مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1598|ئىنكاس: 11

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تەتقىقاتغا كىرىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69499
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4941
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 579 سائەت
تىزىم: 2011-12-10
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-10 09:41:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتوردىن ئېلاۋە:
   ئەسسلامۇ ئەلەيكۈم قېرىنداشلار، بۇ يىل ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئالىم توغرسىدا ئىزدەنگەن بىر يۈرۈش ماقالىلرىمنى مۇنبەرگە يوللىماقچى.بۇ ماقالىلەر خېلى بۇرۇن يېزىلغان ۋە تۈزتىلگەن ھەم مەتبۇئاتلارغا يوللانغان.ئەمما نىمە سەۋەبكى ئۇلاردىن خەۋەر يوق.بەلكىم ئۇلارنىڭ تەلپىدىكىدەك يازالمىغان ئوخشايمەن.قارسام ئالىم تەۋەللۇتىغا ئون نەچچە كۈن قاپتۇ.شۇڭا مۇنبەرگىلا يوللۇدۇم.دوستلار پايدىلانسا،تەكلىپ پىكىر بەرسە خوش بولىمەن.


   











ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تەتقىقاتغا كىرىش


- مەرھۇم ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 80يىللىقىغا ھۆرمەت بىلەن بېغىشلايمەن.











ئۇنتۇلمايدىغانلار توغرسىدا نېمە دىسەم بولار…ھېس قىلالىغىنىم شۇكى،ئۇلارنىڭ تولىسى ھايات ۋاقىتلىرىدا ئۇنتۇلغان…

                                     - ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: 《سەۋدالىق تەئەججۇبنامىسى》دىن

1.مەسىلىنىڭ ئوتتۇرغا قويۇلىشى

مەرھۇم مۇتەپەككۇر ئەدىب ،ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن (1995.2.27-1933.9.28) مەركىزى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۇركى خەلقىلەر (نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇرلار) تارىخ تەتقىقاتى ساھەسىدە ئۆزگىچە قاراشلىرى، يېڭى نەزەرىيە-پەرەزلىرى، تەتقىقات مىتودلىرىدىكى ئۆزگىچىلىكلىرى بىلەن ئىنسانپەرۋەر تارىخ قارشىغا ئىگە ھەقىقى ئالىمدۇر!مەرھۇم 62 يىل ئۆمۇر كۆردى.ھاياتىدا تىنىمسىز ئىزدىنىش ئارقىلىق پىكىرلىرى يېڭى، مەزمۇنى رەڭدار، ئىلمىلىكى ئۈستۈن بولغان 31 پارچە كىتاپ، 201 پارچە ماقالىنى مىراس قالدۇرۇپ كەتتى.(ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن تۈزگەن كاتالوگدىكى ئېلان قىلىنغان ۋە قىلىنمىغان ئەسەرلەر بويىچە ھېساپلاندى) بۇ قىممەتلىك مىراسلار ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشىمىزنى ۋە تەتقىق قىلشىمىزنى كۈتمەكتە.

ئەپسۇس، ئالىم ۋاپات بولۇپ 18 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، ئالىمنىڭ ئەسەرلىرى تولۇق نەشىر قىلنمىدى. پۈتكۈل 18 يىل جەريانىدا پەقەت تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان كۈنلىرىنى ئەسلەپ يازغان ئەسەرلەر ۋە ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتلەرنى ھېساپقا ئالمىغاندا ئالىم توغرسىدا تۈزكىرەك تەتقىقات بولمىدى .بۇنداق بولۇشنىڭ ئەلۋەتتە سەۋەپلىرى بار. ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىددىن بۇنى مۇنداق ئىپادىلدى:

بىرىنچىدىن، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەدىب بولۇپلا قالماي،بىر تەتقىقاتچى.بۇ ئەھۋال ئۇنىڭ ئەسەرلىرنىڭ ژانىرى كۆپ،ئېستېتىكىسى ۋە ئۇرۇنۇشلىرنىڭ ئۆزگىرشچان بولۇشىنى بەلگىلىگەن.بۇ ئەھۋال ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن دۇنيا قارشىنىڭ مۇھىم تەركىبلىرى سۇپىتىدە ئۇ ھەققىدىكى تەتقىقاتىمىزنىڭ قىيىنلىقىنى شەكىللەندۇرگەن.

ئىككنچىدىن،بىر ئادەم ئىدىيەسىنىڭ ئىككى تەرىپى بولىدۇ.بىرى،يېزىلغان ياكى مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنغان ئىدىيە(يېزىقتىكى ئىدىيە)؛يەنە بىرى،يېزىقسىز ئىدىيە.بۇ خىل ئىدىيەنى كىشى مەتبۇئاتلاردا،ئوچۇق ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىدە ئىپادىلەپ كېتىشى ناتايىن،بۇ بىر كىشىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى چوڭ-كىچىك ئىش-ھەركەتلىرى،ئائىلىدىكى رولى،كىشىلىك مۇناسىۋەتلىردىكى ئوبرازىدا كۆرۈلىدۇ.بۇنداق ئىدىيە تەبىئىي ھەم چىن بولىدۇ.بەزى شەخىسلەردە يۇقىرىقى ئىككى تەرەپ توقۇنۇشىدۇ،بەزى شەخىسلەردە بولسا بىردەك بولىدۇ.مېنڭچە،ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ بىيوگرافىيەسى تېخى قولغا ئېلىنمىغان ئىش.بۇ ئىشنى سەمىمىي رەۋىشتە تاماملاش شارائىتىمىز ۋە ئىجتىمائىى پەن خادىملىرىمىزنىڭ قىممەت قارشىغا كۆرە ئېيتقاندا،قىيىن بىر جەريان.ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بىيوگىرافىيەسىنىڭ دېتاللىرى ئۇنىڭ ئەسەرلىرى،ئائىلە تاۋابىئاتلىرى،خىزمەتداشلىرى،مەسلەكداشلىرى ۋە ئاللىقانداق نامەلۇم كىشىلەر ئارسىدا چېچىلغان ھالدا تۇرۇپتۇ.بۇلارنى پۇتۇنلەشمۇ چوڭ بىر خىزمەت.بۇ خىزمەت لىللا ھالدا تولۇق تاماملانمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن دىگەن تېما ھامان چالا قالىدۇ.

ئۈچىنچىدىن، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۆمرىنى ھەر خىل سىياسى،ئىجتىمائىى كۈرەش ئۈزۈلمەي بولۇپ تۇرغان بوران-چاپقۇنلۇق تارىخىي دەۋىرلەردە ئۆتكۈزدى.ئاتالمىش《مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى》ۋە ئۇنىڭ تەسىرى كىشلەرنىڭ قىممەت قارشىغا مەنپىي ئۆزگىرش ئېلىپ كەلگەچكە،ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلىم ساھەسىدىكى ئىزدىنىشىنى ئاشۇ خىل كۆلەڭگىنىڭ ئاستىدا قىلدى.بۇ ئۇنىڭ ئەسەرلىردىكى پىكىر مۇرەسسەچىلكىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىردىكى تارىخ،مەدەنىيەت،ئىنسان قاراشلىرى ئەنە شۇ مۇرەسسەچىلىك تۈپەيلى ئۆزىدىن ئۈزۈل-كېسىللىكنى يوقاتقان.ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىردە ۋە ۋاپاتىدىن كېيىن ئىلان قىلىنغان ئەسەرلىردە دۇنيا قاراش جەھەتتە بۇرۇلۇش پەيدا قىلىپ،ئۆز ئارزۇسىغا ماس بىر مەۋقەنى نامايەن قىلىدۇ.

  تۆتىنچىدىن، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ۋە تەسىر مەسىلىسى ئەستايىدىل نەزەر ئاغدۇرۇشقا تېگىشلىك بىر تېما.بۇ تېما ئېنىقلانماي تۇرۇپ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تەتقىقاتىدىكى مېتودولوگىيەلىك مەسىلە ئايدىڭلاشمايدۇ.تەتقىقاتنىڭ تېما،قىممەت قاراش ۋە مېتودلارنىڭ بىرلىكى ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتقىنىمىزدا،مېتودولوگىيە مەسىلىسى ۋە ئۇنى ئېنىقلاشنىڭ زۆرۈرىيىتى شۇنچە مەلۇم بولىدۇ.ۋاھالەنكى،ئۇيغۇر ئىجتىمائىي پەنلىرىنى ئەگەر بار دەپ ئېيتىشقا توغرا كەلسە،ئۇنىڭدا مېتودولوگىيە ئۇقۇمى تېخىچە نامەلۇم مەسىلە.【1】

ئالىم قانچىلىك مۇرەككەپ بىر تېما بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ،ئۇ توغرسىدىكى تەتقىقاتنىڭ شۇنچىلىك تەخىرسىزلىكىنى تونۇپ يېتىشىمىز لازىم. قېنى ۋىجدان بىلەن ئېيتىپ باقايلىچۇ، قايسى بىرىمىز  مۇقام تەتقىقاتىدا، ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى تەتقىقاتىدا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە روھىيىتى تەتقىقاتىمىزدا،فارابىشۇناسلىقتا ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىدىن پايدىلانمىدۇق، نەقىللەرنى ئالمىدۇق؟بىز 21-ئەسىردىن كېيىنكى گېزىت-ژورناللارنى،كىتاب -ماتىرىياللارنى ئاختۇرساقلا《نەقىل مەنبەلىرى》قىسمىدا ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئەڭ كۆپ نەقىل ئىلىنغانلىقىنى كۆرىمىز.تۆۋەندە《شىنجاڭ مەدەنىيىتى》ژورنىلدىن ئىلىنغان  سىتاستىسكىنى كۆرۇپ باقايلى:(مەزكۇر ژورنالنىڭ 2006-يىلىدىن2012-بولغان يەتتە يىلدىكى جەمئىي42 پارچە ژورنال ئەۋرىشكە ئىلىپ سىتاستىكىلاندى. مەزكۇر ژورنال قوش ئايلىق ژورنال بولۇپ يىلدا ئالتە پارچە نەشىر قىلندۇ.)

جەدۋەل: 《شىنجاڭ مەدەنىيىتى》ژورنىلدىن ئىلىنغان سىتاستىكا

يىلى


ئومۇمى نەقىل سانى


ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىردىن ئېلىنغىنى


پىرسەنتى(‰)


2006


237


13


%5.5


2007


258


9


%3.4


2008


330


3


%0.9


2009


120


0


%0


2010


250


6


%2.4


2011


200


6


%3


2012


144


1


%0.7

يەنە ئويلاپ كۆرەيلىچۇ، قايسى بىرىمىز ئالىمنىڭ ئۆز تەتقىقاتىمىزغا بولغان  تەسرىنى دادىللىق بىلەن ئېتىراپ قىلدۇق؟ بۇ جەھەتتە شىنجاڭ پېداگوكىكا ئۇنىۋېرستىتىنىڭ دوتسېنىتى ئابلىمىت ئۆمەر بىلگە تۇنجى قەدەمنى باستى. ئۇ《ئۇيغۇرلارنىڭ ئېپتىدائى ئېڭى ۋە پەلسەپە بېخلىرى》ناملىق تەتقىقات ئەسىرىگە ئالىمنىڭ چوڭقۇر تەسىرى بارلىقىنى ئىلىم ئەھلىگە خاس ۋىجدان بىلەن ئېتىراپ قىلغان.ئۇ مەزكۇر كىتابىنىڭ《ئاخىرقى سۆز》قىسىمىدا ئۇستازلىرىغا، دوستلىرغا بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۇرۇپ كېلىپ،《ئۇنىڭدىن باشقا، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن شۇنى ئېيتىپ ئۆتۇشنى بىر ئىنسانى قەرز دەپ ھېساپلايمەنكى، ئۇ بولسىمۇ، مېنىڭ تېما تاللاشتىن باشلاپ تاكى مەزكۇر ئەسەرنىڭ پۇتۇشىگىچە ئۆز جىسمى بىلەن بىۋاستە ئۇچىرشىش ئەسلا مۇمكىن بولمىسىمۇ، لېكىن ئۆز ئەسەرلىرى بىلەن مەنىۋيتىمنى بېيتىپ، كۈچلەندۇرۇپ، سۇغرىپ تۇرغان؛ بولۇپمۇ ئەسەرلىرىدىكى مۇھىم مىتودولوگىيلىك مەسىللەر، پىرىنسىپال مەسللەر؛ ئوتتۇرا ئاسىيا، ئۇيغۇر پەلسەپە-ئىدىيىلەر تارىخىغا ئائىت مول ئونىۋېرسال ئاساسى بىلىملەر ئارقىلىق مېنىڭ بۇ جەھەتتىكى بىلىم،كۆز-قاراشلىرىمنىڭ، دۇنيا قاراشلىرىمنىڭ شەكللىنىشى ۋە مۇكەممەللىشىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتپ كېلىۋاتقان ئالىم، زامانىمىزنىڭ يىگانە پەيلاسوپى مەرھۇم ئۇستاز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن زاتى مۇبارەكنىڭ روھىغا چەكسىز ھۆرمىتىمنى بىلدۇرمەن. 》【2】دەپ يازغان. مانا بۇ ئىلىمنى، ئىلىم ئەھلىنى قەدىرلەش روھىنىڭ نامايەندىسى!دىمەك،ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن 21-ئەسىردىن كېيىنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىملىردا ناھايىتى كۆپ تېلغا ئېلىنغان شەخستۇر!

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تەتقىقاتىنىڭ زۆرۈرلىكى تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ:

بىرىنچىدىن، ئالىم رايونىمىزدىكى ئىجتىمائىيەت،ئادىمىيەت ئىلىملىرنىڭ بارلىققا كىلىش،راۋاجلىنىش تارىخىدىكى مۇھىم شەخس.

ئىككنچىدىن، ئالىمنىڭ ئەسەرلىرى ئىجتىمائىيەت، ئادىمىيەت، روھىيەت قاتارلىق كەڭ ساھەگە چېتىلىدۇ.بۇ ئارقىلىق بىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننى تەتقىق قىلىپلا قالماي،بىر پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيتىدىكى ئىلىم(ئىجتىمائىي پەنلەر) تەتقىقاتىنىڭ ئۆتمىشى ۋە ھازىرقى ھالىتىنى، تەرەققىيات يۆلىنىشىنى قىسمەن بىلگىلى، بۇ جەرياندىكى ئالىملار مۇناسىۋىتى، تەتقىقاتچىلار ۋە تەتقىقات ئورگانلىرى، نەشىرىيات مۇناسىۋەتلىرىنى قىسمەن بىلگىلى بولىدۇ.

ئۈچىنچىدىن، ئالىمنىڭ ئۇيغۇر پەلسەپە-ئىدىيە تارىخى تەتقىقاتى ئارقىلىق ئۇيغۇر پەلسەپە-ئىدىيە تارىخىنى قايتا يېزىش ئىمكانىيتىگە ئېرشكىلى بولىدۇ.بۇ ساھەدە ئالىمنىڭ كۆز-قاراشلىرى، ئىدىيەىسى تەتقىق قىلىنمايدىكەن ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخىنى قايتا يېزىش تەسكە توختايدۇ.چۈنكى، ئالىمدىن كېيىن بۇ ساھەدە كۆرنەرلىك يېڭى نەتىجىلەر بولغان ئەمەس.ئەڭ مۇھىمى بىز《20-ئەسىردىكى ئۇيغۇر تەپەككۇر تارىخنى يازماقچى بولدىكەنمىز،بىز تەبىئىي ھالدا ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىردىكى مېتودولوگىيە ۋە يېتەكچى ئىدىيەگە مۇراجەت قىلماي تۇرالمايمىز.》【3】

تۆتىنچىدىن، رايونىمىزدا تاشكېمىر سەنئىتى تەتقىقاتى، فارابىشۇناسلىق قاتارلىقلاردىمۇ ھېچكىم ئالىمچىلىك تەتقىقات نەتىجىسىگە ئېرشەلمىدى.يۇقارقى ئەھۋالدىن قارغاندا،مۇشۇ ساھەلەردىمۇ خىلى بىر مەزگىللەرگىچە ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىگە مۇراجەت قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلدۇرىدۇ.

بەشىنچىدىن، ئەگەر بىز ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلانغان خەلقىمىزدىكى مەنىۋى ئىللەتلەرنى، ئىجتىمائى پىسخىكىسىدىكى رەزىللىكلەرنى تەنقىد قىلش ۋە قايتا ئويلىنىش جەريانلىرىنى بىر قېتىملىق ئويغىنىش ھادىسىسى دەپ ھېسابلىساق، ئالىمسىز بۇ ئويغىنىشنى ھەقىقى تەتقىق قىلالمايمىز.

ئالتىنچىدىن، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بىزنىڭ تەتقىقات ۋە تەنقىدچىلكىمىزنى مول مەنبە ۋە يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.

يۇقارقىلار ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تەتقىقاتىنىڭ زۆرۈرلىكىنىڭ بىر قانچە جەھەتتىكى ئىپادىسى.ئالىم توغرسىدىكى تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، يەنە نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى ۋە ھەل قىلىنىشى ئېنىقتۇر.

ھازىرغىچە ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ھەققىدە ئىلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار بارماق بىلەن سانىغىدەكلا. يېزىلغان بەزى ئەسەرلەر تەتقىقات دائىرسىگە كىرمەيدۇ.شۇنداق بولسىمۇ، ئالىم توغرسىدا يېزلغان بارلىق ئەسەرلەرنى  كۆرسىتىپ ئۆتۇش توغرا بولسا كېرەك.

كىتاب:

1.ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن:《مەدەنىيەت دالاسىغا سەپەر- ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش》شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2003- يىل نەشىرى

ماقالىلەر:

1.كۆرەش مەھمۇتجان، شېرىن قۇربان:《غايە-ئىزدىنىش-مۇۋاپىقىيەت…- ئاتاقلىق ئالىم، پىروفىسور ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن》،《شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى ئىلمى ژورنىلى》1996-يىللىق 1-سان.

2.تۇرسۇن ئابدۇغېنى:《ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن رۇبائىللىردا ئەكىس ئەتكەن ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك روھ توغرسىدا 》،《مەرىپەت غۇنچىلىرى》ژورنىلى 1996-يىللىق 2-سان.

3.قېييۇم قۇربان:《ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىلىقىنىڭ پىشىۋاسى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تەتقىقاتلىرى توغرسىدا》،《شىنجاڭ  ئۇنۋېرستىتى ئىلمى ژورنىلى》1997-يىللىق 1-سان.

4. ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن: 《 ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئىجادى پائالىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىش》،《قەشقەر ئەدەبىياتى》ژورنىلى 1999-يىللىق 1-سان.

5. ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن: 《 ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ رۇبائى ئىجادىيتى توغرسىدا》،《قەشقەر ئەدەبىياتى》ژورنىلى 2000-يىللىق 4-سان.

6.ئوسمان ئىسمائىل تارىم:《ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تەتقىقات مېتودى ھەققىدە》،《تارىم》ژورنىلى 2004-يىللىق 2-سان.

7.يالقۇن روزى: 《ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ مائارىپ قارشى ھەققىدە》《تارىم》ژورنىلى 2004-يىللىق 2-سان.

8.ئازاد رەھىمىتۇللا سۇلتان: 《ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئىلمى ئىجادىيتىنىڭ قىممىتى توغرسىدا》،《 شىنجاڭ  ئۇنۋېرستىتى ئىلمى ژورنىلى》2004-يىللىق 2-سان.

9. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۆزىنىڭ《ئۆمۈر تەلقىنلىرى》ناملىق كاتتا ماقالىسىدا كۆرسىتىشىچە، 1992-يىلى ئۆزبىكىستاندىكى دۆلەتلىك ژورنال-《ئۆزبىكىستاندا ئىجتىمائى پەنلەر》ژورنىلىنىڭ 5-،4-سانلىرىدا ئابۇلھەق ئابدۇروسۇل ئوغلى ئالىمنىڭ《فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سېستېمىسى》ناملىق كىتابى توغرسىدا مەخسۇس ماقالە يازغان.

10.يەنە شۇ ماقالىدىكى ئۈچۈرغا ئاساسەن، يۇقارقى ژورنالنىڭ1992-يىللىق3-،4-سانلىردا ئا.خ.خوجايېىفنىڭ《جوڭخوا خەلق جۇمھۇريىتىدە ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت تارىخىنى ئۈگىنىش ھەققىدە》ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىنىپ، ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى تەتقىقاتىدىكى ئەمگەكلىرى باھالانغان.

11.يالقۇن روزى:《ئۇيغۇرلاردا ئىجادىيەتنىڭ قىممىتى ۋە ئىجاتكارنىڭ قىسمىتى مەسىلىسى》،《ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى》1995-يىللىق 4-ئاينىڭ1-كۈنىدىكى سانى.

  12.ئەختەم ئۆمەر:《ئۇ كەلمەسكە كەتتى》،《ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى》1995-يىللىق 4-ئاينىڭ1-كۈنىدىكى سانى.

  13.كېرىمجان ئابدۇرىھىم:《ئەدەبىيات گۈلزارىدىكى توزماس چېچەكلەر-مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئىلمى ۋە ئىجادى پائالىيىتى 》،《ئاسىيا كىندىكى گېزىتى》1998-يىللىق 1-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى سانى.

    14.ئەمەت دەرۋىش:《〈غەربى يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى〉نىڭ قىممىتى》(بۇ ماقالە 《مەدەنىيەت دالاسىغا سەپەر- ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش》ناملىق كىتاپتا كۆرسىتىلگەن.)

    15.مىڭ چىبىى،لولۇلۇ:《ئويلىنىش ئىچىدە ئىلگرلەش》،《تارىم》ژورنىلى 1988-يىللىق 10-سان.

    16.يالقۇن روزىنىڭ《تەكلىماكاندىكى ئالتۇن كولدۇرما》ناملىق كىتابىدىكى ئۇچۈرغا ئاساسەن، سىدىقھاجى روزى ئالىمنىڭ《قارلىق تاغ شەجەرىسى》ناملىق ئەسىرى ھەققىدە《تىل〈 بۇزۇلسا بۇزۇلسۇن 〉،ۋەزىن〈بۇزۇلمىسۇن 〉》دىگەن تەنقىد ماقالىسىنى يازغان.

   17. قېييۇم قۇربان:《ئىلىم ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلغان قىران بۇركۈت》،《شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى》1996-يىللىق 9-يانۋار سانى.

   18.مەتتۇرسۇن ئىلى:《ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئېستېتىكا تەتقىقاتىنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكىلىرى توغرسىدا》،《 شىنجاڭ  ئۇنۋېرستىتى ئىلمى ژورنىلى》2008-يىللىق 4-سان.

  19.ياسىن مۇھەممەتنىياز تېكە، بۇئايشەمگۈل ھاجى: 《ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ بۇددىزىم تەتقىقاتى ۋە〈غەربى يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى〉ناملىق ئەسىرى ھەققىدە》، 《 شىنجاڭ  ئۇنۋېرستىتى ئىلمى ژورنىلى》2008-يىللىق 4-سان.

   20.ۋەلى: 《پارلاق مەدەنىيتىمىزنىڭ ھارماس كۈيچىسى》،《شىنجاڭ مەدەنىيىتى》ژورنىلى1999-يىللىق 1-سان.

  21.پولات ئاماننۇرى: 《〈ئىزچى〉نىڭ سەمەرىسى》،《شىنجاڭ ياشلىرى》ژورنىلى 2009-يىللىق 2-سان.

  22. ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن: 《ئالىمنىڭ روھىنى يادلاپ》، 《تەڭرىتاغ》ژورنىلى 2008-يىللىق 2-سان.

  23.غەيرەتجان ئوسمان:《ئالىمنىڭ تۇغۇلغان جايىنى ئۆزگەرتىشتىن پەيدا بولغان تەسىراتلار》،《شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر مۇنبىرى》ژورنىلى 2005-يىللىق 2-سان.

24.ئابدۇقادىر جالالىدىن:《ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تەتقىقاتىغا دائىر مېتودولوگىيەلىك مەسىلىلەر》، ئابدۇقادىر جالالىددىن:《يۈزىمىز،ئۆزىمىز ۋە كۆزىمىز》،شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشىرىياتى 2012-يىل4-ئاي نەشىرى.

25. ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن:《ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ مەدەنىيەت تەتقىقاتى ئۈستدە ئىزدىنىش》،《شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر مۇنبىرى》ژورنىلى 2010-يىللىق3-سان.

ئەسكەرتىش كېرەككى،  ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىنى نەشىرگە تەييارلاش ۋە قايتا نەشىر قىلىش جەريانىدا بەزى روشەن خاتالىقلار ساقلانماقتا. 2009-يىلى ئالىمنىڭ بەش توم ئەسىرى قايتا نەشر قىلنىش بىلەن بىرگە، 《يىپەك يولىدىكى سەنئەت جەۋھەرلىرى》ناملىق كىتابى نەشىر قىلىندى.بۇ جەرياندا نەشىرگە تەييارلىغۇچىلار بەزى خاتالىقلارنى سادىر قىلغان. 《يىپەك يولىدىكى  سەنئەت جەۋھەرلىرى》ئالىمنىڭ سەنئەت تەتقىقاتى ساھەسىدە يېزىلغان ماقالىلىرىدىن تۇزۇلگەن كىتاب بولۇپ، كىتابقا كىرگۈزۈلگەن بەش پارچە ماقالە ئالىم تەرپىدىن نۇرغۇنلىغان ئارخېئولوگىيلىك پاكىتلار ئارقىلىق ئسپاتلانغان.بىراق كىتابتا بۇ ماتىرىياللار چىقىرىپ تاشلانغان.يەنە بىرى《سىكتاي-ساك-ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىم-كېچەك مەدەنىيىتىدىكى ئېتنولوگىيلىك ئىزچىللىق توغرسىدا》ناملىق ماقالىدە ئالىم ئېنىق قىلىپ:《مەن بۇ ماقالەمدە بىۋاستە رەسىملىك پاكىت ئۈلگۈللىرنى كۆرسىتىش ئارقىلىق كۇچا قىزىل تاشكېمىردىكى قەدىمكى كۈسەن رەسسامىنىڭ كېينىشنى نۇقتا قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ كېينىشى ۋە ئۇنىڭ بىلەن قەدىمكى سىكتاي-ساكلارنىڭ كېينىشىدىكى ئېتنولوگىيلىك ئىزچىللىق ئۈستىدە توختالماقچىمەن》【4】دەپ يازغان.ئەمما كىتاپتا بۇ رەسسىمىلىك ئىسپاتلار يوق.بۇ بىرىنچىدىن،ئالىمنىڭ《تارىخنى ئۇنىڭ ئۆز ئۇچۇرى ئارقىلىق تەتقىق قىلىش》ئىديىسىگە يات. ئىككىنچىدىن، ئالىمنىڭ ئەمگىكىگە قىلنغان ھۆرمەتسىزلىك! تۆۋەندە شۇ ماقالىلەر ۋە ئارخېئولوگىيلىك پاكىتلار(سۈرەتلەر)جەدۋەللەشتۇرۇلدى:

جەدۋەل: 《يىپەك يولىدىكى  سەنئەت جەۋھەرلىرى》دىكى تۆت پارچە ماقالىنىڭ ئەسلى ئۇچۇرى

رەت نومىرى


ماقالە ئىسمى


ئەسلى ئېلان قىلنغان ژورنال


پاكىتلىق سۈرەتلەر سانى


1


ئۇيغۇر ئەجدادلىردا مەي مەدەنىيىتى


شىنجاڭ ئۇنۋىرېستىتى ئىلمى ژورنىلى1994-يىللىق1-سان


19


2


سىكتاي-ساك-ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىم-كېچەك مەدەنىيىتىدىكى ئېتنولوگىيلىك ئىزچىللىق توغرسىدا


شىنجاڭ ئۇنۋىرېستىتى ئىلمى ژورنىلى1992-يىللىق3-سان


42


3


كۈسەن رەسساملىردىكى ئېستىتىك ئاڭ توغرسىدا


شىنجاڭ مەدەنىيىتى 1992-يىللىق3-سان


23


4


ئىسلامىيەتكىچە غەربىي دىيار ئۇسسۇل سەنئىيتى تەسۋىرىي يادىكارلىقلىرنىڭ تارىخى ئۇچۇرى


شنجاڭ مەدەنىيىتى1992-يىللىق4-سان


76

  ئەڭ ئەپسۇسلىقى شۇكى، بەزى ماقالە-ئەسەرلەردە ئالىمنىڭ قاچان تۇغۇلۇپ،قاچان ۋاپات بولغانلىقى توغرسىدىكى مەلۇماتلارمۇ ھەرخىل بولۇپ كېتىۋاتىدۇ.بۇ 21-ئەسىردە ياشاۋاتقان بىزلەر ئۈچۈن قاتتىق نۇمۇس بىر ئىش. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرىنى ئەڭ كۆپ نەشىرگە تەييارلىغان يالقۇن روزى ۋە سارتېكىنلەر ئۆز ئەسەرلىرىدە بىردەك «1933-يىلى 9- ئاينىڭ 28- كۈنى تۇغۇلۇپ، 1995-يىلى 2- ئاينىڭ 27- كۈنى 62 يېشىدا ۋاپات بولغان» دەپ يازغان.بىراق بۇرۇن يېزىلغان كۆپۈنچە ئەسەرلەردە 1934-يىلىنى تۇغۇلغان يىلى قىلىپ كۆرسەتكەن.«شىنجاڭ مەدەنىيتى» ژورنىلىنڭ 2010-يىللىق 5- سانىدىكى زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ «بىز قانداق چاكىنلىشىمىز » ناملىق ماقالىسىدىكى نەقىلدىمۇ بۇ ئەھۋال تەكرارلانغان. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى ئورنىنىڭ مەسئوللىقىدا يېزىلغان، 2006-يىلى مىللەتلەر نەشىرىياتى نەشىر قىلغان نوپۇزلۇق كىتاب «ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى» 4-توم1-كىتابنىڭ 256-بېتىدە «1996-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى 63يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى» دېيىلگەن بولسا،ئازاد سۇلتان،كېرىمجان ئابدۇرېھىم تۈزگەن،شىنجاڭ پەن-تېخنىكا سەھيە نەشىرىياتى بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋىرستېتى نەشىرىياتى بىرلىكتە 2002-يىلى 9-ئايدا نەشىر قىلغان《ئۇيغۇر بۇگۈنكى زامان ئەدەبىياتى تارىخى》ناملىق كىتابنىڭ 333-بېتىدە:《ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن 1934-يىلى تۇغۇلۇپ،1997-يىلى ۋاپات بولغان》دەپ كۆرسىتىلگەن.

2.مۇلاھىزە

ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرنىڭ سانى كۆپ،چېتىلىش دائىرسى كەڭ،ژانىرى تۇرلۈك.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالىم توغرسىدىكى تەتقىقات تېخى باشلانمىدى.مېتودولوگىيلىك مەسىلىلەر ھەل قىلىنمىدى.شۇڭا ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىنى تۈرگە ئايرىۋىلىش،ۋاقىت تەرتىپى بويىچە باسقۇچقا بۆلۇۋىلىش لازىم.مەن بۇ تۇغرسىدىكى دەسلەپكى ئىزدىنشىمنى ئوتتۇرغا قويدۇم.ئەلۋەتتە،بۇ ھۆكۈم ئەمەس.

كۆرەش مەھمۇتجان،شېرىن قۇربانئاپتورلىقىدىكى《غايە-ئىزدىنىش-مۇۋاپىقىيەت》ناملىق ماقالىدە ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىنى مۇنداق تۈرلەرگە ئايرىغان.بىرىنچى،ئەسەر ھەجىمىنىڭ چوڭ-كىچىكىلىكى بۇيىچە،ئالىمنىڭ ئەسەرلىرى يىرىك ئەسەرلەر(مەخسۇس ئەسەرلەر) ۋە ئىلمى ماقالىلەر دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ.ئىككىنچى،ئەسەر مەزمۇنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن،ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىلمى ئەسەرلەر،ئەدەبىي ئىجادىيەت ئەسەرلىرى،پەننىي ئومۇملاشتۇرۇش ئىجادىيەت ئەسەرلىرى ۋە تەرجىمە ئەسەرلەر دەپ تۆت چوڭ تۈرگە بۆلىندۇ.【5】 قەييۇم قۇربان ئۆزىنىڭ《ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىلىقىنىڭ پىشىۋاسى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تەتقىقاتلىرى توغرسىدا》ناملىق ماقالىسىدە ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىنى-ئۇيغۇر پەلسەپە-ئىدىيە تارىخغا دائىر تەتقىقات،ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخغا دائىر تەتقىقات،ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتىگە دائىر تەتقىقات،غەربىي دىيار تاشكېمىر سەنئىتىگە دائىر تەتقىقات،ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەنىۋىي ئىللەتلىرگە دائىر تەتقىقات【6】،دەپ بەش چوڭ تۈرگە يېغىنچاقلىغان. ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن《مەدەنىيەت دالاسىغا سەپەر- ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش》ناملىق ئەسىردە 14تۈرگە بۆلۈپ بايان قىلغان. 【7】

مېنىڭچە ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىنى تېخىمۇ ئىنچىكە تۈرلەرگە ئايرىساق،تەتقىق قىلىشتا قولايلىق بولىدۇ.مەن تۆۋەندىكىچە تۈرلەشنى لايىق كۆردۇم:

1.       كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتغا ئائىت ئەسەرلىرى

2.       فارابىشۇناسلىققا ئائىت ئەسەرلىرى

3.       قۇتادغۇبىلگىشۇناسلىققا ئائىت ئەسەرلىرى

4.       نەۋائىشۇناسلىققا ئائىت ئەسەرلىرى

5.       ئۇيغۇر پەلسەپە-ئىدىيە تارىخى تەتقىقاتغا ئائىت ئەسەرلىرى

6.       ئۇيغۇر مۇقاملىرى تەتقىقاتىغا ئائىت ئەسەرلىرى

7.       يېپەك يولى مەدەنىيتىگە ئائىت ئەسەرلىرى

8.       ئۇيغۇر روھىيىتى تەتقىقاتىغا ئائىت ئەسەرلىرى

9.       تۇران تارىخغا ئائىت ئەسەرلىرى(قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا)

10.    ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك تارىخىغا ئائىت ئەسەرلىرى

11.    ئۆزى توغرسىدىكى ئەسلىمىسى

12.    ئايالى رەنا مەھسۇدقا بېغىشلاپ يازغان ئەسلىمىسى

13.    بەدىئىي ئىجادىيىتى(شېئىر،نەسىر،كىنو سىنارىيسى)

14.    شېئىرىيەت تەتقىقاتىغا ئائىت ئەسەرلىرى

15.    غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى تەتقىقاتىغا ئائىت ئەسەرلىرى

16.    ئائىلە تەتقىقاتىغا ئائىت ئەسەرلىرى

17.    ئېستېتىكا تەتقىقاتىغا ئائىت ئەسەرلىرى

18.    مائارىپقا دائىر ئەسەرلىرى

19.    چۈشەندۇرۇش ۋە پەننىي ئومۇملاشتۇرۇش ئەسەرلىرى

20.    سەنئەت تەتقىقاتىغا ئائىت ئەسەرلىرى

21.    تەرجىمە ئەسەرلىرى

بۇنداق تۈرگە ئايرىش ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىنى بىر-بىردىن،ئىدىيە-قاراشلىرىنى مەنبەلىرىدىن ئايرىۋىتىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ.چۈنكى ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تۈرى كۆپ،چېتىلىش دائىرسى كەڭ بولسىمۇ،ئەڭ ئاخىردا بارلىق تەتقىقاتلىرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى بولۇپ چىقىدۇ.بۇ مەرھۇمنىڭ ھاياتىدا ناھايىتى ئېنىق بىر نېشان ئۈچۈن كۆرەش قىلغانلىقىنى،پەقەتلا چىقىش نۇقتىللىرنىڭ ھەرخىل ئىكەنلىكنى چۈشەندۇرۇپ بېرىدۇ.

   ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن دۇنيا قاراش،قىممەت قارىشى جەھەتتە تۇرغۇنلۇقتا تۇرۇپ قالغان ئەمەس.بۇ توغرسىدا ئۇ《ئۆمۈر تەلقىنلىرى》【8】ناملىق ماقالىسىدە ئۇچۇر بەرگەن.ئالىم ئاساسەن ماركىسىزم نەزەرىيسىنى ئۆز تەتقىقاتغا يېتەكچى قىلدى.بۇ جەھەتتىن قارىغاندا ئىككى ئېھتىماللىق بار.بىرى،ئالىم خەلقئارادىكى باشقا نەزەرىيە،مىتودلاردىن خەۋەرسىز قالغان.ئىككىنچىسى،بىلگەن بولسمۇ قوللىنىش ئىمكانىيتىگە ئېرشەلمىگەن.ئالىمنىڭ ئۆمىرنىڭ ئاخىرىدا يازغان ئەسەرلىرىدىن بۇلارنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ.بۇلاردىن شۇنى بىلگىلى بولىدىكى،ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۆز ئارزۇسىغا ماس مەيدانىنى ئۆمىرنىڭ ئاخىرىدا ئىپادىلگەن.شۇڭا ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇش،تەتقىق قىلىش جەريانىدا قايمۇقۇش يوق ئەمەس.مېنىڭچە،ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ھاياتىنى ۋاقىت بويىچە قاتلامغا بۆلىۋىلىش كېرەك.كونكىرىت تۆت دەۋىرگە بۆلىشنى مۇۋاپىق دەپ قارايمەن:

1-باسقۇچ:بالىلىق دەۋىرى

2-باسقۇچ:1948-يىلدىن1979-يىلغىچە

3-باسقۇچ:1980-يىلدىن1988-يىلغىچە

4-باسقۇچ:1989-يىلدىن1995-يىلغىچە

  بۇ خىل بۆلۈش تۆۋەندىكىدەك ئاساسلار ئۈستىگە قۇرۇلغان:

    ئالىمنىڭ بالىلىق دەۋىرنى ۋە ئائىلە شەجەرىسىنى بىلىش، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تەتقىقاتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.بۇ باسقۇچنىڭ كىيىنكى ئىجادىيەت ھاياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار.بولۇپمۇ بەدىئىي ئىجادىيىتىدە تېخىمۇ شۇنداق.ئابدۇقادىر جالالىدىن كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك《ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ بىيوگرافىيەسى تېخى قولغا ئىلىنمىدى…بۇ خىزمەت لىللا ھالدا تولۇق تاماملانمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن دىگەن تېما ھامان چالا قالىدۇ.》【9】ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالىمنىڭ ئۆزى ۋە ئايالغا بېغىشلاپ يازغان ئەسلىمىللىرىنىڭ ھازىرغىچە نەشىر قىلىنغانلىقى توغرسىدا ئۇچۇر يوق. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۆزىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت قارشىنىڭ شەكللنشىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئامىللار ئۈستىدە توختالغاندا،بالىلىق دەۋىرىنى ئالاھىدە تېلغا ئالغان.【10】

   ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنڭ ئەدەبىي ئىجادىيتى 1948-يىلى «قەشقەر گىزىتى»دە ئېلان قىلىنغان بىر پارچە شېئىرى ۋە 1950-يىلى«شىنجاڭ گىزىتى»دە ئىلان قىلىنغان«كېسىلگەن قۇلاق» ناملىق ھېكايىسى بىلەن باشلانغان بولۇپ، «شەيدائى»،«گۈلزار ئاشىقى»،«بۇلبۇل ئازادى» قاتارلىق تەخەللۇسلاردا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇنلانغان.بۇنى ئەدىبنىڭ 1997-يىلى «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلنىڭ 1-سانىدا ئىلان قىلنغان «ئۆمۈر تەلقىنلىرى »ناملىق كاتتا ماقالىسىدىن بىلەلەيمىز.بولۇپمۇ1956-يىلى ئۇيغۇر،خەنزۇ تىللىردا《شىنجاڭ ئىنىستىتۇتى ئىلمى ژورنىلى》دا ئېلان قىلنغان《ئۇيغۇر خەلقىنىڭ Ⅺ ئەسىردىكى ئىككى بۈيۈك ئالىمى》ناملىق ماقالىسى سەۋەبىدىن1959-يىلىدىن1979-يىلغىچە نەق 20يىل سىياسى ھوقۇقىدىن ئايرىلغان.

1979  -يىلى ئۇنىڭ سىياسى ھوقۇقى ئەسلىگە كىلىپ،تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنش ئېمكانىيتىگە ئېرشكەن.شۇ چاغلاردىكى شارائىت ۋە قىممەت قارىشى،دۇنيا قارىشى ئاساسىدا زور بىر تۈركۈم تەتقىقات ۋە بەدىئىي ئەسەرلەرنى يازغان.تۇققان يوقلاش مۇناسىۋىتى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىياغا،ئىلىمى زىيارەت بىلەن ياپۇنىيەگە بارغان.

   1989-يىلدىن1991-يىللار ئارلىقىدا ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ دۇنيا قارشى ۋە قىممەت قارىشىدا چوڭ بۇرۇلۇش بولغان.بۇنى ئۇنىڭ «ئۆمۈر تەلقىنلىرى »،《ئارىفنامە》قاتارلىق ئەسەرلىردىن بىلگىلى بولىدۇ.ئوبزورچى يالقۇن روزى ئالىمنىڭ《زەينۇلئابىدىن مەۋلىۋى داموللا ھاجىم تەئرىپىدە》【11】ناملىق ماقالىسىگە بەرگەن ئىزاھاتىدا، 1989-يىلى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن يۇرتى ئاتۇشقا بارغاندا ،زەينۇلئابىدىن مەۋلىۋى داموللا ھاجىم بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولغانلىقى،بۇ ئىككى ئالىمنىڭ شۇ قېتىمقى سۆھبىتىنىڭ شۇنداق خاسىيەتلىك بولغانلىقى،ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۆزىنىڭ 40-30يىللىق دۇنيا قارىشىغا قايتا نەزەر سالغانلىقىنى ئىزاھلىغان.بەلكىم ،بۇمۇ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن.ئالىم ئۆزىمۇ«ئۆمۈر تەلقىنلىرى »ناملىق ئىسىل ماقالىسىدە يازغاندەك:《بىر چاغلاردا تۇتىيا بىلىپ قاتتىق چاڭگاللىۋالغان نەرسىلەرنى پىرقىرتىپ تاشلاشقا،پىداكارلىق قىلغان ئەقىدلىرىدىن قاقاقلاپ كۈلۈشكە》【12】باشلىغان.

  يۇقىرقى قاراشلارنى مۇلاھىزە سۈپىتىدە ئوتتۇرغا قويدۇم.مۇشۇ خىل قاتلامغا بۆلۈش بۇيىچە كېيىنكى ئۈچ باسقۇچتىكى ئەسەرلەرنى يىل تەرتىبىي بىلەن رەتلەپ،سىلشتۇرۇپ تەتقىق قىلغاندا،ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنگە ئىلمى بولمىغان،پاكىتسىز باھالارنى بېرىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ،دەپ قارايمەن.

    بۇ يىل ئالىم تۇغۇلغانلىقنىڭ 80 يىللىقى،ۋاپاتنىڭ 18 يىللىقى.بۇنى چوقۇم خاتىرلەش لازىم.ئەينى ۋاقتىدا ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن شىنجاڭ ئۇنۋىرستىتىدا ئالىمىنى تەتقىق قىلدىغان بىر ئورۇننىڭ بولۇشىنى تەكلىپ قىلغان.ئەمما ھازىرغىچە بۇنداق ئورۇننىڭ قۇرۇلغىنىدىن خەۋەر تاپمىدۇق.ئالىم شۇنداق ئەنسىز يىللاردا ھېچقانداق تەتقىقات ئەۋزەللىكى،تەتقىقات مەبلىغى بولمىغان شارائىتتا مۇشۇنداق زور ئىلمىي ئەمگەكلەرنى روياپقا چىقارغان.بۇ قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغان روھ.مېنىڭچە ئابدۇشۈكۈر تەتقىقاتىدا تورنىڭ رولىدىن پايدىلىنىش ياخشى تاللاش بولۇشى مۇمكىن.ئالىمنى تەتقىق قىلشنى ئاساس قىلىپ،بارلىق ئۇيغۇر ئالىملىرى تەتقىقاتىغا بېغشلانغان مەخسۇس بىر مۇنبەر قۇرۇلسا،ئالىملارغا ئائىت بارلىق ئۇچۇرلارنى شۇ يەرگە يېغىپ،ئورتاق پايدىلانساق.مەتبۇئاتلارنىڭ ھازىرقى رولىدىن ئىلىپ ئېيتقاندا بۇنداق زور ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماسلىقى مۇمكىن.ئەلۋەتتە بۇ ئىشلار شۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ قوشۇلىشى بىلەن بولىدۇ.شۇڭا ھەمكارلىق بەك مۇھىم.

   ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تەتقىقاتىنى باشلاش ھەممىمىزنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى تەلەپ قىلىپلا قالماستىن، ئىلىم تەتقىقاتىدا ئەستايىدىل بولىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.ئىشنىمەنكى،ئىلىمغا ئاشىق قەلىبلەر بۇ خىل زۆرۈرىيەتنى ئاللبۇرۇن تونۇپ يەتتى.پات ئارىدا بۇ خاسىيەتلىك ئىش باشلانغۇسى!

              2013-يىلى 7-ئاينىڭ14-كۈنى قايتا تولۇقلاپ،تۈزۈتىلدى.

نەقىل مەنبەلىرى ۋە ئىزاھات

【1】ئابدۇقادىر جالالىددىن:《يۈزىمىز،ئۆزىمىز ۋە كۆزىمىز》،شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشىرىياتى 2012-يىل4-ئاي نەشىرى،169-،170-،171-بەتلەر.

【2】ئابلىمىت ئۆمەر بىلگە: 《ئۇيغۇرلارنىڭ ئېپتىىدائى ئېڭى ۋە پەلسەپە بېخلىرى》،مىللەتلەر نەشىرىياتى 2008-يىل نەشىرى،386-،387-بەتلەر.

【3】ئابدۇقادىر جالالىددىن:《يۈزىمىز،ئۆزىمىز ۋە كۆزىمىز》،شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشىرىياتى 2012-يىل4-ئاي نەشىرى،173-بەت.

【4】ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: 《سىكتاي-ساك-ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىم-كېچەك مەدەنىيىتىدىكى ئېتنولوگىيلىك ئىزچىللىق توغرسىدا》،《 شىنجاڭ   ئۇنۋېرستىتى ئىلمى ژورنىلى》1992-يىللىق 3-سان 15-بەت.

【5】كۆرەش مەھمۇتجان، شېرىن قۇربان:《غايە-ئىزدىنىش-مۇۋاپىقىيەت…- ئاتاقلىق ئالىم، پىروفىسور ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن》،《شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى ئىلمى ژورنىلى》1996-يىللىق 1-سان3-بەت.

【6】قېييۇم قۇربان:《ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىلىقىنىڭ پىشىۋاسى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تەتقىقاتلىرى توغرسىدا》،《شىنجاڭ  ئۇنۋېرستىتى ئىلمى ژورنىلى》1997-يىللىق 1-سان.

【7】ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن《مەدەنىيەت دالاسىغا سەپەر- ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش》، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2003- يىل نەشىرى.

【8】ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: «ئۆمۈر تەلقىنلىرى »،«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلى1997-يىللىق1-سان

【9】ئابدۇقادىر جالالىددىن:《يۈزىمىز،ئۆزىمىز ۋە كۆزىمىز》،شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشىرىياتى 2012-يىل4-ئاي نەشىرى،170-بەت.

【10】ئابلىمىت ئىسمايىل، ماخمۇتجان ئىسلام: «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدىبلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1993-يىل نەشىرى، 350-،351-،352- بەتلەر.

【11】ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئمىن:《ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى》،(يالقۇن روزى نەشىرگە تەييارلىغان) شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى2002-يىل نەشىرى159-بەتتىكى ئىزاھاتقا قاراڭ.

【12】ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: «ئۆمۈر تەلقىنلىرى »،«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلى1997-يىللىق1-سان9-بەت.

ئاپتور:ئېلشاد رەخىم衣力夏提·热黑木江 (قورغاس ناھىيەسىدىن)

پوچتا نومۇرى:835200   

يانفون:15276338094

                        



ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
abaytarim + 108 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 108   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2890
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16634
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2554 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 01:15:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز تولىمۇ ئۇلۇغ بىر ئەمگەك ۋە ئەمگەكچىنىڭ تەرىپىنى تىلغا ئاپسىز ،مەن بەك تەسىرلەندىم بەلكىم بۇ توغرۇلۇق بىرەر پارچە شېئىر بولسىمۇ پۈتۈشكە ئالدىراۋاتقان ھېسسىياتىمنى يوشۇرمايمەن...سىزگە ھاردۇق يەتمىسۇن بارىكاللا...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97527
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 65
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2013-9-3
ئاخىرقى: 2013-10-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 02:53:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   بۇ يازمىنى تورغا يوللىغىنىڭىز توغرا بوپتۇ .چۇنكى توردا ئوقۇرمەنلەر كوپ ، يەنى كىلىپ سىزبىلمىگەن چالا قالغان تەپسىلاتلار بولسا تورداشلار تۇلۇقلاپ قويىدۇدە ،تەتقىقاتىڭىزنىڭ چوڭقۇرلىشىشغا پايدىسى بۇلىدۇ . ئالىمنىڭ كۇشەندىلىرى تېخى مەتبۇئات ساھەسىدىن  يوقالغىنى يوق ،شۇڭا ئۇيەردە ھەق گەپ ئاقمايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29519
يازما سانى: 1450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9313
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 985 سائەت
تىزىم: 2011-2-7
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 05:05:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قايسىڭلاردا ئالىمنىڭ «قەدىمقى مەركىزى ئاسىيا »دىگەن كىتابىنىڭ ئېلكىتاب نۇسخىسى بار .ئەسلى كىتابى بولسىمۇ بولىدۇ .مەن شۇنچە ئىزدەپ بۇ كىتابنى تاپالمىدىم .

@ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن@

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6222
يازما سانى: 447
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9612
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 561 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2014-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 05:42:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇشۇكۇر مەھەممەت ئىمن. تەتىقاتغا كىرىش.بو ئەسەر ياخشى يىزىلپتۇ.

ئاللا نىڭ ھەر بىر بەرگەن سۇۇغىتى سەۋەپسز ئەمەستور.

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4226
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20145
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1663 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 08:29:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئابدۇشكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرىنىڭ كاتولوگى

نەشر قىلىنغان كىتابلىرى:

1.«شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا-ئۇسۇل سەنئىتى»،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 1980- يىلى نەشر قىلغان.

2.«ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇزىكىسى “ئون ئىككى مۇقام”ھەققىدە»مىللەتلەر نەشرىياتى ، 1980- يىلى نەشر قىلغان.

3.«رۇبائىيات»(1) ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1982- يىلى نەشر قىلغان.

4.«ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخىغا ئائىت مەسىللەر» ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1982- يىلى نەشر قىلىنغان ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ بەش پارچە ماقالىسى كىرگۈززۈلگەن).

5.«چوغلۇق»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1986- يىلى نەشر قىلغان.

6.«ئومومىي ئىستېتكا»، شىنجاڭ ياشلار نەشرىياتى 1985- يىلى نەشر قىلىنغان.

7.«فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سىستىمىسى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1986- يىلى نەشر قىلىنغان.

8.«قارلىق تاغ شەجەرىسى» شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1988- يىلى نەشر قىلغان.

9.«رۇبائىيات» (2)، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1989- يىلى نەشر قىلغان.

10.«قاتلاملىق ئېستېتكا»، شىنجاڭ ئۈنۋىرسىستىتى نەشرىياتى 1994- يىلى نەشر قىلغان.

11.«ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى» ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1997- يىلى نەشر قىلغان.

12.«ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى»،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1997- يىلى نەشر قىلغان.

13.«غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى» ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1998- يىلى نەشر قىلغان.

14.«”قۇتادغۇبىلىك”خەزىنىسى» ، شىنجاڭ ئۈنۋىرسىتېتى نەشرىياتى 1999- يىلى نەشر قىلغان.

15.«سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى» ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000- يىلى نەشر قىلغان.

16.«ئابدۇشكۇر مۇھەممەتئىمىن ھىكمەتلىرى» (1) ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000- يىلى نەشر قىلغان.

17.«يىپەك يولىدىكى توققۇز ھىكمەت» ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2001- يىلى نەشر قىلغان.

18.«ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدىنىيتى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002- يىلى نەشر قىلغان.

19.«قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا»(“تۇران تارىخى”) ، شىنجاڭ نەشرىياتى 2002- يىلى نەشر قىلىنغان.

20.«ئائىلە» ، شىنجاڭ ئۈنۋىرسىتېتى نەشرىياتى 2002- يىلى نەشر قىلغان.

ئالىمنىڭ ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن كىتابلار

1. «جاھاننامە»(2) (بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ “گۈللۈك دوپپا توغرىسىدا ” ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن) شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1988 – يىلى نەشر قىلىنغان .

2. « مەھمۇد قەشقەرى» ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ “ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11 – ئەسىردىكى ئىككى بۈيۈك ئالىمى” ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1985 – يىلى نەشر قىلىنغان .

3. « غەزەل ۋە مۇخەممەسلەر » (بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ بەش پارچە غەزەل ، بىر پارچە مۇخەممەسى كىرگۈزۈلگەن ) مىللەتلەر نەشرىياتى 1983 – يىلى نەشر قىلىنغان .

4. «ئۇيغۇر شېئىرىيىتى توغرىسىدا » ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ ” يۈكسەك قەلىبنىڭ شېئىرى ھەيكىلى ” ناملىق ئوبزورى كىرگۈزۈلگەن ) شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1989 – يىلى نەشر قىلىنغان .

5. « يېڭى رۇبائىيلار » ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ ئالتە پارچە رۇبائىيسى كىرگۈزۈلگەن ) مىللەتلەر نەشرىياتى 1988 – يىلى نەشر قىلغان .

6. « “قۇتادغۇ بىلىك ” ھەققىدە بايان » (1) ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ « “قۇتادغۇ بىلىك” ئىلمىي قىممىتى توغرىسىدا » ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1986 – يىلى نەشر قىلىنغان .

7. « “قۇتادغۇ بىلىك ” ھەققىدە بايان » (2) (بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ « ئوتتۇرا ئەسىر قانۇنشۇناسلىق تارىخىدىكى ئۇلۇغۋار نامايەندە > ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1986 – يىلى نەشر قىلىنغان .

8. « ئاھ ، يۇلتۇزلار » ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ بىر پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن ) ، مىللەتلەر نەشرىياتى 1991 – يىلى نەشر قىلغان .

9. « ياپراقتىكى نەقىشلەر» ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ تۆت پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن)قەشقەرئۇيغۇر نەشرىياتى 1985-يىلى نەشىر قىلغان.

10.« توي چاچقۇسى» ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ 17پارچە رۇبائىي ۋە غەزىلى كىرگۈزۈلگەن)شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1985-يىلى نەشىر قىلغان.

11.«100شېئىر» ( بۇكىتابقا ئالىمنىڭ ئىككى پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن )،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1991-يىلى نەشىر قىلغان.

12. «مۇھەببەت لىرىكىلىرى» ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ بىر پارچە شېئرى كىرگۈزۈلگەن)شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1991-يىلى نەشىر قىلغان.

13.«قايغۇلۇق ئەسلىمىلەر» ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ”ئىزگۈ پەزىلەتنىڭ ئۇيغۇر شېئرىيىتىدىكى ئىپتىخارى”ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن)شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1996- يىلى نەشر قىلغان.

14. «قۇمۇل مۇقاملىرى ھەققىدە » ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ “ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ قەدىمكى گەۋدىسى – قۇمۇل مۇقاملىرى ھەققىدە ” ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1994 – يىلى نەشر قىلىنغان .

15. « ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ھەققىدە » ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ ” ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ مەنبە – ئېقىملىرى توغرىسىدا” ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1992 – يىلى نەشر قىلىنغان .

16. « ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى » (2) (ئالىم بۇ كىتابنىڭ ئىككىنچى قىسىم 2 – پاراگراف ۋە 2- ، 4- ، 5- ،10 – بابلىرىنى يازغان ) ، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 1993 – يىلى نەشر قىلغان .

17. « ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەتقىقاتى » ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ ” ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ مەنبە – ئېقىملىرى توغرىسىدا” ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) ، مىللەتلەر نەشرىياتى 1995 – يىلى نەشر قىلغان .

18.«ئىبىن سىنا ۋە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى » ( ئالىم بۇ كىتابنىڭ كىرىش سۆزىنى يېزىپ بەرگەن ) ،

شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1996- يىلى نەشر قىلىنغان .

19. «سىلىشتۇرما ئەدەبىيات ئاساسلىرى » ( ئالىم بۇ كىتابقا بېغشلىما ماقالىسى يېزىپ بەرگەن ) ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستىتى نەشرىياتى 1997- يىلى نەشر قىلغان .

20. « ئاھ ، نۇرلۇق ئابىدىلەر » ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ بەش پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن ) ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1997- يىلى نەشىر قىلغان .

21. « ئابدۇكېرىم خوجا ئىجادىيىتى توغرىسىدا » ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ بىر پارچە شېئىرى ۋە ” ئۇ شېئىرلىرى بىلەن

خەلق قەلبىدە ياشايدۇ ” ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) ، شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈلەر نەشرىياتى 1999- يىلى نەشىر قىلىنغان .

22. « ئەدەبىيات » ( بۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ 2- يىللىقنىڭ دەرسلىك كىتابى بولۇپ ، ئۇنىڭغا ئالىمنىڭ ” كىتاب ۋە كىتاب مەدەنىيىتى” ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) ، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 1999- يىلى نەشر قىلىنغان .

23. « جۇڭگۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر پەلسەپە تارىخى » ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ ” ئۇيغۇرلارنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسى ” ناملىق ئەسىرى كىرگۈزۈلگەن ) ، ئەنخۈي خەلق نەشرىياتى 1992- يىلى نەشر قىلىنغان .

24. « شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ پەلسەپە – ئىدىيە تارىخى » ( ئالىم بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇر ، ئۆزبىك ، قىرغىز مىللەتلىرىنىڭ پەلسەپە – ئىدىيە تارىخىغا ئائىت قىسمىنى يازغان ) .

25. « يىپەك يولى مۇزىكا سەنئىتى » ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ “ئون ئىككى مۇقام ۋە تۇردى ئاخۇن ” ناملىق ماقالىسى

كىرگۈزۈلگەن ) ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1980- يىلى نەشر قىلىنغان . (خەنزۇچە) .

26. «شاھنامە» (بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ “شەرق كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى مىسلىسىز ئەزىمەت ، ئەبۇلقاسىم فىردەۋىسى ” ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1998- يىلى نەشر قىلغان .

27. « كۇڭزى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 2540 يىللىقنى خاتىرلەش مۇھاكىمە ماقالىلار توپلىمى » ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ “كۇڭفۇزى ۋە قوچۇ

مەدەنىيىتى ” ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) ، شاڭخەي سەنلەن كىتاب نەشرىياتى 1992- يىلى نەشر قىلىنغان .

28. «بۈيۈك شائىر ئەلشىر ناۋائي » ( بۇ كىتاپقا ئالىمنىڭ “ئەلشىر ناۋائىينىڭ پەلسەپە قاراشلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش” ۋە “ئەلشىر ناۋائىينىڭ مەدەنىيەت تارىخىمىزدا تۇتقان ئورنى ” قاتارلىق ئىككى پارچە ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1996 – يىلى نەشىر قىلىنغان .

29.«”تارىم ” ۋە مەن » ( بۇ كىتاپقا ئالىمنىڭ “تەبرىك ۋە ئۈمىد” ناملىق بىر پارچە ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1996 – يىلى نەشىر قىلغان .

30. « تاللانغان رۇبائىيلار » (بۇ كىتاپقا ئالىمنىڭ 10 پارچە رۇبائىيسى كىرگۈزۈلگەن ) قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى 1999 – يىلى نەشىر قىلغان .

31. « بۇگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى » (بۇ كىتاپقا ئالىمنىڭ “شېئىرىيەت ئېستىتىكىغا دائىر بىر قانچە مەسىلە ” نامىلىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2001- يىلى نەشىر قىلىنغان .

ئالىمنىڭ ئېلان قىلىنغان ماقالىلىرى

ئالىم ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەتئمىننىڭ تا ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان ماقالىلىرى 200 پارچىگە يېقىن بولۇپ ، بۇ ماقالىلاردىن “غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى” دە 168 پارچە ، “شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى” دا 181 پارچە ، “كىتاپ مۇنبىرى” ژورنىلىدا 170 پارچىنىڭ كاتولوگى ئېلان قىلىنغان ئىدى . مەن توپلىغان ماتېرىياللىرىم ئاساسىدا مۇكەممەل دەپ قارالغان ماقالىلار كاتولوگىنى تۈزۈپ چىقتىم .

1. «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11- ئەسىردىكى ئىككى بۈيۈك ئالىمى » ( “شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى ” 1956- يىل ئۇيغۇرچە 3- سان ، خەنزۇچە 4- سان ).

2. « ئەدەبىيات – سەنئەتتە تىپ مەسىلىسى توغرىسىدىكى دەسلەپكى چۈشەنچىلىرىم » ( “شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى” 1956- يىلى ئۇيغۇرچە 4- سان ).

3. «ئۇيغۇر پەلسەپە – ئىدىيە تارىخىغا دائىر تەتقىقات تېزىسلىرى »( <1> “شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى” 1980- يىللىق ئۇيغۇرچە 2- سان ؛ <2> “پەلسەپە تەتقىقاتى ” ژۇرنىلى 1980- يىللىق خەنزۇچە 4- سان ).

4. «فارابىنىڭ مۇزىكا ئېستېتىكىسىغا دائىر بىر قانچە مەسىلە» (“شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى” 1980-يىللىق

ئۇيغۇرچە 4- سان ).

5. «نان ۋە تونۇر» (“مىللەتلەر رەسىملىك ژۇرنىلى ” 1980- يىلى 3- سان ، خەنزۇچە نۇسخىسى ).

6. «ئون ئىككى مۇقام ۋە تۇردى ئاخۇن» ( <1> “شىنجاڭ گېزىتى” 1980- يىلى 5- ئاينىڭ 30- كۈنىدىكى سانى ؛

<2> “شىنجاڭ سەنئىتى” 1980- يىللىق ئۇيغۇرچە 1- سان ؛ <3> “يىپەك يولى مۇزىكا سەنئىتى” 1980- يىل شىنجاڭ

خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان خەنزۇچە ماقالىلار توپلىمى ، بۇ توپلامغا ئالىمنىڭ يۇقارقى ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ؛

<4> “شىنجاڭ سەنئىتى” ژۇرنىلى 1980- يىللىق خەنزۇچە 4- سان ) .

7. «ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئالىمى – ئىبىن سىنا» (ئىبىن سىنا تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ) ،

“شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى” ئۇيغۇرچە 1980- يىللىق 3- سان .

8. «ئەرەب مەدەنىيىتى ۋە ياۋروپادا ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ قايتا ئويغىنىشى» (<1> “كىتابلارغا باھا” ژۇرنىلى

1980- يىللىق 4- سان ؛ <2> “شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى” 1982- يىللىق 2- سان ) .

9. «يۈسۈپ خاس ھاجىپ – فارابى ئىلغار ئىجتىمائىي ئىدىيىلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋارىسى» (“شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى”

1982- يىللىق 2- سان ).

10. «مۇھەممەد سىدىق زەلىلى ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەت يولى» (“تارىم” ژۇرنىلى 1981- يىللىق 4- سان ).

11. «”ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى” نىڭ تەتقىقات تېزىسلىرى» (“بۇلاق” مەجمۇئەسىنىڭ 1981- يىللىق 1- سانى ).

12. «فارابى پەلسەپە سىستېمىسىنىڭ تارىخى قىممىتى» (“پەلسەپە تەتقىقاتى” ژۇرنىلى 1981 يىللىق 1- سانى ).

13. «قەدىمى كۈسەننىڭ ئاتاقلىق بۇددا مۇتەپەككۇرى كۇمىراجىۋا» (“پەلسەپە تەتقىقاتى” ژۇرنىلى 1981 يىللىق 11- سان).

14. «”ئەل قانۇن فىت تىپ” ۋە ئۇنىڭدىكى تەبىئەت پەلسەپىسى مەسىلىلىرى» (“شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى”

1982- يىللىق 2- سان ).

15. «شىنجاڭنىڭ تەبىئىي مۇھىتىدا بوستانلىق بىلەن چۆللۈكنىڭ دىئالېكتىك مۇناسىۋىتى» (“شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى

ئىلمىي ژۇرنىلى” 1982- يىللىق 1- سان ).

16. «ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئەڭ قەدىمكى تۆت زات توغرىسىدا» (“شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى” 1982- يىللىق

3- سان ).

17. «گۈزەللىك تەربىيىسى ۋە ئۇنىڭ رولى» (“شىنجاڭ مائارىپى” ژۇرنىلى 1982- يىللىق 10- ، 11- ، 12- سانلىرى ).

18. «ئاماننىساخان ۋە ئون ئىككى مۇقام» (“شىنجاڭ سەنئىتى” ژۇرنىلى خەنزۇچە 1982- يىللىق 2- سان ).

19. «ئەبۇ ناسىر فارابىنىڭ لوگىكىلىق تەلىماتلىرى» (“شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى” خەنزۇچە 1982- 4- سان ).

20. «رۇخسارى مۇقامى ۋە ئۇنىڭ ئىجادچىسى زىكرى ئەلفەتتار» (“شىنجاڭ گېزىتى” 1982- يىلى 11- ئاينىڭ 17- كۈنىدىكى سانى).

21. «ئوتتۇرا ئەسىر قانۇنشۇناسلىق تارىخىدىكى ئۇلۇغۋار ناماياندە» (“شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى” 1984- يىللىق 1- سان).

22. «ئۇيغۇر تىياتىر سەنئىتىنىڭ يېڭى زېمىنىنى ئاچايلى» (“شىنجاڭ سەنئىتى” ژۇرنىلىنىڭ 1984- يىللىق

خەنزۇچە 3- سان ).

23. «ئون ئىككى مۇقام ھەققىدە» (“شىنجاڭ سەنئىتى” ژۇرنىلى 1984- يىللىق خەزۇچە 2- سان ).

24. «”قۇتادغۇبىلىك” ۋە مائارىپشۇناسلىق» (“شىنجاڭ مائارىپى” ژۇرنىلى 1984- يىللىق 9- ، 10- سانلىرى ).

25. «ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ تارىخى تەسۋىرى» (“قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى” 1984- يىللىق

3- سان ).

26. «قەدىمكى كۈسەن كلاسسىك ئۇسۇلى» (“شىنجاڭ گېزىتى” 1984- يىلى 5- ئايدىكى سانى ).

27. «ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى “ئون ئىككى مۇقام” ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مەسىلىلىرى» (“قۇمۇل ئەدەبىياتى”

1984- يىللىق 3- سان ).

28. «”پەرھاد – شىرىن” تراگېدىيسى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى رىۋايەت شەكلى» (“ئاقسۇ ئەدەبىياتى” 1984- يىللىق 3- سان ).

29. «قەدىمكى كلاسسىك ئۇسۇلنىڭ يېڭى ھاياتقا ئېرىشىشى» (“شىنجاڭ گېزىتى” 1984- يىللىق 25- ئۆكتەبىردىكى سانى ).

30. «فارابى شېئىرلىرىدىن نەمۇنە» (“تارىم” ژۇرنىلى 1984- يىللىق 5- سان ).

31. «ئۈرۈمچىنىڭ ھەرخىل يەر ناملىرى» (“ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى” 1984- يىلى 23- مارتتىكى سانى ).

32. «ئەڭ قەدىمكى ئۈرۈمچى ۋە ئۆرە قاڭقىللار» (“ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى” 1984- يىلى 16- ئىيۇندىكى سانى ).

33. «ئېستىتىكا قانداق پەن؟» (“ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى” 1984- يىلى ئومومىي 8- سان ).

34. «يۈكسەك قەلىبنىڭ شېئىرىي ھەيكىلى» (“كىتابلارغا باھا” – “شىنجاڭ كۈتۈپخانىچىلىقى” ژۇرنىلى 1984- يىلى 3-سان ).

35. «تۇرپان ئۈزۈمى ۋە تۇرپان شارابى» (“شىنجاڭ گېزىتى” 1985- يىلى 20- ئىيۇندىكى سانى ).

36. «ئەلشىر نەۋائىي ۋە “سەددى ئىسكەندەر”» (<1> “شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى” 1985- يىللىق 4- سان

<2> “ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى” 1985- يىلى 2- نويابىردىكى سانى ).

37.«پۇتمەس- تۈگىمەس بايلىق ۋە ئەبەدىي يادىكارلىق» ( “تۈركي تىللار دىۋانى”نىڭ تولۇق نەشىرى مۇناسىۋىتى بىلەن) تارىم ژۇرنىلى1985-يىللىق12-سان.

38.«كۈسەن مەدەنىيىتى ۋە ئۇسۇل سەنئىتى»(1)”شىنجاڭ سەنئىتى”ژۇرنىلى خەنزۇچە 4-سان).

39.«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مۇزىكىچىلىقىنىڭ ئىپتىخارى»(“شىنجاڭ سەنئىتى”ژۇرنىلى 1985- يىللىق1- سان).

40.«ۋىنتسىيلىك ماركوپولو ۋە شەرق مەدەنىيىتى» ( “تىيانشان ئىكرانى” ژۇرلىنى 1985- يىللىق 6- سان).

41.«پاكىستان رەڭلىك ھىكايە فىلىمى – “پاكلىق”» ( “شىنجاڭ گېزىتى 1985- يىلى 23- ئاۋغۇستتىكى سانى).

42.«قوغۇن ۋە ئۇنىڭ ماكانى» ( “ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى” 1985- يىلى 12- مايدىكى سانى).

43.«ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ قامۇسى – “قۇتادغۇبىلىك” » (1) “قۇمۇل ئەدەبىياتى” ژۇرنىلى 1986- يىللىق 4- سان؛ (2) «جەنۇبىي ئوكيان ئىلمىي ژۇرنىلى» ياپونچە 11- سان.

44.«پەلسەپىنى ئىسلاھ قىلىش تەسەۋۋۇر تېزىسلىرى» (1) “شىنجاڭ ئۈنىۋىرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى” 1987- يىللىق 3- سان؛ (2) “شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى” خەنزۇچە 1987- يىللىق 4- سان.

45.«”قۇتادغۇبىلىك” ۋە ئۇنىڭ ئاپتۇرى » (1) «يىپەك يولى ساياھەتچىلىكى»خەنزۇچە 1986- يىللىق 2- سان؛ (2) “يىپەك يولى ساياھەتچىلىكى” ئىنگىلىزچە 1986- يىلىلىق 4- سان.

46.«مىللىي مەدەنىيەتنىڭ راۋاجلىنىشىدىكى بىر مۇھىم قانۇنىيەت» (1) “شىنجاڭ گېزىتى” 1986- يىلى 11- ماي خەنزۇچە سانى: (2) “شىنجاڭ گېزىتى” 1986- يىلى 17- ماي ئۇيغۇرچە سانى).

47.«”قۇتادغۇبىلىك”نىڭ ئىلمىي قىممىتى» ( “قەشقەر گېزىتى” 1986- يىلى 28- ئۆكتەبىردىكى سانى).

48.«ئېمپېدۇكىل بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تۆت تادۇ قارىشىدىكى ئومۇملۇق ۋە ئالاھىدىلىك توغرىسىدا» ( “قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى” 1986- يىللىق 1- سان).

49.«خاراكتىر ۋە خاراكتىر گۈزەللىكى» ( “ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى” 1986- يىلى 9- ، 10- ، 11- فېۋرالدىكى سانلىرى).

50.«بىر شېئىر توغرىسىدا پاراڭ» ( “شىنجاڭ گېزىتى” 1986- يىلى 14- ئىيۇندىكى سانى).

51.«ئالۋاستى ۋە ئۇنىڭ يىڭى قىياپىتى» ( “ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى” 1986- يىلى 7- ئىيۇندىكى سانى).

52.«رۇبائىي ۋە ئۇنىڭ مەزمۇنى ، شەكلى ھەققىدە» ( “قەشقەر ئەدەبىياتى ” 1986- يىللىق 4- سان).

53.«يۇقىرى ماھارەت ۋە ئېسىل سەنئەت – “مۇقام”ماي بوياق رەسىمى ھەققىدە» ( “ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى” 1986- يىللىق 12- ماي سانى).

54.«گۈزەللىك بىلەن خۇنۈكلۈكنىڭ كومېدىك سىلىشتۇرمىسى« ( تىيانشان ئېكرانى 1986- يىلى 6- سان).

55.«مىرزا ھەيدەر ۋە”تارىخىي رەشىدى”» (“شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى” 1986- يىللىق 3- سان ).

56.«ھەشەمەتخورلۇقنىڭ ئون چوڭ كاساپىتى» (“ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى” 1986- يىلى 10- ئىيۇندىكى سانى).

57.«جاباغان ئېلىگە ساياھەت» (“ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى” 1986- يىلى 11- ، 12- ئايلاردىكى سانى).

58.«گۈللۈك دوپپا»( تارىم ۋە نەزىم )”شىنجاڭ سەنئىتى گېزىتى” 1986- يىلى.

59.«”ئون ئىككى مۇقام”نىڭ تارىخىي قاتلىمى ۋە ئىستىتىك ئالاھىدىلىكى» (1) “شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» 1987- يىللىق 4- سان ؛ (2) “شىنجاڭ سەنئىتى”ژۇرنىلى 1987- يىلى خەنزۇچە 1- سان .

60.«يىپەك يولىدىكى بىباھا گۆھەر-ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» ( “شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى” 1987- يىللىق 1- سان).

61.«ئىجتىمائىي تەپەككۇر شەكلىگە ئائىت بىر قانچە مەسىلە» (“شىنجاڭ مائارىپى”ژۇرنىلى 1987- يىللىق 2- ، 3- سانلار ).

62.«ئەلشىر نەۋائىينىڭ پەلسەپە قاراشلىرى ئۈستىدىكى ئىزدىنىش» (“شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى” 1987- يىللىق 2- سان).

63. «ئۇيغۇر رەسساملىق سەنئىتى تارىخىدىكى يىڭى نامايەندە» (“شىنجاڭ سەنئىتى” ژۇرنىلى 1987- يىللىق 6- سان ).

64.«مۇھەممەد خارازمى ۋە “مۇھەببەتنامە”» (1) “بۇلاق” مەجمۇئەسى 1987- يىلى ئومومىي 18- سان ؛ (2) «مىللى يازغۇچىلار» ژۇرنىلى

خەزۇچە 1990- يىلى 2- سان .

65. «ھاپىز شىرازى – شەرق شېئىرىيىتىدىكى ئىسيانكار ئۇستاز» (“بۇلاق” مەجمۇئەسى ئومومىي 20- سان ).

66. «مەشرەپ – ئۇلۇغ ئىنسانپەرۋەر شائىر» (“بۇلاق” مەجمۇئەسى ئومومىي 19- سان ).

67. «ئوتتۇرا ئەسىر جاھالىتىگە ئوقۇلغان شىكايەتنامە» («” كوللىيات مەسنەۋى خاراباتى” توغرىسىدا» ): “بۇلاق” مەجمۇئەسى ئومومىي 18- سان .

68. «بىر شېئىر ھەققىدە سۆز» (“شىنجاڭ گېزىتى” 1987-يىلى 24- يانۋاردىكى سانى ).

69. «ئىككى شېئىر ھەققىدە پاراڭ» (“شىنجاڭ گېزىتى” 1987- يىلى 19- سېنتەبىردىكى سانى ).

70. «”ئاقسۇ ئەدەبىياتى” دىكى شېئىرىيەت ئۈنچىلىرىگە نەزەر» (“ئاقسۇ ئەدەبىياتى” 1987- يىللىق 3- سان ).

71. «يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تەبىئەت قاراشلىرى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر» (“شىنجاڭ مائارىپى” ژۇرنىلى 1988- يىللىق 10- ، 11- سانلىرى ).

72. «”يىپەك يولى مۇزىكا مەدەنىيىتى” دېگەن كىتابقا باھا» (“شىنجاڭ سەنئىتى” ژۇرنىلى خەنزۇچە 1988- يىللىق 5- سان ).

73. «ئوتتۇرا ئاسىيا ئىلىنزملىق مەدەنىيەت» (“قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى” 1988- يىللىق 5- سان ).

74. «فارابى پەلسەپە ئىدىيىسى تەتقىقاتىدىكى مەنتىقىيلىك زىددىيەت» (“شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى” 1988- يىللىق 2- سان ).

75. «خوجا باھاۋىدىن نەقىشبەندى ۋە چاغاتاي ئەدەبىياتى» (“شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى” 1988-يىللىق 3-سان ).

76. «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئەھمەد يەسسەۋى ۋە يەسسەۋىيچىلىك» (“ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شائىر” 1988- يىللىق 1-سان ).

77. «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى پىروگىراممىسى»(تۆت توملۇق”ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى”ناملىق كىتاپ ئۈچۈن تەييارلانغان)؛(1)”قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمى ژۇرنىلى”1987-يىللىق3- ،4- سان:(2)”قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى ئىلمى ژۇرنىلى”1987-يىللىق4- ،6-سانلار.

78. «ئەمىر خسراۋ دېھلەۋى» (“بۇلاق” مەمۇئەسى 1988- يىللىق 1- سان ).

79. «ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شائىر نىزامى گەنجىۋى» (“بۇلاق” مەجمۇئەسى 1988- يىللىق 2- سان ).

80. «ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شائىر ناسىر خسراۋ» (“بۇلاق” مەجمۇئەسى 1988- يىللىق 3- سان ).

81. «شائىر خوجا جاھان ئەرشى ۋە ئۇنىڭ شېئىرىي ئىجادىيىتى ھەققىدە» (“بۇلاق” مەجمۇئەسى 1988- يىللىق 4- سان ).

82. «سەئىد شىرازى» (“بۇلاق” مەجمۇئەسى 1988- يىللىق 4- سان ).

83. «زەلىلى شېئىرىيىتىنىڭ ئىدىيىۋى مەزمۇنى ۋە بەدىئىي قىممىتى توغرىسىدا» (“شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى” 1988- يىللىق 1- سان ).

84. «كلاسسىك مەدەنىيەت ۋە نەزەرىيىۋى تەپەككۇر» (“شىنجاڭ گېزىتى” 1988- يىلى 3- دېكابىردىكى سانى ).

85. «ما زۇچاڭ ئېئە ئۇنىڭ شېئىرلىرى» (“شىنجاڭ گېزىتى” 1988- يىلى 16- ئىيۇندىكى سانى ).

86. «ھەمرائى غەزەللىرىنىڭ ھەقىقى مۇئەللىپى توغرىسىدا» (“تارىم” ژۇرنىلى 1988- يىللىق 5- سان ).

87. «ياش تامچىسىدىن ئۇرغۇغان شېئىرلار» (“قەشقەر ئەدەبىياتى” ژۇرنىلى 1988- يىللىق 3- سان ).

88. «ئەنئەنىئۋى ئاڭ ۋە زامانىۋى ئاڭ» (“شىنجاڭ گېزىتى” 1988- يىلى 12- ئىيۇنىدىكى سانى ).

89. «تارىخ ھەققىدە قايتا ئويلىنىش – مىللەت تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجى» (“شىنجاڭ گېزىتى” 1988- يىلى 2- ئۆكتەبىردىكى سانى ).

90. «ياشلار ۋە ئىقتىدار قىممىتى» (“شىنجاڭ گېزىتى” 1988- يىلى 28- ئىيۇلدىكى سانى ).

91. «ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل مىللىي ئويغىنىش» (“شىنجاڭ گېزىتى” 1988- يىلى 13- نويابىردىكى سانى ).

92. «ئۇ شېئىرلىرى بىلەن بىللە خەلق قەلبىدە» (“شىنجاڭ گېزىتى” 1988- يىلى 12- مارتتىكى سانى ).

93. «ئەسسالام قەشقەر ، سالام ئانا دىيار» (“قەشقەر گېزىتى” 1988- يىلى 9- سېنتەبىردىكى سانى ).

94. «”قۇتادغۇبىلىك” نىڭ تەبىئەت پەلسەپىسى قاراشلىرى ھەققىدە» (1) “قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى” 1989- يىللىق 1- سان

(2) “شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى” 1990- يىللىق خەنزۇچە 4- سان .

95. «يىپەك يولىدىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئەنگۈشتىرىنى قايتا تىپىۋېلىش» (“شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى” 1989- يىللىق 4- سان ).

96. «مەدەنىيەت سىنكىرتېك قاتلام نەزىرىيىسى ھەققىدە بايان» (“شىنجاڭ سەنئىتى” ژۇرنىلى 1989- يىللىق 4- سان ).

97. «شېئىرىيىتىمىزگە ئائىت بىر قانچە ئېستېتىكىلىق مەسىلە» (“تارىم” ژۇرنىلى 1989- يىللىق 1- سان ).

98. «شەرقى تەڭرىتاغ ئېتىكىدە قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرىنى تەكشۈرۈشتىن دوكىلات» (“شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى” 1989- يىللىق

4- سان ).

99. «مەدەنىيەت تەرەقەياتى توغرىسىدىكى ئىلمىي قاراش – سىنكىرتېك قاتلام قارىشى توغرىسىدا» (“شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى”

1989- يىللىق 1- سان ).

100. «مىللەتلەر تەرەققىيات تارىخى ئويلىنىشقا مۇھتاج» (“يېڭى كۆزەتكۈچى” ژۇرنىلى 1989- يىللىق 7- سان ).

101. «ئېچىۋېتىلگەن ئاڭ ۋە شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئەدەبىياتى» (“جۇڭگو غەربىي قىسىم ئەدەبىياتى” ژۇرنىلى خەنزۇچە 1989- يىللىق 1- سان).

102. «مۇھىم بىر تارىخى تەجرىبە» (“شىنجاڭ گېزىتى” 1989- يىلى 8- نويابىردىكى سانى).

103. «ئاياللىق قەلىبنىڭ مىلودىيىسى» (“تارىم” ژۇرنىلى ).

104. «ھەشەمەتخورلۇق ۋە قۇرۇق شۆھرەت» (“شىنجاڭ گېزىتى” 1989- يىلى 25- يانۋاردىكى سانى ).

105. «ئۇيغۇر سوئىگەرلىرىنىڭ يىپەك يولىدا كۆرسەتكەن خىزمىتى» (“شىنجاڭ گېزىتى” 1989- يىلى 27- ئاپرېلدىكى سانى ).

106. «يۈەن سۇلالىدى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئالىملىرى ۋە شائىرلىرىدىن نەمۇنە» (“ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى” 1989- يىلى 1- ئايدىكى سانى ).

107. «ھەسەتخورلۇق ھەققىدە ھەسرەتلىك خىياللار» (“شىنجاڭ مەدەنىيىتى” ژۇرنىلى 1989- يىللىق 6- سان ).

108. «مىللەتنىڭ بىرلىك – ھەمدەملىكى ۋە ئۇنىڭ يۇرتۋازلىققا يەملىكى» (“شىنجاڭ مەدەنىيتى” ژۇرنىلى 1989- يىللىق 5- سان ).

109. «روھنى ساغلاملاشتۇرۇش مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇقەددىمىسى» (1) (“شىنجاڭ مەدەنىيىتى” ژۇرنىلى 1989- يىللىق 4- سان) ؛

(2) (“مىللىي يازغۇچىلار” ژۇرنىلى 1990- يىللىق 4- سان ).

110. «4- ماي ھەركىتى ۋە لۈشۈن روھى» (“تارىم” ژۇرنىلى 1989- يىللىق 10- سان ).

111. «نۇرۇز بايرىمى ۋە ئۇنىڭ تارىخى قاتلىمى» (1) (“شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى” 1990- يىللىق 1- سان ) ؛

112. «ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ئەڭ قەدىمكى تەبىئەت – ئىلاھىيەت قەراشلىرى ھەققىدە» (“شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى” 1990- يىللىق 1- سان ).

113. «ئاسىنا مەلىكە – غەربىي يۇرت سەنئىتى» (“شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى” 1990- يىللىق 4- سان ).

114. «يىتىلگەن سەنئەت ، سېھىرلىك ھېكمەت ۋە يالقۇنلۇق مۇھەببەت» (“غازى ئەمەت ماي بوياق رەسسىملىرى” توپلىمىغا باھا ) : “شىنجاڭ سەنئىتى” ژۇرنىلى 1990- يىللىق

4- < 5- سانلىرى .

115. «ئىزگۈ پەزىلەتنىڭ ئۇغۇر شېئىرىيىتىدىكى ئىپتىخارى» (“قەشقەر ئەدەبىياتى” 1990- يىللىق 1- سان ).

116. «ھازىرقى زامان مەدەنىيەت تۈزۈلمىسىدىكى پاجىئەلىك زىددىيەت» (“شىنجاڭ مەدەنىيىتى” ژۇرنىلى 1990- يىللىق 3- سان ).

117. «مىللەتنىڭ ئۆز – ئۆزىنى بىلىشى ۋە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت ئۈچ بۇرجىكى» (“شىنجاڭ مەدەنىيىتى” ژۇرنىلى 1990- يىللىق 5- سان).

118. «خەلقنى ئوبرازلىق تەپەككۇر قىلىش – ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى» (“تارىم” ژۇرنىلى 1990- يىللىق 8- سان ).

119. «كۇڭفۇزى ۋە قۇجۇ مەدەنىيىتى» (“ۋېنخۇيباۋ” خەنزۇچە 1990- يىلى 27- فېۋرالدىكى سانى ).

120. «ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتى ھەققىدە قىسقىچە بايان» (“شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى” 1990- يىللىق 27- فېۋرالدىكى سانى ).

121. «ئۈزۈم سەيلىسى ھارپىسىدا» (1) “شىنجاڭ گېزىتى” ئۇيغۇرچە 1990- يىل 18- ئاۋغۇست ؛ (2) خەنزۇچە 2- سېنتەبىردىكى سانى).

122. «مىللىي ئۇسۇلنىڭ سىرى ۋە سېھرىي كۈچى» (“شىنجاڭ سەنئىتى” ژۇرنىلى 1990- يىللىق 5- سان ).

123. «ناخشا – ئۇسۇل ماكانىنىڭ يېڭى جىلۋىسى» (“شىنجاڭ سەنئىتى” ژۇرنىلى 1990- يىللىق 4- سان ).

124. «شەرق سەنئىتىدىكى بىباھا گۆھەر – “ئون ئىككى مۇقام” نىڭ تولۇق رەتلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن» (“شىنجاڭ گېزىتى” 1990- يىللىق 15-سېنتەبىردىكى سانى ).

125. «ئىلھامبەخش ئىلھام قەترىلەر» (“تۇرپان” ژۇرنىلى 1990- يىللىق 3- سان ).

126. «تەبرىك ۋە ئۈمىد» (“تارىم” ژۇرنىلى 1990- يىللىق 10- سان ).

127. «ئەلشىر نەۋائىينىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا تۇتقان ئورنى» (“شىنجاڭ مەدەنىيىتى” ژۇرنىلى 1991- يىللىق 4- سان ).

128. «كەلگۈسى مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ» (“شىنجاڭ مەدەنىيىتى” ژۇرنىلى 1991- يىللىق 4- سان ).

129. «مەدەنىيەت ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە سوتسىيالىزىم» (“شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى” 1991- يىللىق 3- سان ).

130. «ئەزىز دىيار ، شانلىق ئىپتىخار» (“قەشقەر ئەدەبىياتى” ژۇرنىلى 1991- يىللىق 3- سان ).

131. «”قۇمۇل ئەدەبىياتى” ژۇرنىلىنىڭ 100 سانى» (“قۇمۇل ئەدەبىياتى” ژۇرنىلى 1991- يىللىق 3- سان ).

132. «ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ تۆت چوڭ ئالاھىدىلىكى» (“قەشقەر گېزىتى” 1992- يىللىق 14- ئاۋغۇستتىكى سانى ).

133. «سىكتاي – ساك – ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم – كېچەك مەدەنىيىتىدىكى ئەنئەنۋى ئىزچىللىق» (“شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى” 1992- يىللىق 2- سان ).

134. «ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىش ھەقىقىي تەتقىقاتچىنىڭ بۇرچى» (“شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى” 1992-يىللىق 4- سان ).

135. «كۈسەن رەسساملىرىنىڭ ئېستېتىك ئېڭى» (1) “شىنجاڭ مەدەنىيىتى” ژۇرنىلى 1992- يىللىق 3- سان ؛ (2) “شىنجاڭ سەنئىتى” ژۇنىلى1993- يىللىق 5- سان ).

136. «ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى غەربىي يۇرت ئۇسۇل سەنئىتىنىڭ تارىخىي ئۇچۇرى» (“شىنجاڭ مەدەنىيىتى” ژۇرنىلى 1992- يىللىق 4- سان ).

137. «ئون ئىككى مۇقام ۋە نەۋائىيخانلىق» (“شىنجاڭ مەدەنىيىتى” ژۇرنىلى 1992-يىللىق 5- سان ).

138. «كلاسسىك ئەدەبىياتتا خوتەن تەسۋىرى» (“بۇلاق” مەجمۇئەسى 1992- يىللىق 4- سان ).

139. «”قارا جاڭگال” نى ئوقۇغاندىن كىيىنكى تەسىرات» (“قەشقەر ئەدەبىياتى” ژۇرنىلى 1992- يىللىق 4- سان ).

140. «كلاسسىك ئەدىبىياتتا مانى تەسۋىرى ۋە شىنجاڭدىن مانى دىنى رەسساملىرىنىڭ بايقىلىشى» (“شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى” 1992- يىللىق 4- سان ).

141. «نەۋائىي مىسرالىرىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت قىممىتى» (1) “شىنجاڭ گېزىتى” 1991- يىللىق 5- ئۆكتەبىردىكى سانى ؛ (2) “قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى” 1992- يىللىق 4- سان .

142. «تىل قۇدرىتى – تىل پەزىلىتى بىلەن» (“تىل ۋە تەرجىمە” ژۇرنىلى 1992- يىللىق 4- سان ).

143. «شەرق ئەدەبىياتىدىكى غايەت زور بايلىق “شاھنامە”» (“شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى” 1993- يىللىق 3- سان ).

144. «ئون ئىككى مۇقامدىكى 24 مەسىلە» (“شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى” 1993- يىللىق 1- سان ).

145. «يىپەك يولىنىڭ ئىقتىسادى قىممىتى» (“شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى” 1993- يىللىق 27- مارتتىكى سانى ).

146. «يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت» (“شىنجاڭ مەدەنىيىتى” ژۇرنىلى 1993- يىللىق 1- سان ).

147. «ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ مەنبە ۋە ئېقىملىرى» : ( بۇ ماقالە “ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى” دېگەن كىتابقا كىرگۈزۈلگەن) شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1993- يىلى نەشرى .

148. «يىپەك يولىدىكى يېڭى سەھىپە ۋە تۆگە قۇشى روھى» (“مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى” ژۇرنىلى 1993- يىللىق 1- سان ).

149. «يىپەك يولىدىكى بىر چوڭ ئىللەت» (“شىنجاڭ مەدەنىيىتى” ژۇرنىلى 1993- يىللىق 2- سان ).

150. «مەنپەئەتدارلىق ئەخلاقى ۋە مەجبۇرىيەت ئەخلاقى» (“شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى” 1993- يىللىق 16- فېۋرالدىكى سانى ).

151. «كىتاب ۋە كىتاب مەدەنىيىتى» (“شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى” 1993- يىللىق 19- يانۋاردىكى سانى ).

152. «لىرىك شېئىرىيەت ، مەپتۇنكار لەززەت» (“تەرىتاغ ژۇرنىلى” 1993- يىللىق 3- سان ).

153. «تۇپراقنىڭ مونولوگى» (“قەشقەر ئەدەبىياتى” ژۇرنىلى 1993 يىللىق 5- سان ).

154. «كۈسەن مەدەنىيىتنىڭ تارىخىي قىممىتى» (“ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى” 1993- يىللىق 23- ئۆكتەبىردىكى سانى ).

155. «تەپەككۇر دەرىخىدىن مېۋىلەر» (“شىنجاڭ مەدەنىيىتى” ژۇرنىلى 1993- يىللىق 5- ، 6- سانلىرى ).

156. «زەينۇلئابىدىن مەۋلىۋى داموللا ھاجى تەئرىپىدە» (“قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى” 1993- يىللىق 2- سان ).

157. «تارىخ تەتقىقاتىدىكى تېڭى مىتود – ئۇچۇرلۇق تارىخ تەتقىقاتى ئۇسۇلى» (1) “شىنجاڭ سەنئىتى” ژۇرنىلى خەنزۇچە 1993- يىللىق 2- سان ؛

(2) “شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى” 1996- يىللىق 2- سان .

158. «ئىسلامىيەتىتن كېيىنكى غەربىي يۇرت ئۇسۇل سەنئىتىنىڭ تارىخى ئۇچۇرى» (“شىنجاڭ مەدەنىيىتى” ژۇرنىلى 1994- يىللىق 2- سان ).

159. «ئۇيغۇر ئەجداتلىرىدا مەي مەدەنىيىتى» (“شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى” 1994- يىللىق 1- سان ).

160. «ئوتتۇرا ئاسىيا ئىنسانىيەت مەدەنىيەتشۇناسلىقىدىكى بىر قانچە مەسىلە» (“شىنجاڭ سەنئىتى” ژۇرنىلى 1994- يىللىق 6- سان (خەنزۇچە).

161. «ئوقۇتقۇچى توغرىسىدا» (“شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى” 1992- يىللىق 17- نويابىرردىكى سانى ).

162. «غەربىي يۇرت مائارىپ تارىخىدىن بىر ئۇچۇر» (“شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى” 1993- يىللىق ئاۋغۇستتىكى سانى ).

163. «مىللى مائارىپ ۋە نەزەرىيىۋى تەپەككۇر» (“شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى” 1993- يىللىق 29- ئىيۇلدىكى سانى ).

164. «ئوقۇغۇچى توغرىسىدا» (“شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى” 1993- يىلى 3- ئاينىڭ 6- كۈنىدىكى سانى ).

165. «يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ غايىۋى جەمئىيەت مودېلى» (“شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى” 1994- يىللىق 2- سان ).

166. «ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى مەشھۇر ئالىم – ئۇلۇغبىك» (“ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى”1994- يىللىق 27- دېكابىردىكى سانى ).

167. «مەنسۇر ھەللاجىنىڭ كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدىكى ئەكىس ساداسى» (“تەڭرىتاغ” ژۇرنىلى 1995- يىللىق 3- سان ).

168. «يىپەك يولى تەتقىقاتىدىكى ئىنسانىيەت مەدەنىيەتشۇناسلىقى مەسىلىلىرى» (“شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى” 1995- يىلىق 2- سان).

169. «سوغدىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئېتىنىك ۋارىسلىرى توغرىسىدا» (“شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى” 1995- يىللىق 3- سان ).

170. «غەربىي دىيار تىياتىر سەنئىتىنىڭ كىلىپ چىقىشى توغرىسىدا بەزى قاراشلىرىم» (“قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى” 1995- يىللىق 2- سان ).

