مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 728|ئىنكاس: 8

لۇشۈن: ئادەملەرنىڭ ئاتىسى بولايلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79487
يازما سانى: 817
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 34274
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 503 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-10 08:13:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جۇڭگولۇقلارنىڭ خاراكتېرىدىكى كېسەللىكلەرگە تەنقىد

لۇشۈن -«ئادەملەر» نىڭ ئاتىسى بولايلى



ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

جۇڭگولۇقلارنىڭ پەرزەنتىلىرى پەقەت تۇغۇلسىلا بولدى، ئەمما ئۇنىڭ ياخشى ياكى يامان ئادەم بولۇشى بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمايدۇ. نوپۇسى كۆپ بولسىلا بولدى، ئەمما ئۇنىڭ ياراملىق ياكى يارامسىز ئادەم بۇلىشى بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پەرزەنتلەر توپا- چاڭلاردا ئېغىناپ چوڭ بۇلىدۇ. كىچىكىدە ئۇلارغا قانداق ئادەم بۇلۇش تەربىيىسى بېرىلمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن چوڭ بولغاندا ئۇلارنى تېخىمۇ ئادەم قىلغىلى بۇلىدۇ.

يەن يوۋلىڭ ئەپەندىنىڭ قايسىدۇر بىر كىتابىدىن ئوقۇغان مۇنۇ مۇلاھىزىلىرى زادى ئېسىمدىن چىقمايدۇ. مۇلاھىزىنىڭ ئاساسى مەزمۇنى مۇنداق: «بېيجىڭ كوچىلىرىدا ماشىنا، ئات تۇياقلىرىنىڭ ئارىسىدا چېپىشىپ يۈرگەن نۇرغۇن بالىلارنى كۆرىمەن. ئۇلارنى قاچان بىر ماشىنا ياكى ئات ھارۋىسىنىڭ ئاستىدا قالاركىن دەپ كۆزۈم تۆت. ئۇلار كەلگۈسىدە قانداقراق ئادەم بولار، دەپ تولىمۇ ۋايىم يەيمەن.» ئەمەلىيەتتە باشقا يەرلەردىمۇ شۇنداق. ئەمما ماشىنا ۋە ئاتلار ئۇنچىلىك كۆپ بولماسلىقى مۇمكىن. بېيجىڭدىكى بۇ ئەھۋالنىڭ ھېلىھەم ئۆزگەرگىنى يوق، بەزىدە مەنمۇ مۇشۇنداق ئەندىشىلەرگە غەرق بولىمەن. يەنە بىر تەرەپتىن يەن يوۋلىڭ ئەپەندىنىڭ 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىچىدىكى باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ئۆتكۈر پىكىرلىكىگە قايىل بۇلىمەن.

كەمبەغەللەرنىڭ پەرزەنتىلىرى بەتبەشىرە ھالەتتە كوچىلاردا ئايلىنىپ يۈرىدۇ. بايلارنىڭ پەرزەنتىلىرى ئۆيدىن سىرتقا چىقماي خانزادىلەردەك ياشايدۇ. چوڭ بولغاندا ئاتىلىرىغا ئوخشاش جەمئىيەتتە لاغايلاپ يۈرىدۇ.

شۇڭا 10ياشلار چامىسىدىكى بالىلاردىن چوڭلارنىڭ 20يىلدىن كېيىنكى ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بۇلىدۇ؛ 20ياشلار چامىسىدىكى ياشلاردىن (ئۇلارنىڭ ئالدى پەرزەنت يۈزى كۆرۈپ، دادا بولغان) ئۇلارنىڭ بالىلىرى، نەۋرىلىرىنىڭ ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى، چوڭلارنىڭ 50-60يىللاردىن كېيىنكى ھالىتىنى بىلگىلى بۇلىدۇ.

