قۇتقۇزىمەن ئۆلگەن ئانامنى
مەن تۇغۇلسام ئانام يوق ئىدى ،
ئوغۇز سۈتۈم بولغانتى دەريا .
ئەر ئاتالدىم بولساممۇ يېتىم ،
توپا يىگەچ بۇلماق ئورنىغا .
يەرلىكىگە قويسام ئانامنى ،
ئارام بەرمەس قىزىل چاشقانلار .
باكتىريەدە يوقاتسام دەيمەن ،
قوشۇن بولسا بۆرە تۇققانلار .
ئىزلەپ ماڭدىم چاشقان دورىسى ،
يەر جاھاندىن سوراپ قۇياشتىن .
تىرىلدۈرەي دەيمەن ئانامنى ،
ھۆرلۈك ئالسۇن گۈزەل ھاياتتىن .
سانجىلسىمۇ ياۋا تىكەنلار ،
يولنى باشلاي مەغرۇر سەپەردە .
كۆرەلمەسنىڭ نەشتەر تىلىدىن ،
ھەزەر ئەيلەپ ماڭغان قەدەمدە .
يوللار ئۇزۇن كۆككە چىقىشتا ،
كۆك ئۈستىگە ئاينى سىزىشتا .
يوقىلىدۇ قىزىل چۆمۈلە ،
جەڭلەر ئۈچۈن قەلەم ئېلىشتا .
ئۇۋا سېلىپ كۆكلەر يۈزىگە ،
ئاي سۆرەتلىك تامغا باسىمەن.
ھەيرەت سېلىپ پۈتۈن جاھانغا ،
ئاي باغرىغا يۇلتۇز قىسىمەن .
ئىلىم-پەندىن ياسايمەن قىلىچ ،
كۆك يۈزىنى كېسەي چاسىلاپ .
مەرھۇم ئانام چېگىپ بېشىغا ،
چاشقانلارنى قىرار پارچىلاپ .
ئىلىم-پەندۇر مېنىڭ سۆيگۈنۈم ،
قۇتقۇزىمەن ئۆلگەن ئانامنى .
يولنى سوراپ ئوتتۇز كالامدىن ،
كۆيدۈرگۈم يوق ئوتتا ئاتامنى .
باغراش كاككۇكى !!
گۈزەل دىيار- باغراش
2013.09.05