مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 13940|ئىنكاس: 120

ئامېرىكىنىڭ بومبىسىنى توسۇش   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 949
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 26341
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 7850 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2013-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-10 08:04:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

T8((YYROML~(MR5C[{V1RXC.jpg


ئامېرىكىنىڭ بومبىسىنى توسۇش


ئاپتورى: جېففىرىي د.ساچس (ئامېرىكا)


تەرجىمىدە نەپرەت 2009



ئېلكىتابىنى چۈشۈرۈۋېلىڭ


ئامېرىكا پارلامېنتى سۇرىيەگە ھەربىي ئارىلىشىشقا ھوقۇق بېرىش بەرمەسلىكنى ئويلاشقاندا، ھەر قايسى پارلامېنت ئەزالىرى بىر ئاساسىي رېئاللىقنى ئەستە تۇتۇشى كېرەك: سۇرىيە پرېزىدېنتى بەشار ئەسەد ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن چېكىدىن ئاشقان زوراۋانلىقنى قايتا-قايتا ئىشلەتتى، ئەمما ئامېرىكا ھەمدە باشقا ئوتتۇرا شەرق ۋە ياۋروپا ھۆكۈمەتلىرىمۇ سۇرىيەنىڭ قىرغىنچىلىق مەيدانىغا ئايلىنىپ قېلىشىدا بەلگىلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېرىشى كېرەك.
بۇ ھۆكۈمەتلەر ئامېرىكىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئوپئوچۇق ھالدا زوراۋانلىق بىلەن بەشار ئەسەدنى ئاغدۇرۇپ تاشلىماقچى بولدى. ئۇلارنىڭ ئارىلىشىشى بولمىسا، بەشار ئاساد ھاكىمىيىتى يەنىلا زالىم سىياسەت يۈرگۈزۈش مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى چوڭ؛ ئۇلارنىڭ ئارىلىشىشى بولغانلىقى ئۈچۈن، سۇرىيە كەڭ كۆلەملىك ئۆلۈم ۋە ھالاكەت مەيدانىغا ئۆزگىرىپ كەتتى. 100 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، زور مىقداردىكى دۇنيا مەدەنىيىتى ۋە ئارخىئولوگىيە بايلىقى ۋەيران بولدى.
سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇشى ئىككى باسقۇچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرىنچى باسقۇچى تەخمىنەن 2011-يىلى 1-ئايدىن 3-ئايغىچە بولۇپ، بۇ باسقۇچ چوڭ جەھەتتىن سۇرىيەنىڭ ئىچكى ئىشى ھېسابلىنىدۇ. ئەرەب باھارى 2011-يىلى 1-ئايدا تۇنىس ۋە مىسىردا پارتلىغاندا، سۇرىيەدىمۇ نامايىش يۈز بەردى. سۇرىيەلىكلەر ئەنئەنىۋى بولغان زوراۋان ھاكىمىيەتكە نەپرەتلىنىشتىن سىرت، يەنە كەڭ كۆلەملىك قۇرغاقچىلىق ۋە يېمەكلىك باھاسىنىڭ ئۇچقاندەك ئۆرلەشنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىدى.
بىر قىسىم سۇرىيە ئارمىيىسى بىلەن ھاكىمىيەتنىڭ بۆلۈنىشىگە ئەگىشىپ، ئەركىن سۇرىيە ئارمىيىسى قۇرۇلدى، ئېتىراز بىلدۈرۈش نامايىشلىرى ھەربىي قوزغىلاڭغا ئۆزگىرىپ كەتتى. قوشنىسى تۈركىيە ئېھتىمال يەر يۈزىدىن قوزغىلاڭچىلارنى قوللىغان چەتئەل دۆلىتى بولۇشى مۇمكىن، تۈركىيە سۇرىيە-تۈركىيە چېگرىسىنى بويلاپ قوزغىلاڭچىلارغا پاناھلىق بەردى. گەرچە زوراۋانلىق كەسكىنلەشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆلگەن ئادەم سانى پەقەت نەچچە مىڭ بولۇپ، ئون مىڭ ئادەم دەرىجىسىگە بارمىدى.
ئىككىنچى باسقۇچ ئامېرىكا بىر توپ دۆلەتلەرنى تەشكىللەپ قوزغىلاڭچىلارغا ياردەم بېرىشىدىن باشلاندى. 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئىستانبول دېپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا، ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەر ئەركىن سۇرىيە ئارمىيىسىگە پۇل ۋە ماددىي ئەشيا ياردىمى بېرىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى. ئەڭ مۇھىمى، ئەينى چاغدىكى ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى ھىلارى:«بىز بەشار ئەسەد چوقۇم تەختتىن چۈشىشى كېرەك دەپ قارايمىز» دەپ جاكارلىدى.
بۇ بايان ئىنتايىن مۇجمەل ھەمدە بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ۋاسىتىسىنى ئېيتمىدى، ئاقىۋەت سۇرىيە ھەربىي توقۇنۇشىنىڭ كەسكىنلىشىشى ۋە ئۆلۈم-يېتىم سانىنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بىرلا ۋاقىتتا ھەم ئامېرىكىغا قىلچە زۆرۈرىيىتى بولمىغان تۆۋەن چەك سىزىپ بەردى، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ «ئىناۋىتى» نى قايتا-قايتا قوغداشقا مەجبۇر بولدى.
شۇ چاغدىن ھازىرغىچە، ئامېرىكا ئىزچىل سۇرىيە خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى جاكارلاپ كەلدى. بۇ ئىنتايىن گۇمانلىق. ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەگە مۇئامىلە قىلىش نۇقتىسى چوڭ جەھەتتىن ئىران مەسىلىسى ئاساسىدا بولۇپ، بەشار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىماقچى بولىشىنىڭ سەۋەبى ئىران رەھبەرلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇھىم بىر ئىتتىپاقدىشىنى، ئىسرائىلىيە بىلەن چېگرىلىنىدىغان ئىتتىپاقدىشىنى يوقىتىش ئۈچۈندۇر. شۇنداق قىلىپ، ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى سۇرىيە ۋەزىپىسىگە بولغان ئەڭ مۇۋاپىق چۈشەندۈرۈش بولسا بۇ ئىراننىڭ ۋاكالەتچىسى بىلەن بولغان بىر مەيدان ئۇرۇش، ئىنتايىن گۇمانلىق بۇ ئىستىراتىگىيە زوراۋانلىقنىڭ ئېغىر دەرىجىدە كەسكىنلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يوشۇرۇن ياراشتۇرغۇچى ۋە مەسىلىنى ھەل قىلغۇچىدىن سۇرىيە زوراۋانلىقىنى ئاكتىپ قوللىغۇچىغا ئۆزگەردى. بۇنىڭ بىر ئېغىر خاتالىق ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس. ئامېرىكا ئەمەلىيەتتە سابىق باش كاتىپ كوفى ئاننان رەھبەرلىكىدىكى ب د ت تىنچلىق ساقلاش تەدبىرىگە خىلاپلىق قىلدى. ئانناننىڭ ئۇسۇلى ئۇرۇش توختىتىشقا دەۋەت قىلىش، ئاندىن سىياسىي بۇرۇلۇش سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش ئىدى. ئامېرىكا بولسا بەك ئالدىراپ كېتىپ، قوزغىلاڭچىلارنى قوللىدى ھەمدە بەشار ئەسەدنىڭ چوقۇم تەختتىن چۈشۈشىدە چىڭ تۇردى.
ئامېرىكىنىڭ بۇ خاتالىقىنى كىشىنىڭ چۈشەنمىكى تەس. ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانى بەشار ئەسەدنىڭ تەختتىن چۈشىشىنى مەجبۇر قىلىش بولسىمۇ، ئەمما ئالدىراپ كېتىشى بەشار ئەسەدنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشىنى ئاشۇردى ھەمدە سۇرىيەنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى ئىككى چوڭ ئىتتىپاقدىشى روسىيە ۋە جۇڭگونىڭ چىشىغا تېگىپ قويدى. جۇڭگو بىلەن روسىيەنىڭ ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى مەنپەئەتىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىشتىن سىرت، يەنە ئامېرىكا رەھبەرلىك قىلغان سۇرىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى لايىھىسىنى رەت قىلىشىنى چۈشىنىش تەس ئەمەس. روسىيە ئامېرىكىنىڭ بەشار ئەسەدنىڭ دەرھال تەختتىن چۈشىشىدە چىڭ تۇرۇشى تىنچلىققا توسقۇنلۇق قىلدى دەپ قارىدى. بۇ نۇقتىدا روسىيە توغرا قىلدى.
ئەمەلىيەتتە، ئەينى چاغدا روسىيەنىڭ ئوينىغان رولى ناھايىتى ئىجابىي ئىدى، گەرچە ئالدىنقى شەرتى بەشار ئەسەد ھاكىمىيىتى داۋاملاشمىسىمۇ، ھېچ بولمىغاندا ئۆتكۈنچى مەزگىلدە يەنىلا تەختتە بولىشى كېرەك ئىدى. روسىيەنىڭ ئىزدەنگىنى بىر كونكرېت لايىھە، ئۇنىڭ سۇرىيەدىكى سودا مەنپەئەتى ۋە تارتۇس پورتىدىكى ھەربىي بازىسىنى قوغداپ قالالايتتى، بىرلا ۋاقىتتا قانلىق توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇراتتى. روسىيەلىكلەر ئانناننىڭ تىنچلىق پىلانىنى ئاشكار قوللىدى. ئەمما، ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەر قوزغىلاڭچى قوشۇنغا پۇل بەرگەنلىكتىن، روسىيە (ۋە ئىران) بەشار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئىلغار قورال-ياراق تەمىنلىدى.
بۈگۈنكى كۈندە، خىمىيىلىك قورالنىڭ ئىشلىتىلىشى (سۇرىيە ھۆكۈمىتى ئىشلەتكەن بولۇشى مۇمكىن، ئېھتىمال ئىككىلا تەرەپ ئىشلەتكەن بولىشى مۇمكىن) ئامېرىكا تىككەن قىمارنى يەنە زورايتتى. ئامېرىكا يەنە بىر قېتىم ب د ت نى ئەگىپ ئۆتۈپ، سۇرىيەنى بومباردىمان قىلىش ئارقىلىق بىۋاسىتە ئارىلىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، خىمىيىلىك قورالنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىشلىتىشنى توسۇش ئىكەنلىكىنى باھانە قىلدى.
ئامېرىكىنىڭ مۇددىئاسى ناھايىتى ئېنىقمۇ ئەمەس. ئېھتىمال دېپلوماتىيە سىياسىتى ئاساسىي لوگىكىسى يوق بولىشى، پەقەت بىپەرۋالىق بولىشى مۇمكىن. ئەگەر مەلۇم لوگىكا بولسا، ئۇنداقتا قانچە ئاجىز بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، چوقۇم سۇرىيەنى ئەمەس بەلكى ئىران ۋە ئىسرائىلىيەنى يادرو قىلغان. دۇنيادىكى نۇرغۇن مۇستەبىت تۈزۈلمىلەرنى ئامېرىكا ئاغدۇرۇۋېتىش غەرىزىدە بولۇپ باقمىغان. ئەكسىچە، نۇرغۇنلىرى يۈزەكى قارىغاندا يەنىلا ئامېرىكىنىڭ يېقىن ئىتتىپاقداشلىرى. شۇڭا ئامېرىكا نېمىشقا خەۋپ-خەتەر داۋاملىق جۇغلىنىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇشتا قوزغىلاڭچىلارنى قوللايدۇ، بۈگۈنكى كۈندە ھەتتا خىمىيىلىك قورال باھانىسىنى تېپىپ چىقىدۇ؟
قىسقىچە ئېيتقاندا، ئوباما ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا شەرق ھاكىمىيەتلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قارىتا يېڭى مۇتەئەسسىپلەر ئىدىيىسىگە ۋارىسلىق قىلدى. بۇنىڭ ئەڭ مۇھىم چىقىش نۇقتىسى ئامېرىكا ھەمدە ئۇنىڭ يېقىن ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بۇ رايونغا كىمنىڭ باشلامچىلىق قىلىشىنى تاللىشىدۇر. بەشار ئەسەد شۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم تەختتىن چۈشىشى كېرەككى، ئۇ مۇستەبىت بولغانلىقىدا ئەمەس، بەلكى ئۇ ئىران بىلەن ئىتتىپاقداش بولغانلىقىدا. ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە، تۈركىيە ۋە بىر قىسىم دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرىگە نىسبەتەن، ئىران بىلەن ئىتتىپاقداش بولۇشى بەشار ئەسەدنى رايونلۇق تەھدىتكە ئايلاندۇرۇپ قويدى.
ئەمەلىيەتتە، مەيلى ئىسرائىلىيە ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىدىكى كىشىنى قايىل قىلالمايدىغان تەسەۋۋۇرى بولسۇن ياكى سۈننىي مەزھىپىدىكى دۆلەتلەرنىڭ شىئە مەزھىپىدىكى ئىرانغا قارشى تۇرۇشى بولسۇن، ئامېرىكا بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ تار مەنپەئەتى تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، ئۇزۇن مۇددەتتىن قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىدىغان دېپلوماتىيە سىياسىتى تېخىمۇ كۆپ ئۇرۇشتىن باشقا نەتىجە كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئەمەس.
ئامېرىكا يۆلىنىشىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك. ب د ت نىڭ قوللىشى بولمىغان ئەھۋالدا سۇرىيەگە بىۋاسىتە زەربە بېرىش كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئەمەس بەلكى رايونلۇق ئۇرۇش ئوتىنى يېقىشىنىڭ مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى. ئەنگلىيە بۇ نۇقتىنى تولۇق ھېس قىلىپ يەتتى، پارلامېنت ھۆكۈمەتنىڭ ئەنگلىيە ھەربىي زەربە بېرىشكە قاتنىشىشىغا ئالاقىدار تەكلىپىنى رەت قىلدى.
ئەكسىچە، ئامېرىكا خىمىيىلىك قورال ھۇجۇمىنىڭ ئىسپاتىنى ب د ت غا تەمىنلەپ بېرىشى كېرەك؛ خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن ھۇجۇمچىلارنى ئەيىبلىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك؛ ھەمدە بۇ جىنايەتلەرنى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا ئەرز قىلىشى كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت، ئوباما ھۆكۈمىتى روسىيە ۋە جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىشىپ خىمىيىۋى قورال ئەھدىنامىسىنى مەجبۇرىي ئىجرا قىلىشقا ئۇرۇنۇپ بېقىشى كېرەك. ئەگەر ئامېرىكا ئاشكارا دېپلوماتىيە ۋاسىتىسى ئارقىلىق بۇنداق قىلغاندا (بىر تەرەپلىمە زەربە بەرمىسە) مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىسا، ئۇنداقتا جۇڭگو بىلەن روسىيە بۇ مۇھىم مەسىلىدە پۈتكۈل يەر شارى تەرىپىدىن يېتىم قالدۇرىلىدۇ.
تېخىمۇ كەڭ قىلىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكا سۇرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئىرانغا قارشى تۇرۇشتىكى ۋاكالەتچى قىلىشنى توختىتىشى كېرەك. ئامېرىكىنىڭ سۇرىيە قوزغىلاڭچىلىرىغا پۇل ۋە ماددىي ئەشيا تەمىنلەشنى توختىتىشى، باشقا دۆلەتنىمۇ بۇنداق قىلسا سۇرىيە مۇستەبىتلىكى ياكى ئامېرىكا بىلەن ئىران مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى دەۋەت قىلىشى، ئەمما ياردەمنى توختاتسا سۇرىيەدىكى كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق ۋە بۇزغۇنچىلىقنى زور دەرىجىدە ئازلاتقىلى ياكى توختاتقىلى بولىدىغانلىقىنى دەۋەت قىلىشى كېرەك.
ئامېرىكا يەنە ب د ت تىنچلىق مۇساپىسىنى قايتا قوزغاتسا بولىدۇ، ئامېرىكا ۋە روسىيە قول تۇتۇشۇپ زوراۋانلىقنى توسىشى، ئەل قائىد تەشكىلاتىدىن مۇداپىئەلىنىشى (ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ) ھەمدە سۇرىيەدىكى چوڭقۇر دۆلەت ئىچى ئىختىلاپىنى ئۇزۇن مۇددەت كونكرېت ھەل قىلىش لايىھىسىنى تېپىپ چىقىشى كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكا يەنە ئىرانغا قارىتىلغان چارە ئىزدەشنى قايتىدىن باشلىشى كېرەك، چۈنكى ئىران پرېزىدېنتىنىڭ تەختكە چىقىشى دېپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن.
ئامېرىكا سۇرىيەدىكى قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا ياردەم بېرىشى كېرەك. بۇ ئامېرىكىنىڭ كىمنىڭ ئوتتۇرا شەرققە ھۆكۈمرانلىق قىلىشىنى قارار قىلىش ئارزۇسىدىن ۋاز كېچىشىدىن دېرەك بېرىدۇ.
مەنبە: ئوكيان تورى؛ جېففىرىي د.ساچس كولۇمبىيە ئۇنۋېرسىتېتى يەر شارى تەتقىقات ئورگىنىنىڭ دېرىكتورى، ب د ت مىڭ يىللىق پىلانىنىڭ باش كاتىپ مەسلىھەتچىسى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   karluk2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-10 08:07 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5342
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3116 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2013-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-10 08:23:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامىركا ئارلاشمىسا ياخشى بۇلاتتى.                                                                              
ئوتتۇر شەرىقتىكىلەر بىر بىرسىنى يەپ كەتسۇن بولسا.

قاتمال كاللا دۇنيانىڭ ئەخلەتلىرى پۇتۇنلەي مۇشۇ ئەرەپ دۆلەتلىرىگە يىغىلغان.
......
ھازىر دۇنيا تىنىچلىقىنى ئەڭ بۇزۋاتقانلار مۇشۇلار.
ھىچقانداق ئەللەردە ئۇرۇش يوق.
ھەممە ئۇرۇش مۇشۇ ئوتتۇر شەرىقتە.
بۇلار تىنجىسا دۇنيا تىنجىيدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kaLGundi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-10 08:38 PM  


بار دەپ تۆكمە،يوق دەپ كۆپمە!

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 4075
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19637
تۆھپە نۇمۇرى: 1591
توردا: 874 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-10 08:27:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامىرېكىنىڭ ئارلاشمايدىغان ئىشى يوق.

ئىتلار قاۋاۋېرىدۇ،كارۋان يولىغا مېڭىۋىرىدۇ!
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97676
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2013-9-7
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-10 08:32:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95690
يازما سانى: 326
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 890
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 148 سائەت
تىزىم: 2013-6-3
ئاخىرقى: 2013-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-10 08:33:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kaLGundi يوللىغان ۋاقتى  2013-9-10 08:23 PM
ئامىركا ئارلاشمىسا ياخشى بۇلاتتى.                                       ...

ئۇلار بىر بىرىنى يەپ كەتسە سىزگە نىم پايدىسى     ئاڭلىساق بولارمۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5342
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3116 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2013-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-10 08:35:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tafakkur يوللىغان ۋاقتى  2013-9-10 08:33 PM
ئۇلار بىر بىرىنى يەپ كەتسە سىزگە نىم پايدىسى     ئاڭلىس ...


ھازىر دۇنيا تىنىچلىقىنى ئەڭ بۇزۋاتقانلار مۇشۇلار.
ھىچقانداق ئەللەردە ئۇرۇش يوق.
ھەممە ئۇرۇش مۇشۇ ئوتتۇر شەرىقتە.
بۇلار تىنجىسا دۇنيا تىنجىيدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kaLGundi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-10 08:36 PM  


باغراش كاككۇكى!!!

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 3698
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17286
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 1181 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2013-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-10 08:52:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەلگۈندىنىڭ سۆزى ئورۇنلۇق .
                              
                                            ئەمدى بىرلىككە كەلسە بولاتتى .

مەيلى مارىس يەرشارىدا بول ،
سۆيدى پەقەت كۈتۈشنى يۈرەك .
كۈتۈشلەرنى سۆيگەن يۈرەككە ،
بولدى مەڭگۈ سۆيۈلۈش تىلەك .
باغراش كاككۇكى!!77

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41136
يازما سانى: 401
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7131
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 1182 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-10 08:54:55 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇنيا ئۇرۇشىنى ئامېركا قوزغىسا،مۇنبەر ئۇرۇشىنى كەلگۈندىلەر قوزغايدۇ… بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   FIRDEWIS تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-10 08:56 PM  


باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5425
يازما سانى: 739
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11489
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 385 سائەت
تىزىم: 2010-8-2
ئاخىرقى: 2013-10-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-10 08:55:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
مىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىسىل ئەتىرىم بولسا:مىنىڭ تەرىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96863
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 492
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 186 سائەت
تىزىم: 2013-8-9
ئاخىرقى: 2013-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-10 09:00:53 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جۇڭگۇنىڭ ئامرىكىدەك پۇل كۇچى بولغان بولسا ئارلىشىدىغان ئىشلادا ئامرىكىدىن ئىشىپ كىتەتتى
ھەرنىمە بولسا ئۇنداق بولماي قاپتىكەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش