ئۇستازىم
نەسىر
سائادەت ساتتار ئايتۇغ
ئىنسان مەنىۋىيىتىنى بىلىم ئەشكارلىرى بىلەن بېزىگۈچى مېھنەتكەش ئۇقۇتقۇچى-ئۇستازلارنى كۈيلەپ تالاي مىسرالار پۈتۈلسىمۇ ئۇلارنىڭ ئەجرىنى يورۇتۇپ بېرىشكە ئازلىق قىلىدۇ. ئۇستاز شۇنداق ئىنسانكى تالاي قاراڭغۇ دىللارغا شام كەبى يورۇقلۇق ئاتا قىلىپ ئۆزى ئاستا-ئاستا خوراپ تۈگەيدۇ. ئۇستاز شۇنداق ئىنسانكى، تالاي چاڭقاق قەلىبلەرنى بىلىم زەم-زەملىرىدە سۇغۇرۇش ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى بىر تېمىم، بىر تېمىمدىن تېمىتىدۇ. ئۇستاز شۇنداق ئىنسانكى، ئۆزىگە زارىقىپ بېقىۋاتقان تالاي ئاپتاپپەرەسلەرنى مىھر ئىنىرگىيىسى بىلەن جۇلالاندۇرۇپ ئۇلار بەس-بەستە ئېچىلىشقا باشلىغاندا ئۈن-تىنسىز تاغ كەينىگە مۆكۈنىدۇ. ئۇستاز شۇنداق ئىنسانكى، گىياھ ئۈنمىگەن قاقاسلارغا ئۈمىد ئۇرۇقلىرىنى چېچىپ، مىننەتسىز پەرۋىشى بەدىلىگە ئېرىشكەن كىچىككىنە يېشىللىقتىنمۇ كۈزدە ھوسۇل ئالغان دېھقاندەك چىن يۈرىكىدىن سۆيۈنىدۇ. تارتقان مۇشەققەتلىرىگە رازى بولىدۇ. بۇنىڭ بەدىلىگە ھېچنىمە تەلەپ قىلماستىن يەنە بىر پارچە قاقاسلىققا قاراپ چوڭقۇر ئۇھسىنغىنىچە يېڭىچە ئۈمىتلەر بىلەن يەنە بىر باھارغا ئۇرۇق چاچىدۇ. ئۇستاز شۇنداق ئىنسانكى، سەبى دىللارغا بىلىم بېرىش يولىدا بور كەبى خوراۋاتقىنىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ئۆزىنى دوسكىغا تېخىمۇ چىڭ سۈركەيدۇ. بور توزانلىرى نەپەس يوللىرىنى پۈتۈنلەي توسۇپ قويۇۋاتقىنىنى سىزىپ تۇرسىمۇ يۈرەك قېتىدىن مايسىلىرىغا بەرگەنلىرىنىڭ يىتەرلىك بولماي قېلىشىدىن ۋايىم يەيدۇ. دۇنيادا ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلاردەك، ئۈن-تىنسىز ئەجرى بىلەن گۈل-گىياھلارغا پەرۋىش قىلغۇچى ،قۇرۇپ چاك-چاك يېرىلغان بىنەملەرگە ئۈمىت بىلەن ئۇرۇق سالغۇچى، ئۇچۇم بۇلۇش ئالدىدا تۇرغان بالىلىرىغا قانات تىلىگۈچى، ئوقۇغۇچى-شاگىرتلىرىنىڭ كىچىككىنە ئۇتۇقلىرىدىن چىن دىلىدىن سۆيۈنۈپ، بارچە ئۇقۇبەتلىرىنى ئۇنتۇغۇچى بارمۇ جاھاندا؟!! قەدىردان، مىھرىبان...ئۇقۇتقۇچى-ئۇستازلار. توغراق يېشىدا ياشاڭلار!
ئۇستازلار
بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلارغا بېغىشلايمەن
مىھرىڭلاردىن مىھىر ئەمگەچ يۈرەكلەر، ھەر پەسىلدە گۈل-غۇنچىلار ئېچىلۇر. ئەجرىڭلاردىن ھەر بىر دىلغا بېزەكلەر، نۇر-زىيادەك تەپتى بىرلە چېچىلۇر.
سىلەر بولغاچ دۇنيا گۈزەل ئۇستازلار، گۈزەل شۇنداق ھەر بىر ئارزۇ-تىلەكلەر. سىلەر بولغاچ ياڭراق غەزەل ئۇستازلار، ھەربىر دىلغا چاچار نەققاش-بېزەكلەر.
ئاپتاپپەرەس قۇياش تامان باققاندەك، ھەر بىر مايسا مىھرىڭلارغا باقىدۇ. پۈتمەس بۇلاق يىللار بويى ئاققاندەك، پاك ئەجرىڭلار ھەربىر دىلغا ئاقىدۇ.
ئىسمىڭلارنى تىلغا ئالسا ھەر ئىنسان، سۈيۈنمەستىن تۇرالىسۇن قانداقمۇ. ئەجرىڭلاردىن باھار تېپىپ زىمىستان، ياشىرىدۇ قۇرۇق يانتاق- قامغاقمۇ.
قەلەم ئاجىز كۈيلىمەككە سىلەرنى، ئەجرىڭلارغا مىڭچە داستان ئاز كىلۇر. تازىم قىلسا سىلەر ئۈچۈن ئېتىز-قىر، كەڭ كائىنات يەرۇ-ئاسمان ئاز كىلۇر.
توغراق كەبى ياشاڭلار ئەي باغۋەنلەر، ھەر ئۇرۇقنىڭ ھوسۇلىنى كۆرۈڭلار. زور ئۈمىتتە ئۇرۇق سالغان ئېتىزغا، دېھقان كەبى ئالتۇن كۈزدە كۈلۈڭلار.
تۇرپان گېزىتى2012-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Aytugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-10 02:36 AM
|