ئەركەك بولسىڭىز!!!
قىز تۇغۇلسا تۆت بۇلۇڭ، بىر كۇلۇڭ خوشال بولارمىش، ئەگەر تۇغۇلغىنى ئوغۇل بولسا مىڭ گەز چۇڭقۇرلۇقتىكى تاش خۇشاللىقتىن يېرىلىپ كىتەرمىش.
كونىلار سۆزلىرىدىن
ئەگەر توي قىلىپ بولغان بولسىڭىز مۇقەددەس نىكاھ ئوقۇلغان ۋاقىتتا، نىكاھىڭىزغا ئالدىڭىزمۇ؟ دەپ سورالغان سۇئالغا مەردانە تۇرۇپ، جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن « ئالدىم » دەپ جاۋاپ بەرگەنلىكىڭىزگە ئىشىنىمەن. ئەگەر توي قىلمىغان بولسىڭىز بۇ ھاياجانلىق دەقىقىنى باشتىن چوقۇم ئۆتكۈزىسىز ( ھاياتلا بولسىڭىز ).
مۇشۇ « ئالدىم » دىگەن سۆزىڭىزنىڭ سىزگە ۋە سىز نىكاھلاپ ئالغان ھالال جۈپتىڭىزگە نىمىدىن دىرەك بىرىدىغانلىقىنى چۈشىنەمسىز؟
گىپىمنى تۇمتاقلا باشلاپ قالدىم. مېيىپ ئانامنىڭ ھالىدىن 48 يىل خەۋەر ئىلىپ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۇزىتىپ قويغان دادامدىن ئالغان تەربىيەم، شۇ تەربىيە دالالىتىدە كىتابلاردىن ۋە جەمىيەتتىن قوبۇل قىلغان بىلمىشلىرىمنى سىز بىلەن ئورتاقلاشقۇم كەلدى.
رەھمەتلىك ئانام مىيىپ بولغاننىڭ ئۈستىگە ناھايتى ئاجىز، كىسەلچان ئىدى. سەللا قۇۋۋەتسىزلىنىپ قالدىمۇ بولدى، بىشى ئاغرىپ ئارام بەرمەيتتى. ئانامنىڭ بېشىم ئاغرىدى دىگەن گىپىنى ئاڭلىغان ھامان دادام ۋاقتى يەتسە ئۆزى، يەتمىسە يەتتە قىرىنداشتىن قايسىبىرىمىز بولساق بۇيرۇپ، كاۋاپ ياكى شورپا ئەكەلدۈرۈپ بىرەتتى ۋە ياكى ئۆيدە شورپا قىلدۇرۇپ بىرەتتى. ئانام بىردەمدىلا ياخشى بولۇپ قالاتتى. رەھمەتلىك ئانام قوينىڭ قوزىسىدەك يۇۋاش ئىدى. دادام نىمىلا دىمىسۇن ئانام ئۈچۈن قانۇن ئىدى. نىمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدىغانلىقىنى ئەمدىلەتىن تولۇقى بىلەن چۈشىنىۋاتىمەن. دادام ئالدىم دىگەن لەۋزىگە ئەمەل قىلىپ ياشىغان، ئانامنى قاناتلىقنىڭ قانىتىدىن، تۇمشۇقلۇقنىڭ تۇمشۇقىدىن ئاسراپ، پاناھىغا ئىلىپ، ھالىغا يىتىپ، كىشىلىك قەدىر – قىممىتىنى قىلىپ، نىكاھىغا بىر ئۆمۈر سەمىمى ساداقەت بىلەن ياشاپ ئۆتكەنىكەن.
دادام بىزگە ئائىلە، نىكاھ توغرىسىدا بەك كۆپ تەربىيە بىرىپ كەتمەيتتى. بىز نىكاھنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى، ئائىلىدە ئەرنىڭ ئايالىغا قىلىدىغان مۇئامىلىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى، ئايالنىڭ ئەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى دادام بىلەن ئانامنىڭ ئەمىلىيىتىدىن كۆرۈپ بىلگەن ھەم چۈشەنگەن ئىدۇق.
مەن توي قىلغان يەتتە يىلدىن بىرى دادام ئۆيدە ئانامغا قىلىدىغان مۇئامىلىنى ئايالىمغا قىلدىم. توي قىلىشتىن ئىلگىرىكى بىشەم، ھازازۇل، ئۇرۇشقاق، گەپ چۈشەنمەيدىغان، ھۈرپىيىشكە تەييارلا تۇرىدىغان ئايالىم مانا ھازىر مەن لايدىن ياسىۋالغان قورچاققا ئوخشاش نىمىلا دىسەم، ماقۇل دەيدىغان، مەن باشلىغانغا ماڭىدىغان، ماڭا قاپاق كۆتۈرۈپ قارىمايدىغان، بالىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالىدىغان، ئائىلە ئىشلىرىغا ئۆزىنى ئۇرۇپ تۇرىدىغان، ماڭا يۆلىنىدىغان، مىنى ئاسرايدىغان ھالغا كەلدى.
بۇنداق بولۇشىنى مىنىڭ ئائىلە تەربىيەمدىن قوبۇل قىلغان ئەركەكلىك تەربىيىسى، ئائىلە كۆز قارشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ( ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ مۇشۇ بەختلىك كۈنلەرنى بىزگە نىسىپ قىلىپ بىرىشى ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغان ۋە ئەڭ مۇھىم بولغان بىر سەۋەپتۇر )
نىكاھىمىز ئوقۇلغان چاغدا مەنمۇ ھەممە ئەركەككە ئوخشاش « ئالدىم » دىگەنىدىم. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئالدىم دىگەن مۇشۇ سۆزنىڭ، لەۋزىمنىڭ نىمىدىن دىرەك بىرىدىغانلىقىنى دەماللىقا چۈشىنىپ يەتمىگەنىكەنمەن. تۇرمۇش ئەمىلىيىتىمىز جەريانىدا بۇ سۆزۈمنىڭ ماڭا ۋە ئايالىمغا نىمىدىن دىرەك بىرىدىغانلىقىنى بارا – بارا چۈشەندىم.
ئۇ بىشەملىك قىلغان ۋاقىتلاردا قارا كۈچۈمگە مۇراجىئەت قىلمىدىم. خەقنىڭ 20 نەچچە يىل ئەتىۋارلاپ بىقىپ چوڭ قىلغان قىزى مىنى تاللىغان، ماڭا ياتلىق بولسا بەختلىك بولىمەن دەپ قارىغان، مەنمۇ مۇشۇ قىز بىلەن تۇرمۇش قۇرسام بەختلىك بولىمەن، ئىللىق ئائىلەم بولىدۇ دەپ قارىغانلىقىم ئۈچۈن توي قىلغانمىز. شۇنداق گۈزەل ئارزۇلار بىلەن مىنى تاللىغان جۈپتۈم ھىچقانداق بىرسەۋەپسىزلا مىنىڭ ئالدىمدا بىشەملىك قىلماسلىقى كىرەكقۇ؟ ئاشۇ بىشەملىكىنىڭ ئارقىسىدا زادى قانداق ئارزۇ، مەقسەت يۇشۇرۇنغان؟ ئۇ نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بىشەملىك قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالدى؟ مەن بۇلارنى چۈشىنىكە تىرىشتىم. ئۇنىڭ شەخسىيىتىگە، غورورىغا تەگمىگەن ئاساستا تەربىيە قىلدىم، بىلگەنلىرىمنى، چۈشەنگەنلىرىمنى ئۇنىڭغا زىرىكمەستىن چۈشەندۈردۈم، ئۇقۇشماسلىقلار ھەل بولدى، ئۇنىڭ چىھرىدە تەبەسسۈم پارلىدى. مەن ئەركەك، ئائىلەمگە مەسئۇل بولۇشۇم، ئائىلەمنى قوغدىشىم، ئائىلەمنى بىقىشىم، ئۇلارنىڭ زۆرۈر ئىھتىياجلىرىنى تەمىنلىشىم، ئۇلارنى بەخت تۇيغۇسىغا چۈمدۈرۈشۈم كىرەك دەپ ئويلىدىم. مەن كۈچلۈك، مەن ساغلام، لىكىن جۈپتۇم مەندەك كۈچلۈك ئەمەس، شۇڭا مەن ئۇنى قوغدىشىم كىرەك، مەن ساغلام، لىكىن جۈپتۈم ساغلام ئەمەس، شۇڭا ئۇنى ئاسرىشىم كىرەك دەپ ئويلىدىم. ئەگەر ئايالىم ماڭا خىيانەت قىلسا مەن ئۇنى بوغۇزلاپ تاشلىشىم مۇمكىن، بولمىغان تەقدىردىمۇ چوقۇم ئىغىر ئاقىۋەت كىلىپ چىقىدۇ. چۈنكى مەن كۈچلۈك ئۇنى نىمە قىلىمەن دىسەم قىلالايمەن. ئەگەر مەن خىيانەت قىلسامچۇ؟ ئۇ مىنى ئۇرالمايدۇ. مىنى بوغۇزلىيالمايدۇ. پەقەت، يۈرىكى ئەلەمدىن ئۆرتىنىپ، ئەسلىدىكى تاللىشىنىڭ خاتا بولۇپ قالغانلىقىنى، مەن بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ بەختلىك بولالمىغانلىقىنى چۈشىنىپ يىتىپ، مىنىڭدىن ئاجرىشىش يولىنى تۇتىدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئامالسىزلىقتىن قوللىنىدىغان بىردىنبىر ھەم ئەڭ ئاخىرقى ئۇسۇلى خالاس.
دىمەك: ئەركەك بولغانىكەنسىز، ئالدىم دەپ مەيدىڭىزگە مۇشلىغان ئىكەنسىز، ئۇنىڭغا مەسئۇل بولۇشىڭىز، مۇشت – پەشۋا بىلەن ئەمەس، قائىدە سۆزلەش، تەربىيە قىلىش يولى بىلەن ئۇنى يىتەكلىشىڭىز كىرەك. ئەجىبا، جۈپتىڭىز ھىچنىمىدىن – ھىچنىمە يوقلا سىزنىڭ كۆڭلىڭىزگە ئازار بىرەرمۇ؟ بىكاردىن – بىكار سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزغا ئارىلىشىۋالارمۇ؟ ئۇ سىز بىلەن نىمە مەقسەتتە توي قىلدى؟ ئەجىبا ئۇ قورسىقىنى باقالماي، ئۇچىسنى ياپالماي سىز بىلەن توي قىلغانمىدۇ؟ ئۇ سىزدىن نىمىلەرنى كۈتىدۇ – يۇ، سىز ھازىر نىمىلەرنى قىلىۋاتىسىز؟ ئاشۇ ھالال جۈپتىڭىزنى چۈشىنىشنى، ئۇنىڭ سىزدىن نىمىلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلىپ باققىڭىز يوقمۇ؟
ئەگەر مۇشۇ چاققىچە ئۇنى چۈشىنىشنى، ئۇنىڭ سىزدىن نىمىلەرنى كۈتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئويلىنىپ باقمىغان بولسىڭىز، قايتا بىر قىتىم ئويلىنىڭ!!!
بۇ ئويلىنىش، ئايالىڭىز ئۈچۈنلا ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى ئۆزىڭىزنىڭ، ئائىلىڭىزنىڭ بەختى، گەپنى يوغىنىپراق ئىيتساق، سىزگە ئوخشىغان نۇرغۇن ئائىلىلەردىن تەركىپ تاپقان جەمئىيىتىمىزنىڭ، مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى، بەختى ئۈچۈن قىلىنغان ئويلىنىش بولىدۇ. چۈنكى سىزدەك، مەندەك بىر ئائىلىدە ئەر ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تونۇپ، ئائىلىنى بەختلىك قىلساق، مۇشۇ بەختلىك ئائىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىيىتىمىز ۋە مىللىتىمىزنىڭ بەختلىك بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئويلىنىش بولىدۇ.
ئەگەر سىز توي قىلمىغان يىگىت بولسىڭىز: توي قىلىپ ئالدىم دىگەن سۆزنى قىلىشتىن ئىلگىرى ئاشۇ لەۋزىڭىزنىڭ سىز ۋە جۈپتىڭىزگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى توغرىسىدا ياخشى بىر ئويلىنىڭ ۋە ئائىلىنى قانداق قۇرۇش، قانداق باشقۇرۇش توغرىسىدا مۇقىم بولغان بىر كۆز قارشىڭىز بولسۇن.
ئىسىڭىزدە بولسۇن: ئايالىڭىز قۇلىڭىز ئەمەس، جۈپتىڭىز. خىزمەتكار ئەمەس، بالىڭىزنىڭ ئانىسى، ئۇ سىزنىڭ بوزەك قىلىدىغان ئويۇنچۇقىڭىز ئەمەس، خۇدا سىزگە ئاتا قىلغان قىممەتلىك سوۋغا.
ئۇنىڭغا سىزنى تاللىغانلىقىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇرۇڭ! ئۇنىڭ سىزدىن كۈتىدىغان ئۈمىدىنى بىلگىنىڭىزدە ھەيران قالىسىز! ئۇنىڭ سىزدىن كۈتىدىغانلىرى بەك ئاددى.
ئۇنىڭ چىھرىدە پارلىغان بەخت تەبەسسۇمى سىزنىڭ ئەركەكلىڭىزگە ياغدۇرۇلغان تەنتەنە، بالىلىرىڭىزنىڭ ئەتىسى ئۈچۈن سىلىنغان مۇستەھكەم كۆۋرۈك، ئاخىرقى ھىساپتا سىزنىڭ خاتىرجەملىكىڭىز ۋە بەختىڭىز!!!