ساراڭلار دىمەيدىغان گېپى يوق!
مەنمۇ ئەپەندىمنىڭ بۇرۇنقى بىر يۇمۇرىنى دەپ باقاي، ئا ئۈستىدىكى پاراڭغا كەپ قالىدىكەن.
ئەپەندىمنىڭ بىر ئاغىنىسى باركەن، دائىم ئەپەندىمنى كۆرسىلا، زادى سېزنى بىر مېھمان قىلىۋالمىسام بولمايدۇ، دەپ ئاشخانىغا باشلايدىغان.
لېكىن ھىسابات قىلىدىغان چاغدا، دائىملا:
- ئاپلا پورتمالىمنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، كېلەر قېتىم چوقۇم ئاشۇرۇپ مېھمان قىلىۋالمەن -دەيدىكەن، بۇ ئىش نەچچە تەكرارلىنىپتۇ.
بىر كۈنى ئەپەندىم بازادا كېتىۋېتىپ يىراقتىن ئۇ ئاغىنىسىنى كۆرۈپ قاپتۇ-دە، دەرھاللا كەينىگە بۇرۇلۇپ، كۆرمەسكە سېلىپ قېچىپتۇ.
لېكىن ئۇ ئاغىنىسى كۆرۈپ قاپ، توۋلاپتىغۇ:
-ۋوي ئەپەندىم، نىمىگە قاچىسىز- دەپ توۋلاپتىكەن.
ئەپەندىم دەپتىغۇ:
-سىزنى يەنە
مېنى مېھمان قىلىۋالمىسۇن دەپ يۈزۈم قىزىرىپ قېچىۋاتىمەن.