مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1553|ئىنكاس: 22

ئايالىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88712
يازما سانى: 411
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8623
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 588 سائەت
تىزىم: 2012-12-17
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-10 11:51:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئايالىم


رەڭدار تۇرار تۆت تېمىم سەن بولغاچقا ئايالىم ،
پارچە پۇرات يوق غېمىم سەن بولغاچقا ئايالىم ،
ئارتۇقۇم بار يوق كېمىم ، سەن بولغاچقا ئايالىم ،
كۆز ياش چۈشمەس بىر تېمىم، سەن بولغاچقا ئايالىم ،
راھەتلىنەر بۇجېنىم  ، سەن بولغاچقا ئايالىم  .

كوتولدايدۇ مىكىيان ، مەسئۇل بىرى بولمىغاچ ،
ۋىچىرلايدۇ نىمىشقا بالىجانلىق قارلىغاچ ،
ھالال جۈپتى بولمىسا كىم ياشايدۇ زارلىغاچ ،
كۈن قېشىدا تولۇنئاي كۈلۈپ تۇرسۇن  پارلىغاچ ،
كېرەك ئەمەس يات خېنىم ، سەن بولغاچقا ئايالىم .

مېھرىڭ بىلەن تۇتىشار ئائىلىنىڭ تۈتۈنى ،
باراۋەرلىك ئىمزادا پۈتۈلىدۇ بېتىمى ،
يول قويۇشلار ، ئۆتۈنۈش بولدى قانچە قېتىمى ؟
ئاددىللىقتا ئايرىلار < قىلمىشكار > نىڭ ھۆكىمى ،
قىسىلمايدۇ بۇ تىلىم سەن بولغاچقا ئايالىم .

بەرىكەتلىك قوللاردا قايناپ تۇردى قازانلار ،
كۈچ يىغىلىپ بىلەككە ھەرىكەت قىلدى بازغانلار ،
قايتىپ كەلسۇن ئۆيىگە ، بىلىپ – بىلمەي ئازغانلار ،
ئانىلارنى كۈيلەيدۇ شەجەرىنى يازغانلار ،
چارچىمايدۇ بۇ بېلىم ، سەن بولغاچقا ئايالىم .

سۈلكىتىڭدە گۈل بولۇپ ،ياشاپ  كەلدىڭ ئىپپەتلىك ،
سەمىيمىيەت بابىدا باھا ئالدىڭ قممەتلىك ،
دوست – دۈشمەنلەر ئالدىدا كىم ئوروقكەن ، كىم ئەتلىك ؟
ئەل جامائەت ئالدىدا ئېرىڭ بولدى ھۆرمەتلىك ،
ئۇزۇن بولدى بۇ تىلىم ، سەن بولغاچقا ئايالىم .

قىنيىئاتاڭ ، قىيئاناڭ رازى بولدى سېنىڭدىن ،
ئۇرۇق  -تۇغقان ھەققىنى ئەزىز بىلدىڭ جېنىڭدىن ،
مىننەت تەلەپ قىلمىدىڭ ئاچا ، سىڭىل – ئىنىڭدىن ،
ئۈلگە ئالسۇن باشقىلار ، ئەۋرىشكە بەر قېنىڭدىن ،
ئەۋلاد ئالار نۇر _ئىلىم ، سەن بولغاچقا ئايالىم .

مۇزلىمايدۇ قايناقسۇ ،كىيىملىرىم پۈرلەشمەس ،
مايلىق تۇرسا ئاشقازان ، ئۈچەي ھەرگىز چۆللەشمەس ،
بىسەرەمجان ھالەت يوق  ،ياقا، يەڭلەر كىرلەشمەس ،
يىلتىز تارتقان بۇ كۆڭۈل ئۆزگە باغقا ئۆزلەشمەس ،
نورمال يەلدە چاقلىرىم  ، سەن بولغاچقا ئايالىم .
ئەر كاپىتان تۇتسا رول ، كۆك چېيىنى دەملەيسەن ،
يىڭنە چاغلىق كېرەكلىك نەرسە بولسا غەملەيسەن ،
بەزەن كۆڭۈل پۇچۇلسا ، كۆز يېشىڭدا يەملەيسەن ،
قوپال تۇرمۇش كەشىنى كىرپىگىڭدە چەملەيسەن ،
بولماس شۇڭا داغلىرىم ، سەن بولغاچقا ئايالىم .

كۆپەيمەكتە كۈن ئارىلاپ توي –تۆكۈن ۋە رەسمىيەت ،
سەن ساقلىغان نەرسىدە بارمۇ بىر خىل خاسىيەت ،
شاپائەت بار،  يەتمىدى بالىلارغا ئەرزىيەت ،
يۈز ئۆرىسەڭ مېنىڭدىن قالدۇرىمەن ۋەسىيەت.
ھايات گۈدەك چاغلىرىم ، سەن بولغاچقا ئايالىم .

كۆز نۇرۇڭدا  ساقايدى زوكام تەگكەن ئۆپكىلەر ،
تۇخۇم كەبىي كۆپەيدى قوي كالا ھەم ئۆچكىلەر ،
يەڭگىل ، يەڭگىل تىنىقلار كۈلۈمسىرەپ چۈش كۆرەر ،
ئوقوم سۇنسا يانداشساڭ ، ماغدۇرۇمغا كۈچ كىرەر ،
قوۋۇرغىلىق ياغلىرىم،  سەن بولغاچقا ئايالىم .

ئىشتىن قايتسام پۇرايمەن مۇھاببەتنىڭ ھېدىنى ،
پەرۋىشىڭدە كۆكلەتتىڭ ئەۋلادلارنىڭ دېنىنى ،
بەرىكەتلىك دۆڭ قىلدىڭ ھەمراھىڭنىڭ  يېنىنى ،
ھەجەپ بولۇق ئۆستۈردۈڭ تۇرمۇش دىگەن سېدىنى !
گۈلگە تولدى باغلىرىم ، سەن بولغاچقا ئايالىم .

زىلۋالىقىڭ سارغايدى ،ۋاقىت قىستى كۆزىنى ،
يىقىنلىشىپ پەسىللەر ،قىلدى چاخچاق سۆزىنى ،
سەگەك ھالدا بويلىدىڭ ۋەدىلەرنىڭ ئىزىنى ،
چىن ئايرىدىڭ سىناقنىڭ ئۆردەك ياكى غېزىنى،
شادلاندى  كۈي- تارلىرىم ، سەن بولغاچقا ئايالىم .



سۈكۈتىڭدە ساقلىدىڭ بۇ ھاياتنىڭ  سىرىنى ،
ئاق سۈتۈڭدە چايقىدىڭ  موھتاجلىقىنىڭ   كىرىنى ،
چىشلىرىڭدا ساقلىدىڭ ئىستىمالنىڭ دىرىنى ،
يارالغاندەك ياشىدىڭ ،بۇ كەپىنىڭ كېلىنى .
مەغرۇر ئۆستى تاغلىرىم ، سەن بولغاچقا ئايالىم .

تارقالماقتا بۇلۇتلار ،ئاي سۆيمەكتە تېرىكىم ،
قىممىتىمنى ئۆلچەيسەن شۇڭا باردۇر كېرىكىم ،
ھالال تەردە ئىشلىسەم ،ئاغرىمايدۇ بىلىكىم ،
بىر شېرى كۈي ئىچىدە ،ئاشار مەڭگۈ تىلىكىم ،
ئەجەپ سۈزۈك  تاڭلىرىم ، سەن بولغاچقا ئايالىم !

ئاپتۇرى : ئا. مۇھەممەت باغۋەن



باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5409
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20214
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2268 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 12:14:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاكىجان ئۇستاز شېئىرىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ .
سىز يازغان تۇنجى مۇخەممەس كۆرۈشۈم بۇرۇن ئۇچراتمىغان ئىدىم .
بەخىتلىك ئائىلىڭىزگە تېخىمۇ كۆپ بەخىتلەرنى تىلەيمەن .

مەنمۇ خوتۇن ئالسام ئۇنى بىر كۈيلەپ يېزىۋەتمىسەم ھى ھى

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92141
يازما سانى: 1893
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2318
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3127 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 12:19:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك كۆپ بولمىغان بولسا ئايالىم چارچىغاندا ئۇقۇپ بېرىپ ، ساپاندىن چىقىرىپ سۆرەمگە سالاركەنمەن.

ئىلىكتىر ئىلمى بۇيەردە:http://www.xjefan.com/
  اشقىلارنى باھالاشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنى باھالىۋىتىڭ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87184
يازما سانى: 246
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 554
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2012-11-13
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 12:44:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلغان مۇخەممەس ئىكەن .جاپاكەش ئاياللىرىمىزنى داڭلاشقا لايىقمىز .چۇنكى ئائىلدە  باللىرىمىزغا مىھرىبان ئانا . ئۆيگە يۆلەك ...

تۇزنى تۆكمە، قىز

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8974
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36595
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7241 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 01:07:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يوۋ باللا، خاتۇن دېگەننى شەرەت بىلەن باشقۇرىمىز دەيمەن، ئەگەر بۇ شېئىرنى خاتۇنۇمغا ئوقۇپ بەرسەم مېنى چوقۇم ئۈرۈمچىگە ئاپىرىدۇ.

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5576
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32250
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3402 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 01:19:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ئالەمنىڭ گۈزەللىكى ئادەملەر بىلەن،
  ئادەمنىڭ گۈزەللىكى بالىلار بىلەن.
  ئالەمنىڭ،ئادەمنىڭ شۇ گۈزەللىكى،
   شۇ جاپكەش مىھرىبان ئانىلار بىلەن.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!
gadankax111 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 01:38:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

رىزۋانگۇل0995

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 2643
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2781
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 2103 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2014-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 02:48:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت

بەزى ئىنكاسلارغا كۇلمەي تۇرالمىدىم .....

ئىي ئاللاھىم ، مىنى ، مىنىڭ كۆزۈمنى ، مىنىڭ ھەممە ئەزايىمنى شەيتانى ھەۋەسلەردىن ساقلىغىن ، سەن مەرھەمەت ئىگىسىدۇرسەن...!!!
~يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ  دۇئاسى ~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77213
يازما سانى: 557
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4146
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 166 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2014-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 03:23:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاياللار بىلەن دۇنيا گۇزەلدۇر. ئاياللار ئەرلەرگە يۇگەندۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95945
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 188
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 83 سائەت
تىزىم: 2013-7-15
ئاخىرقى: 2013-11-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 03:23:44 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي بەزى..........

نۇرچى بىز ھىدايەتنى  قوللايمىز  قاراڭغۇلۇقتىن تىڭىرقاشتىن يورۇقلنى ۋە يول تىپىشنى تاللايمىز
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش