قەدرىڭگە يەت ئۆزۈڭمۇ ئۇستاز
تال-تال چاچلار تۇرسا تاراقسىز،
تۇرسا كىيىمىڭ رەتسىز ۋە توپا.
بايرىمىڭدا ئۇستاز سىياقسىز،
يۈرسەڭ قارشى ئالامدۇ كوچا.
بۇ سۈرەتتە كۆرگەنلەر سېنى،
دەيدۇ چوقۇم ئادەم بېدىكى.
سەندىكى روھ ،سالاپەت قېنى ،
بىزگە يوقمۇ ئۇستاز كېرىكى.
بىر تال چېچىڭ،بىر تال تۈگمەڭدىن،
كىملىگىڭنى يەكۈنلەيدۇ ئەل.
يېتەكلىگەن تاي ۋە تۆگەڭدىن ،
ئايان بولار ئومىچىڭ تۈگەل.
ئۈلگە ئالار سېنىڭدىن بارچە،
سەن كىملەرنى قىلدىڭ پىر كالان.
باغۋەن بىلەن ئېچىلار غۇنچە،
باغۋەن بىلەن گۈل بەرگى خازان.
قەدىر قىممەت بولسۇن بارلىقىڭ،
مىللەت ئۈچۈن كېرەك ئار-نومۇس.
ئۆزدىن باشلاش بولسۇن يارلىقىڭ،
ھاياتقا سەن باقما پەقەت سۇس.
بايرىمىڭغا كۆڭۈل بۆلمىسەڭ،
كالىنداردا ،قوزۇقتا كۈنۈڭ.
كەسپىڭنى يا دىلدىن سۆيمىسەڭ،
ئېچىلامدۇ ئىزباسار گۈلۈڭ.
مۇئەللىمسەن ،مۇئەللىمەسەن،
مېڭىش-تۇرۇش ،گەپ سۆزۈڭگە باق.
كۆزلەر مېنى كۆرمەس دىمە سەن،
ئىزلىرىڭىدا بارمۇ نام ئاتاق؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qaraxani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-10 01:19 PM