171. «ئۇيغۇر خەلقى ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيىتى» ( بېيجىڭ : جۇڭگو سەنئەت تەتقىقات ئاكادىمىيىسى”ئەدەبىيات – سەنئەت تەتقىقاتى” ژۇرنىلى 1995- يىللىق خەنزۇچە 5- سان ).

172. «ئەھمەد ئىبىن مۇھەممەد ئەل – فەرغانە» (“شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى” 1995- يىللىق 3- سان ).

173. «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمى دىن» (“قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى” 1995- يىللىق 3- سان ).

174. «يىپەك يولى ۋە سىلىشتۇرما ئەدەبىيات» (“تارىم” ژۇرنىلى 1995-يىللىق 6- سان ).

175. «بالاساغۇننىڭ ئورنى مەسىلىسى ھەققىدە» (“شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى” 1995- يىللىق 4- سان ).

176. «يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش» (“شىنجاڭ مەدەنىيىتى ” ژۇرنىلى 1995- يىللىق 5- ، 6- قوشما سان ).

177. «ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش مەدەنىيىتى» (“شىنجاڭ تەزكىرىسى” ژۇرنىلى 1995- يىللىق 3- سان ).

178. «ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ قەدىمكى گەۋدىسى» (“شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى” ژۇرنىلى 1995- يىلىق 4- سان ).

179. «مائارىپشۇناس ، مۇتەپەككۇر – سائىر خوجا نەزەر ھۈۋەيدە» (“قەشقەر ئەدەبىياتى” ژۇرنىلى 1997- يىللىق 2- سان ).

180. «”چىن” ۋە “ماچىن” ئىبارىسىنىڭ جۇغراپىيلىك ئۇقۇم دائىرسى» (“شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى” 1996- يىلى 3- ئاينىڭ 5- كۈنىدىكى سانى ).

181. «ۋاقىت ھەققىدە يېزىلغان ياخشى شېئىر» (“شىنجاڭ گېزىتى” 1990- يىللىق 5- مايدىكى سانى ).

182. «ياتلاشقان ئىنسان ۋە ياتلاشقان ئەقىل – پاراسەت» (“شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى” 1995- يىللىق 5- سېنتەبىردىكى سانى ).

183. «سۈكۈنات» (“شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى” 1995- يىللىق 29- ئاۋغۇستتىكى سانى ).

184. «تەبەسسۇم» (“شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى” 1995- يىللىق 1- ئاۋغۇستتىكى سانى ).

185. «سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى» (“تەڭرىتاغ” ژۇرنىلى 1986- يىللىق تۇنجى سان ؛ 1987- يىللىق 1- ، 2- سانلىرى ).

186. «تەپەككۇر ئىقتقدارى ۋە تەپەككۇر قىممىتى» (“شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى” 1996- يىللىق 12- نويابىردىكى سانى ).

187. «ئەنقا يۇرتىدىكى ئەنقا – پىشۋا» (“شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى” 1996- يىللىق 1- سان ).

188. «كومىراخىۋا» (كىنو سىنارىيىسى) (“شىنجاڭ مەدىنىيىتى” ژۇرنىلى 1995- يىللىق 1- سان ).

189. «تەپەككۇر دەرىخىدىن مېۋىلەر» (“شىنجاڭ مەدەنىيىتى” ژۇرنىلى 1996- يىللىق 4- سان ).

190. «روھىيەت ۋە مەدەنىيەت» (“تەڭرىتاغ” ژۇرنىلى 1996- يىللىق 6- سان ).

191. «ئۆمۈر تەلقىنلىرى» (“شىنجاڭ مەدەنىيىتى” ژۇرنىلى 1997- يىللىق 1- سان ).

192. «دولان – قۇمۇل مۇقاملىرىنىڭ يىلتىزداشلىقى ھەققىدە ئىزدىنىش» (“شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى” 1998- يىللىق 1- سان ).

193. «بەدىئىي ئىجادىيەتتە ئاياللار تەسۋىرىنىڭ ئىجتىمائىي قىممىتى» (“شىنجاڭ مەدەنىيىتى” ژۇرنىلى 1999- يىللىق 1- سان ).

194. «ئەنئەنىۋى ئاڭ گۇگۇمدىكى ئۇيقۇ ۋە زامانىۋى ئاڭ سەھەردىكى ئويغىنىش» (“شىنجاڭ مەدەنىيىتى” ژۇرنىلى 2000- يىلى 1- سان ).

195. «ئارىفنامە» (“شىنجاڭ مەدەنىيىتى” ژۇرنىلى 2000- يىلى 4- ، 5- قوشما سان ).

196. «ئۇيغۇر مۇقام مەدەنىيىتنىڭ گىنېئالوگىيىلىك سىرى» (“شىنجاڭ سەنئىتى” ژۇرنىلى 2001- يىلى 3- سان ).

ئالىمنىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرى

1. «چوغلۇق قىز» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 1981- يىلى نەشر قىلغان .

2. «توققۇز نەزىم» مىلەتلەر نەشىرياتى 1987- يىلى نەشىرى .

3. «ئېستېتىكىدىن لېكسىيىلەر»1987- يىلى شىنجاڭ رادىئو-تېلۋىزىيە ئۇنۋېرسىتىتى باسمىسى .

4. «شىكىسپىر سونتلىرىدىن تاللانما».

5. «فارابى شېئىرلىرىدىن نەمۇنە» “تارىم” 1984- يىلى 5 – سان .

6. «شاھنامە»(باشقىلار بىلەن) : شىنجاڭ خەلىق نەشىر ياتى 1998 – يىلى نەشىرى.

نەشىر قىلىنمىغان كىتابلىرى

1. «ھەمراھى غەزەللەر»

2. «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ قىسقىچە تارىخى » (ئىلمىي ئەسەر ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ).

3. «ئانالىتىك پوئىتىكا» (ئىلمىي ئەسەر ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ، تاماملانمغان ).

4. «يىپەك يولىدىكى سەنئەت جەۋھەرلىرى» (ئىلمىي ئەسەر ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ).

5. «غەزەليات» ( غەزەللەر توپلىمى ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ).

6. «باھارىيات» ( غەزەللەر توپلىمى ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ).

7. «شېرىن ۋە سېرىن» ( شېئرلار توپلىمى،ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ).

8. «ئاق توز» ( شېئرلار توپلىمى ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ).

9. «شەبنەم ۋە ئۇچقۇن» ( شېئرلار توپلىمى ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ).

10. «ئىزگۈلۈك مەلىكىسى» ( ئايالى رەنا مەخسۇتقا بىغىشلاپ يازغان ئۈچ قىسىملىق ئەسلىمە ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ) .

11. «مەن ۋە مىنىڭ خەلقىم» ( ئۆزى ھەققىدىكى ئەسلىمە ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان)

ئىلان قىلىنمىغان باشقا ئەسەرلىرى

1. «ھاياتىم ھەققىدە قايتا ئويلىنىش» (ماقالە).

2. «سكتايلارنىڭ مىتال تاۋلاش ھۈنەر سەنئىتى» (ماقالە).

3. «ئوتتۇرا ئاسىيا ئەنئەنۋى ھايات قاراشلىرىغا باھا» (ماقالە).

4. «تۈرك مەدەنىيىتى ھىندىستاندا» (ماقالە ).

5. «كۈسەن مەلىكىسى» (كىنو سىنارىيىسى ).

6. «مۇھەببەت يىغلايدۇ» (پوۋېست ، تاماملانمىغان ).

7. «فارابى» (رومان ، تاماملانمىغان ).

ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىننىڭ «مەدەنىيەت دالاسىغا سەپەر» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى .

شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2003- يىلى 4- ئاي 1- نەشرى .


ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4226
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20145
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1663 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 09:47:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەڭ ئەپسۇسلىقى شۇكى، بەزى ماقالە-ئەسەرلەردە ئالىمنىڭ قاچان تۇغۇلۇپ،قاچان ۋاپات بولغانلىقى توغرسىدىكى مەلۇماتلارمۇ ھەرخىل بولۇپ كېتىۋاتىدۇ.بۇ 21-ئەسىردە ياشاۋاتقان بىزلەر ئۈچۈن قاتتىق نۇمۇس بىر ئىش. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرىنى ئەڭ كۆپ نەشىرگە تەييارلىغان يالقۇن روزى ۋە سارتېكىنلەر ئۆز ئەسەرلىرىدە بىردەك «1933-يىلى 9- ئاينىڭ 28- كۈنى تۇغۇلۇپ، 1995-يىلى 2- ئاينىڭ 27- كۈنى 62 يېشىدا ۋاپات بولغان» دەپ يازغان.بىراق بۇرۇن يېزىلغان كۆپۈنچە ئەسەرلەردە 1934-يىلىنى تۇغۇلغان يىلى قىلىپ كۆرسەتكەن.«شىنجاڭ مەدەنىيتى» ژورنىلىنڭ 2010-يىللىق 5- سانىدىكى زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ «بىز قانداق چاكىنلىشىمىز » ناملىق ماقالىسىدىكى نەقىلدىمۇ بۇ ئەھۋال تەكرارلانغان. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى ئورنىنىڭ مەسئوللىقىدا يېزىلغان، 2006-يىلى مىللەتلەر نەشىرىياتى نەشىر قىلغان نوپۇزلۇق كىتاب «ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى» 4-توم1-كىتابنىڭ 256-بېتىدە «1996-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى 63يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى» دېيىلگەن بولسا،ئازاد سۇلتان،كېرىمجان ئابدۇرېھىم تۈزگەن،شىنجاڭ پەن-تېخنىكا سەھيە نەشىرىياتى بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋىرستېتى نەشىرىياتى بىرلىكتە 2002-يىلى 9-ئايدا نەشىر قىلغان《ئۇيغۇر بۇگۈنكى زامان ئەدەبىياتى تارىخى》ناملىق كىتابنىڭ 333-بېتىدە:《ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن 1934-يىلى تۇغۇلۇپ،1997-يىلى ۋاپات بولغان》دەپ كۆرسىتىلگەن.

--------------------------------------------------------------

بۇ قۇرلارنى ئۇقۇۋېتىپ قېتىپلا قالدىم. نېمە دىيشىمنى بىلەلمىدىم. كۈلەيمۇ؟ يا يىغلايمۇ؟...............ئاپتۇر ئۆز ھايات ۋاقتىدا نەشىر قىلغان كىتابلاردا ئېنىق قىلىپ يازغان. 1933-يىلى تۇغۇلغىنى ئىنىق. 1995-يىلى ۋاپات بولغىنىغا ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن گۇۋاھ. چۈنكى ئۇ ئاپتۇر ۋاپات بولغان ۋاقىتتا ئالىمنىڭ يېنىدا بار ئىكەنتۇق.
  زۇلپىقار بارات،ئازات سۇلتان ئاكىلار ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى نۇپۇزلۇق كىشىلەر تۇرۇپ،يەنە نىمىشقا بۇنداق مەلۇماتلارنى يوللايدۇ؟ ئۇلارنىڭ تارىخنى ئۆزگەرتىشكە نېمە ھەققى باركەن؟

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7949
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-12 09:21:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەمگىكىڭىزدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم ، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىندەك كۆپ قىرلىق بۇنداق ئىجتىمائىي پەن ئالىمىدىن يەنە بىرىگە ئرېىشمىكىمىز تەس . ئۇنىڭ بېباھا ئەسەرلىرى يىللارسېرى چاقنايدۇ ، مەزمۇنلىرىدىكى تېرەنلىك ، ماقالە - ئەسەرلىرىدىكى مول بىلىم مېنى يىللارسېرى جەلپ قىلىپ ، ئويلاندۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ . ئۇنىڭ بەزى ماقالىلىرىدىكى مەزمۇن دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي پەنلەرنى نەشر قىلىش فوندىغا ئېرىشكەن بەزى تو - توم كىتابلاردىن ئارتۇق . ئۇ ئىزدەنگەن بەزى ساھەلەرگە تېخى ھېچكىم قەلەم تەۋرىتەلمىدى ....ئۇنى چۇڭقۇر سېغىنىش ئىچىدە ئەسلەيمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88572
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 72
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2012-12-14
ئاخىرقى: 2013-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-12 09:40:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1111111111

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90350
يازما سانى: 526
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2015-1-9
ئاخىرقى: 2015-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-12 09:42:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uyol يوللىغان ۋاقتى  2013-9-11 09:47 PM
ئەڭ ئەپسۇسلىقى شۇكى، بەزى ماقالە-ئەسەرلەردە ئالىمنىڭ  ...

ئۇيۇن بار دەيمەن     بۇرۇنمۇ مۇنبەرگە  يوللانغانغۇ   ئالىمنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى تۇغۇلغان كۈنى   ئالىمنڭ تەرجىھمالىنى قانداق يېزىش توغۇرسىدا بۇلۇپ ئۈتۈلگەن سورۇندىكى پاراڭلار  خۇخپىيانە نۇقۇشلار  سېرلىق قاراشلار دىگەندەك  ...
ئۇيۇن ئوينىغۇچىلار  شۇ چاغدىكى ئەمدىلەتىن كۆزگە كۈرنۈپ تۇنلۇۋاتقان ياش زىيالى يۇرىتۋاز ئوبىزورچى مۇھەرىر تەتقىقاتچى شائىر رىژسور دىگەندەكلەر  شۇ چاغدىلا قازانىڭ تۇۋقى يېپىلىپ كەتكەن...
ئەمدى بۇتوغۇرلۇق مۇناىرىنىڭ مەڭگۈ ئايغى چىقمايدۇ   بۇرۇنمۇ  زور غۇلغۇلا قوزغۇغان تىمىلار  ئايغى بىراقلا تىمىنىڭ ئۈچۈرلىشى بىلەن توردىكى بۇ دە-تالاشلار بېسىققان    يەنە بۇ نى ئوتتۇرغا چېقىرىشنىڭ نەتىجىسى بۇرۇنقىدەكلا بۇلىدۇ ...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش