مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1195|ئىنكاس: 14

بايرىمىم خۇش كەلدىڭ !.. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7949
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-9 10:33:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                    بايرىمىم خۇش كەلدىڭ !...
     يىلدا بىر كېلىپ ئوقۇتقۇچىلارنى خۇش قىلىشقا تىرىشىدىغان ، ئوقۇتقۇچىنىڭمۇ مۇھىم رولىنى ، تەبرىكلەشكە تېگىشلىك ئىنسانلار توپى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ، بىلدۈرۈپ تۇرۇۋاتقان قۇتلۇق <ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى> مىز 29 - قېتىملىقىغا قەدەم قويۇپ  قۇچاق ئېچىپ يېتىپ كەلدى . ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى بېھىساپ يىللاردا ياشىغان سانسىزلىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەجرى ئۈچۈن ئېيتقاندا 29 توققۇز دېگەن بۇ سان تولىمۇ قىسقا بىر رەقەملا خالاس . تارىخىمىزدا تالاي ئوت يۈرەك ئوقۇتقۇچىلىرىمىز كېيىن پەيدا بولىدىغان بۇ بايرام ھەققىدە ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىغانىدى . كۈنىمىزدە تەبرىكلىنىۋاتقان بۇ بايرامنىڭ بىر قارىسا ئوقۇتقۇچىلارغا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىلگەندەك كۆرۈنسىمۇ ئەمما دۆلىتىمىزدە تەبرىكلىنىۋاتقان سانسىز بايراملار قاتارىدىكى بىرەر كۈن دەم ئېلىشنىڭ قانۇنىي جەھەتتىن كاپالەتكە ئىگە قىلىنماي كېلىنىۋاتقانلىقى كىشىگە < بايرام > نامىنى زاڭلىق قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىۋاتقانلىقىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايتتى . ئوقۇتقۇچىلار ناھايىتى يۇۋاش ، قانائەتچان ، ئوقۇغۇچىلارغا يۇۋاش بولۇش ھەققىدىكى ئەمىر - مەرۇپلارنى تولا ئېيتىۋېرىپ ، ئۆزى ئاللىقاچان ئەشۇ ئەمىر - مەرۇپلارنىڭ شەرتسىز ئىجراچىلىرىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئىنسان روھىنى يۇۋاشلىتىش ئېنژېنېرلىرىدۇر . ( بۇ دېگىنىم بىلىم بەرمەيدۇ دېگىنىم ئەمەس ، مۇتلەقلەشتۈرۋەتكىنىممۇ ئەمەس ، شۇنداق ئېنژېنېرلىقنىمۇ قىلىپ قالىمىز دېمەكچىمەن .)
     ئابدۇقادىر داموللا خەلقىگە ئوقۇتقۇچى بولۇشقا تىرىشىپ يۇرتىدىن ئۈچ قېتىم چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇۋاتقاندا  ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىق قىلغىنى ئۈچۈن  ئېشەكلىك ئۈرۈمچىگە بېرىپ ياڭ زېڭشىڭغا < ئابدۇخالىق بالا ئوقۇتۇۋاتىدۇ> دەپ چېقىشتۇرۇلۇۋاتقاندا ، مەمتىلى ئەپەندى < بىز مۇئەللىم يۇرتلاردا مەكتەپ ئاچىمىز > دەپ جەڭگىۋار شۇئار توۋلاۋاتقاندا ، لۇتپۇللا مۇتەللىپ < يىللارغا جاۋاپ > بېرىۋاتقاندا خەلقىگە ئۆزلىرى بېسىۋاتقان قەدەمنىڭ قۇتلۇق ، ئۇلۇغ قەدەم ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرەلمەي قان ئىچىگە غەرق بولۇشقا مەجبۇر بولغانىدى . دەل شۇ چاغلاردا مۇقەددەس كىتابلاردا قارغىشقا كەتكەن يەھۇدىيلار شۇنداق دېيەلىگەنىكەن . < بايلىقلىرىمىزنى ئالساڭلار مەيلى ، يەرلىرىمىزنىمۇ بېرەيلى ، باشقا يەرنى بومباردىمان قىلساڭلار مەيلى ، بىرلا تەلىپىمىز مەكتەپلىرىمىز ئامان قالسا ، ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆلتۈرمىسەڭلار ! چۈنكى بىز ئۇلارغا ھەممىدىن بەك مۇھتاج . بالام! ئوقۇتقۇچىڭ تۈرمىگە كىرىپ قاپتۇ ، ئورنىغا مەن تۈرمىدە يېتىشقا ئىلتىماس قىلىمەن ، ئۇ سېنى ئوقۇتسۇن .> دېيەلىگەنىكەن . ( بۇ ھەرگىزمۇ يەھۇدىيلارغا مەپتۇن بولۇپ ، ئۇلار بىزدىن ئارتۇق دېگىنىم ئەمەس ، پەقەت بىر سېلىشتۇرۇش خالاس .) جۇڭگونىڭ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى < قانۇن ئۆزگەرتىش > <يېڭىلىققا كۆچۈش > ( مائارىپتا يېڭىلىق ھاسىل قىلىش، مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغان .) ھەرىكىتىنىڭ سەركەردىلىرىدىن لياڭ چىچاۋ ئەپەندى < مائارىپ  ئادەم بولۇشنى ئۆگىتىدۇ ، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا مائارىپىمىزنىڭ كېلەچىكىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ ،> دېگەنلىكى ئۈچۈن ئاخىرىدا قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانىكەن . ئۇلۇغ مائارىپچى كۇڭزى ،سۇ ئىچىدىغان تۇتقۇچسىز ساپال چېنىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ تۇتقۇچلۇق ساپال قاچىنى مىڭبىر جاپادا ياساپ كەلگەن بىر ئوقۇغۇچىسىنى مەدھىيلىمەستىن ، باشقا ئوقۇغۇچىلىرى ئالدىدىلا ئۇ ياساپ كەلگەن قاچىنى چېقىپ تاشلاپ ئىبرەت تەربىيىسى ئېلىپ بارغانىكەن . دېمەك بىزنىڭ مائارىپ تارىخىمىز خىلمۇ - خىل رەڭلەردە بويىلىپ ، خىلمۇ - خىل ئىدىيەلەردە ئەسىرلەپ تاسقىلىپ بۈگۈنگە ئۇلاشقانىكەن . بۇ جەريانلارنىڭ قۇربانى يەنىلا ئوقۇتقۇچىلار ، ئوقۇغۇچىلار بوپتۇ . دۇنيانىڭ مائارىپ تارىخىدىن خۇلاسە شۇكى بىر مىللەت سەر خىل ، مىللىتى ئۈچۈن ئۆزىنى ھەقىقىي بېغىشلىيالايدىغان ، قۇربان بېرەلەيدىغان ، بىلىملىك ، ئۆمۈرلۈك ئىلىم ئېلىشنى ئۆزىگە ئاخىرقى نىشان قىلالايدىغان ئوقۇتقۇچىلارغا ئېرىشكەندىلا ئاندىن كەلگۈسى ئىستىقبالى پارلاق مىللەتكە ئايلىنالايدۇ . چۈنكى مۇھەببەت يوق ، مۇھەببەت باغلانمىغان ئىشنىڭ نەتىجىسى تايىنلىقلا خالاس . تەيۋەن مائارىپشۇناسلىرى < ئۆز بالىسىنى سۆيۈش ئىنساننىڭ ئىشى ، باشقىلارنىڭ بالىسىنى سۆيۈش ئىلاھنىڭ ئىشى > دەپ ناھايىتى ئورۇنلۇق ھېكمەتنى قالدۇرغان . چۈنكى بىر شەھەر ئىمارەت ، باغچا يوللىرى بىلەنلا ئەمەس ، بىلىملىك كىشىلىرى بىلەن تېخىمۇ گۈزەل . بىر ياخشى ئوقۇتقۇچىنىڭ قىممىتىنى نوقۇل خىزمەت مىقدارى بىلەنلا ھېسابلاپ بولغىلى بولمايدۇ . شۇ تاپتا ئامېرىكىلىق ،ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزىنى بېغىشلىغان بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ بىر مۇھىم تاللىشى ئېسىمگە كېلىپ قالدى . ئۇنىڭ ئىسمى توماس سارگېنت .  بۇلتۇر نوبېل ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولۇپ ، شۇ كۈنى ئۇ دەرس ئۆتۈشكە ئالدىراپ ماڭغاندا ئايالى ئۇنىڭغا بۇ قۇتلۇق خەۋەرنى يەتكۈزگەندە قەدىمىنىمۇ توختاتماي ، كەينىگىمۇ بۇرۇلماي ، پەرۋاسىزلىق بىلەن ئايالىغا : < ئوقۇغۇچىلىرىم دەرىسىمنى ساقلاۋاتىدۇ ، بۇ ھەرقانداق مۇكاپاتقا ئېرىشىشتىن مۇھىم ، ئەڭ قىممەتلىك بايلىقىم دەل شۇ ئوقۇغۇچىلار > دېگەنىكەن . سىنىپ ئالدىغا كەلگندە بىر دوستىدىن تەبرىك تېلىفونى كەلگەندىمۇ < گەرچە مەن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولساممۇ ، بىراق دەرسنى ياخشى ئۆتمىسەم ، ئوقۇغۇچىلىرىم مېنى كەچۈرمەيدۇ > دەپ تېلىفونىنى ئېتىۋېتىپ سىنىپقا كىرىپ كەتكەن . ئەلۋەتتە بىزدىمۇ مائارىپىمىز ، ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاۋاتقان ئوقۇتقۇچىلىرىمىز يەنىلا كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدۇ . بىزدىمۇ قالتىس ئۈلگە بولغىدەك ئوقۇتقۇچىلار بار . بايرام ھارپىسىدىكى بۇ كۈندە ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىم ، ئوقۇتقۇچىلىق ھەققىدە كۆپ ئويلاندىم ، مۇنبەرگە چىقىپ ئوقۇغۇچىلارغا بىرەر سائەت دەرس بېرىپ باقمايدىغان مائارىپ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بەزى ئورۇنسىز كەمسىتىشلىرىگە رەددىيە بەرگىممۇ كەلدى . ئوقۇتقۇچىلار پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ چۈشىنىشىگە ، ھېمايىسىگە ، رىغبىتىگە تەشنا ، بىرەر ئېغىز چىن قەلبدىن چىققان مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە  تەشنا ، بالىلىرىنىڭ كەلگۈسىگە پۈتۈن روھى ، جىسمىنى بەخشەندە قىلىدىغان ئاتا - ئانىلارنىڭ يوللىرىغا تېخىمۇ تەشنا . ئۇنىڭ ئۆمرى تەشنالىقتا ئۆتۈپ كېتىدۇ . ئۇنىڭ ئۆمرى سائەتلەپ تەقسىملىنىپ تۈگەيدۇ ، ئۆمۈر تەقسىماتى بىلەن دەرس تەقسىماتى بىرلىكتە ئۇنى خورىتىدۇ . ئوقۇتقۇچى ئەشۇنداق تىنىمسىز بۈيۈك ئىنسان . ئاخىرىدا بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بايرىمىغا قۇت تىلەيمەن . خۇش كەلدىڭ بايرىمىم !...
     مەنبە :  ئۆزۈم ، بىلگەن چۈشەنگەنلىرىم .  2013 -9.9 .  ئەبەي تارىم . شەھىرى شىخو .      

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5404
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20185
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2253 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-10 12:20:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن !!

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
فىزىك + 11 بايرىمىڭىزغىمۇ مۇبار.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 11   باھا خاتىرىسى

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-10 12:41:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىخۇ دىگەننىڭ  ئۇيغۇرچە  نامى نىمە ؟ تېمىنى ياخشى يىزىپسىز كەلتۈرگەن مىساللىرىڭىزغا قايىل بولدۇم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92652
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5036
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1131 سائەت
تىزىم: 2013-3-4
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-10 01:16:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بايرىمىڭىزنى تەبرىكلەيمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4543
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28749
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-10 01:45:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rahmansaykin يوللىغان ۋاقتى  2013-9-10 12:41 AM
شىخۇ دىگەننىڭ  ئۇيغۇرچە  نامى نىمە ؟ تېمىنى ياخشى يىزىپ ...

新和镇(xīn hé zhèn)       ئاقسۇ - توقسۇ ناھىيسى ، خەنزۇچىدا شىن خې دەپ ئوقۇلىدىكەن ، بىزنىڭ ئاقسۇلۇق قېرىنداشلىرىمىز شىنخا دەيدىكەن .

ئەمەلىيەتتە شىنخا دىمەي توقسۇ دىسە ھەم ئاسان ، ھەم گۈزەل ئاڭلىدىنكەن .

ئارلاشما تىلدا يۇرت ناملىرىنى ئاتىىشىمىز ئاجايىپ :
پوسكام - زې پۇ _________________ ئارلاشما تىلدا : زەيپۇ .
يەكەن - شا چې ___________________ئارلاشما تىلدا : ساچەن .
قەشقەر - كا شې __________________ ئارلاشما تىلدا : خاشى .


........
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار كۆپ ئۇچرايدۇ ، بولۇپمۇ پاساژىرلار بىكىتى ئالدىدا .

مۇھتاجىلىق بەك يامان

سەۋىر بىلەن سىنايدۇ ئاللاھ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9644
يازما سانى: 562
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10017
تۆھپە نۇمۇرى: 428
توردا: 1567 سائەت
تىزىم: 2010-9-8
ئاخىرقى: 2014-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-10 03:43:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
XERHAN يوللىغان ۋاقتى  2013-9-10 01:45 AM
新和镇(xīn hé zhèn)       ئاقسۇ - توقسۇ ناھىيسى ، خەنزۇچىدا شىن  ...

شىخو دېگەن چۆچەكنىڭ رايونىدۇ. مايتاغقا يېقىن بىر رايون بار، شىخو دەپ 乌苏دەيدىغۇ ما تىلدا. مەن شۇ يەرنى دەپ ئويلىدىم ئەمدى.

قولۇڭدىن كەلسە گۈل قىس،بولمىسا غىت قىس...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7949
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-10 08:18:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rahmansaykin يوللىغان ۋاقتى  2013-9-10 12:41 AM
شىخۇ دىگەننىڭ  ئۇيغۇرچە  نامى نىمە ؟ تېمىنى ياخشى يىزىپ ...

شىخونىڭ ئەسلى جۇغراپىيىلىك نامى شىخۇ يەنى غەربى كۆل ، ئادەتتە ، ئۇيغۇرچە نامى قاراسۇ ، خەنزۇچىغا تەلەپپۇزى بويىچە ئۇسۇ ، يەنى ۋۇسۇ دەپ ئاتىلىپ كەلگەن . ئۈچ ۋېلايەت ئىنقىلابىدىكى مۇھىم جەڭگاھ بولغان قەدىمىي يەر . 1913 - يىلى ناھىيە بولغان 1996 - يىلى چۆچەك ۋېلايىتىگە قاراشلىق ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر بولغان .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10806
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2009 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-10 08:22:13 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  


  بىباھا گۆھەردەك خىسلىتىڭ  ئۇستاز

( ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىغا سوغاتلىق)

بىباھا گۆھەردەك خىسلىتىڭ ئۇستاز،
يوق شۇڭا تۆھپەڭگە مىننىتىڭ ئۇستاز.

ھەممە دەر ئوقۇتۇش جاپالىق خىزمەت،
لېكىن ساڭا راھەت قىسمىتىڭ ئۇستاز.

راست ئىكەن ئالتۇننى زەرگە بىلىشى،
ئالىمغا بىلىنەر قىممىتىڭ ئۇستاز.

چەكتىن ئاشسا خىزمىتىڭ ھار ئالمىدىڭ،
جاپالىق خىزمەتتە قات-قېتىڭ ئۇستاز.

چۈنكى ئوقۇتۇشتىن باشقا ئىشىڭ كۆپ،
ئىش بىلەن تولىدۇ كۆپ قېپىڭ ئۇستاز.

ئوقۇتۇش ئۈنۈمسىز يالماپ باشقا ئىش،
چېلىنماس ھەسرەتلىك شۇ دېپىڭ ئۇستاز.

يەنىلا پاك سۆزلەپ پاك ياشاپ كەلدىڭ،
پاك ياشاش بوپ كەلدى خىزمىتىڭ ئۇستاز.

«ئاق» قايسى؟«قارا»ھەم بىلمەيتى ئەۋلاد،
ئەۋلادقا بىلدۈرگەن ھىممىتىڭ ئۇستاز.

ئەۋلادى مىللەتنىڭ تەقدىرى يورۇق،
بولغاچقا ئەۋلادقا «نۇر» گىپىڭ ئۇستاز.

قەدرىڭنى بىلگەنلەر گۈللەندى شۇڭا،
بىلمىگەن خارلاندى قۇت تېپىڭ ئۇستاز.

ئەل ۋەتەن ئۈمۈدى پەقەت سىنىڭدە،
شاتلانسۇن ئارمانىڭ پاك سېپىڭ ئۇستاز.
2013-9-10



           مۇئەللىم ئورنى پەس.

1
«ساراڭ» دەر سۆزلىسەم  مەن ساراڭ ئەمەس،
سۆزلىدىم ئوقۇتۇش بولغاچقا بىر خەس.
ئانا تىل يەكلىنىپ باستى يەنە  نەس،
ئۇستازنى نەس باسسا ئەل خاراپ پەۋەس.
مۇئەللىم ئورنى پەس، ئەلنىڭ بەختى تەس.
2
باشلىقلار تۇرىدۇ خۇددى داھىدەك،
كۆرمەيدۇ پۇخرانى كەشى لايىدەك.
يالۋىرىپ  چاپىمىز ئىشقا يايىدەك،
بىز ماتا ئۇلاردۇر ئەتلەس شايىدەك.
مۇئەللىم ئورنى پەس ئەلنىڭ بەختى تەس.
3
شۇ تۈزۈم سەۋەپلىك باردۇر داۋامسىز،
سۆھبەتتە يىغمىساق بىزلەر  يارامسىز.
تەنقىدلەر بىزنىلا كىرىپ سالامسىز،
قورقۇتۇپ تىللايدۇ «سىلەر بولامسىز!»،
مۇئەللىم ئورنى پەس ئەلنىڭ  بەختى تەس.
4
دىن چەكلەشتىن ئەخلاق ئۆزلىشىپ ئالا،  
كۆپەيمەكتە مەكتەپتە داۋامسىز بالا .
شۇڭلاشقا بىلىملەر ئۆزلىشىپ چالا ،
رىزاسىز بۇرچىمىز ئايلىنار دالا.
مۇئەللىم ئورنى پەس ئەلنىڭ بەختى تەس.
5
ئوقۇغۇچى قىرىقتىن كۆپ سىنىپتا ،
كۈنلۈك بىردىن تاپشۇرۇق بار قېلىپتا.
ئامال يوق بۇنىڭغا بىزدەك غېرىپتا.
چارچايمىز تۈزۈمنى ساناپ ئېيىپتا ،
مۇئەللىم ئورنى پەس ئەلنىڭ بەختى تەس.
6
بالىنى ئازىلاپ ئۇستازنى خارلاپ،
ماڭغان مائارىپ تۈگىشىدۇ زارلاپ.
ھەم ياراملىق ئەۋلات چىقمايدۇ پارلاپ ،
قارايلى تارىخقا ئىبرەتلىك چارلاپ،
مۇئەللىم ئورنى پەس، ئەلنىڭ بەختى تەس.
(7
ئىلىمگە خىيانەت، ئەلگە قىيامەت ،
بىراق بىزدە كۆپتۇر بۇنداق قىياپەت.
بولسىمۇ ئۇستازغا ياخشى سىياسەت.
لىكىن بىزدە يوقتۇر ئۇنداق دىيانەت.،
مۇئەللىم ئورنى پەس، ئەلنىڭ بەختى تەس.
8
باشقىلار ئۇستازنى   ئۇلۇغ بىلىدۇ ،
شۇڭا  ئۇلار باي  بەخىتلىك كىلىدۇ،
بىزدە غاجاپ تىللاپ ئەخمەق قىلىدۇ،
ھالىمىز شۇڭلاشقا يۈرەك تىلىدۇ.
مۇئەللىم ئورنى پەس، ئەلنىڭ  بەختى تەس.
9
ئۇ ئايدىن بۇئايغا مائاش يەتمەيدۇ،
مال باھا ئۆسۈشتىن نېرى كەتمەيدۇ،
توي تۆكۈن مائاشنى تازا  ئەپلەيدۇ.
شۇڭلاشقا نامراتلىق بىزنى خەپلەيدۇ،
مۇئەللىم ئورنى پەس ، ئەلنىڭ  بەختى تەس.
10
ھەربىر  خەت پىلاندا بولمىساق زىرەك،
ئايلىنىپ قالارمىز كىرەكسىز تىزەك.
شۇڭا بەك ئىشلەيمىز خىزمەتنى دىمەك.
ئىشلەشتە يوق بىزگە بىرەرمۇ تىرەك،
مۇئەللىم ئورنى پەس ، ئەلنىڭ بەختى تەس.
11
ھاجەت راۋا بولماي تۇرىدۇ سەپ-سەپ،
باشقىغا بىزلەردىن تەگمىگەچكە نەپ،
قاچاركەن ھەممىسى«نەپ تەگمىدى» دەپ،
شۇڭلاشقا غەم باسار بولۇپ بىر سەلەپ،
مۇئەللىم ئورنى پەس ، ئەلنىڭ بەختى تەس.
12
ئوقۇتۇشنى دىمەس  «جاپالىق ئەمگەك»،
بار تېخى «ھەممىدىن ئاسان »دەپ كەتمەك.
يوقتۇر ھەقىقەتنى  ئىزدىمەك يەتمەك،
شۇڭا بارساختىلىق يوقنى بار ئەتمەك،
مۇئەللىم ئورنى پەس، ئەلنىڭ  بەختى تەس.
13
چېقىمچى چاقىدۇ باشلىققا داتلاپ،
غەيۋەتخور غاجايدۇ قارىنى چاپلاپ،
دۈشمىنىڭ يۈرۈيدۇ ئەتراپنى قاپلاپ،
ياراتماي دوستلۇرۇڭ كىتىدۇ ياتلاپ.
مۇئەللىم ئورنى پەس، ئەلنىڭ بەختى تەس.
14
تىلىمىز ئىدى بەك ئۇلۇغ ھىكمەتتە،
" ئەڭ گۈزەل تىل يېزىقكەن " دەپ زىننەتتە.
خەلقارادا يۈرەر  ئەنە  ئىززەتتە
بىراق بىزدە  سانالدى بەك ئىللەتتە،
مۇئەللىم ئورنى پەس، ئەلنىڭ بەختى تەس.
15
قوشتىل ، شۇ «قوشتىل»دەك ئادىل ئاقمايدۇ،
تەلەپ پىكىر  ھەق گەپ  پەقەت ياقمايدۇ،
ھەرىمۇ بىر-بىرنى بىزدەك چاقمايدۇ،
ئۇستازىغا  بىزدەك  كۆزدە باقمايدۇ.
مۇئەللىم ئورنى پەس، ئەلنىڭ بەختى تەس.
16
جاپالىق ئىشلىسەڭ ئەجرىڭ چىقار كەم،
ھەقىقەت بولمىغاچ خۇلاسىدە  ھەم ،
ئەقىللىق بولساڭمۇ ئىشلەتسەڭمۇ پەم،
ئازاپلار ھەممىسى يوقتۇر تاتلىق تەم،
مۇئەللىم ئورنى پەس، ئەلنىڭ بەختى تەس.
17
مائارىپتا خورىتىش بولغاچ  بەك  تولا،
مۇئەللىم ئىشى كۆپ تەگمەيدۇ چولا ،
ئىشلار كۆپ  ھەم ئېغىر، يېغىردۇر دولا.
جاپا بولسا ئىنسانغا شۇنچىلىك بولا،
مۇئەللىم ئورنى پەس، ئەلنىڭ بەختى تەس.
18
ئوقۇتۇشتىن مۇھىم ئۇقتۇرۇش دائىم ،
بۇيرۇقنى ئاڭلىشىڭ كىرەك بەك لازىم.
ئوقۇتۇش بىر چەتتە قالار يەپ ۋايىم ،
(قاچانمۇ كىلەر؟) دەپ مىنىڭ باھارىم.
مۇئەللىم ئورنى پەس ئەلنىڭ بەختى تەس.
19
ئەمىليەتتىن  ئىزدىمەي ھەقىقەتنى ،
يەكلەيدۇ دائىملا ھەق پەزىلەتنى.
مۇئەللىم تاپالماس ھەق ھەرىكەتنى.
قىينىلىپ ئىزدەيدۇ پاك تەبىئەتنى.
مۇئەللىم ئورنى پەس ئەلنىڭ بەختى تەس.
20
مۇشەققەت دەستىدىن ئاقارغان بۇ چاچ،
بولغاچقا خىزمەتلەر ئەگرى گادىرماچ.
بەختىمىز ھەردائىم تۇرسىمۇ قاچ-قاچ،
ئۈمۈدۋار بىز لىكىن ھەقىقەت بولغاچ،
مۇئەللىم ئورنى پەس ئەلنىڭ  بەختى تەس.

2013-8

   مەنبە :ئۆز قەلىمىم.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
XERHAN + 55 جاپا چىكىپسىز !

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 55   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4543
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28749
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-10 08:33:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Gucci. يوللىغان ۋاقتى  2013-9-10 03:43 AM
شىخو دېگەن چۆچەكنىڭ رايونىدۇ. مايتاغقا يېقىن بىر رايو ...

ئەستا ، مەنمۇ خاتالىشىپ قاپتىمەن ، مەن ئاخشام باشقىلاردىن سورىسام بىرسى كورلىغا قاراشلىق ناھىيە ئۇيغۇرچە نامى قاراشەھەر دىدى ، يەنە بىرسى ئاقسۇغا قاراشلىق ناھىيە ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى شىنخا دىدى .
شۇنىڭ بىلەن لۇغەتتىن توقسۇ دەپ باسسام شىن خې دەپ چىققان ئىدى ، مەن مۇشۇ شىن خې نى شىخو دەپ ئالغان ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن .
ئەسلىدە : 乌苏县(wū sū xiàn) مۇنداق ئىكەن ، يەنى داڭلىق بولغان پىۋا ماكانى ...

مۇھتاجىلىق بەك يامان

پىچاقنى ئاۋال ئۆ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65702
يازما سانى: 431
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4264
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 172 سائەت
تىزىم: 2011-11-18
ئاخىرقى: 2014-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-10 11:21:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
XERHAN يوللىغان ۋاقتى  2013-9-10 08:33 AM
ئەستا ، مەنمۇ خاتالىشىپ قاپتىمەن ، مەن ئاخشام باشقىلا ...


غەم قىلغۇچە ،پەم قىل .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش