مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 350|ئىنكاس: 16

قەدرىڭگە يەت ئۆزۈڭمۇ ئۇستاز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 1275
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 6602
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1156 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەدرىڭگە يەت ئۆزۈڭمۇ  ئۇستاز

قاراخان

تال-تال چاچلار تۇرسا تاراقسىز،
تۇرسا كىيىمىڭ رەتسىز ۋە توپا.
بايرىمىڭدا ئۇستاز سىياقسىز،
يۈرسەڭ قارشى ئالامدۇ كوچا.

بۇ سۈرەتتە كۆرگەنلەر سېنى،
دەيدۇ چوقۇم ئادەم بېدىكى.
سەندىكى روھ ،سالاپەت قېنى ،
بىزگە يوقمۇ ئۇستاز كېرىكى.

بىر تال چېچىڭ،بىر تال تۈگمەڭدىن،
كىملىگىڭنى يەكۈنلەيدۇ ئەل.
يېتەكلىگەن تاي ۋە تۆگەڭدىن ،
ئايان بولار ئومىچىڭ تۈگەل.

ئۈلگە ئالار سېنىڭدىن بارچە،
سەن كىملەرنى قىلدىڭ پىر كالان.
باغۋەن بىلەن ئېچىلار  غۇنچە،
باغۋەن بىلەن گۈل بەرگى خازان.

قەدىر قىممەت بولسۇن بارلىقىڭ،
مىللەت ئۈچۈن كېرەك ئار-نومۇس.
ئۆزدىن باشلاش بولسۇن يارلىقىڭ،
ھاياتقا سەن باقما پەقەت سۇس.

بايرىمىڭغا كۆڭۈل بۆلمىسەڭ،
كالىنداردا ،قوزۇقتا كۈنۈڭ.
كەسپىڭنى يا دىلدىن سۆيمىسەڭ،
ئېچىلامدۇ ئىزباسار گۈلۈڭ.

مۇئەللىمسەن ،مۇئەللىمەسەن،
مېڭىش-تۇرۇش ،گەپ سۆزۈڭگە باق.
مېنى كۆرمەس  يات كۆز دىمە سەن،
ئىزلىرىڭىدا قالسۇن نام ئاتاق؟





تولۇقلىما مەزمۇن (2013-9-10 06:55 PM):
ئاخىرقى مىسرانى :

ۋىجدانىڭغا قويىمەن سوراق...
دەپ ئۆزگەرتتىم...

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
gulbaxikar + 50 بەك ئىسىل!

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

باغراش كاككۇكى!!!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 3176
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 15226
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 964 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز ئۈچۈن بىر نەشىريات قۇرسام بولامدۇ نېمە ؟
سۈئەتكە ئامال  يوق دېسە... ياخشى چىقىپتۇ...

داۋاملىق----           ھارمىغايسىز.........!

سۆيۇشلەرنى كۈتۈپ يۈرۈپ ، كۈتۈشلەرنى سۆيۈپ قالدىم. .باغراش كاككۇكى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85728
يازما سانى: 812
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2753
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 265 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kakkuk11 يوللىغان ۋاقتى  2013-9-10 05:21 PM
سىز ئۈچۈن بىر نەشىريات قۇرسام بولامدۇ نېمە ؟
سۈئەتكە ئ ...

زادى قۇردىغان يەرگە كەلدى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18902
يازما سانى: 1516
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13159
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 7927 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ ئۈرۈمچىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزىنى پاككىزە تۇتۇشتا دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن قېلىشمايدۇ .سىزنىڭ تەنقىت قىلغىنىڭىز ،بەلكىم ئاشۇ يېزا قىشلاقلىرىمىزدا بىر پۇتى مۇنبەردە ،يەنە بىر پۇتى ئىتىزدا جاپالىق ئىشلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلار بولسا كېرەك . ئۇلارغا ئامال يوق ،مۇبادا سىز ئاشۇ جاپاكەشلەرنىڭ ئورنىدا بولغان بولسىڭىز ، ھالىڭىز ئۇلاردىنمۇ بەتتەر بولغان بولاتتى .مېنىڭچە ، 99.99 پىرسەنت ئوقۇتقۇچىمىزدا سىز ئىيتقان نوقسانلار يوق!!!
ئالتوننىڭ ساپلىق دەرىجىسىگە يېقىنلىشىپ قالىدۇ .

ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى

قارىغايدەك ياشايمەن مەڭگۈ!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7639
يازما سانى: 1862
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10635
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 5030 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىلىڭىز ئەجەپ ئۆتكۈر ئىكەن جۇمۇ ،  شۇنداق دەل جايىدا ئىشلىتىپسىز سۆزلەرنى ، مىنىڭچە شېئىردىكى مەنا  ھەرگىزمۇ تېۋىلغا ئەپەندىم  دىگەندەك  يېزا قىشلاقلاردىكى مۇئەللىملەرگىلا قارىتىلغان ئەمەس، پەقەت ئۇقۇتقۇچىلىق سالاھىتىنى ئۇنتۇپ ئىچىپ چىكىپ يېتىپ قالغان، چاچ پاچنى ئاتتۇرۇپ ياكى ئالايىشىل بۇياپ چاڭگا باش بولۇۋالغان بايرام ئۆتكۈزىمىز دەپ رىستۇراندىن بېرى كىلەلمىگەن ئەپەندىم خانىملىرىمىزغا قارىتىلغانمىكىن دەپ چۈشەندىم.

مۇھەببەت ئۆز ئارا ئىشەنىچ، ئۆز ئارا ياردەم، ئۆز ئارا ئورتاق غايە، ئورتاق نىشان ئۈستىگە قۇرۇلىشى لازىم!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 454
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6126
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 846 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  


  بىباھا گۆھەردەك خىسلىتىڭ  ئۇستاز

( ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىغا سوغاتلىق)

بىباھا گۆھەردەك خىسلىتىڭ ئۇستاز،
يوق شۇڭا تۆھپەڭگە مىننىتىڭ ئۇستاز.

ھەممە دەر ئوقۇتۇش جاپالىق خىزمەت،
لېكىن ساڭا راھەت قىسمىتىڭ ئۇستاز.

راست ئىكەن ئالتۇننى زەرگە بىلىشى،
ئالىمغا بىلىنەر قىممىتىڭ ئۇستاز.

چەكتىن ئاشسا خىزمىتىڭ ھار ئالمىدىڭ،
جاپالىق خىزمەتتە قات-قېتىڭ ئۇستاز.

چۈنكى ئوقۇتۇشتىن باشقا ئىشىڭ كۆپ،
ئىش بىلەن تولىدۇ كۆپ قېپىڭ ئۇستاز.

ئوقۇتۇش ئۈنۈمسىز يالماپ باشقا ئىش،
چېلىنماس ھەسرەتلىك شۇ دېپىڭ ئۇستاز.

يەنىلا پاك سۆزلەپ پاك ياشاپ كەلدىڭ،
پاك ياشاش بوپ كەلدى خىزمىتىڭ ئۇستاز.

«ئاق» قايسى؟«قارا»ھەم بىلمەيتى ئەۋلاد،
ئەۋلادقا بىلدۈرگەن ھىممىتىڭ ئۇستاز.

ئەۋلادى مىللەتنىڭ تەقدىرى يورۇق،
بولغاچقا ئەۋلادقا «نۇر» گىپىڭ ئۇستاز.

قەدرىڭنى بىلگەنلەر گۈللەندى شۇڭا،
بىلمىگەن خارلاندى قۇت تېپىڭ ئۇستاز.

