مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4451|ئىنكاس: 32

ئادەم تېنىدىكى مۆجىزىلەر ئادەمنى چۆچىتىدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96441
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 711
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 88 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەم تېنىدىكى مۆجىزە ۋە سىرلار





     ئامېرىكا دۆلەتلىك تېببىي كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان ئاز ئۇچرايدىغان كىتابلار

   ئامېرىكا دۆلەتلىك تېببىي كۇتۇپخانا نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كۇتۇپخانا، شۇنداقلا توپلانغان ئادەم تېنى ماتېرىياللىرى ئەڭ كۆپ ئۇچۇر ئامبىرى ھېسابلىنىدۇ. كۇتۇپخانىدىكى ماتېرىياللاردىن تۈزۈلگەن ‹‹ئادەم تېنى يىلنامىسى›› دېگەن كىتاب بىزنى ئادەم تېنىگە مۇناسىۋەتلىك، بىز ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان، ئادەمنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغان ئاجايىپ سان – سېپىرلار ۋە سىرلار بىلەن تەمىنلىدى.




  ئامېرىكا دۆلەتلىك تېببىي كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان ئاز ئۇچرايدىغان كىتابلار


              ئادەم تېنىدىكى مۆجىزىلەر ئادەمنى چۆچىتىدۇ


   ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىدە تەخمىنەن 10 مىليارد دانە نېرۋا ھۈجەيرىسى بار بولۇپ، ئادەم تېنىدىكى باشقا ھەرقانداق توقۇلمىلاردىكى نېرۋا ھۈجەيرىلىرىدىنمۇ زىچ بولىدۇ. ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىدە نېرۋا ئىمپۇلسىنىڭ بىر نېرۋا ھۈجەيرىسىدىن يەنە بىر نېرۋا ھۈجەيرىسىگە بېرىشتىكى ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك تېزلىكى 250 مىل (ئىنگلىز لىسى) بولىدۇ.

  ئادەمنىڭ يۈرىكى ھاياتلىق گۈلىنى سۇغارغۇچى بولغان قاننى ئۆمۈر بويى توختىماستىن ئايلاندۇرۇپ تۇرىدۇ، بىر ساغلام يۈرەك ھېچقانداق ‹‹رېمونت›› قىلىنمايمۇ ئۈزلۈكسىز ھالدا 100 يىلدىن ئارتۇق خىزمەت قىلىپ، كۈنىگە ئالتە توننىدىن سەككىز توننىغىچە قاننى ئايلاندۇرۇپ تۇرىدۇ. شۇ بويىچە ھېسابلىغاندا تەخمىنەن ئۈچ يېرىم يىل ۋاقىت ئىچىدە يۈرەك سىقىپ چىقارغان قان ئارقىلىق 10 مىڭ توننىلىق زور پاراخوتتىن بىرنى لەيلەتكىلى بولىدۇ. ھازىرغىچە دۇنيادا ھەرقانداق بىر خىل سۇ پومپىسى شۇنچە ئۇزاققىچە رېمونت قىلىنماستىن ئىشلەپ باققان ئەمەس.

    ئادەم تېنىدىكى مېتابولىزمنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىمىيەلىك ئۆزگىرىشكە تەۋە بولىدۇ. سان – ساناقسىز خىمىيەلىك ئۆزگىرىشلەر ‹‹ئېنزىم›› دەپ ئاتىلىدىغان نەچچە يۈز خىل كاتالىزاتورلارنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا، بىر قاتار قاتتىق ھەم مۇرەككەپ فورمۇلالار بويىچە بىر – بىرلەپ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، بىر تەرەپتىن ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ماددىلار بارلىققا كەلتۈرۈلسە، يەنە بىر تەرەپتىن ھەر خىل زەھەرلىك ماددىلار ئاجرىتىپ چىقىرىلىدۇ. بۇنداق خىمىيەلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ تەڭلىمىلىرىنى ھەرقانداق بىر كاتتا خىمىيە ئەسىرىمۇ تولۇق يېزىپ چىقالمايلا قالماستىن، ھەرقانداق بىر تەجرىبىخانىمۇ بۇنداق خىمىيەلىك ئۆزگىرىشلەرنى تولۇق ئىشلىيەلمەيدۇ. ئەمما بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى پەقەت 1.5 كىلوگىرام كېلىدىغان جىگەردە ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇڭا جىگەرنى دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك خىمىيە زاۋۇتى دېيىشكە بولىدۇ.

   ئادەمنىڭ پۈتكۈل تېنى سۆڭەككە تايىنىپ ئۆرە تۇرىدۇ. سۆڭەك كاۋاك، ئەمما نۇرغۇن مېخانىكىلىق تەلەپلەرگە ماسلىشالايدىغان تۈزۈلۈشلەرگە ئىگە بولغاچقا، يەڭگىل ھەم ناھايىتى مۇستەھكەم بولۇپ، ھەر بىر كۇب سانتىمېتىر سۆڭەك 1.5 توننا بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، چىداملىقلىقى ھەرگىزمۇ گىرانىت تاشتىن قېلىشمايدۇ. قىزىقارلىقى شۇكى مۇشۇنداق مۇستەھكەم سۆڭەكنىڭ تۆتتىن بىر قىسمى سۇ بولۇپ، كالتسىي ئومۇمىي ئېغىرلىقنىڭ ئاز كەم يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ، قالغان قىسمى بولسا سۆڭەك يېلىمى قاتارلىق يۇمشاق توقۇلمىلاردىن ئىبارەت بولىدۇ. ئەگەر تۇز كىسلاتاسى ئارقىلىق كالتسىيلار ئېرىتىۋېتىلسە، ئۇ چاغدا سۆڭەكلەر خالىغانچە ئەگكىلى بولىدىغان يۇمشاق نەيچىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

   ئادەم تېنى ئالدىن ھېس قىلالايدۇ

   ئامېرىكا غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى نېۋروگرافىيە ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتلىرىغا قارىغاندا، ئادەم تېنى ھازىرلا يۈز بېرىدىغان چوڭ ئىشلارنى ئالدىن ھېس قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدىكەن. ئادەمنىڭ فىزىيولوگىيەلىك پائالىيىتىدە ‹‹كەلگۈسى ۋەقە››لەر يۈز بېرىشتىن تەخمىنەن ئون سېكۇنتلار بۇرۇن كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشلەر بولىدىكەن، مەسىلەن، يۈرەك سوقۇش تېزلىشىش، كۆز قارىچۇقىنىڭ تارىيىپ كېڭىيىشى ۋە كۆكرەك ھەرىكىتىنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىقلار. مۇتلەق كۆپ قىسىم سىناقلاردا قورقۇنچلۇق كۆرۈنۈشلەر سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئالدىدىن خالىغانچە ئۆتۈپ تۇرغان، سىناققا قاتناشقۇچىلار ئون سېكۇنت بۇرۇنلا ئۇلارنىڭ پەيدا بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشقان.

   ئامېرىكا غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى جۇلىيا. موسسىبۇرىچ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە 24 تۈرلۈك تەتقىقاتنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ‹‹ئالدىن ھېس قىلىش›› ئېففېكتىنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇت بولىدىغانلىقىنى، چوڭ ۋەقەلەر يۈز بېرىشتىن بىرنەچچە سېكۇنت بۇرۇن ئادەمنىڭ فىزىيولوگىيەلىك پائالىيىتىدە ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. بۇ ئىنسانلارنىڭ ئىختىيارسىز ھالدا چوڭ ۋەقەلەرنىڭ ھازىرلا يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئالدىن ھېس قىلالايدىغانلىقىنى، ئەمما قانداق ئىشنىڭ يۈز بېرىشىنى بىلەلمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بىراق جۇلىيا قاتارلىقلارنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل ‹‹ئالدىن ھېس قىلىش›› ئېففېكتى تەبىئىي قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن بولۇپ، قانداقتۇر ئالاھىدە ئىقتىدار دېيىشكە بولمايدىكەن.

   كۈندۈزدىكى روھسىزلىق يۈرەك كېسىلى پەيدا قىلىدۇ

   ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ بايقىشىچە، كۈندۈزى روھسىز ئۆتىدىغان ياشانغان كىشىلەر كۈندۈزى كۈچ – قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان كىشىلەرگە قارىغاندا يۈرەك كېسىلىگە تېخىمۇ ئاسانلا گىرىپتار بولىدىكەن، شۇنداقلا يۈرەك مەنبەلىك تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشنىڭ خەتىرى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلار يەنە بۇ چۈشلۈك ئۇيقۇنىڭ ياشانغانلار ئۈچۈن مۇھىم بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ.

   بىزگە مەلۇمكى چوڭ مېڭە ئادەم تېنىنىڭ ‹‹قوماندانلىق ئىشتابى›› بولۇپ كىشىلەرنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرى چوڭ مېڭىدىن ئايرىلالمايدۇ. مېڭە ھۈجەيرىلىرى كۆپ پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدىغان بولغاچقا، يېتەرلىك مىقداردىكى ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇققا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. يۈرەك سىقىپ چىقارغان قاننىڭ بەشتىن بىر قىسمى مېڭە توقۇلمىلىرىغا بارىدۇ، جىددىي خىزمەت قىلغان چاغلاردا ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇققا بولغان ئېھتىياج تېخىمۇ ئاشىدۇ. شۇڭا پائالىيەتچان مېڭىنىڭ مېتابولىزمى كۈچلۈك يۈرەك ئىقتىدارىغا تايىنىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. يۈرەك بۇنداق ئالاھىدە ئىقتىدارنى ئورۇنلاشتا بەدەندىكى ئىككى چوڭ قان ئايلىنىشقا تايىنىدۇ. ئۆپكە قان ئايلىنىشىدا ئوكسىگېن مىقدارى تۆۋەن بولغان ۋېنا قېنى ئۆپكىدىن يېتەرلىك مىقداردىكى ئوكسىگېنغا ئېرىشكەندىن كېيىن يۈرەكنىڭ سىقىپ چىقىرىشى بىلەن ئارتېرىيە تومۇرىغا ئېقىپ كىرىدۇ؛ بەدەن چوڭ قان ئايلىنىشىدا بولسا ئارتېرىيە قېنى توقۇلما ۋە ئەزالارغا ئېقىپ ئۇ جايلاردىكى مېتابولىزمنىڭ ئېھتىياجىنى قامدايدۇ.

   يۈرەكتە كېسەل پەيدا بولغاندا، يۇقىرىدا دېيىلگەن ئىككى چوڭ قان ئايلىنىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، بۇنىڭغا چوڭ مېڭە ئەڭ سەزگۈر بولۇپ مېڭىدىكى ئېنېرگىيە ۋە ئوكسىگېن يېتەرلىك بولمىغاندا، ئادەمنى قاتتىق ئۇيقۇ بېسىپ ماغدۇرسىزلىنىدۇ.

   بىيولوگىيەلىك سائەت تىزغا يوشۇرۇنغان بولىدۇ

   ئامېرىكا ئىللىنو ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئالىملار ئۇزاق مۇددەت تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئادەم بەدىنىنىڭ بىر كۈننىڭ ئوخشاش بولمىغان ۋاقىتلىرىدىكى ئىپادىلىرىنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى بايقىدى: سەھەر سائەت 00:4 كېچىلىك ئىسمىنىدا ئىشلەيدىغانلارنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى ئەڭ تۆۋەن بولىدىغان ۋاقىت؛ سەھەر سائەت 00:6 سوغۇقنى ئەڭ ئاسان ھېس قىلىدىغان ۋاقىت؛ چۈشتىن بۇرۇن سائەت 00:9 تەنتەربىيە چېنىقىشى ۋە ھەرىكەت ئىشلەشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى؛ چۈش سائەت 00:12 ئاشقازان سۇيۇقلۇقى جانلىنىدىغان، تاماقلىنىشقا ئەڭ مۇۋاپىق ۋاقىت؛ چۈشتىن كېيىن سائەت 00:2 روھىي جەھەتتىن چارچايدىغان، مۇھىم خىزمەتلەرنى بىرتەرەپ قىلىش قىيىنراق بولىدىغان ۋاقىت؛ چۈشتىن كېيىن سائەت 00:5 تىن كەچ سائەت 00:9غىچە تەپەككۇر ئەڭ سەزگۈر ۋە ئازادە ۋاقتى؛ چۈشتىن كېيىن سائەت 00:6 چىش كېسىلى ئاغرىقلىرىنىڭ چىشى ئاغرىيدىغان ۋاقىت؛ كەچ سائەت 00:11 بولسا كېچىلىك ئىسمېنىدىكى خىزمەتتە ئەڭ ئاسان خاتالىق يۈز بېرىدىغان ۋاقىت بولىدۇ.

   ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ بىر تۈرلۈك تەجرىبە دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئادەم تېنىدىكى بىيولوگىيەلىك سائەتنىڭ رولى باشقا ھايۋاناتلارنىڭكىگە ئوخشاش بولۇپ، چوڭ مېڭىنىڭ كونتروللۇقىدا بولماستىن ئادەم تېنىدىكى نۇر سەزگۈچى ھۈجەيرىلەرنىڭ كونتروللۇقىدا بولىدۇ، ئۇ ئاساسەن تىزنىڭ ئارقا تەرىپىدە بولىدۇ، بۇ يەرگە كۈچلۈك نۇر چۈشسىلا بىيولوگىيەلىك سائەت سىرلىق ھالدا ئالدى ياكى كەينىگە تەڭشىلىپ كېتىدۇ. تەجرىبىدە كۆرسىتىلىشىچە، تىزنىڭ ئارقا تەرىپىگە يورۇق نۇر چۈشۈرۈلسە بىيولوگىيەلىك سائەت ئالدى ياكى كەينىگە ئۈچ سائەت ئەتراپىدا سۈرۈلۈپ كېتىدىكەن. باشقىچە ئېيتقاندا، ھەمىشە ئۇزاق يولغا ئۇچىدىغان ھەم ۋاقىت پەرقىنى ئاسانلىقچە تەڭشىيەلمەيدىغان كىشىلەر، مەسىلەن، تەنھەرىكەتچىلەر تىزىنىڭ كەينى تەرىپىگە يورۇتۇش ئەسۋابىنى چىگىۋالسا بىيولوگىيەلىك سائىتىنى تەڭشىۋالغىلى بولىدىكەن.

   تەجرىبىدە كۆرسىتىلىشىچە، كەلگۈسىدە ۋاقىت پەرقىنى مۇشۇنداق ئۇسۇلدا تەڭشىگىلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە پەسىل خاراكتېرلىك روھسىزلىق ۋە ئۇخلاش ئادىتى قالايمىقانلىشىش قاتارلىقلارنىمۇ يۇقىرىقىغا ئاساسەن يېڭىچە داۋالاش ئۇسۇللىرىنى تېپىپ چىقىشقا بولىدىكەن. تەجرىبىدە كۆرسىتىلىشىچە، كۆز ئادەم تېنىدىكى ئەڭ مۇھىم سەزگۈ ئەزاسى بولسىمۇ بىيولوگىيەلىك سائەتنىڭ تەڭشىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولىدىكەن، چۈنكى ئەمالارمۇ ئۇزاق يولغا ئۇچقاندىن كېيىن ئوخشاشلا ۋاقىت پەرقىنىڭ قىينىشىغا دۇچار بولىدىكەن.

  مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى








ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
zulayha + 500 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 500   باھا خاتىرىسى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى يېڭى ئەزا «زۇلنۇرى»دىن سىلەرگە سالام

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26007
يازما سانى: 965
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9660
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 5873 سائەت
تىزىم: 2011-1-12
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقۇرغۇچىلارمۇ تىمىنى بەك قولىنىڭ ئۇچىدىلا تەسسىقلايدىغان ئوخشايدۇ ؟  ئوخشاش بىر تىمىنى ئىككى قىتىم تەسسىقلاپتۇ .  
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-110754-1-1.html

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97164
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2013-8-22
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82697
يازما سانى: 208
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5787
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 405 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىمدا دىمىكراتىيەمۇ بار ، ھەم خاتالىق ئۆتكۇزۇشكە يول قويۇلىدىغان كەڭ قۇرساقلىقمۇ بار ، مەن ھېچكىمنى مەڭگۇ خاتالاشمايدۇ دىمەيمەن . ئۆزەممۇ  ساقىلىمسا خۇدايىم خاتالىقتا سەرسانمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 1820
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13223
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 704 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  نەدىن تاپتىڭىز ئۇ كىتابنى؟

ھەر داۋام ھەر ئىشنى پەم بىلەن باشلا،
ھاۋايۇ-ھەۋەسنى سەن چۆرۈپ تاشلا،
بولمىسا قالىسەن بىر پۇشايماندا،
تۆكىلەر ئۇ چاغدا كۈزۈڭدىن ياشلا.

                                         _ ئۇيغۇر ئوغلى
http://www.hakaniye.com/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86619
يازما سانى: 749
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1261
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 546 سائەت
تىزىم: 2012-10-30
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭلار قېرىنداشلار     ئادەم بوغاندىكىن بىرەر قېتىم خاتا لىق ئۆتكۈزىشى نورمال ئىش.دۇنيادا نەدە خاتالىق ئۆتكۈزۈپ باقمىغان ئادەم با؟



   بۇ تېما بەك ياخشى ئىكەن.      اللە.  نىڭ مۆجىزىسى

سائەت ۋە ۋاقىت

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 1629
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23012
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3450 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
anatil008 يوللىغان ۋاقتى  2013-9-9 12:45 AM
مىسرانىم باشقۇرغۇچىللىرى كالۋالىقتا چېكىگە يەتتى.شۇ ...

زاۋاللىققا يۈزلىنىدىغان مۇنبەرگە نىمىشقىمۇ كىرگەنسىز؟ بۇ ئىسىمدا چەكلىنىپ كەتسىڭىز قايسى سان سىفىرلاردا چىقاسىز ھە مۇنبەرگە .

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97164
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2013-8-22
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 1629
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23012
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3450 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
anatil008 يوللىغان ۋاقتى  2013-9-9 01:18 AM
نىمىشقا چىقاتتىم،زاۋانلىققا يۈزلەنگەن چاغدىكى تاماش ...


ۋاي ئىشىڭنى قىلە لاۋزا  گۇي ،  ھېلىقى بىر چاغدا دەۋەتقان ئازغۇن قىز دوسلىرىڭنىڭ يېنىغا باغىنە ئىشەك . يۈزى بىرنىمىلەردىنمۇ قېلىن ماڭقىكەن ماۋۇ.

ئىچىدىن سېسىغان ئالما تىز سېسىيدۇ . دەل سەندەك مىتىلەرنىڭ كۆپلىكىدىن بىزدە بىرلىك يوق . مىسرانىم مۇ ، باغداشمۇ ئۇيغۇر مۇنبىرىغۇ ؟ يەنە زاۋاللىققا يۈزلەنگەن تاماشاسىنى كۆرەمتىڭ  زەھەرلىك يىلان . سەندە  ئادىمىيلىك غورور ، ۋىجدان بامۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟  مىسرانىم بىر يەرلىرىڭنى بىر نىمە قىلىۋەتمىگەن بولغىيتتى  گەدەنكەش لاتا ................. چېچىلماي دىسەممۇ ئامال بولمىدى دىسە ماۋۇ زەھەرلىك يىلانغا. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qiqakkiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-9 01:27 AM  


بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18433
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6368
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 308 سائەت
تىزىم: 2010-11-21
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
karavan يوللىغان ۋاقتى  2013-9-9 09:11 PM
مۇنبەرلەنىڭ سەركىسى    باغداش ئىچىلغاندىكىن     بىريۇز   ...

باغداش ئېچىلمىغاندا مىسرانىم ياخشىتى ئەمدە باغداش ياخشى دىمەكچىما        سەل ئىككى يۈزلىمچىلىكمۇيا بۇ؟؟؟؟؟

كۆز كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش