ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى بارلىق ئەزىزلەر،مەنكى مۇسىلىنەدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام،گەرچە بۈگۈن بىزنىڭ ( ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ) بايرىمى بولسىمۇ، بىراق نورمال دەرس ئوقۇلغاچقا ، ئەتىگەندىن بېرى ئالدىراشچىلىقتا ھەرقايسىڭلارغا سالام بېرەلمەي قالدىم،ئەمدى بولسىمۇ بۈگۈنكى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇنبەردىكى بارلىق كەسپداشلىرىمنىڭ ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن،ھەممىڭلارنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن.....
چۈشتىن كېيىن مەكتەپكە كەلسەم بىر ئوقۇغۇچۇم ‹‹خانىم ،بايرىمىڭىزنى تەبرىكلەپ ئۈچ كۇبلىت شېئىر يېزىپ كەلگەن ئىدىم››دەپ ،شېئىر يېزىلغان بىر ۋاراق قەغىزنى قولۇمغا بەردى،قارىسام دەل بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى ئىپادىلەيدىغان شېئىركەن،شۇڭا مۇنبەرگە يوللاپ قويۇشنى لايىق تاپتىم،بىراق ئالدىراشلىقتا بۇ شېئىرنى قايەردىن كۆچۈرگەنلىكىنى سورىۋالماپتىمەن،ئۆزى ئەلۋەتتە بۇنداق شېئىرلارنى يازالمايدۇ،چۈنكى ئاران 4-يىللىقتا،بۇ شېئىرنىڭ ئاپتورىنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلمىدىم،ئەگەر بىلىدىغانلار بولسا دەپ بەرسەڭلار....
دەرستىن كېيىن ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپ زالىدا يىغىلىپ ئازىراق پائالىيەت ئۆتكۈزگەن ئىدۇق،پائالىيەتتە ئوتتۇرىدا ئوقۇپ بەرسەم ،بىرنەچچەيلەندىن باشقا ھەممەيلەنگە ياراپ كەتتى بۇ شېئىر،شېئىرنىڭ ماۋزۇسىمۇ قويۇلماپتىكەن،ما ماۋزۇسىنى ئۆزۈم قويۇپ قويدۇم....
دۇنيادا ھەممىدىن مۇئەللىم بولماق تەس
ئاغرىدىم بەش كۈن دەرسىم قالدى،
ھەر سائەت دەرسكە ئەللىك كوي ئالدى،
مەركەزنىڭ پەرمانى نەلەردە قالدى،
دۇنيادا ھەممىدىن مۇئەللىم بولماق تەس.
رۇخسەت سورىسام كۈنلىكىم ئون كوي،
بارمىدۇق ئۆلۈمگە،قېلىپ قالدى توي،
ئەي مۇدىر،بىزنىمۇ بىزە ئويلاپ قوي،
دۇنيادا ھەممىدىن مۇئەللىم بولماق تەس.
ئويلاپ باق،مۇئەللىم جېنى تۆمۈرمۇ،
بور يۇتۇپ،كېسەل بوپ ئۆتتى ئۆمۈرمۇ،
چارچايدۇ كۈنۇ -تۈن ئىشلەپ ئۆكۈزمۇ،
دۇنيادا ھەممىدىن مۇئەللىم بولماق تەس.
مەنبە : ئوقۇغۇچۇم خاتىرىسى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-11 12:03 AM