ئەرەبنىڭ «ئۈچىنچى يولى» ئاپتورى: دائۇد قۇتتاب (پەلەستىن-ئامېرىكا) تەرجىمىدە: نەپرەت 2009
ئېلكىتابىنى چۈشۈرۈۋېلىڭ پۈتكۈل كېيىنكى مۇستەملىكە دەۋرىدە، ئەرەب دۆلەتلىرى ئىزچىل ئۈنۈملۈك ھۆكۈمەت تۈزۈمى قۇرۇپ چىقالمىدى، دېموكراتىك ھۆكۈمەتتىن پەقەتلا ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. يېرىم ئەسىرلىك ھەربىي ياكى پادىشاھلىق مۇستەبىتلىك بىلەن ھەربىي ئىسلام ھاكىمىيىتىنىڭ رىقابىتىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، نۇرغۇن ئەرەبلەر «ئۈچىنچى يول» نى، يەنى ئىشەنچىلىك پارلامېنتلىق تۈزۈمدىكى دېموكراتىيە يولىغا تۇتىشىدىغان يولنى قايتا ئىزدەشكە باشلىدى. ئەمما، ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى تىرىشچانلىقى ئۆتمۈشتىكىگە ئوخشاش مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشامدۇ؟ ئوتتۇرا شەرق دېگەن بۇ ئىسىم بۇ رايوننىڭ ياۋروپا بىلەن شەرىقى ئاسىيانىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇشتەك جۇغراپىيىلىك ئورنىغا ئاساسەن كەلگەن، ئوسمان ئىمپېرىيىسى 400 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان، ئوسمان ئىمپېرىيىسى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئەھدى دۆلەتلەر تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا شەرقمۇ سايكس-پىكوت شەرتنامىسىگە ئاساسەن ئوخشىمىغان سىياسىي بىرلىكلەرگە بۆلىنىپ، ئەنگلىيە ياكى فرانسىيەنىڭ كۈچ تەسىر دائىرىسىگە تەۋە بولدى. ئەمما، بۇنىڭغا ئەگىشىپ يېڭى بۆلۈنىش ۋەزىيىتىدە ئەرەب ئويغىنىشى كۆرۈلدى، بۇ ئويغىنىشنىڭ مەنبەسى پەلەستىننى قوللاش بولغان پان ئەرەبىزم ئىدى. تۇغما تالانتلىق ياش ھەربىي ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچىلەر،مەسىلەن مىسىرنىڭ ناسىر، ئىراقنىڭ سادام ھۈسەيىن، لىۋىيەنىڭ مۇئەممەر قازافى، يەمەننىڭ سالىھ ۋە سۇرىيەنىڭ ھافىز ئەسەد قاتارلىقلار بۇ خەلق رايىدىن پايدىلىنىپ ئاممىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچىدىن مۇستەبىتكە ئايلاندى. ئەمما ئۇلار خەلققە تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش ئاتا قىلالمىدى، يەنە كېلىپ سولچىل ئىدىيە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى سەۋەبلىك ئىشەنچىلىكلىكىنى يوقاتقانلىقتىن، ھۆكۈمرانلارغا قارشى ھەرىكەت سىياسىي ئىسلام بارلققا كەلدى. 1928-يىلى مىسىرنىڭ كىچىك شەھىرى ئىسمائىلىيەدە قۇرۇلغان مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ئىسلام دىنىدىكى ئەڭ پېشقەدەم، تەشكىللىنىشى ئەڭ ياخشى، تەسىرى ئەڭ كەڭ سىياسىي ئىسلامنىڭ قوللىغۇچىسى، بۇ تەشكىلات بۇرۇن (ھازىر يەنىلا شۇنداق) دەھرىي ئەرەبلەر ۋە ئەرەب پادىشاھلارنىڭ كەمسىتىشىگە ئۇچرىغان. ئەمەلىيەتتە ،دەھرىي مۇستەبىتلەر ھەر بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنى باستۇرۇپ كەلدى، ئادەتتە زوراۋانلىق بىلەن باستۇردى، مەسىلەن سۇرىيە پرېزىدېنتى ھافىز ئەسەد 1982-يىلى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ خاما ئىنقىلابىنى دەھشەتلىك باستۇردى. مەخپىي ھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى نامراتلار موھتاج بولغان جەمئىيەت كۈنتەرتىپىنى ئورۇن بەلگىلەش ئارقىلىق قوللاشقا ئېرىشتى، بىرلا ۋاقىتتا ھەم ئىسلام دىنى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتتى، مەجبۇرىي خاراكتېردىكى زاكات ئارقىلىق ئىجتىمائىي تور قۇرۇشتىن باش تارتمىدى. مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى مۇتەئەسسىپ جەمئىيەت ۋە مەسچىتلەرنىڭ ياردىمىدە پۇرسەت بولسىلا ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش تەييارلىقىنى قىلىپ بولدى. يەنە بىر ئىسلام ھەرىكىتى ئالجىرىيە ئىسلام قۇتقۇزۇش فرونتى 1991-يىلى بۇ پۇرسەتكە ئېرىشتى. بۇ تەشكىلات بىرىنچى نۆۋەتلىك سايلامدا غەلبە قىلدى. ئەمما ئارمىيە ئىككىنچى نۆۋەتلىك چوڭ سايلامنى بىكار قىلىپ، ئىسلام قۇتقۇزۇش فرونتىنىڭ غەلبە قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلدى ھەمدە 8 يىلغا سوزۇلغان ئىچكى ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، تەخمىنەن 200 مىڭ ئادەم بۇ سەۋەبلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى. پەلەستىن خاماس تەشكىلاتىمۇ مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ تارمىقى، 2006-يىلدىكى سايلامغا غەلبە قىلدى، ئەمما كېيىن كىشىنى قايىل قىلىدىغان ئىدارە قىلىش نەتىجىسى تاپشۇرالمىدى. ئارقىدىنلا ئەرەب باھارى ھەرىكىتى پارتلىدى، بۇ سىياسىي ئىسلاھاتنىڭ يېڭى پۇرسىتىنى ياراتتى. نەچچە ئاي ئىچىدە، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ ئىدىيىسى بىلەن قوراللانغان ئىسلام سىياسىي پارتىيىلىرى تۇنىس ۋە مىسىرنىڭ دەھرىي مۇستەبىتلىرىنى ئاغدۇرۇۋەتتى ھەمدە يەمەن ۋە سۇرىيە ۋەزىيىتىنى ئۆتكۈزۈۋالدى، بۇ ئاساسلىقى ئۇلارنىڭ ئىنقىلابتىكى بىردىنبىر تەشكىللىنىشى ياخشى سىياسىي ھەرىكەت بولغانلىقىدا. بۇنىڭدىن سىرت، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ئەرەب باھارىدىكى ئەڭ چوڭ، تەسىر كۈچى ئەڭ زور دۆلەت مىسىرنىڭ كونترول قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشتى. ئەمما مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ باشقىلارنى چەتكە قاقىدىغان قاتمال ئىدېئولوگىيىسى بۇنداق چوڭ ھەمدە كۆپ خىللاشقان دۆلەتنى ئىدارە قىلىشقا ئۇنچە ماس كەلمەيدۇ. ئاقىۋەتتە، ھوقۇق تۇتۇپ پەقەت بىر يىل بولغاندا، ئارمىيە پرېزىدېنت مۇھەممەد مورسىنى ئاغدۇرۇۋەتتى، لېكىن ئارمىيەنى قوللايدىغىنى 2011-يىلى تۇغ كۆتۈرۈپ چىققان دەھرىي لىبېرالىزمچى (ئەركىنلىكپەرۋەر) ياشلار ئىدى. ئەمما، ئورنىنى باسالايدىغان سىياسىي لايىھە بولمىغانلىقتىن، نامايىشچىلارنىڭ ئىسلام ھۆكۈمىتىنى رەت قىلىشى ئەڭ ئاخىرى ئارمىيەنىڭ ھوقۇق مەركىزىگە قايتىدىن قايتىپ كېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بەزىلەر ئەرەب سىياسىيسىدا دەھرىي لىبېرالىزم تاللىشىنىڭ كەمچىل بولۇشىنىڭ سەۋەبى سىياسىي ئىسلامدىن قورقىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، غەربتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر ئەرەب دۇنياسىدىكى ھەربىي ھۆكۈمرانلىقىنى قوللاپ كەلدى، مەقسەتلىك ھالدا ھۆكۈمرانلارنىڭ خەلق ھەرىكىتى ۋە خەلقنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى سىستېمىلىق باستۇرۇشىغا كارى بولمىدى، ئىسلام دىنىنىڭ ھوقۇقسىز قېلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئارمىيە رەھبەرلىكى ۋە ئىسلام رەھبەرلىكىدىكى تۈزۈمنىڭ شۆھرىتى يەرگە ئۇرۇلدى، ئەرەب سىياسىي سەھنىسىدە ئىدېئولوگىيە ۋاكۇئۇمى كۆرۈلدى. ئەمما بۈگۈنكى ئەرەبلەر (كۆپ قىسىمى 30 ياشقا بارمايدۇ) ھۆكۈمرانلىق ئورنىدا تۇرىدىغان ئىدېئولوگىيەگە قىزىقمايدۇ، ئۇلار ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىشەنچىلىك سىياسىي يۈرگۈزۈشنى مەقسەت قىلغان يۇقىرى ئۈنۈملۈك پارلامېنتلىق تۈزۈمدىكى ھۆكۈمەتنى قوبۇل قىلىشنى تېخىمۇ خالايدۇ. قىسقىچە ئېيتقاندا، ئۇلار ئىشەنچىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خەلق تۇرمىشىنى ياخشىلاشقا كۆڭۈل بۆلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، كونكرېت ئىدېئولوگىيەنىڭ كەمچىللىكى دەسلەپكى ئەرەب باھارىنىڭ مىسىر ۋە تۇنىستا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنىڭ تۈپكى سەۋەبى، چۈنكى بۇ كەمچىللىك زور ساندىكى ياش ئاكتىپلارنى تارقاق ئىتتىپاققا ئۇيۇشتۇردى. ئەمما ئاۋام ھەرىكىتى كۆپ دېگەندە پەقەت بىر دۆلەتنى موشۇ باسقۇچقىلا ئېلىپ كېلەلەيدۇ، ئىشەنچىلىك پارلامېنتلىق تۈزۈمدىكى ھۆكۈمەت قۇرۇش ئېنىق يېتەكچى پرىنسىپنى چۆرىدەپ تەشكىللەنگەن سىياسىي پارتىيەنى تەلەپ قىلىدۇ. مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى بۇ تەشكىلىي پرىنسىپنى ھازىرلىغان، ئەمما ئۇنىڭ ئىچكى جاھىللىقى، ھېچ بولمىغاندا رولچىسى مورسىدىن قارىغاندا، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بەلگىلىدى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، مىسىر لىبېرالىزمچىلىرى ئارىسىدىكى ئىچكى كۈرەشمۇ ئۇلارنىڭ كۆپ خىللىققا ئىگە، كۆپ قىسىملار قوللايدىغان، ئاياللارغا ۋە سۆز قىلىش ئەركىنلىكىنى ھۆرمەت قىلىش قاتارلىق پىرىنسىپ ئاساسىدا قۇرۇلغان ئىنتىزامچان، ئىشەنچىلىك ۋاكالەتچى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە ئامالسىز ئىكەنلىكىنى بەلگىلىدى. شۇڭا، ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ شۆھرىتى يەرگە ئۇرۇلغاندا، ئارمىيە مىسىرنىڭ بىردىنبىر تاللىشى بولۇپ قالدى. ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئەرەب باھارىغا تۈرتكە بولغان ياشلار رەھبەرلىكىدىكى ھەرىكەت چوقۇم ئۇلارنىڭ ئورتاق پرىنسىپىنى ئۈنۈملۈك سىياسىي قۇرۇلمىغا ئايلاندۇرىشى ھەمدە ئىقتىدارلىق، ئورتاق تونۇش ھەققىدە ئىزدىنىشنى شەخسىي غەرەزدىن ئۈستۈن قويىدىغان رەھبەرنى تاللاپ چىقىشى كېرەك. ئەگەر ئۇلار مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىسا، ئۇنداقتا ئەرەب دۇنياسى ئېھتىمال ئەڭ ئاخىرى گېنراللار ياكى موللىلار ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئورنىنى باسالايدىغان لاھىيەنى تېپىپ چىقالىشى مۇمكىن. ھوقۇققا ئېرىشەلمىگەن تەقدىردىمۇ، بۇنداق لايىھەنىڭ بارلىققا كېلىشى ئەرەب دۇنياسى كەلگۈسىنىڭ كۆپ يىللىق كۈنتەرتىپىگە مۇقەررەر تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەنبە: ئوكيان تورى؛ ئاپتورى دائۇد قۇتتاب پىرىنسىتون ئۇنۋېرسىتېتى ئاخبارات ئىلمىنىڭ سابىق پرافىسسورى، ئامماندا مېدىيە تور بەت كومىتېتىنىڭ باش دېرىكتورى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Naprat2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-9 07:04 PM
|