مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 263|ئىنكاس: 6

،يوقاتقىنىڭنى قەدەر-قىممەتتىن تاپ!!! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بولغاشقىلا سەند

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29224
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5183
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 206 سائەت
تىزىم: 2011-2-5
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

دوستۇم سېنى دائىم كۆرگۈنىمدە غادىيىپ تۇرۇپ باداڭدەك يوغان قۇرسىغىڭنى مەننۇنلۇق بىلەن سىلاپ ،ئەتراپتىكىلەرگە بىر خىل مەنسىتمەسلىك نەزىرىڭ بىلەن قاراپ قويىدىغانلىقىڭنى كۆرۈمەن.بۇ«قامىتىڭ»دىن پەخىرلەنگىنىڭنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ،مەن نۇرغۇن ئانىلارنى كۆرگەن ئۇلار بارغانسىرى يوغىناۋاتقان قۇرسىغىنى سىلاپ تۇرۇپ پەخىرلىنىدۇ،ھاياتلىقتىكى بۇ روشەن سلىشتۇرما دائىم مېنى چوڭقۇر ئويغا سېلىپ قويىدۇ،ئويلاپ باق،سەن بىلەن ئەشۇ ئانىلار ئوتتۇرسىدىكى پەرىق نىمە؟سەن ھاياتقا بولغان كۈچلۈك مۇھەببەت بىلەن ئېتىلىۋاتقان«دۇنيا مېھرى مۇھەببەتكە تولسۇن»دىگەن سۆزنى ئاڭلىغانىڭدا «مەنمۇ مۇشۇ دۇنيادا ياشاۋاتىمەن ھاياتلىقتا مېنىڭمۇ تېگىشلىك بۇرچۇم بار مەن قانداق قىلىشىم كېرەك دەپ ئويلاپ باقتىڭمۇ؟»رەنجىمىگىىن دوستۇم راست گەپ قىلاي ئەقىل كۆزۈم كۆرۈپ تۇرۇپتىكى سەن ئويلاپ باقمىدىڭ،ئەگەر ئويلىغان بولساڭ يوغان قۇرسىغىڭدىن،   غادايغان قامىتىڭدىن ئەمەس نىمىدىن ھەقىقى پەخىرلىنىشنى بىلگەن بولاتتىڭ.شۇنى بىلگىنكى ئىنساننىڭ ئۇلۇقلىغى ئۇنىڭ قەدىر قىممىتىدە،قەدىر-قىممەت بولمىسا ھەر قانچە قەددى قامەت(يوغان قۇرساق)بولغان بىلەنمۇ ئۇنىڭ ئانا تۇپراقتا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بىر تۈپ تېرەكچىلىك قىممىتى بولمايدۇ،چۈنكى قەدىر-قىممىتى بولمىغان ئادەم ئۆزىگىمۇ ئۆزگىگىمۇ نەپ يەتكۈزەلمەيدۇ  .ئەمما تېرەك ھاياتلىق ئىكىلوگىيەسىنى قوغداپ تەبىئەتكە گۈزەللىك ئاتا قىلالايدۇ،مانا بۇ تېرەكنىڭ خىسلىتى،تېرەكنىڭ قىممىتىدۇر.شۇنداق بەزى ئادەملەردە يوق خىسلەت ۋە قىممەت ئۆسۈملىكلەردە،ھايۋانلاردا بار.ھېلىقى قۇرسىقى بارغانسىرى يوغىناۋاتقان ئانىلار يېڭى بىر ھاياتلىقنى دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىدىغانلىغى ئۈچۈن پەخىرلەندى،مانا بۇ ھاياتنى سۆيگەنلىك،ھاياتقا بولغان كۈچلۈك مۇھەببەت،ئانىنىڭ خىسلىتى،ئانىنىڭ قىممىتىدۇر،سەنمۇ بىر ۋاقىتلاردا ئاناڭنىڭ قۇرسىغىدا ئىدىڭ،شۇ ۋاقىتتا ئاناڭ قۇرسىغىنى سىلاپ تۇرۇپ ھاياجانلانغان،كېيىن مۇھەببەتنىڭ تەپتىدىن تۇغۇلدۇڭ،قامەتلىك چوڭ بولدۇڭ،ئانا سۈتىدىمۇ مۇھەببەتنىڭ تەپتى بار.دىمەك يارىلىشىڭ مۇھەببەتتىن ئىدى،ئەجىبا ئانا مۇھەببىتىنىڭ ئوتلۇق تەپتى،ئاپپاق سۈتىنىڭ خۇشپۇراق ھىدى ھۇجۇدىڭدىن غايىپ بولدىمۇ؟ئەقىل كۆزۈڭ تورلىشىپ قەلبىڭگە چاڭ توزاڭ قوندىمۇ؟ئۇنداق بولغاندا سەن ئاناڭغا ۋىجدانىڭغا يۈز كېلەلەمسەن؟بۇ دۇنيادا ھەممىدىن پاك،ھەممىدىن ئۇلۇق ھەممىدىن قىممەتلىك،مېھرى مۇھەببەتكە باي ئانىغا يۈز كېلەلمەسلىكتىنمۇ ئازاپلىق ئىش بولارمۇ...!

دوستۇم دۇنيا گۈزەل،ھاياتلىقمۇ گۈزەل،شارائىتمۇ ئەۋزەل،ئارقاڭغا قاراپ ئەتراپىڭغا نەزەر سال،باسقان ئىزلىرىڭغا سىنچىلااپ قارا،سوغۇققانلىق بىلەن چوڭقۇر ئويلاان،سەن ھاياتلىق مۇساپەڭدە ئەل-ۋەتەن ئۈچۈن تۆھپە يارىتالىدىڭمۇ؟كىشىلەرگە مىھرى مۇھەببەت ئاات قىلالىدىڭمۇ؟ئەمەليەتتە ئادەملەردە مېھرى-مۇھەببەت بولمىسا ھاياتلىقنىڭ ھېشقانداق لەززىتى بولمايدۇ،دۇنيانى  مېھرى-مۇھەببەتكە تولدۇرۇش ئۈچۈن ھەر بىر ئادەم بىر ئۈلۈش بىر-ئۈلۈشتىن مۇھەببەت ئاتا  قىلىشى،بۇ مۇھەببەت پاك،ئىللىق،سەمىمى،غەرەزسىز بولىشى   كېرەك.دوستۇم تەكەببۇرلىقنى،مەنمەنچىلىكنى ئارقاڭغا تاشلاپ ئەسلىڭگە قايىت باشقىلار ئاتا قىلغاننى سەنمۇ ئاتا قىلالايسەن،قامىتىڭ ئامىتىڭ ئەمەس  ،يوقاتقىنىڭنى قەدەر-قىممەتتىن تاپ!!!

مەنبە:ئۆزەم

  


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sandal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-10 03:07 PM  


ئىلى توققۇزتارا ناھىيەسى مېنىڭ ئانا يۇرتۇم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96863
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 282
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 95 سائەت
تىزىم: 2013-8-9
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قىرىندىشىم سىزگە بەك ياخشى يىزىپسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 2881
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9679
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 874 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنى بىلگىنكى ئىنساننىڭ ئۇلۇقلىغى ئۇنىڭ قەدىر قىممىتىدە، قەدىر-قىممەت بولمىسا ھەر قانچە قەددى قامەت(يوغان قۇرساق)بولغان بىلەنمۇ ئۇنىڭ ئانا تۇپراقتا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بىر تۈپ تېرەكچىلىك قىممىتى بولمايدۇ، چۈنكى قەدىر-قىممىتى بولمىغان ئادەم ئۆزىگىمۇ ئۆزگىگىمۇ نەپ يەتكۈزەلمەيدۇ .
دوستۇم دۇنيا گۈزەل، ھاياتلىقمۇ گۈزەل، شارائىتمۇ ئەۋزەل، ئارقاڭغا قاراپ ئەتراپىڭغا نەزەر سال! باسقان ئىزلىرىڭغا سىنچىلاپ قارا! سوغۇققانلىق بىلەن چوڭقۇر ئويلان! سەن ھاياتلىق مۇساپەڭدە ئەل-ۋەتەن ئۈچۈن تۆھپە يارىتالىدىڭمۇ؟ كىشىلەرگە مىھرى مۇھەببەت ئاات قىلالىدىڭمۇ؟

يۇقۇرىدىكى مۇنۇ گەپلەر ياخشى يېزىلىپتۇ ئەجرىڭىزگە رەھمەت!

ئاسماندىن ھۆرلۈك يامغۇرى ياغسا، قۇللۇققا كۆنگەنلەر كۈنلۈكنى ئاچىدۇ....... ئىسىت!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 1834
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13239
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 705 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسلا ئېسىل چىقىپتۇ.ەھمەت سىزگە

ھەر داۋام ھەر ئىشنى پەم بىلەن باشلا،
ھاۋايۇ-ھەۋەسنى سەن چۆرۈپ تاشلا،
بولمىسا قالىسەن بىر پۇشايماندا،
تۆكىلەر ئۇ چاغدا كۈزۈڭدىن ياشلا.

                                         _ ئۇيغۇر ئوغلى
http://www.hakaniye.com/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97597
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2013-9-5
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئويلىنىشقا  تىگىشلىك ......

بەزى  ۋاقىتلاردا  قەدىر  قىممەتنىڭ  نىمىلىگىنى  بىلمەي  يۈرۈپ كەتكەن كۈنلەرنىچۇ   !~!

ئۇف  

مەخەتجان

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 2937
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21048
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 2103 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنى بىلگىنكى ئىنساننىڭ ئۇلۇقلىغى ئۇنىڭ قەدىر قىممىتىدە، قەدىر-قىممەت بولمىسا ھەر قانچە قەددى قامەت(يوغان قۇرساق)بولغان بىلەنمۇ ئۇنىڭ ئانا تۇپراقتا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بىر تۈپ تېرەكچىلىك قىممىتى بولمايدۇ، چۈنكى قەدىر-قىممىتى بولمىغان ئادەم ئۆزىگىمۇ ئۆزگىگىمۇ نەپ يەتكۈزەلمەيدۇ .

  توغرا.

كەاسسىد ەدااسھسققددھ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92791
يازما سانى: 754
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2705
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 119 سائەت
تىزىم: 2013-3-6
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى ياخشى يېزىپسىز،،،،باركاللاا ،،،،كۆڭلۇم خېلى نۇرلىنىپ قالدى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش