X5 _' b: u% `9 x1 {9 V

بىلمىگەننى بىل ،

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4482
يازما سانى: 357
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14587
تۆھپە نۇمۇرى: 525
توردا: 1530 سائەت
تىزىم: 2010-7-22
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 07:13:02 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت، جاپا چېكىپسىز، ياخشى ئەسەركەن، بەزى ئىملا خاتالىقلىرىنى ۋە جۈملىلەرنى تەھرىرلەپ قويسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاركەن. كۆچۈرگەندىكى خاتالىقلار ساقلىنىپ قاپتۇ.  

ياخشى بولساڭ ئەلگە تۇمارسەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77213
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4146
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 166 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2014-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 07:24:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەرجىمە قابىلىيىتىڭىزگە ئاپىرىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89751
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 153
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 36 سائەت
تىزىم: 2013-1-8
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 07:35:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تەرجىمە قىپسىز ،يانا مىشتا ئىسىل تىمىلىڭىز بوسا ئايىمىغايسىز،،،،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96946
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 372
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2013-8-13
ئاخىرقى: 2013-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 07:44:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uqkun5 يوللىغان ۋاقتى  2013-9-11 07:24 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 L$ {* h$ @6 ]+ Tتەرجىمە قابىلىيىتىڭىزگە ئاپىرىن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ t% C" n9 `6 G1 ]: \6 S
رەھمەت، بۇنى مەن تەرجىمە قىلمىغان، شۇ كىتاب مەندە بارئىدى، مۇنبەرگە باشقا مۇنبەرداشلارمۇ تەڭ بەھىرلەنسۇن دەپ كىتابتىن كۆچۈرۈپ ئەكەلدىم. تەرجىماننى ئېنىق ئەسكەرتتىمغۇ قارىمىغان ئوخشايسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89457
يازما سانى: 989
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2270
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 309 سائەت
تىزىم: 2013-1-2
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 08:00:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەرجىمە قابىلىيىتىڭىزگە ئاپىرىن.پات-پات  ئەسەر ئەۋەتېپ  تۇراسېز  يوقاپ كەتمەي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96946
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 372
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2013-8-13
ئاخىرقى: 2013-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 08:01:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xoh-xoh024 يوللىغان ۋاقتى  2013-9-11 08:00 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# B3 \% Y/ {# T3 p# B: w
تەرجىمە قابىلىيىتىڭىزگە ئاپىرىن.پات-پات  ئەسەر ئەۋ ...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* X$ `' Y8 d5 |4 @
ئۇف.............................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89457
يازما سانى: 989
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2270
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 309 سائەت
تىزىم: 2013-1-2
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 08:05:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
gvlshat يوللىغان ۋاقتى  2013-9-11 08:01 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 \: I6 \) b  ]6 A3 [8 L& Lئۇف.............................
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 m6 v$ e" q7 U5 c! ^" J9 U
نمە بولدېڭېز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96946
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 372
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2013-8-13
ئاخىرقى: 2013-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 08:46:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xoh-xoh024 يوللىغان ۋاقتى  2013-9-11 08:05 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 F0 s3 a; w  Z. I8 X) W! O1 D& q
نمە بولدېڭېز

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 P3 u: b# f' y# O5 @رەھمەت، بۇنى مەن تەرجىمە قىلمىغان، شۇ كىتاب مەندە بارئىدى، مۇنبەرگە باشقا مۇنبەرداشلارمۇ تەڭ بەھىرلەنسۇن دەپ كىتابتىن كۆچۈرۈپ ئەكەلدىم. تەرجىماننى ئېنىق ئەسكەرتتىمغۇ قارىمىغان ئوخشايسىز.

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 2186
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1812 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 08:55:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىتابتىن كۆچۈرۈش قابىلىيتىڭىزغا ئاپىرىن          ياخشى چىقپتۇ   بەك بەلەن ئەسەركەن...  ھازىرقى جەمئىيتىمىزنى  ئەينەن  ئىپادىلەپ بىرىپتۇ.... رەھمەت.....

ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش