مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 715|ئىنكاس: 6

تۆھپىكار تەتقىقاتچى ھاجى ئابدۇراخمان باقى توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91298
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1286
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 149 سائەت
تىزىم: 2013-2-7
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-10 12:44:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەجىردىن نۇرلانغان ھايات—

تۆھپىكار تەتقىقاتچى ھاجى ئابدۇراخمان باقى توغرىسىدا





جۇڭگۇ ئۇيغۇر تارىخى، مەدىنىيىتى تەتقىقات ئىلمىي جەميىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەميىتىنىڭ ئەزاسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى ئەسەرلىرى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گورپىسنىڭ ئازاسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسنىڭ مۇدىرى ھاجى ئابدۇراخمان باقى بارلىقىنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى ، ئۇيغۇر قەدىمكى كىتاپ مەدەنىيىتى تەتقىقاتى توغرىسىدا ئۈزلىكسىز ئىزدىنىپ، شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلىقنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرشىپ كىلۋاتقان تۆھپىكار تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرى.

تەتقىقاتچى ھاقى ئابدۇراخمان باقى ئەپەندى 1962 –يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى قەشقەر شەھرى بەشكىرەم يېزا ئىشچان كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى بەشكىرەمدە تاماملىغاندىن كىيىن، 1980-يىلى قەشقەر دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنغان، 1982-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كونىشەھەر ئاۋات ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىنغان. 1984-يىلى 7-ئايدىن 1987-يىلى 8-ئايغىچە شىنجاڭ رادىيۇ تىلۋېزىيە ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئۇيغۇر تىل ئەدەبىيات كەسپىدە خىزمەتتىن ئايرىلىپ ئوقۇغان.1987-يىلى 7-ئايدىن 1991-يىلى 8-ئايغىچە بەشكىرەم يېزا سىدىر ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1991-يىلى 8-ئايدىن ھازىرغىچە قەشقەر ۋىلايەتلىك مىللەتلەر دىن ئىشلىرى كومتىتىدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى ئەسەرلىرىنى يىغىش، توپلاش، رەتلەش، ئومۇمى كاتۇلىگىنى ئىشلەش،نەتشىر قىلىش خىزمىتى بلىەتن شۇغۇللىنىپ، خىزمەت ۋە تەتقىقاتتا زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشىپ، مىللەتلەر دىن ئىشلىرى كومتىتى ۋە جەميەتنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ كەلدى.


ھاجى ئابدۇراخمان باقىنىڭ تەتقىات يۆنىلىشى مىللەتلەر سىياسىتى تەتقىقاتى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى ئەسەر تەتقىقاتى بولۇپ، بۇ تەتقىقاتلارنى 1985-يىلى باشلىغان. ئۇ ھازىرغىچە ئاپتۇنۇم رايۇننىمىزدىكى ھەرقايسى گېزىت ژورناللاردا 200پارچىدىن ئارتۇق ماقالە ۋە ئىلمىي ماقالىلەرنى ئىلان قىلدۇرغاندىن باشقا، ئون يىلدىن ئارتۇق ئىزدىنىپ، قەدەمكى كىتاپ مەدەنىيىتى ناملىق يىتىك ئىلمىي ئەسەرنى يېزىپ چىققان. ئۇنىڭ بۇ كاتتا ئەسىرى  2011-يىلى 5-ئايدا قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى تەرپىدىن نەشىر قىلنغان.ھەم كەڭ خەلق ئاممىسىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولغان.

ئاپتۇرنىڭ «ئۇيغۇر قەدىمكى كىتاپ مەدەنىيىتى توغرىسىدا مۇھاكىمە » ناملىق ئىلمىي ماقالىسى جۇڭگۇ ئۇيغۇر تارىىى، مەدەنىيىتى تەتقىات ئىلمىي جەميىتى تەرپىدىن 2006-يىلى 5-ئايدا خۇنەن ئۆلكىسنىڭ چاڭشا شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا بىرىنجى دەرجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

ھاجى ئابدۇراخمان باقى ئەپەندى 2006-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 2007-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە قەشقەر ھەق ئۆمىكى تەركىبىدىكى 448نەپەر ھەق قىلغۇچىنىي يىتەكلەپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئىكىسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولىدۇ.




ئۇ بۇ قايلاردا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋەقەلەرنى ئاساسىي مەزمۇن قىلىپ، «مۇقەددەس جايغا سەپەر» ناملىق ساياھەت خاتىرسىنى ئۆزگىچە ئۇسلۇپتا يېزىپ چىقىپ، نەشىرياتقا تاپشۇردى. پات ئارىدا ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇ «قەشقەرنىڭ قەدىمكى ئەسەرلىرى » نامىلق يەنەت بىر ئەسەرنىمۇ نەشىرياتقا تاپشۇرغان.ئاپتۇر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە دائىر تەتقىاقتنى يەنىمۇ كۇچايتىپ، «چەت ئەللىكلەر نەزىرىدىكى قەدىمكى ئەسەرلىرىمىز»، «ئۇيغۇر قەدىمكى كىتاپ مەدەنىيىتىدىن ئۆرنەكلەر» ناملىق كىتاپلىرى ئۈستىدە جىددىي ئىشلىمەكتە.





ھاجى ئابدۇراخمان باقى ئەپەندى 2005-يىلدىن ھازىرغىچە قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئازسانلىق مىللەتلەر (بولۇپمۇ ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تاجىك مىللىتى)نىڭ 2000پارچىدىن ئارتۇق قەدىمكى ئەسەرلىرى(كىتاپ)لىرىنىڭ تەكتىنى ئېنىقلاپ، يىغىپ توپلاش، ئومۇمى كاتۇلىگىنى ئىشلەش، نەشىرگە تەييارلاش خىزمىتىگە يىتەكچىلىك قىلىپ، ھەم ئۆزى بىۋاستە قول سېلىپ ئىشلەپ، 1800پارچىدىن ئارتۇق قەدىمكى كىتاپنى 24ئورۇن، 12ناھىيە،12يېزا 9ئىدارە دەرجىلىك ئورۇندىن يىغىپ توپلاپ، نومۇر سېلىپ ئارىىپلاشتۇرۇش بىلەن بىللە،ھەن ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەپ، يىگانە نۇسخىدىكى 791پارچە قەدىمكى كىتاپنىڭ ئومۇمى كاتۇلىگىنى ئىشلەپ،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق، قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسىغا تاپشۇردى. بۇ ئومۇمى كاتۇلۇگ 2011-يىلى 12ئايدا جۇڭگۇ شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى ئەسەرلىرى ئومۇمى كاتولىگى تومىغا كىرگۈزلۈپ،خەنزۇ تىلىدا نەشىر قىلندى.

بارلىقىنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى، قەدىمكى ئەسەرلەر تەتقىقاتىغا بېغىشلىغان بۇ تۆھپىكار تۇلپار شىنجاڭ تىلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «مەدەنىيەت بوستانى پىرۇگىراممىسى» دا  مەخسۇس زىيارەت قىلىنغاندىن باشقا،   يېقىندا «ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىن تەرمىلەر» ناملىق ئىلمىي كىتابى يېقىندا (2013-يىل 8-ئاي)شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى نەشىرياتى تەرپىدىن نەشىر قىلنىپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى.




بىز تۆھپىكار تەتقىاتچىنىڭ ئىجادىيىتىگە بەرىكەت تىلەش بلىەن بىرگە تىنىگە سالامەتلىك، ئىشلىرىغا ئۇتۇقلۇق، ئائىلىسىگە بەخت تىلەيمىز.  



ئاپتۇرنىڭ بەخىتلىك ئائىلسى





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   koxmak7 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-10 12:55 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5575
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32243
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3400 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-10 12:01:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  تۆھپىكار تەتقىقاتچى ھاجى ئابدۇراخمان باقىنڭ ئىجادىيەت تارىخى ۋە ئىجادىيەت تۆھپىللىرى مىنى بەكمۇ تەسىرلەندۈردى. ئۇكام ھاجى ئابدىراخمان باقى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزنى تەبرىكلەيمەن،ئىجادىيەتلىرىڭزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7953
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 251 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-10 12:42:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەدىمكى ئۇيغۇر كىتاب مەدەنىيىتى ، ناملىق كىتابى ھەقىقەتەن مول ماتىرىياللار قامۇسى دېيىشكە بولىدۇ ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2907
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16637
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2570 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-10 12:51:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شان -شەرەپ نەتىجە قازانغۇچىلارغا مەنسۇپ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 960
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10811
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2010 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-10 02:03:39 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەشكىرەم. ئىقتىدارلىق كىشىلەر كۆپ چىقىدىغان جايمۇ نىمە؟ ئابدىقادىر جالالىدىن، ئابدىرىشىت جەلىل قارلۇق، تاھىرجان ئاتاۋۇللا.................قاتارلىقلار. ئىشقىلىپ بۇيەردىن ئەل بەختى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلار بەك كۆپ چىقىدىكەن! .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 960
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10811
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2010 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-10 07:40:02 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  


  بىباھا گۆھەردەك خىسلىتىڭ  ئۇستاز

( ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىغا سوغاتلىق)

بىباھا گۆھەردەك خىسلىتىڭ ئۇستاز،
يوق شۇڭا تۆھپەڭگە مىننىتىڭ ئۇستاز.

ھەممە دەر ئوقۇتۇش جاپالىق خىزمەت،
لېكىن ساڭا راھەت قىسمىتىڭ ئۇستاز.

راست ئىكەن ئالتۇننى زەرگە بىلىشى،
ئالىمغا بىلىنەر قىممىتىڭ ئۇستاز.

چەكتىن ئاشسا خىزمىتىڭ ھار ئالمىدىڭ،
جاپالىق خىزمەتتە قات-قېتىڭ ئۇستاز.

چۈنكى ئوقۇتۇشتىن باشقا ئىشىڭ كۆپ،
ئىش بىلەن تولىدۇ كۆپ قېپىڭ ئۇستاز.

ئوقۇتۇش ئۈنۈمسىز يالماپ باشقا ئىش،
چېلىنماس ھەسرەتلىك شۇ دېپىڭ ئۇستاز.

يەنىلا پاك سۆزلەپ پاك ياشاپ كەلدىڭ،
پاك ياشاش بوپ كەلدى خىزمىتىڭ ئۇستاز.

«ئاق» قايسى؟«قارا»ھەم بىلمەيتى ئەۋلاد،
ئەۋلادقا بىلدۈرگەن ھىممىتىڭ ئۇستاز.

ئەۋلادى مىللەتنىڭ تەقدىرى يورۇق،
بولغاچقا ئەۋلادقا «نۇر» گىپىڭ ئۇستاز.

قەدرىڭنى بىلگەنلەر گۈللەندى شۇڭا،
بىلمىگەن خارلاندى قۇت تېپىڭ ئۇستاز.

ئەل ۋەتەن ئۈمۈدى پەقەت سىنىڭدە،
شاتلانسۇن ئارمانىڭ پاك سېپىڭ ئۇستاز.
2013-9-10



           مۇئەللىم ئورنى پەس.

1
«ساراڭ» دەر سۆزلىسەم  مەن ساراڭ ئەمەس،
سۆزلىدىم ئوقۇتۇش بولغاچقا بىر خەس.
ئانا تىل يەكلىنىپ باستى يەنە  نەس،
ئۇستازنى نەس باسسا ئەل خاراپ پەۋەس.
مۇئەللىم ئورنى پەس، ئەلنىڭ بەختى تەس.
2
باشلىقلار تۇرىدۇ خۇددى داھىدەك،
كۆرمەيدۇ پۇخرانى كەشى لايىدەك.
يالۋىرىپ  چاپىمىز ئىشقا يايىدەك،
بىز ماتا ئۇلاردۇر ئەتلەس شايىدەك.
مۇئەللىم ئورنى پەس ئەلنىڭ بەختى تەس.
3
شۇ تۈزۈم سەۋەپلىك باردۇر داۋامسىز،
سۆھبەتتە يىغمىساق بىزلەر  يارامسىز.
تەنقىدلەر بىزنىلا كىرىپ سالامسىز،
قورقۇتۇپ تىللايدۇ «سىلەر بولامسىز!»،
مۇئەللىم ئورنى پەس ئەلنىڭ  بەختى تەس.
4
دىن چەكلەشتىن ئەخلاق ئۆزلىشىپ ئالا،  
كۆپەيمەكتە مەكتەپتە داۋامسىز بالا .
شۇڭلاشقا بىلىملەر ئۆزلىشىپ چالا ،
رىزاسىز بۇرچىمىز ئايلىنار دالا.
مۇئەللىم ئورنى پەس ئەلنىڭ بەختى تەس.
5
ئوقۇغۇچى قىرىقتىن كۆپ سىنىپتا ،
كۈنلۈك بىردىن تاپشۇرۇق بار قېلىپتا.
ئامال يوق بۇنىڭغا بىزدەك غېرىپتا.
چارچايمىز تۈزۈمنى ساناپ ئېيىپتا ،
مۇئەللىم ئورنى پەس ئەلنىڭ بەختى تەس.
6
بالىنى ئازىلاپ ئۇستازنى خارلاپ،
ماڭغان مائارىپ تۈگىشىدۇ زارلاپ.
ھەم ياراملىق ئەۋلات چىقمايدۇ پارلاپ ،
قارايلى تارىخقا ئىبرەتلىك چارلاپ،
مۇئەللىم ئورنى پەس، ئەلنىڭ بەختى تەس.
(7
ئىلىمگە خىيانەت، ئەلگە قىيامەت ،
بىراق بىزدە كۆپتۇر بۇنداق قىياپەت.
بولسىمۇ ئۇستازغا ياخشى سىياسەت.
لىكىن بىزدە يوقتۇر ئۇنداق دىيانەت.،
مۇئەللىم ئورنى پەس، ئەلنىڭ بەختى تەس.
8
باشقىلار ئۇستازنى   ئۇلۇغ بىلىدۇ ،
شۇڭا  ئۇلار باي  بەخىتلىك كىلىدۇ،
بىزدە غاجاپ تىللاپ ئەخمەق قىلىدۇ،
ھالىمىز شۇڭلاشقا يۈرەك تىلىدۇ.
مۇئەللىم ئورنى پەس، ئەلنىڭ  بەختى تەس.
9
ئۇ ئايدىن بۇئايغا مائاش يەتمەيدۇ،
مال باھا ئۆسۈشتىن نېرى كەتمەيدۇ،
توي تۆكۈن مائاشنى تازا  ئەپلەيدۇ.
شۇڭلاشقا نامراتلىق بىزنى خەپلەيدۇ،
مۇئەللىم ئورنى پەس ، ئەلنىڭ  بەختى تەس.
10
ھەربىر  خەت پىلاندا بولمىساق زىرەك،
ئايلىنىپ قالارمىز كىرەكسىز تىزەك.
شۇڭا بەك ئىشلەيمىز خىزمەتنى دىمەك.
ئىشلەشتە يوق بىزگە بىرەرمۇ تىرەك،
مۇئەللىم ئورنى پەس ، ئەلنىڭ بەختى تەس.
11
ھاجەت راۋا بولماي تۇرىدۇ سەپ-سەپ،
باشقىغا بىزلەردىن تەگمىگەچكە نەپ،
قاچاركەن ھەممىسى«نەپ تەگمىدى» دەپ،
شۇڭلاشقا غەم باسار بولۇپ بىر سەلەپ،
مۇئەللىم ئورنى پەس ، ئەلنىڭ بەختى تەس.
12
ئوقۇتۇشنى دىمەس  «جاپالىق ئەمگەك»،
بار تېخى «ھەممىدىن ئاسان »دەپ كەتمەك.
يوقتۇر ھەقىقەتنى  ئىزدىمەك يەتمەك،
شۇڭا بارساختىلىق يوقنى بار ئەتمەك،
مۇئەللىم ئورنى پەس، ئەلنىڭ  بەختى تەس.
13
چېقىمچى چاقىدۇ باشلىققا داتلاپ،
غەيۋەتخور غاجايدۇ قارىنى چاپلاپ،
دۈشمىنىڭ يۈرۈيدۇ ئەتراپنى قاپلاپ،
ياراتماي دوستلۇرۇڭ كىتىدۇ ياتلاپ.
مۇئەللىم ئورنى پەس، ئەلنىڭ بەختى تەس.
14
تىلىمىز ئىدى بەك ئۇلۇغ ھىكمەتتە،
" ئەڭ گۈزەل تىل يېزىقكەن " دەپ زىننەتتە.
خەلقارادا يۈرەر  ئەنە  ئىززەتتە
بىراق بىزدە  سانالدى بەك ئىللەتتە،
مۇئەللىم ئورنى پەس، ئەلنىڭ بەختى تەس.
15
قوشتىل ، شۇ «قوشتىل»دەك ئادىل ئاقمايدۇ،
تەلەپ پىكىر  ھەق گەپ  پەقەت ياقمايدۇ،
ھەرىمۇ بىر-بىرنى بىزدەك چاقمايدۇ،
ئۇستازىغا  بىزدەك  كۆزدە باقمايدۇ.
مۇئەللىم ئورنى پەس، ئەلنىڭ بەختى تەس.
16
جاپالىق ئىشلىسەڭ ئەجرىڭ چىقار كەم،
ھەقىقەت بولمىغاچ خۇلاسىدە  ھەم ،
ئەقىللىق بولساڭمۇ ئىشلەتسەڭمۇ پەم،
ئازاپلار ھەممىسى يوقتۇر تاتلىق تەم،
مۇئەللىم ئورنى پەس، ئەلنىڭ بەختى تەس.
17
مائارىپتا خورىتىش بولغاچ  بەك  تولا،
مۇئەللىم ئىشى كۆپ تەگمەيدۇ چولا ،
ئىشلار كۆپ  ھەم ئېغىر، يېغىردۇر دولا.
جاپا بولسا ئىنسانغا شۇنچىلىك بولا،
مۇئەللىم ئورنى پەس، ئەلنىڭ بەختى تەس.
18
ئوقۇتۇشتىن مۇھىم ئۇقتۇرۇش دائىم ،
بۇيرۇقنى ئاڭلىشىڭ كىرەك بەك لازىم.
ئوقۇتۇش بىر چەتتە قالار يەپ ۋايىم ،
(قاچانمۇ كىلەر؟) دەپ مىنىڭ باھارىم.
مۇئەللىم ئورنى پەس ئەلنىڭ بەختى تەس.
19
ئەمىليەتتىن  ئىزدىمەي ھەقىقەتنى ،
يەكلەيدۇ دائىملا ھەق پەزىلەتنى.
مۇئەللىم تاپالماس ھەق ھەرىكەتنى.
قىينىلىپ ئىزدەيدۇ پاك تەبىئەتنى.
مۇئەللىم ئورنى پەس ئەلنىڭ بەختى تەس.
20
مۇشەققەت دەستىدىن ئاقارغان بۇ چاچ،
بولغاچقا خىزمەتلەر ئەگرى گادىرماچ.
بەختىمىز ھەردائىم تۇرسىمۇ قاچ-قاچ،
ئۈمۈدۋار بىز لىكىن ھەقىقەت بولغاچ،
مۇئەللىم ئورنى پەس ئەلنىڭ  بەختى تەس.

2013-8

   مەنبە :ئۆز قەلىمىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89457
يازما سانى: 944
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2274
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 311 سائەت
تىزىم: 2013-1-2
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 12:38:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش