|
|
|
|
دۈشەنبە(9-سىنتەبىر) ئاسىيا بازىرى،دوللار قىممىتى 82.30 ئەتراپىدا ،ئالدىنقى جۈمە كۈنىدىكى باھا ئەتراپىغا كەلدى. ئالتۇن 1387 دوللار ئەتراپىغا كەلدى.ئالدىنقى جۈمە كۈنىدىكى ئادەمنى ئۈمۈدسىزلەندۈردىغان ئامرىكا غەيرى يېزا-ئىگىلىككە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانىلق مەلۇماتى ئامرىكا فىردراتىسىيە زاپاس پۇل كومىتىتىنىڭ 9-ئايدا كېڭەيتىلگەن پۇل سىياسىتىنىڭ كۈلىمىنى تارايتىش مۆلچەرىگە قاتتىق زەربە بەردى . ئامرىكا 8-ئايلىق غەيرى يېزا-ئىگىلىككە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى 160 مىڭ ئادەم بۇلۇپ ،بازار مۆلچەرى 180 مىڭدىن تۈۋەن چىققان .ئامرىكىنىڭ 8-ئايدىكى ئىشسىزلىق نىسپىتى 7.3% پىرسەنتكە چۈشكەن .ھەپتە ئاخرىسىدا ئىككى چوڭ ئۇچۇر دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ ،بىرسى ئاۋۇستىرالىيەنىڭ پىرىزدىنت سايلىمى ،يەنە بىرسى توكيونىڭ ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى ئۆتكۈزىشىشنى ئىلتىماس قىلىشنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بۇلىشى .
9-سىنتەبىردىكى دىققەت قىلىدىغان مۇھىم ئىشلار
دۈشەنبە(9-سىنتەبىر) ئاسىيادىكى ئېلان قىلىنىدىغان ئىقتىسادى ئۇچۇرلار دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ، ياپۇنىيەنىڭ ئىككىنچى پەسىللىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومومى قىممىتى،جوڭگونىڭ 8-ئايلىق CPI سانلىق كۆرسەتكۈچى قاتارلىق ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىڭ .ياۋرۇپا ئامرىكىنىڭ ئىقتىسادىى ئۇچۇرلىرى بىرقەدەر ئاز .
(سودا ئاساسى قىلىۋالماڭ . سودا قىلسىڭىز زىياننى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق چوڭ بازارلاردا زىياننى تەڭشەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ .ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىدا دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش زىياننى تەڭشەش .بەلكىم بەزى ۋاقىتلاردا مەسىلەن سىز ئۆسۈشىگە ئېلىپ زىياننى تەڭشەپ قۇيسىڭىز بازار ئازراق چۈشۈپ زىيىنىغا سېتىلىپ كىتىپلا يەنە داۋاملىق ئۆسۈپ كىتىپ قالىدۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا زىياننى تەڭشىمىسەم پايدا ئالاتتىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالىسىز دە ،كىيىن زىياننى تەڭشىمەس بۇلۇپ قالسىز ،بۇگۈنكىدەك چوڭ بازارلارغا ئۇچىراپ قالغاندا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز .
كوت كوت 395619400
بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى گىرامى276 يۈەن
مەنبە پۇل تاپ تورى
http://www.mardanjan.com
|
|
|
|
|
|