مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2094|ئىنكاس: 13

ئۇچتۇرپان دېگەن يەر نامنىڭ كېلىپ چىقىشى توغىرسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97607
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 614
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2013-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-10 10:59:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇچتۇرپان دېگەن يەر نامنىڭ كېلىپ چىقىشى توغىرسىدا
خوجا نىياز


ئۇچتۇرپان قەدىمدە خەنچە ۋېنسۇ بەگلىكى(ئونسۇ) دەپ ئاتالغان○0. ئۇنىڭ زادى قاچان؟ بىنا قىلىنغانلىقى توغرىسدا ھازىرغىچە ئېنىق بىر تارىخىي كۆز قاراشنى ئوتتۇرغا  قويالمايمىز.چۇنكى بۇ ھەقتە قولىمىزدا ئىشەنچىلىك بولغان تارىخىي ماتىرىيال تەزكىرلەرنىڭ كەمچىل بولغانلىقى ، قەدىمكى دەۋىردە ئىجتىمائىي ھاياتنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان مەدەنىي يادىكارلىقلارنىڭ ئاز ساقلىنىپ قېلىشى ،ئارخىلوگىيىلىك پاكىتلارنىڭ يېتەرسىزلىكى قاتارلىق سەۋەپلەر قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇپ بېرىۋاتىدۇ. شۇنداق بولسمۇ ئىزلەنگەن،كۆرگەن ماتىرىيالار ئاساسىدا بۇ ھەقتە تۇختۇلۇش يۇرت تارىخىنى يۇرۇتۇشقا مۇھىم دەپ قارايمەن.
«تارىخي خاتىرلەر،ھۇنلار تەزكىرسى»دە ھون تەڭرىقۇتى باتۇر (مىلادىدىن بۇرۇنقى 209-يىلىدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 174-يىلغىچە ھونلار تەختىدە ئولتۇرغان )نىڭ مىلادىدىن بورۇنقى 176-يىلى خەن پادىشاھى خەنمىندىغا يازغان مەكتۇپى خاتىرلەنگەن . ئۇنىڭدا: «...تەڭرىنىڭ قوللىشى، سىپاھ بەگلەرنىڭ ئىستىبدتلىقى ۋە ئاتلارنىڭ قاۋۇللىقى بىلەن توخرىلار( ھازىرقى گەنسۇدا) تارمار قىلىندى. ئۇلار قىرىلىپ تەسلىم بولدى.لولەن(كىرورەن)،(ئۇسۇن)،ئۇغۇز (ئۇيغۇر)ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى 26-بەگلىكنىڭ ھەممىسى ھونلارغا تەۋە بولدى. ئوققا تۇتقان خەلىق بىر ئائىلە بۇلۇپ ئۇيۇشتى .شىمالدىكى يەرلەرمۇ تىنجىتىلدى»(24)دەپ كۆرسۈتۈلگەن . بۇ مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا بۇيۇك ھون ئېمپۇراتۇرلىقىنىڭ تەركىۋىگە كىرگەن غەربىي يۇرتتىكى 26 بەگلىك(ئەمەلىيەتتە36بەگلىك) ئىچىدە قەدىمكى ۋېنسۇ بەگلىكىنىڭ بارلقىدا شەك يوق. بۇلمىسلا مىلادىدىن بۇرۇنقى 138-يىلى جاڭ چىيەن غەربىي يۇرتقا كەلگەندە ۋېنسۇ («ئونسۇ بەگلىكى»)نى تىلغا ئالماس ئىدى.دېمەك، يۇقارقى پاكىتلاردىن قارىغاندا ئۇچتۇرپاننىڭ 2500-يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى قىياس قىلالايمىز.
      ئۇچتۇرپان  مىلادىدىن بۇرۇنقى 3-4-ئەسىردە ۋېنسۇ (ئونسۇ )دەپ ئاتالغان .شۇنىڭدىىن باشلاپ كۆك تۈرك خانلىقى (مىلادى 552- 745-يىلغىچە)ۋە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى(605-846- يىلغىچە) دە خەنچە ئونسۇ ئايمىقى (温肃州)،ئونسۇ ئايمىقى ئورۇن چوڭ تاشبالىق(大石城) ياكى ئۇچ(于祝)دەپمۇ ئاتالغان.يەنى مىلادە 648-يىلى تاڭ قۇشۇنلىرى تەرپىدىن غەربىي تۈرك خانلىقىنىڭ يۇلتۇز ۋادىسىدىكى باش كەنتى (ئوردۇسى) ئىشغال قىلىنغان كۇچا تاڭ قۇشۇنلىرىنىڭ قولىغا ئۆتكەن،ئارقىدىنلا ھازىرقى ئۇچتۇرپان تەۋەسىگە يېتىپ كېلىپ ئونسۇ ئايمىقىنى تەسسىس قىلغان.ئونسۇ ئايمىقى تۇرۇشلۇق ئورۇن چوڭ تاشبالىق (大石城)،ئۇچ(于祝)دەپمۇ ئاتالغان (25) .
دېمەك،كۆك تۈرك خانلىقى ۋە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى(552-846) ئۇچتۇرپان «ئۇچ»دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان.قاراخانىيلار دەۋرىدە (850-1212)مەشھۇر بىر شەھەرگە ئايلانغان.پەقەت جۇڭغار خانلىقىغا سىۋان ئاراپچان ھۆكۇمرانلىقى قىلۋاتقان مەزگىلدە (1698-1727-يىلغىچە) ئاندىن «ئۇچتۇرپان»دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان.
لېكىن نۆۋىتتە يەنە بىر ھەۋەسكارلىرىمىز تارىخىي ماتىرىياللارنى توپلاپ، رەتلاپ ،ئەستايىدىلراق توپلاپ باقماي،ئىلگىركىلەر ۋە باشقىلار نېمە دەپ يازغان بولسا ئۆلۈك ھالدا ئۇنىڭ تارىخىي كېلىپ چىقىشىنى شۇ پېتى ئوتتۇرغا قايتا كۆتۇرۇپ چىقتى .ئۇلار ئۇچتۇرپان دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشىنى مۇنداق ئىزاھلىدى:«1765-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۇچ خەلقى چىڭ خاندانلىقى ۋە يەرلىك فىئودال ئاقسۆڭەكلەرنىڭ يەرلىك زۇلۇمىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتەردى.قوزغىلاڭ باستۇرۇلۇپ ،چىڭ كۆكۈمىتى پەرمانى بويىچە،ئۇچ ئاھالىسىنىڭ بىر قىسمى ئىلىغا مەجبۇرى كۆچۈرۈلدى.ئورنىغا تۈرپاندىن بىر تۈركۈم ئاھالە كۆچۈرلۈپ كېلىندى.شۇنىڭ بىلەن بۇ جاينىڭ نامى «ئۇچ»قا تۇرپان سۆزى بىلەن بىرىكىپ ئۇچتۇرپان دەپ ئاتالدى  » دەپ يازدى (26) . يەنە بىر قىسىم كىشلەرنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاس قاراشلىرى خېلى نۇرغۇن گېزىت،ژورنال چوڭ كىتاپلارغىمۇ ھەتتا بەرى تارىخىي رومانلارغىمۇ شۇنداق پۈتۈلۈپ كەڭ ئاممىغا تۇنۇشتۇرۇلدى.
مەن بۇنداق تارىخي پاكىتلىرى كام،قىياسەن يېزىلغان،ۋاقىت دەۋرى تۇلۇق بولمىغان كۆز قاراشقا قارىتا«ئۇچتۇرپان »دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا (شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىتاتى)1997-يىللىق 3-سان53-بەتتە ۋە «شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلى »  1998-يىللىق 2-سان 49-بەتتە)دېگەن ماقالەمدە پاكىت ئاساسلىرىنى كۆرسۈتۈپ رەت قىلغان بولساممۇ ،لېكىن بەزىلەر يەنە بۇ كونا قىياسى كۆز قاراشلارنى 2001-يىلدىن باشلاپ كۆتۈتۈپ چىقىشقا باشلىدى.يەنە دەيمەنكى بۇ خىل قاراشلار توغرا ئەمەس،تاىخىي پاكىت ئاساسلىرى كەمچىل . چۈنكى 1765-يىلدىن ئۇچتۇرپان دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلاشتىن ئىلگىرى ئۇچتا«ئۇچتۇرپان» دېگەن نام مەۋجۇت بولغان، تۇرپاندىكى بىر قىسىم يەر ناملىرىمۇ ئاللا قاچان ئۇچتا قوللۇنىلغان.
جۇڭغار خانلىقىغا سىۋان ئاراپتان ھۆكۈمرانلىقى قىلۋاتقان مەزگىلدە (1698-1727)چىڭ سۇلالىسى چىڭ سۇلالىسى قۇشۇنلىرى تۇنجى قېتىم تۇرپانغا كىرىپ جۇڭغارلار بىلەن ئۇيغۇرلار رايۇنىنى تالىشىپ ئۇرۇش قىلغان. بۇ چاغدا تۇرپاندىكى يەرلىكى ئاقسۆكەك بولغان ئېزىز خوجا جۇڭغارلار تەرەپكە ،ئىمىن خوجا ئىككى ئاكىسى بىلەن لۈكچىن شەھىرىدە چىڭ سۇلالىسى تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن.سىۋان ئارپىدان تۇرپاننىڭ  لۈكچىن دېگەن يېرىدە تۇرۇشلۇق ئېزىز خوجا باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چىڭ سۇلالىسى تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مەجبۇرىي قارا شەھەرگە كۆچۈرگەن. ئارقىدىنلا يەنە بىر قانچە مىڭ كىشىى باشلاپ غەرىپتىكى ئۇچقا بېرىپ ئولتۇراقلىشىشقا مەجبۇرلىغان (27) .
«بۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى 1713-يىللىرى ئەتراپىدا سىۋان ئارپدان ئىلى تەۋەسىدە يەر تېرىش ئۈچۈن ئۇچ،قارا شەھەر،ئاقسۇ،يەركەن قاتارلىق يەرلەردىن نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى ئېلىغا  كۆچۈرگەن، ئۇچلۇق ئۇيغۇرلارنى ئېلىغا كۆچۈرگەندىن كېيىن،ئۇنىڭ ئورنىغا جۇڭغارلار تۇرپانلىق ئۇيغۇرلارنى ئۇچقا كۆچۈرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن كىشلەر ئۇچنى ئۇچتۇرپان دەپ ئاتىغان» (28).«ئۇلار تۇرپاندىكى يۇرت كەنىتلىرى بويىچە ئۇچنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ماكانلاشتۇرۇلغان. مەسلەن،قاراخۇجا،سىڭگىم،لۈكچۈن،يارباغ،لەمجىن،پىچان،يانقىر، ئويتۇر، تۇيۇق، بۇغان،توقسۇن قاتارلىقلاردىن ئىبارەت».(29)
شۇنداق قىلىپ ،«ئېزىز خوجا ئۇچقا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىغاندا، ئېزىز خوجا ئۇچنى «ئۇچتۇرپان »دەپ ئاتىغان.شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇچتۇرپان دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان(30).
ئۇنداقتا بۇنداق ئاتىلىشنىڭ كونكىرىت يىل دەۋرى قاچان بولغان؟بۇ ھەقتە ياپۇنىيىلىك تارىخچى – سۇگۇجى تۇرۇ:«شىنجاڭنىڭ18-19 ئەسىردىكى جەمىيەت تەرەقىياتى توغرىسىدا تەتقىقات»دېگەن ئەسىرىدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئەنقەرە ئىنسانشۇناسلىق تارىخ مۇزىيىدا ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرچە (13135MSNR)نۇمۇرلۇق بىر پارچە ھۆججەتنى پاكىت كەلتۇرۇدۇ،ئۇنىڭدا 1720-يىللردىكى تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىچكى ئەھۋالى خاتىرلەنگەن.
بۇ ھۆججەتنى تۈركىيىلىك ئالىم ئەھمەت تۆمۈر ئەپەندىنىڭ يېشىپ چۈشەندۈرىشىچە: «تۇرپاندا 10مىڭدىن ئارتۇق ئاھالە بولغان .ئات يىلى يەنى (ھىجىرىيەنىڭ1135-يىلى مىلادى 1722-1723- يىللىرى )  تۇرپاندىكى ئۇيغۇرلار جۇڭغارلارنىڭ بېسىمى بىلەن غەربىي جەنۇپ تەرەپتىكى قارا شەھەرگە (ئېزىز خوجا باشچىلىقىدا )كۆچكەن»(31)، ئارقىدىنلا ئۇچقا كۆچۈپ بارغان. مانا بۇ ئۇيغۇرچە پاكىتقا ئاساسلانغاندا ،«ئۇچتۇرپان» دېگەن نام – ئاتاقنى نوقۇللا 1765-يىلىدىكى ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭىدىن كېيىن تۇرپاندىن ئۇچقا ئاھالە كۆچۈرۈش نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان دەپ قاراش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. ئەمەلىيەتتە«ئۇچتۇرپان »دېگەن نام 1722-1723-يىللىرى ئارلىقتا كېلىپ چىققان.شۇڭا تارىخي ماتىرىياللارنى ۋاراقلاپ كۆرسەك ئەھۋال ئوچۇق بولاتتى.چۈنكى، تارىخ ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ ئاشكارىلىغۇچىدۇر.
«ئۇيغۇرلار رايۇنى ئومۇمىي تەزكىرسى»دە كۆرسۈتۈلىشىچە:«ئۇچتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۇپۇسى ئەڭ كۆپ ئىدى.1765-يىلى ئۇلار ئۇلار توپىلاڭ كۆتەرگەچكە قىرىپ تاشلاندى. چىيەنلۇڭنڭ31-32يىللىرى (مىلادى1766-1767-يىللىرى) ئاقسۇ، يەركەن،قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردىن ئۇچقا 708ئۆيلۇك ئۇيغۇرلار ئارقا- ئارقىدىن كۆچۈرلۈپ كېلىندى. چىيەنلۇڭنىڭ 41-يىلىغا كەلگەندە ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئۆي – ئوچاقلىق بولىشى بىلەن 110ئائىلە كۆپەيگەنلىكى ئېنىقلاندى (32) .
مانا بۇ پاكىتلاردىن شۇنى بىلىۋېلىشقا بۇلىدۇكى، 1765-يىلىدىكى ئۇچتۇرپان خەلىق قوزغىلىڭى چىڭ قۇشۇنلىرى تەرپىدىن باستۇرۇلغاندا ئاز ساندىكى ئاھالىسى باشقا جايغا كۆچۈپ كېتىپ، قىرغىنچىلىقتىن ئېشىپ قالغان بىر قىسىم ئاھالىسى (10مىڭدىن كۆپ ئادەم) ئىلى ۋادسىغا مەجبۇرى 2- قېتىم كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئورنىغا كەلگەنلەر قانداقتۇر تۇرپانلىقلار بولماستىن بەلكى ئاقسۇ، يەركەن، قەشقەر،خوتەن قاتارلىق جايلاردىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن ئاھالىلەر ئىدى.شۇڭلاشقا، ئۇچتۇرپان دېگەن ناممۇ چىڭ(مانجۇ) خانلىقى دەۋرىدە بارلىققا كەلمەستىن ،بەلكى جۇڭغار خانلىقى دەۋرىدە سىۋان ئارپىدان ۋاقتىىدا 1722-يىللىرى بارلىققا كەلگەن.
        ئىزاھاتلار:
○0بۇ ھەققتە « تارىختىكى ۋېنسۇ(ئونسۇ) بەگلىگى ۋە ئونسۇ نامى توغرىسىدا» دېگەن ماقالىغا قاراڭ.
(24) سىماچىيەن :«تارىخي خاتىرىلەر»110جىلد «ھونلار تەزكىرسى » 1989-يىلى ئۇيغۇرچە نەشىرى 407-بەتكە قاراڭ.
(25) «يېڭى تاڭنامە .جۇغراپىيە تەزكىرىسى »جۇڭخۇا كىتاپ ئىدارسى نەشىرى خەنچە 2-كىتاپ. 1149-بەتكە قاراڭ. يەنە «جۇڭگو ئىسلام تارىخقا دائىر ساقلانغان ماتېرىياللار »نىڭشىيا خەلىق نەشىرىياتى (يىڭچۈەن)1982-يىلى خەنچە 4-بەتكە قاراڭ.
(26)«شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستوتى ئىلمي ژورنىلى»، 2001-يىللىق 1-سان 109-بەتكە قاراڭ. يەنە «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا دائىم ئۇچىرايدىغان ئاتالغۇلارغا ئىزاھات »2- كىتاپ ئۇچ، ئۇچتۇرپان ئاتالغۇسىغا قاراڭ. (2002-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى )،يەنە نىياز كېرىمى،زىۋىدە ساتتار:«دىيارىمىزدىكى بىرقىسىم يەر ناملىرى توغرىسىدا» 2006-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى،«ئۇچتۇرپان»نامىغا قاراڭ.بۇلار كونا خاماننى يەنە سورۇشقا باشلىدى، يېڭى ئىلمىي تەتقىقات نەتىنجىسىنى كۆرمەمدىغاندۇ؟ ....
(27) سۇگۇجى تۇرۇ (ياپۇنىيەلىك تارىخچى):«شىنجاڭنىڭ 18-19-ئەسىردىكى جەمئىيەت تارىخي ئۇستىدە تەتقىقات» 1984-يىلى شىنجاڭ خەلىق نەشىرىياتى خەنچە، 20-21-23-بەتلەرگە قاراڭ.
(28)«شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تاىخي »1-كىتاپ. 1984-يىلى ئۇيغۇرچە نەشىرى 374-بەتكە قاراڭ.
(29)«غەربىي يۇرت خەرىتلىك تەزكىرسى »48-توم، 5-بەت. سۇگۇجى تۇرۇ (ياپۇنىيەلىك تارىخچى):«شىنجاڭنىڭ 18-19-ئەسىردىكى جەمئىيەت تارىخي ئۇستىدە تەتقىقات» 21-بەتتە كەلتۈرۈلگەن نەقىلگە قاراڭ.
(30)،(31) بۇ ھەقتە (27)-ئىزاھقا قاراڭ.
(32) خېنىڭ :«ئۇيغۇرلار رايۇنى ئومۇمىي تەزكىرسى»9-جىلىدكە قاراڭ.
ئاپتۇر:ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستوتى دوتسېنتى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yolluqtekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-10 11:01 AM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ablimitt + 108
TAXBALIK + 10

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 118   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92141
يازما سانى: 1878
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2252
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3064 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-10 01:33:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ سەددىچىن سىپىلىنى كىم- كىمدىن قورقۇپ ياسىۋاتكىنى تۇغرىلىق ماتىرياللارمۇ باردۇ-ھە!
يۇقارقى يازمىغا قارىسا تاڭمۇ بۇيەرگە كەلگەنكەن، ئەمىليەتتە تاڭدىن تاللانغان چىرايلىق قىز سوۋغاتلار كەلگەندۇ ئۇ چاغلاردا...
ئاپتورنىڭ ئەسكەرتىشلېرى تازا جايىدا بۇپتۇ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-10 01:39 PM  


ئىلىكتىر ئىلمى بۇيەردە:http://www.xjefan.com/
  اشقىلارنى باھالاشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنى باھالىۋىتىڭ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4543
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28749
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-10 06:01:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇچتۇرپان بىلەن ئونسۇ ئايرىم ناھىيەمۇ ياكى بىر ناھىيەنىڭ باشقا ، باشقا ئاتىلىشىمۇ ؟

بۇ تىمىدىن مۇنداق يىلنامىلەرنى كۆرىۋالدىم :
كۆك تۈرك خانلىقى (مىلادى 552- 745-يىلغىچە)

ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى(605-846- )

قاراخانىيلار دەۋرىدە (850-1212 - )

جۇڭغار ئاراپدانى توغۇرلۇق يەنە باشقا تارىخنامىلەر بارمىدۇ ؟



مۇھتاجىلىق بەك يامان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11122
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2776 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-10 06:09:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2013-9-10 01:33 PM
مۇشۇ سەددىچىن سىپىلىنى كىم- كىمدىن قورقۇپ ياسىۋاتكىنى  ...

يىپەك يۇلىدىكى سىرلىق بايقاش پىروگىراممىسىدا ، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆڭلۈك-سۆيگۈن توپىلىڭىدا تاڭ پادىشاھى شىنقاڭدىكى پۈتۈن قۇشۇننى يۆتكەپ كىتىپ ، توپىلاڭنى تىنجىتقانلىقى شۇ سەۋەپتىن شىنجاڭدىكى نۇرغۇن لەشكەر بارگاھلىرىنىڭ قۇرۇقدىلنىپ قالغانلىقى سۆزلەندى ، شۇنچى دىققەت قىلساممۇ تاڭ پادىشاھىنىڭ  ئورخون ئۇيغۇر خانلىقىدىن ياردەم سۇراپ ، توپىلاڭنى تىنجىتقانلىقى ۋە شۇنىڭ بەدىلىگە ئۇيغۇرلارغا قىز چىقىرىپ باج تۆلىگەنلىكى قاتارلىق ۋەقەلىقلەرنى بايان قىلمىدى .
قەلەم كىمنىڭ قۇلىدا بولسا شۇ ئۈزى بىلگەننى يازىدىكەن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   !UYGHURJAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-10 06:10 PM  


ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92141
يازما سانى: 1878
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2252
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3064 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-10 06:23:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
!UYGHURJAN يوللىغان ۋاقتى  2013-9-10 06:09 PM
يىپەك يۇلىدىكى سىرلىق بايقاش پىروگىراممىسىدا ، تاڭ سۇ ...

ئاماننىساخانمۇ 16-ئەسىردە ئۈتكەندىكىن ئۆزىمىز بىلسەكلا بۇلىدىكەن دەڭ، ئەجرىڭىزگە رەخمەت...
بىز يىمىرىلگىلى ئۇزۇن بولمىغاننىڭ ئىسپاتى شۇ. ئابدۇرەشىدخانمۇ بەگ ئەمەس خان دەپ ئاتالغان-دە!... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-10 06:33 PM  


ئىلىكتىر ئىلمى بۇيەردە:http://www.xjefan.com/
  اشقىلارنى باھالاشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنى باھالىۋىتىڭ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90350
يازما سانى: 526
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2015-1-9
ئاخىرقى: 2015-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-10 06:24:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
!UYGHURJAN يوللىغان ۋاقتى  2013-9-10 06:09 PM
يىپەك يۇلىدىكى سىرلىق بايقاش پىروگىراممىسىدا ، تاڭ سۇ ...

ئۇيغۇرلارنىڭ تاڭ خانىغا ياردەملىشىپ دۆلىتىنى ئەمىن تاپقۇزۇش  توپىلاڭنى تىنجىتىش ئۈچۈن قىلغان ئۇرۇشلىرى ئاققۇزغان قانلىرىنى بۇ خەخنىڭ تىلغا ئالغۇسى يوق ...
كەچلەردە  بىر لاۋزا كىنو قۇيلىۋاتىدۇ  ئۆڭلۈك سۈيگۈن توپىلىڭى تەسۋىرلىنىدىغان بىر يىرىگە نەزىرىم چۈشۈپ ئاتايەتىن ئۆزۈمنى زورلاپ ئىككى قىسىمنى كۈرۈپ باقتىم   ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار تىرناقچىلىكمۇ ۋەقەلىك يوق ئىكەن  چاۋشىيەنىڭ (تىخى تەرجىمىسىدە كورىيە دەپ ئاپتۇ) بىر سانغۇنىڭ باشتىن ئاخىرى تاڭ خانىغا ھەمدەم بۇلۇپ تارىختىكى ئۆڭلۈك سۆيگۈن يىغىلىقىنى  بېسىقتۇرۇپ خانىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشكەنلىكى تاڭ خانىنىڭ ئۇ كورىيەلىك سانغۇنغا قىز دىدەكلىرىنى ھۇقۇق مەرتىۋىلەرنى ئىنئام قىلغانلىقى ۋەقەلىك قىلنىدىكەن  كورىيە بىلەن تاڭنىڭ دوسلۇقى ئالاھىدە كەۋدىلەندۈرلۈپ ئېشلەپتۇ ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92141
يازما سانى: 1878
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2252
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3064 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-10 06:36:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kudirat01 يوللىغان ۋاقتى  2013-9-10 06:24 PM
ئۇيغۇرلارنىڭ تاڭ خانىغا ياردەملىشىپ دۆلىتىنى ئەمىن ت ...

سۇنۋۇكۇڭنىڭ فىلىمىنىمۇ قايتا-قايتا ئىشلەپلا تۇرىدۇ، كىيىنچە يالقۇنتاغ ئەمەس ، پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىنى قۇتقۇزغان قىلىپ ئىشلەيدۇ.

ئىلىكتىر ئىلمى بۇيەردە:http://www.xjefan.com/
  اشقىلارنى باھالاشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنى باھالىۋىتىڭ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4543
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28749
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-10 06:51:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kudirat01 يوللىغان ۋاقتى  2013-9-10 06:24 PM
ئۇيغۇرلارنىڭ تاڭ خانىغا ياردەملىشىپ دۆلىتىنى ئەمىن ت ...

ئانارخان فىلىمىغا ئالاقىدار ئۆتكۈزىلگەن ‹ بۈگۈنكى سۆھبەت › پىروگراممىسدا ھېلىقى بىر ئىنژىنىر مۇنداق سۆزلىگەن :
- بۇ فىلىم تارىخى فىلىم ، ئەمما تارىخى ھۆججەتلىك فىلىم ئەمەس ......
...شۇ ئىنژىنىرنىڭ گېپىگە قارىغاندا  تارىختا بولغان ئىشلار تەسىۋرلىنىپ ئەينەن ئىشلەنمىسە بولىدىغان ئوخشايدۇ ، فىلىمنىڭ ئۈستىگە ھۆججەتلىك دىگەننى قوشۇپ قويسا ئەينەن چىقمىسا بولمايدىغان ئوخشايدۇ .

مۇھتاجىلىق بەك يامان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35062
يازما سانى: 226
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4494
تۆھپە نۇمۇرى: 251
توردا: 1784 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 09:45:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماقالىڭىز ئوبدان چىقىپتۇ

مۇيۇنچۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97607
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 614
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2013-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 09:50:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئۇچتۇرپان نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا   ئەسەر ئېلان قىلسام  دوسلۇرۇم بۇنىڭ ياخشى يېزىلغان ،يېزىلمىغانلىغى توغرىسىدا ۋە كەم قالغان ئارتۇق بولغان جايلىرى ئۈستىدە  پىكىر قاتناشتۇرماي،تىمىدىن چەتلەپ باشقا بىر نەسىلەرنى ئوتتۇرغا قويغىلى تۇرۇپسىلەرغۇ؟ مۇشۇ تىما ئۈستىدە پاكىتلىق گەپ سۆزلىرىڭلار بولسا قارشى ئالىمەن.
     سىلەر دەۋاتقان مەسىلىلەرنى ئايرىم تىما قىلىپ يازساڭلار بولمامدۇ؟....ياكى مېنى بۇ مەسلە ئۈستىدە سىز بىرنە دەڭ دىمەكچىمۇ ؟    گەپنى تاققا تۇقا قىلماي ياخشى سۇئال قويساق بولمامدۇ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش