|
|
|
|
چارشەنبە(11-سىنتەبىر) ئاسىيا بازىرى ،دوللار قىممىتى 81.80 ئەتراپىدا ،تۈنۆگۈن كىرىس شەكىللىك شام سىزىقى شەكىللىنىپ بازار يېپىلغانىدى .ئالتۇن ھەر ئونسىيەسى 1365 دوللار ئەتراپىغا سەكرەپ چىقتى .تۈنۆگۈنكى ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە سۈرىيەدىكى قالايمىقانچىلىق تېنىچلىق ۋاستىسى بىلەن بىرتەرەپ قىلىنىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن .ئاقساراي سۈرىيە مەسلىسىنى ھەل قىلىشتا ئەڭ ئاۋال دىپلۇماتىيە ۋاستىسىنى قوللىنىش كېرەك دەپ كۆرسەتتى .سۈرىيە دىملۇماتىيە مىنىستىرلىگىنىڭ باشلىقى روسىيەنىڭ خىمىيىۋى قوراللارنىڭ تاپشۇرۇش تەكلىپىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى .ئەنگىلىيە ،فىرانسىيە ئامرىكا ئۈچ تەرەپ ب د ت دا سۈرىيەنىڭ خىمىيىۋى قوراللارنى بىر تەرەپ قىلىش لاھىيىسىنى تۈزۈپ چىقتى .
11-سىنتەبىردىكى دىققەت قىلىدىغان مۇھىم ئىشلار
چارشەنبە (11-سىنتەبىر) سۈرىيەدىكى ئىشنىڭ ئەھۋالىغا داۋاملىق دىققەت قىلىڭ .ئامرىكا پىرىزدىنتى ئوباما ئۈرۈمچى ۋاقتى (11-سىنتەبىر) ئەتىگەن سائەت 7 ئەتراپىدا سۈرىيە مەسلىسى توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى .ئىقتىسادى ئۇچۇرلار تەرەپتىن پەقەت ئەنگىلىيەنىڭ ئىشسىزلىق نىسپىتى بىر قەدەر مۇھىم .
(سودا ئاساسى قىلىۋالماڭ . سودا قىلسىڭىز زىياننى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق چوڭ بازارلاردا زىياننى تەڭشەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ .ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىدا دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش زىياننى تەڭشەش .بەلكىم بەزى ۋاقىتلاردا مەسىلەن سىز ئۆسۈشىگە ئېلىپ زىياننى تەڭشەپ قۇيسىڭىز بازار ئازراق چۈشۈپ زىيىنىغا سېتىلىپ كىتىپلا يەنە داۋاملىق ئۆسۈپ كىتىپ قالىدۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا زىياننى تەڭشىمىسەم پايدا ئالاتتىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالىسىز دە ،كىيىن زىياننى تەڭشىمەس بۇلۇپ قالسىز ،بۇگۈنكىدەك چوڭ بازارلارغا ئۇچىراپ قالغاندا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز .
كوت كوت 395619400
بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى گىرامى272 يۈەن
مەنبە پۇل تاپ تورى
http://www.mardanjan.com
|
|
|
|
|
|