جۇڭگولۇقلارنىڭ پەرزەنتىلىرى پەقەت تۇغۇلسىلا بولدى، ئەمما ئۇلارنىڭ ياخشى ياكى يامان ئادەم بۇلۇشى بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمايدۇ؛ نوپۇسى قانچە كۆپ بولسىلا بولدى، ئەمما ئۇلارنىڭ ياراملىق ياكى يارامسىز ئادەم  بۇلۇشى بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمايدۇ. ئۇلارنى تاپقان ئاتا- ئانىسى ئۇلارنى تەربىيلەش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمايدۇ. «نوپۇسى كۆپ» دېگەن بۇ گەپكە كۆزنى يۇمۇپلا بولدى قىلغان بىلەن، ئاشۇ نۇرغۇن نوپۇس توپا چاڭلاردا ئېغىناپ چوڭ بۇلىدۇ. كىچىكىدە ئۇلارغا قانداق ئادەم بۇلۇش تەربىيىسى بېرىلمەيدۇ. چوڭ بولغاندا بولسا، ئۇلارنى تېخىمۇ ئادەم قىلغىلى بولمايدۇ.

جۇڭگودا بالدۇر ئۆيلىنىشمۇ ئامەت، ئوغۇل كۆپ بۇلۇشنىڭ ئۆزىمۇ ئامەت ھېساپلىنىدۇ. بالىلار كەلگۈسىدىكى «ئادەم» بۇلۇشنىڭ بېخى بولماي، ئاتا- ئانىسىنىڭ ئامەتلىك بۇلۇشىنىڭ كوزېرى بولغاچقا، خالىغانچە ئېغىناپ چوڭ بۇلىدۇ، ئۇلار بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمايدۇ. ئۇلارنى ئاندا- ساندا ئوقۇللارغا ئاپىرىپ بەردى دېگەنمۇ، ئىجتىمائىي ۋە ئائىلىۋى ئادەتلەر، ئېرى ۋە جورىسىنىڭ مىجەزى كۆپىنچە تەلىم- تەربىيە بىلەن مۇخالىپ بۇلۇپ قالىدۇ- دە، ئۇلارنى يەنىلا دەۋر بىلەن ماسلىشالمايدىغان قىلىپ قويىدۇ. ئۇلارمۇ چوڭ بۇلۇپ قاتارغا قوشۇلغاندىن كېيىن، «ئادەملەر» گە ئاتا بولماستىن، بەلكى توختىماي بالا ئىشلەپچىقىرىغان ئەبلەخلەرگە ئايلىنىدۇ. ئۇلار بالا تېپىشنىلا بىلىدۇ، ئەمما بالىسنىڭ كەلگۈسىدە قانداق بۇلۇشى ھەققىدە ئويلانمايدۇ.

ئاياللارنى ئەڭ كۆزگە ئىلمايدىغان ئاۋىسترىيىلىك ئوتتو ۋېيىنىنگىر (otto weininger) ئاياللارنى «ئانا بۇلىدىغان ئايال» ۋە «پائىشە ئايال» دەپ ئىككى خىلغا بۆلگەن. مۇشۇ بويىچە ئايرىغاندا، ئەرلەرنىمۇ «ئاتا بولىدىغان ئەر» ۋە «پائىشۋاز ئەر» دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈشكە بۇلىدۇ. بىرى، بالىلارنىڭ ئاتىسى؛ ئىككىنچىسى، «ئادەملەرنىڭ» ئاتىسى. بىرىنچى خىلدىكى ئەرلەر پەقەت بالا تېپىشنىلا بىلىدۇ، ئەمما قانداق تەربىيلەشنى ئۇقمايدۇ ھەم ئازراق ئائىشۋازلىق ئالامەتلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بۇلىدۇ. ئىككىنچى خىلدىكى ئەرلەر بالا تاپقاندىن كېيىن، ئاشۇ بالىسىنى قانداق تەربىيلەش ئۈستىدە ئويلىنىدۇ. نەتىجىدە شۇ بالا كەلگۈسىدە مۇكەممەل بىر ئادەم بۇلىدۇ.

ئالدىنقى چىڭ سۇلالىسىنىڭ كېيىنكى يىللىرىدا مەلۇم بىر ئۆلكىدە تۇنجى دارىلمۇئەللىمىن ئېچىلغانلىقىنى ئاڭلىغان بىر ياش ئەپەندىم تولىمۇ غەلىتىلىك ھېس قىلغان ۋە غەزەپلەنگەن ھالدا: «ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇغىنى قانداق ئىش. شۇنىڭغا قارىغاندا ئەمدى ئاتىلار مەكتىپىمۇ ئېچىلىدىغان ئوخشايدۇ» دېگەن. بۇ ئەپەندىم ئاتىنىڭ مەسئۇلىيتىنى پەقەت بالا تېپىش دەپ قارايدىغان ئوخشايدۇ. بالا تېپىشنى ھېچكىم ئۆگەتمىسمۇ تەبىئىيلا يۈز بېرىدىغان ئىشقۇ. بۇ جەھەتتە تەربىيلىنىشنىڭ يەنە نېمە ھاجىتى. لېكىن جۇڭگو ھازىر ئاتىلار مەكتىپىنىڭ ئېچىلىشغا تولىمۇ مۇھتاجدەك قىلىدۇ. ئەگەر شۇنداق مەكتەپ ئېچىلسا بۇ ئەپەندىمنى بىرىنچى سىنىپقا كىرگۈزۈپ قويسا بولغۇدەك.

چۈنكى دۆلىتىمىز جۇڭگودا ئىتنىڭ بېشىغا ئۇرسا بالىلارنىڭ دادىسى. شۇڭا كېيىن «ئادەملەر» نىڭ ئاتىسىنى يېتىشتۈرمىسەك بولمايدۇ.

لۇشۈننىڭ «ئەدەبىي خاتىرىلەر» نىڭ 25- چىسى، 1918-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى

«تەقرىز»

«ھازىر بېيجىڭغا بارسىڭىز، يەنىلا ئاتام ئېيتقان بايىقىدەك ئەھۋالنى ئۇچرىتىسىز.» لۇشۈن بۇ گەپنى 1918-يىلى ماقالىسىدە ئېيتقان. ئارىدىن تالاي يىللار ئۆتۈپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بىز يەنىلا «ھازىر بېيجىڭغا بارسىڭىز يەنىلا ئاتام ئېيتقان بايىقىدەك ئەھۋالنى ئۇچرىتىسىز» دېگەن گەپنى چوڭقۇر ھېس قىلماقتىمىز.

بېيجىڭنىڭ كۆكتات بازىرىغا بارسىڭىز، 3-4ياشلاردىكى بالىلارنىڭ پاسكىنا جايلاردا، كۆكتات شۆپەكلىرىنىڭ ئارىسىدا ئويناپ يۈرگەنلىكىنى كۆرىسىز. يېقىن ئەتراپتىكى بىر رېمونتخانىغا تېلىۋىزۇرۇمنى رېمونت قىلغىلى ئاپارسام، كونا ئېلېكتىر سايمانلىرى بولۇشىغا دۆۋىلەپ قويۇلغان ئۆيدە چۆچۈرىدەك ئۈچ بالا قىستىلىشپ ياتىدۇ. بېيجىڭنىڭ يەر ئاستىلىرىدا، بىر قەۋەتلىك زومچەك- زومچەك ئۆيلەردە دەرىجىدىن تاشقىرى پارتىزانلارچە ياشايدىغان كىشىلەرنى دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىسىز. يۇرتىڭىزغا بارماي- بارماي بىر بېرىپ قارىسىڭىز، ئىلگىرى تال چىۋىقنى ئات ئېتىپ بىللە ئوينىغان دوستلىرىڭىزنىڭ چوڭ بۇلۇپ ئۆي ئوچاقلىق بۇلۇپ كەتكەنلىكىنى، ئىككى ئۈچ بالىنىڭ ئاتا- ئانىسى بۇلۇپ قالغانلىقىنى كۆرىسىز. بەزى بالىلار تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىمۇ پۈتتۈرمەي تۇرۇپلا بىر بولسا ئۆيدە لاغايلاپ يۈرۈپ كۈن ئۆتكۈزىدۇ، بىر بولسا ياقا- يۇرتلارغا بېرىپ مەدىكارچىلىق قىلىدۇ. قىزلىرى بولسا ساتىراشخانا خېنىمى بۇلىدۇ. مۇشۇلارنى كۆرسىڭىز ئىچىڭىزنى مۈشۈك تاتىلىغاندەك تۇيغۇدا بۇلىسىز. شۇنچە بالىلارنى تاپىمىز- يۇ، يەنە ئۇلارغا قانداق ئادەم بۇلۇش تەربىيىسى بەرمەيمىز. بۇنداق تەربىيە كۆرمىگەن «نوپۇس» نىڭ كۆپەيگىنىنىڭ نېمە پايدىسى؟ ئۇلار ھەتتا لۇشۈن ئېيتقان «ئادەملەر» نىڭ ئۆلچىمىگىمۇ توشمايدۇ.

«ئاتىلار مەكتىپى» ئېچىلغان تەقدىردىمۇ، مەرىپەتچىلىك ئىدىيىسى بولمىسا، كونا ئىدىيە سېستىمىسى تېڭىلسا ۋە بۇلغانغان مائارىپ ئىدىيىسى بىلەن كىشەنلەنسە، بىزنىڭ «ئادەملەر» نىڭ ئاتىسىنى يېتىشتۈرۈش ئارزۇيىمىزنىڭ ئەمەلگە ئاشمىقى يەتتە تاغنىڭ نېرىسىدىكى ئىش بۇلۇپ قالىدىغان ئوخشايدۇ.

«جۇڭگولۇقلارنىڭ خاراكتېرىدىكى كېسەللىكلەرگە تەنقىد» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

(بۇ ئەسەر «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر» مۇنبىرى ژۇرنىلىنىڭ 2005- يىللىق 2- سانىدا ئېلان قىلىنغان)

بۇ مەزمۇنلارنىڭ ئەسلى مەنبەسى: http://bbs.boztagh.com/forum.php?mod=viewthread&tid=2105&from=portal

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4225
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20135
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1660 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-10 10:48:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
3-سان مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلەمدۇ؟

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32162
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3366 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-10 11:00:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەرنى «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر» مۇنبىرى ژۇرنىلىنىڭ 2005- يىللىق 2- سانىدىن مەنمۇ ئوقۇغان.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85728
يازما سانى: 1036
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4169
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 407 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 10:30:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆڭلۈمدىكى گەپ بالىنى تۇغۇپ بېقىپ چوڭ قىپ قويسىلا ھېساپمۇ بالا دىگەننى راۋۇرۇس تەربىيلىمىسە ئاخىرىدا (بالا )بولىدۇ شۇنداق قاراپ باقتىم بالىنى تۇغىدىكەنمىز جاپا تاتىپ باقىدكەنمىز لېكىن ئۇنىڭغا تەربىيە بېرىشىقا بالدۇر دەپ ئويلايمىزمۇ تاڭ بىلمىدىم تەربىيە قىلمايدىكەنمىز بالىنى كىچىك ۋاقتىدىن تاتىپ تەربىيلىمەي چوڭ بولغاندا قاقشاپ باقىمىز تىللاپ باقىمىز كار قىلمايدۇ مۇشۇمۇ بالا باققان بولامدۇ
201933g96zjnqnqz9vrz7a.jpg


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79487
يازما سانى: 817
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 34274
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 503 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 11:08:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uyol يوللىغان ۋاقتى  2013-9-10 10:48 PM
3-سان مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلەمدۇ؟

ئاللاھ خالىسا ئاخېرىغىچە ئۆتكۈزىمەن.سىزنىڭمۇ تەڭ قاتنىشىپ بېرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.

ھەربىرجان ئۆلۈم

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45199
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5213
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 1830 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2014-7-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 05:32:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ماقالنى ئىزدىنىشتىن ئوقوغان ئىدىم ، مىسرانىمدا كۆرگىنىمدىنمۇ خۇرسەن بولدۇم .

ھەربىرجان ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تىتىغۇچىدۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79487
يازما سانى: 817
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 34274
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 503 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 05:59:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zanjir36 يوللىغان ۋاقتى  2013-9-11 05:40 PM
لۇشۈننىڭ بىر كىچىدىكى خىزمەت دىگەن ھىكايىسىمۇبارمۇ؟

كەچۈرسىز مەندە يوق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79487
يازما سانى: 817
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 34274
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 503 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 06:01:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ataman0 يوللىغان ۋاقتى  2013-9-11 05:32 PM
بۇ ماقالنى ئىزدىنىشتىن ئوقوغان ئىدىم ، مىسرانىمدا كۆر ...

ئىزدىنىشقىمۇ  مەن يوللىغان،شۇنداقلا باغداشقىمۇ  يوللىغان ئىدىم.ئۈچۈلا مۇنبەردە تەستىقلىنىپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35062
يازما سانى: 228
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4503
تۆھپە نۇمۇرى: 251
توردا: 1789 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-12 12:14:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىنى تېپىپ قۇيۇپ ئىگە بولمايدىغان ئاتىلار بىزدىمۇ ئاز ئەمەس.

مۇيۇنچۇر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش