يىـڭى ئــەزا
ئۈستىگە ۋە ئاستىغا
مەكتەپ مۇدىرى مېنى ئىشخانىسىغا چاقىرىپ، يۇقۇردىن كەلگەن ھۆججەت روھىغا ئاساسەن، بىر پارچە «مەكتەپ جىددىئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى» تۈزۈپ چىقىشىمنى ئېيتتى. لاھىيەنى ناھايىتى تىزلا تۈزۈپ بولدۇم. «كام قالغان يەرلىرى بولمىسۇن يەنە....» دەپ قايتىدىن كۈرۈۋاتسام، مەكتىۋېمىزنىڭ شۇجىسى كىرىپ كەلدى. ئۇ قۇلۇمدىكى لايىھەنى كۈرۈپ:لايىھە ياخشى چىقىپتۇ،«رەھبەرلىك گۇرۇپىسى» دىكى مۇئاۋىن گۇرۇپا باشلىغىنىڭ ئۈسىتگە مېنىڭ ئىسمىمنى يېزىڭ دىدى.خاتا قىلغىنىمنى بىلىپ تىزلا تۈزىتىۋەتتىم.بىردەمدىن كېيىن مەكتىۋېمىزنىڭ مۇئاۋېن مەكتەپ مۇدىرى كىرىپ كەلدى ۋەلايىھەگە كۆز يۈگۈرتتى. «مەكتەپكە تېخى تۈنۆگۈن كېلىۋېدى،ئەمدى ئىسمى ئۈستىگەيېزىلىدىغان بوپتۇ، ئىشلارنىمۇ شۇلارغا قاراپراق قىلمساق بولمىغۇدەك!» مۇئاۋىن مۇدىر شۇنداق دىگىنىچە چىقىپ كەتتى.ئويلىنىپ قالدىم.مۇئاۋىن گۇرۇپا باشلىغى ئىككىلا نامزات ئىدى.ئەمدىلىكتە ئۇلارنىڭ بىر ئېغىز گىپى بۇيىچىلا ئىسىملىرىنى ئۈسىتگە ۋە ياكى ئاستىغا چۈشۈرۋېتىشكە بولمايتتى.كاللامغا توساتتىن بىر ئەقىلكەلدى.مەن ھىچكىمنىڭ پىكىرى چىقمايدىغان بىر رەھبەرلىك گۇرۇپا سېخىمىسى لايىھىلىدىم:رەھبەرلىك گۇرۇپا ئەزالىرىنىڭ ئىسىم تەرتىۋىنى چەمبەر شەكىلىدەلايىھلەپ،«رەھبەرلىك گۈرۈپىسى» دىگەن بۈلەككە ئورناتتىم.ئەمدى ھىچكىم: ئىسمىمنى ئاستىغا يېزىپ قۇيۇپسىز،ئۈستىگە يېزىڭ. دىيەلمەيتتى.
لايىھەنى پۈتتۈرۈپ،باش مۇدىرغا سۇندۇم.مۇدىر لايىھەنى كۈرۈپ تۇساتتىنلا چىرايى ئۆزگۈرۈپ،ماڭا مېقتەك قادالدى:«نىمە بۇ؟ مۇشۇمۇ لايىھە بولدىمۇ؟ لايىھەدەرەھبەرلىك گۇرۇپا بەك مۇھىم، رەھبەرلىك گۇرۇپىدا بولسا گۇرۇپا باشلىغى چۇقۇم گەۋدىلىنىشى كىرەك . گۇرۇپا باشلىغى دىمەك ھەممە ئىشلارغا شۇ مەسئۇل بۇلىدۇ دىگەنلىك. شۇڭا باش مەسئۇلنىڭ ئىسمى ئەڭ ئۈستىگە يېزىلىشى كېرەك. ئاندىن......»مۇدىرنىڭ گېپىنىڭ ئاخىرى تۈگىمەي تۇرۇپلا مەن لاھىيەنى ئۇنىڭ قۇلىدىن كاپلا قىلىپ يۇلۇپئالدىم دە،«ھازىرلا تۈزۈتۈپ چىقاي » دىگىنىمچە ئىشىككە ئۈزۈمنى ئاتتىم.
كاتىپ بولماق ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس.ئەمدى قانداق قىلسام بۇلاركىن؟
پاش قىلىش
يېتىلىۋاتقان ئەزا
سىزمۇ كۈلۈڭ!!!
دائىملىق ئــەزا
تۇزنى تۆكمە، قىز
ئۈلگىلىك ئەزا
ئاكتىپ ئەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