يىـڭى ئــەزا
مەھرۇملۇقتىن-مەھكۇملۇققا
شۇنداق بىر دەقىقە، مەھرۇملۇقنىڭ ۋەھىمىلىك ئالقىنىدا مۇجۇلماقتىمەن. مانا ھازىر مۇۋاپىقمۇ ئەمەسمۇ ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن، قولۇمغا قەلەم ئالدىم، ئالدىميۇ،ھىچنىمە ئويلاشماستىن قەلەم تەۋرەتتىم . ئەمەلىيەتتە ئۆزۈمنىڭ نىمە يازىدىغىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن، لىكىن بىرەر نەرسە يازغۇم بار. ئۇزۇندىن بىرى كۆڭلۇملا ئەمەس، ھەر بىر ھۈجەيرىلىرىمنىڭ ئەڭ كىچىك ئىلمىنتلىرىغىچە قەتئىي جايىدا ئەمەس . بىسىملا ھىس قىلىۋاتىمەن، راست نۇرغۇن ئىشلار بىسىم بولىۋاتىدۇ. قىلغۇم يوق نۇرغۇن ئىشلارنى تاشلىيالماي ، قىلغۇم بار نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشقا مۇيەسسەر بولالماي ، ئۆزۈمنىڭ ئەخلاقسىزلىقى،پەسكەشلىكى، ساپاسىزلىقى، نادانلىقى. قىسقىسى، ھايۋانى ھالىتىمنى كۆرۇپ تۇرۇقلۇق، ئۇنى ئۆزگەرتىشكە قىلچىلىك جۈرئەت قىلالماي، گەندە پارچىلىرى ئارلاشقان تۇپراققا مىلىنىپ، گەندە پۇرىقې بىلەن تولغان ھاۋادىن نەپەسلىنىپ، بىخۇد بولۇپ يىتىپتىمەن. ئاھ خۇدا! مەن ئازاپلانماي كىم ئازاپلانسۇن، مەن خارى-زار بولماي كىم خارى زار بولسۇن، مەن بىسىم ھىس قىلماي كىم ھىس قىلسۇن، مىنىڭ يۈرۈكۈم يىغلىماي كىم تامچە ياش تۆكسۇن...
بىر كۈنلەردە كىچىككىنە ئازگالنى كۆرۈپ ئۆلە-تىرلىشىمگە قارىماي قاچقانتىم. ئەپسۇس، مانا بۈگۈن شۈنچە چوڭقۇر بىر قۇدۇق ئىچىدە لاغىلداپ يىتىپتىمەن، قارغۇنىڭ كۆز نۇرىچىلىك بىر نۇر بولسا نە قىلاي، لىكىن مەن تەشنا نۇردىن ھىچ بىر خەۋەر يوق. ئەتراپىم زىمىستان قاراڭغۇ، پەقەت يىلان، چايانلارلا ماڭا ھەمراھ. مىنىڭ بەدىنىم، ھەتتا ھەر بىر ئىچكى ئەزايىم ئۇلار ئۈچۈن قارارگاھ، ئۇلار ئۈچۈن باغچا، ھەتتا، ئۇلار ئۈچۈن ھاجەتخانا...مىنڭ قەلبىم بۇلغاندى، ئۇلار مىنى ئۆز نىجاسەتلىرى بىلەن قوشۇپ ئاپىرىپ تاشلىدى، ئەمدى مىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىملا ئەمەس، ھەر بىر ھۈجەيرىلىرىمگىچە شۇ نىجاسەت ئىچىدىن چىققان پارازىت قۇرتلار ئۈچۈن قارارگاھ ھازىرلىماقتا. ئىلگىرى بۇلغانغان قەلبىم مانا ئەمدى ئىغىر كىسەلگە گىرىپتار بولدى، مەندە نە رىتسىپ نە دورا ! چۈنكى ھالا بۈگۈنكى كۈندە مەن شۇنداق بىر گاداي. ئاخىرىدا ئىست دەپ ئاللاھ رىزالىقىنى تىلىدىم، چۈنكى ئۇ پاسىبان قۇرتلار ئۆزلىرى ئاياغ بىسىشقا قۇربى يەتمىگەن جايلارنى ، مان ئەمدى مىكروپلارغا تەقدىم قىلغان ئىدى. مەن ئاھ ئۇرماي كىم ئاھ ئۇرسۇن، مىنىڭ ھازىر بىر مىكروپنى يەنجىگۈدەك قۇربۇم قالمىدى. قانداق قىلاي! ئىممونىت ھۈجەيرىلىرىممۇ شۇ مىكروپلارنىڭ پۇت-قولىنى تۇتىۋاتقان تۇرسا.
ئەيدىز كىسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىنىڭ ئىممونىت ھۈجەيرىلىرى گەرچە تەڭ تۇرالمىسىمۇ، يەنىلا شۇ مىكروپلار بىلەن جان تىكىپ ئىلىشار ئىكەن، لىكىن منىڭ ئىممونىت ھۈجەيرىلىرىم مىكروپلارنىڭ ئايىغىغا سۆيۈپ، ئىزىغا تىۋىنماقتا. دىمەك، مەن دۇنيادا بۇندىن بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەڭ ۋەھشى كىسەلگە گىرىپتار بولدۇم، ئۇ ھەتتا ئەيدىزدىن ئىشىپ چۈشۈپ مىنىڭ ھاياتىمغا تەھدىت سالماقتا. مەندە ئەمدى نە قەلەم تۇتقۇدەك، نە بۇ قۇرلارنى داۋاملاشتۇرغۇدەك مادار. مەن ئۆلۈمنى كۈتمەكتىمەن.
پاش قىلىش
ئادەتتىكى ئەزا
ئاكتىپ ئەزا
ablimitt يوللىغان ۋاقتى 2013-9-10 10:38 PM بەك ئاشۇرۋىتىپسىلەر، ئۇنچە ئېغىر ئەمەسقۇ؟... ھەممە يەر ...
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