ئەل ۋەتەن ئۈمۈدى پەقەت سىنىڭدە،
شاتلانسۇن ئارمانىڭ پاك سېپىڭ ئۇستاز.
2013-9-10



           مۇئەللىم ئورنى پەس.

1
«ساراڭ» دەر سۆزلىسەم  مەن ساراڭ ئەمەس،
سۆزلىدىم ئوقۇتۇش بولغاچقا بىر خەس.
ئانا تىل يەكلىنىپ باستى يەنە  نەس،
ئۇستازنى نەس باسسا ئەل خاراپ پەۋەس.
مۇئەللىم ئورنى پەس، ئەلنىڭ بەختى تەس.
2
باشلىقلار تۇرىدۇ خۇددى داھىدەك،
كۆرمەيدۇ پۇخرانى كەشى لايىدەك.
يالۋىرىپ  چاپىمىز ئىشقا يايىدەك،
بىز ماتا ئۇلاردۇر ئەتلەس شايىدەك.
مۇئەللىم ئورنى پەس ئەلنىڭ بەختى تەس.
3
شۇ تۈزۈم سەۋەپلىك باردۇر داۋامسىز،
سۆھبەتتە يىغمىساق بىزلەر  يارامسىز.
تەنقىدلەر بىزنىلا كىرىپ سالامسىز،
قورقۇتۇپ تىللايدۇ «سىلەر بولامسىز!»،
مۇئەللىم ئورنى پەس ئەلنىڭ  بەختى تەس.
4
دىن چەكلەشتىن ئەخلاق ئۆزلىشىپ ئالا،  
كۆپەيمەكتە مەكتەپتە داۋامسىز بالا .
شۇڭلاشقا بىلىملەر ئۆزلىشىپ چالا ،
رىزاسىز بۇرچىمىز ئايلىنار دالا.
مۇئەللىم ئورنى پەس ئەلنىڭ بەختى تەس.
5
ئوقۇغۇچى قىرىقتىن كۆپ سىنىپتا ،
كۈنلۈك بىردىن تاپشۇرۇق بار قېلىپتا.
ئامال يوق بۇنىڭغا بىزدەك غېرىپتا.
چارچايمىز تۈزۈمنى ساناپ ئېيىپتا ،
مۇئەللىم ئورنى پەس ئەلنىڭ بەختى تەس.
6
بالىنى ئازىلاپ ئۇستازنى خارلاپ،
ماڭغان مائارىپ تۈگىشىدۇ زارلاپ.
ھەم ياراملىق ئەۋلات چىقمايدۇ پارلاپ ،
قارايلى تارىخقا ئىبرەتلىك چارلاپ،
مۇئەللىم ئورنى پەس، ئەلنىڭ بەختى تەس.
(7
ئىلىمگە خىيانەت، ئەلگە قىيامەت ،
بىراق بىزدە كۆپتۇر بۇنداق قىياپەت.
بولسىمۇ ئۇستازغا ياخشى سىياسەت.
لىكىن بىزدە يوقتۇر ئۇنداق دىيانەت.،
مۇئەللىم ئورنى پەس، ئەلنىڭ بەختى تەس.
8
باشقىلار ئۇستازنى   ئۇلۇغ بىلىدۇ ،
شۇڭا  ئۇلار باي  بەخىتلىك كىلىدۇ،
بىزدە غاجاپ تىللاپ ئەخمەق قىلىدۇ،
ھالىمىز شۇڭلاشقا يۈرەك تىلىدۇ.
مۇئەللىم ئورنى پەس، ئەلنىڭ  بەختى تەس.
9
ئۇ ئايدىن بۇئايغا مائاش يەتمەيدۇ،
مال باھا ئۆسۈشتىن نېرى كەتمەيدۇ،
توي تۆكۈن مائاشنى تازا  ئەپلەيدۇ.
شۇڭلاشقا نامراتلىق بىزنى خەپلەيدۇ،
مۇئەللىم ئورنى پەس ، ئەلنىڭ  بەختى تەس.
10
ھەربىر  خەت پىلاندا بولمىساق زىرەك،
ئايلىنىپ قالارمىز كىرەكسىز تىزەك.
شۇڭا بەك ئىشلەيمىز خىزمەتنى دىمەك.
ئىشلەشتە يوق بىزگە بىرەرمۇ تىرەك،
