بانكىر يوللىغان ۋاقتى 2013-9-9 04:50 PM
گۇما ناھىيلىك خەلق دوختوخانىسىدىكى ياللانما ئامانلىق ...
ئىنكاسىڭىزنى ئۇقۇپ كۆڭلۈم ئەجەپ يېرىم بولدى.بۇ تىمىنى تەكرار يوللىغان بولساممۇ تەستىقلانمىغان.يوللاپ قۇياي.دوستلارغا تەۋسىيە قىلىپ قۇيارسىز.
نادانلىق بىلىمسىزلىك ۋەجىدىن پالتىغا دەستە بۇلۇپ دەرەخ كېسىۋاتقان تىلداشلىرىم ئاللاھ سىلەرنى ھىدايەت قىلسۇن.ئۆزقىلمىشىڭلاردىن نۇمۇس قىلغۇدەك غۇرۇر ،ۋىجدان ئىمان ئاتا قىلسۇن.
قېرىندىشىم ئۆز قەۋمىڭنى چاقمىغىن
قېرىندىشىم ئۆز قەۋمىڭنى چاقمىغىن،
ئۇلار سېنىڭ باشپاناھىڭ قاياشىڭ.
ياتلار سېنى ئۇچۇرسىمۇ كۆكلەردە،
قەۋمىڭ بىلەن تويۇڭ ھەمدە ماماتىڭ.
تىرناق دىسە كەسمە قۇشۇپ بارماقنى،
ئانىلارنىڭ يۈرىكى خۇن بولمىسۇن.
مارىلىما رۇجەكلەرنى تۈنلەردە،
دەرتلىك ياشلار ساڭا ئۇيۇن بولمىسۇن.
ياتنىڭ ياندىن ئۆزنىڭ جاندىن ئۈتىدۇ،
تاشلىۋەتكىن شەيتان بەرگەن لوپىنى.
چەكلىك ئۆمرۈڭ مەئسىيەتكە تولمىسۇن ،
قەلبىڭ بىلەن دەڭسەپ باققىن ئۈلۈمنى.
پاك رەببىمىز بەك رەھىمدىل بولسىمۇ،
كەچۈرمەيدۇ مۇناپىقنى غالچىنى.
سۇخەنچىلىك چېقىمچىلىق بەك يامان،
ئىشەنمىسەڭ ئوقۇ سۈرە مەسەدنى*.
پاك ئىسلام- ئۇ رەببىمىزنىڭ مۈلكىدۇر،
پەسلىمەكچى بولدى شەيتان ھەسەتتە.
پەسلەنمەيدۇ ھەق نۇپۇزى ھېچقاچان،
ئۇنىڭ جايى ئەرشى-ئەلا پەلەكتە.
ھىماتچىسى بولساڭ ئەگەر زۇلۇمنىڭ،
ھەق ئالدىدا بولدۇڭ چۇقۇم بىر زالىم.
زالىملارنىڭ ئورنى نەدە بىلەمسەن،؟؟؟؟
ھاۋىيەگە تاشلار ئۇنى ئاللاھىم.
قېرىندىشىم ئۆز قەۋمىڭنى چاقمىغىن،
يات يىگۈچە قېرىنداشىڭ ئۆلگىچە.
مۇناپىقنىڭ ھۈكمى ئېغىر قۇرئاندا،
قاتتىق جازا قەبرىدە ۋە مەھشەردە.
ئۇيالماستىن مەسچىتلەرنى ساقلىدىڭ،
جۈمئىلەردە كادىر قانچە سانىدىڭ.
يات كەلمىدى پاك ئاللاھنىڭ ئۈيىگە،
ۋىجدانىڭنى دوغا تىكىپ سەن كەلدىڭ.
ئۆز قەۋمىڭنى مارىلىغان دەملەردە،
ئاللاھ سېنى كۈرۈپ تۇردى بىلدىڭمۇ؟؟؟؟؟
ھەققە ئەلگە ئاسىي بولغىن بالام دەپ،
سېنى ئاناڭ شەيتان ئۈچۈن باقتىمۇ؟؟؟؟؟؟
تۇخۇ تۈكى مەنپەئەتچۈن شىر كەبىي
ھۆركىرىدىڭ چىچاڭشىدىڭ قاينىدىڭ.
سۆزلىرىڭنىڭ دەھشىتىدىن تاغلارمۇ،
گۇمران بۇلۇپ تۇزۇشىنى بىلمىدىڭ.
قالتىس خۇشال بولدى شەيتان شاتلىنىپ،
غەمناك بولدى مەخلۇقاتنىڭ رەببى زات.
كەل ئەي بەندەم تەۋبە قىلغىن دېسىمۇ،
بۇ ھالاكەت يۇلى يان دەپ ئېيتسىمۇ،
ئەقىدەڭنى سېتىپ مەلئۇن ئىبلىسقا،
قۇلاق يۆگەپ قوڭغۇراقنى ئوغرىلاپ،
ياشاۋەردىڭ ئىمانىڭدىن ياتلىشىپ.
ئىزلىرىڭدىن ئۈندى پىتنە-ھەم پاسات.
قېرىندىشىم ئۆز قەۋمىڭنى چاقمىغىن،
بۇ دۇنيادا ۋاقىتلىقتۇر ئىمتىياز.
ئىستىغپارنىڭ تانىسىغا ئېسىلغىن،
ئىككى دۇنيا بولماي دېسەڭ شەرمىساز.
قېرىندىشىم ئۆز قەۋمىڭنى چاقمىغىن،
بىلسەڭ ھايات ئەسلى بىزگە ئىمتىھان.
چېقىمچىلار رەقىبىدۇر ئاللاھنىڭ
چېقىمچىغا نىجاتلىق يوق ھەر زامان!!!!!!
قېرىندىشىم ئۆز قەۋمىڭنى چاقمىغىن،
ئىبلىس نازى ئۈچۈن ھەقتىن يانمىغىن.
مەھشەردىكى شۇ ئەڭ ئېغىر كۈنلەردە
تىزىلساڭ گەرتوڭگۇزنىڭمۇ كەينىگە،
ھالىڭ سېنىڭ قانداق بۇلۇر ئويلىغىن!!!!!!
قېرىندىشىم ئۆز قەۋمىڭنى چاقمىغىن،
ئۆزگە ئۇۋال ياتقا بايرام قىلمىغىن.
قايتقىن ئەمدى مەرھەمەتلىك ئاللاھقا،
گۇمراھلىقتا سەن تېڭىرقاپ يۈرمىگىن!!!!!!
يېتەر ئەمدى قاچانغۇچە ئازىسەن؟؟؟
ئەلگە قامچا ياۋغا شۇتا بولمىغىن!!!!!!!!!
شەۋۋالنىڭ 11-كۈنى
*-سۈرە مەسەد،