ئاكتىپ ئەزا
ھەر كاللىدا مىڭلارچە خىيال ئەخمەتجان توختى پۇچقىقىنى تۈرگەنچە قۇياش، ھەر كۈنلىكى يۈرەر ئالدىراش. ھەر قەدەمدە ئېغىر تېنىق بار، ھەر كاللىدا مىڭلارچە قاياش. كۆرەڭلىمە ئامەتلىرىڭدىن، كۈلكە بىلەن يىغا ساۋاقداش. مەيۈسلەنمە كەلسە مۇشاقەت، جاپا بىلەن راھەت تاۋاقداش. قىسمىتىغۇ كۆپتۇ ھاياتنىڭ، ھەر كىشىگە ئەمەستۇر ئوخشاش. شۇنىڭدىمۇ گۈزەلدۇر ھايات، سەۋەب بارما ئەتمەسكە باغاش؟ ئۆمۈرنىڭ چاچلىرى ھەرخىل بويالغان، ھەر كىشىدۇر ئۆزى سەتىراش. رەسىمىنى سىزىسەن ئۆزۈڭ، كەتمەس ئاڭا ھىچبىر دەتالاش. ياخشىلىق قولۇڭدىن كەلسە، ھىچبىر كىشى باقى بولالماس. سورىقى بار ھەربىر قەدەمنىڭ، گورۈمىزدە بولۇر باھالاش.
2013-يىلى11-سىنتەبىر شەھىرى بورتالا
ياتماقتىمەن تورۇسقا قاراپ ئەخمەتجان توختى ياتماقتىمەن تورۇسقا قاراپ، خىياللىرىم تېگى يوق بىر ھاڭ. ھەمرا بولۇپ تەنھالىقىمغا، بىرەر جانان چۇشەمدىكىن تاڭ. ياتماقتىمەن تورۇسقا قاراپ، چۈشلىرىمدىن چىقارغاچ يەكۈن. ۋېسال كۈلۈپ باقارمۇ ياكى، يۈزلىرىگە چۈشەرمۇ سەپكۈن. ياتماقتىمەن تورۇسقا قاراپ، دېرىزەمدە ئاينىڭ شولىسى. مەن خىيالدا ئەشۇ ئاي سەۋەب، ئايسىزمىدۇ يارنىڭ ھويلىسى. ياتماقتىمەن تورۇسقا قاراپ، ئاڭلىنىدۇ ئانام دۇئاسى. ئۈمىد بىلەن يۇمدۇم كۆزۈمنى، كۆزلىرىمدە يارنىڭ سىماسى. 2013-يىلى 11-سىنتەبىر شەھىرى بورتالا
پاش قىلىش
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