مۇئەللىم ئورنى پەس ، ئەلنىڭ بەختى تەس.
11
ھاجەت راۋا بولماي تۇرىدۇ سەپ-سەپ،
باشقىغا بىزلەردىن تەگمىگەچكە نەپ،
قاچاركەن ھەممىسى«نەپ تەگمىدى» دەپ،
شۇڭلاشقا غەم باسار بولۇپ بىر سەلەپ،
مۇئەللىم ئورنى پەس ، ئەلنىڭ بەختى تەس.
12
ئوقۇتۇشنى دىمەس  «جاپالىق ئەمگەك»،
بار تېخى «ھەممىدىن ئاسان »دەپ كەتمەك.
يوقتۇر ھەقىقەتنى  ئىزدىمەك يەتمەك،
شۇڭا بارساختىلىق يوقنى بار ئەتمەك،
مۇئەللىم ئورنى پەس، ئەلنىڭ  بەختى تەس.
13
چېقىمچى چاقىدۇ باشلىققا داتلاپ،
غەيۋەتخور غاجايدۇ قارىنى چاپلاپ،
دۈشمىنىڭ يۈرۈيدۇ ئەتراپنى قاپلاپ،
ياراتماي دوستلۇرۇڭ كىتىدۇ ياتلاپ.
مۇئەللىم ئورنى پەس، ئەلنىڭ بەختى تەس.
14
تىلىمىز ئىدى بەك ئۇلۇغ ھىكمەتتە،
" ئەڭ گۈزەل تىل يېزىقكەن " دەپ زىننەتتە.
خەلقارادا يۈرەر  ئەنە  ئىززەتتە
بىراق بىزدە  سانالدى بەك ئىللەتتە،
مۇئەللىم ئورنى پەس، ئەلنىڭ بەختى تەس.
15
قوشتىل ، شۇ «قوشتىل»دەك ئادىل ئاقمايدۇ،
تەلەپ پىكىر  ھەق گەپ  پەقەت ياقمايدۇ،
ھەرىمۇ بىر-بىرنى بىزدەك چاقمايدۇ،
ئۇستازىغا  بىزدەك  كۆزدە باقمايدۇ.
مۇئەللىم ئورنى پەس، ئەلنىڭ بەختى تەس.
16
جاپالىق ئىشلىسەڭ ئەجرىڭ چىقار كەم،
ھەقىقەت بولمىغاچ خۇلاسىدە  ھەم ،
ئەقىللىق بولساڭمۇ ئىشلەتسەڭمۇ پەم،
ئازاپلار ھەممىسى يوقتۇر تاتلىق تەم،
مۇئەللىم ئورنى پەس، ئەلنىڭ بەختى تەس.
17
مائارىپتا خورىتىش بولغاچ  بەك  تولا،
مۇئەللىم ئىشى كۆپ تەگمەيدۇ چولا ،
ئىشلار كۆپ  ھەم ئېغىر، يېغىردۇر دولا.
جاپا بولسا ئىنسانغا شۇنچىلىك بولا،
مۇئەللىم ئورنى پەس، ئەلنىڭ بەختى تەس.
18
ئوقۇتۇشتىن مۇھىم ئۇقتۇرۇش دائىم ،
بۇيرۇقنى ئاڭلىشىڭ كىرەك بەك لازىم.
ئوقۇتۇش بىر چەتتە قالار يەپ ۋايىم ،
(قاچانمۇ كىلەر؟) دەپ مىنىڭ باھارىم.
مۇئەللىم ئورنى پەس ئەلنىڭ بەختى تەس.
19
ئەمىليەتتىن  ئىزدىمەي ھەقىقەتنى ،
يەكلەيدۇ دائىملا ھەق پەزىلەتنى.
مۇئەللىم تاپالماس ھەق ھەرىكەتنى.
قىينىلىپ ئىزدەيدۇ پاك تەبىئەتنى.
مۇئەللىم ئورنى پەس ئەلنىڭ بەختى تەس.
20
مۇشەققەت دەستىدىن ئاقارغان بۇ چاچ،
بولغاچقا خىزمەتلەر ئەگرى گادىرماچ.
بەختىمىز ھەردائىم تۇرسىمۇ قاچ-قاچ،
ئۈمۈدۋار بىز لىكىن ھەقىقەت بولغاچ،
مۇئەللىم ئورنى پەس ئەلنىڭ  بەختى تەس.

2013-8

   مەنبە :ئۆز قەلىمىم.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
gulbaxikar + 50 ئەجرىڭىزگە رەھمەت!

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 1275
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 6602
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1156 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tewelgha يوللىغان ۋاقتى  2013-9-10 06:04 PM
بىزنىڭ ئۈرۈمچىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزىنى پاككىزە تۇتۇش ...

سىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ رايون تەۋەلىكىگە قاراپ ئۇلارنىڭ سالاھىيىتىگە باھا بېرەلمەيسىز،سەھرادىمۇ نى ئوقۇتقۇچىلار بار ئۇرۇمچى،توكيو،نىيو-يورك،بېرلىن،لوندۇندىكىلەردىن قېلىشمايدىغان ،سىز ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارغا ئۇلارنىڭ مۇھىت ئەۋزەللىكىگە قاراپ ساپامۇ تۇرغۇزالمايسىز،چۈنكى ئادەم مۇھىتنى ،مۇھىت ئادەمنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغان مۇشۇنداق زاماندا تېشىغا قاراپلا ئۇلارغا يۇقۇرى تۆۋەنلىك مۆھۈرىنى باسقىلى بولمايدۇ،مانا مەن يىراق سەھرادىكى باھاردا لاي كېچىپ ،زىمىستاندا ماي ئىچىپ يۈرگەن، چاچ -ساقالنى ياساپ ،كىيىم كېچەكنى تۈزەپ كىيىپ يۈرگەن ھەم ئۇلۇغ بايرام كۈننىڭ ھۆرمىتىنى ئۆز يولىدا قىلىۋاتقان سابىق ئوقۇتقۇچى.ھالىمنىڭ قايسى ھالدا بولىشىغا سىزدىن بۇرۇن ئۆڭمىسەم سالاھىيىتىمگە بېقىپ ئىش قىلاتتىم، ھەركىمنىڭ قەدىر قىممىتى ئۆزىنىڭ قولىدا ،مىللىتىمىز كۆرمەسكە سالغاننى باشقا مىللەت يەرمەنكە قىلىدۇ،مىللىتىمىز ۋە ئۆزىمىز قەدىرلىگەننى باشقىلارمۇ ئۈنسىز قەدىرلەيدۇ ،توردىشىمىز گۈلباشىكەر ئېيتقاندەك بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ھەممە يەردە بار ،تەقدىر شۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  مەدەنىلىرىنى شەھەرگە ،بەدەۋىلىرىنى يېزا قىشلاققا سۈرگۈن قىلمىغانغۇ؟ سىز پارقىرىغاننىڭ ھەممىسنى ئالتۇن دەيدىغان زەرگەرنىڭ شاگىرتى ئەمەسسىز...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 1275
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 6602
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1156 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
gulbaxikar يوللىغان ۋاقتى  2013-9-10 06:25 PM
تىلىڭىز ئەجەپ ئۆتكۈر ئىكەن جۇمۇ ،  شۇنداق دەل جايىدا ئى ...

ھازىر بالىلارنىڭ سەزگۈرلىكى ئېشىپ كەتتى ،ئوقۇتقۇچىلار نىمە قىلىش كېرەك،رەھمەت خانىم.

مەخەتجان

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 2937
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21048
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 2103 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ ئۈرۈمچىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزىنى پاككىزە تۇتۇش ...
بىزنىڭ ئۈرۈمچى-پۈرۈمچى دەپ يۈرمەي،   مىنىڭ بۈگۈن يوللىغان ‹مائارىپ مۇنبىرىدىكى مۇقەددەس مەشئەل› ناملىق سۆز ئوينۇمنى كۆرەپ بېقىڭ!

كەاسسىد ەدااسھسققددھ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18902
يازما سانى: 1516
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13159
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 7927 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
qaraxani يوللىغان ۋاقتى  2013-9-10 06:50 PM
سىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ رايون تەۋەلىكىگە قاراپ ئۇلارنىڭ  ...

قاينىماڭ يېگىت ،مەنمۇ 25يىللىق ئوقۇقۇچىلىق  ھاياتىمدىن يەكۈنلىگەن تەجىرىبىلىرىمنى يېزىپ قويدۇم ،ئەتىگەن 1-2سائەتلىك دەرىس ۋاقتىدا  سىز تىلغا ئالغان ئاشۇ يېزىلىق ئوقۇتقۇچىلارغا دەرىس بېرىپ چىقتىم .بۈگۈن ئەتىگەن كېچىچە ھاراق ئىچىپ توپىغا مىلىنىپ ئۈلۈكتەك ياتقان بىرسىگە ،120نى چاقىرتىپ كېلىپ دېئاگۇنۇز قويدۇردۇم ،ھەرھالدا جېنى باركەن . ئالدىنقى مەۋسۇم ئوبۇرنىغا چىقىشقا ھورۇنلۇق قىلىپ ياتىغىدا بوتۇلكىغا كىچىك تەرەت قىلغان بىرسىنىڭ مەسىلىسىنى  تەشكىل مۇزاكىرە قىلغاندا ،مىللەتداش بولغانلىغىم سەۋەپلىك يەرگە كېرىپ كەتكۈدەك بولغان ئىدىم . بۇلار مېنىڭ كۆز ئالدىمدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار بولسىمۇ ،مەن ئۇنىڭ سەۋەبىنى ئادەمگە قويمىدىم ،بەلكى ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا كېلىۋاتقان تۇرمۇش بېسىمى ياكى باشقا بىسىملاردىن كۆردۇم .ئىشەنمىسىڭىز مېنىڭ يازمامنى ياخشاراق ئوقۇپ بېقىڭ . مەن10يىلدىن بېرى ئاشۇ ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش بىلەن ئاۋارە،بەلكىم سىز ھەر جەھەتتىن ئۇلاردىن ياخشاراقتۇرسىز  . سىزگە تېخى ئۈرۈمچىدە تەربىيەلىنىش نۆۋىتى كەلمىگەندەك قىلىدۇ ،قالغىنىنى سىز كەلگەندە ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ بىر نېمە دەي . ئۈرۈمچىلىكلەرگە كەلسەك ،كىيىنىش جەھەتتە ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ئىۋەنلىك تاپالمايسىز ،دىلدىكى كىرگە كەلسەك ،ئۇنىڭغا ئالدىراپ بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ . سىز كىر دەپ قارىغاننى بەلكىم مەن مەدەنىيەتنىڭ جۇلاسى دەپ قارىشىم مۈمكىن ،مەن كىر دىگەننى سىز بەلكىم ئەنئەنىنىڭ سىماسى دېيىشىڭىز مۈمكىن .بۇنى تالاشقۇم يوق . لىكىن تاشقى قىياپەت گۈزەللىگى جەھەتتە ئۈرۈمچىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى سېلەرگە ئۇستاز بولالايدۇ .....................

ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش