مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1595|ئىنكاس: 9

NASA نويابىردا يەنە بىر مارسنى تەكشۈرگۈچى ئالەم ئۇچقۇرىنى قويۇپ بېرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى : 39084
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2200 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-9 07:33:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
NASA نويابىردا يەنە بىر مارسنى تەكشۈرگۈچى ئالەم ئۇچقۇرىنى قويۇپ بېرىدۇ

بىلىمخۇمار

ناسا بۇ يىل 11-ئايدا، مارسنىڭ يۇقىرى ئاتموسفرا قاتلىمىنى تەكشۈرىدىغان ئالەم ئۇچقۇرىدىن يەنە بىرنى قويۇپ بېرىدۇ.  بۇ ئالەم ئۇچقۇرى «مارسنىڭ ئاتموسفراسى ۋە ئېگىز-پەس ئۆزگىرىشىنى تەكشۈرۈش ئۇچقۇرى» (Mars atmosphere and volatile ewolution mission, MAVEN) دەپ ئاتىلىدۇ.

ناسا قىلىۋاتقان ئىشلارنى «ئىسراپچىلىق» دەپ ھېسابلايدىغان كىشىلەر ئاز ئەمەس.  ئەمەلىيەتتە ناسا ئۆزىنىڭ يىللىق خامچوتىنىڭ 10 پىرسەنتىنى يەر شارى ئىلمى تەتقىقاتى ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ.  بۇنىڭدىن مەقسەت، يەر شارىنى تولۇق چۈشىنىش، ئۇنى مۇۋاپىق ئاسراش، ئۇنى ئۈنۈملۈك قوغداش، ۋە ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنىش.  ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي تەتقىقاتلار نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، مارستا بۇرۇن دېڭىز-دەريالار مەۋجۇت بولغان.  ئۇنىڭ ھاۋاسىمۇ ھازىرقىدىن كۆپ قويۇق بولغان.  ئەمما بىزنىڭ قۇياش سىستېمىمىز ۋۇجۇتقا كەلگەندىن كېيىنكى 4.5 مىليارد يىل مابەينىدە، مارستا نۇرغۇن ئىگىز-پەس ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ، ئۇ بۈگۈنكىدەك سۈيى يوق، قۇرغاق، ۋە ھاۋاسى شالاڭ بىر ھالەتكە كېلىپ قالغان.  ناسا دىكىلەر مارستىكى ئۆزگىرىشلەر قانداق ۋە نېمە سەۋەبتىن يۈز بەرگەنلىكىنى چۈشىنىش ئارقىلىق، بۇنىڭدىن كېيىن يەر شارىدىمۇ ئاشۇنداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بېرىدىغان-بەرمەيدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقماقچى بولىۋاتىدۇ.  شۇڭلاشقا ناسا مارسنى تەكشۈرۈشكە ھازىرقىدەك بەك كۈچەۋاتىدۇ.

ئىنگلىزچە «MAVEN» دەپ ئاتالغان، بۇ يىل 11-ئايدا ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىلىدىغان ئالەم ئۇچقۇرى بۇرۇنقى مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىلىرىغا ئوخشىمايدىغان تەرىقىدە ئىش ئېلىپ بارىدۇ.  يەنى ئۇ مارسنىڭ يەر يۈزىدە ئەمەس، ئۇنىڭ ناھايىتى ئېگىز ئاتموسفراسىدا ئايلىنىپ، ئاشۇ ئاتموسفرادىكى ماددىلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، مارستا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولغانلىقى، ۋە نېمە ئۈچۈن ئاشۇنداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى ئېنىقلاشقا تىرىشىدۇ.

مەن بۇرۇنمۇ تىلغا ئالغىنىمدەك، مارس بىلەن يەر شارى ھەر 2 يىلدا بىر قېتىم قۇياشنىڭ ئوخشاش تەرىپىگە ئۆتىدۇ.  شۇڭا ناسا مۇ مارسقا ماڭدۇرىدىغان ئالەم ئۇچقۇرلىرىنى ئاشۇنداق ۋاقىتتا ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىدىغان بولۇپ، ھەر بىر تاق يىلى (2009-، 2011- ۋە 2013-يىللىرى) بىر ئالەم ئۇچقۇرىنى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىدىغانغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ۋاقىت پەقەت 2 ئاي.  ھازىر مارسنىڭ ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان «مارس ئىلىم-پەن تەجرىبىخانىسى» نى ئەسلىدە 2009-يىلى ئالەم بوشلۇقىغا چىقارماقچى ئىدى، لېكىن تەييارلىق ئىشلىرى بىر ئاي كېچىكىپ قېلىپ، ئۇنى 2009-يىلى ماڭدۇرالماي، 2011-يىلى ماڭدۇرۇشقا مەجبۇرى بولدى.  

MAVEN ئەسلىدە ناسا نىڭ مەرىلەند (Maryland) دىكى مەركىزىدە قوراشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ 2-ئاۋغۇست كۈنى بىر ك-17 تىپلىق توشۇغۇچى ئايروپىلان بىلەن فلورىدادىكى كېنېدىي ئالەم مەركىزىگە يۆتكەپ كېلىندى.  ئۇ ئالەم بوشلۇقىغا مۇشۇ يەردىن چىقىرىلىدۇ.  

پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:
http://www.nasa.gov/content/maven-eyes-mars-as-launch-preps-begin/#.UizWSMbktIQ
http://www.computerworld.com/s/article/9241428/NASA_preps_for_November_launch_of_Maven_spacecraft_for_Mars

رەسىملەر:
http://www.nasa.gov/sites/default/files/mavenonsprocstand-cropped.jpg
http://www.computerworld.com/common/images/site/features/2013/08/maven.jpg



2

2

1

1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61891
يازما سانى: 213
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4110
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 420 سائەت
تىزىم: 2011-10-23
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-9 05:02:49 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Rhmat aka sizga

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96692
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 341
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2013-8-3
ئاخىرقى: 2013-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-9 06:08:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇلىرنىڭ ئىسلام تەتقىقاتىغا پايدىسى بارمۇ؟

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95649
يازما سانى: 662
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1684
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 734 سائەت
تىزىم: 2013-6-2
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-9 06:15:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

بەزى ئىشلارغا مەڭگۈ ئامال يوق

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63
يازما سانى: 5210
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24247
تۆھپە نۇمۇرى: 4424
توردا: 7298 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-10 04:50:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما يوللىغۇچىنىڭ قىزغىنلىقىغا سۇ سېپىدىغان كالا تىزەكلىرىنى سۈپۈرۈپ سۈپۈرۈپ سۈپۈرۈپ...

بەزى چاغلاردا بىلىدىغىنىڭ قانچە ئاز بولسا شۇنچە بەخىتلىك بولىسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82107
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1904
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 490 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-10 01:56:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالەم مەركىزى،  دىگەن تەتقىقات ئورنىمۇ ياكا ئالەم پونكىتىمۇ.؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96827
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 27
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2013-8-8
ئاخىرقى: 2013-9-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-12 10:52:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
damdar786 يوللىغان ۋاقتى  2013-9-9 06:08 PM
مۇشۇلىرنىڭ ئىسلام تەتقىقاتىغا پايدىسى بارمۇ؟

قۇرئان كەرىم كائىنات ھەققىدە ئويلىنىشقا، پىكىر يۈرگۈزۈشكە دەۋەت قىلىدۇ. نۇرغۇنلىغان ئايەتلەردە سىلەر كائىناتنىڭ يارىتىلىشى ۋە ئۆزەڭلارنىڭ يارىتىلىشى ھەققىدە  ئويلانمامسىلەر، تەپەككۇر قىلمامسىلەر، دەپ ئەقىلگە خىتاب قىلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77212
يازما سانى: 726
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5865
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 265 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-13 07:50:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇلىرنىڭ ئىسلام تەتقىقاتىغا پايدىسى بارمۇ؟

ئادەمدە كاللا تەپەككۇر قىلمسا ئۇقۇرغا باغلاپ قۇيغان كالدەك ھەلەپ يىيىشنى بىلدغان ئوخشايدۇ!قۇڭاڭنى پاڭىز يۇيۇپ قۇرئان كەتمنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ئۇقۇپ قوي...ئاندى بۇ گەپنى دەيسەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77212
يازما سانى: 726
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5865
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 265 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-13 07:51:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇلىرنىڭ ئىسلام تەتقىقاتىغا پايدىسى بارمۇ؟

ئادەمدە كاللا تەپەككۇر قىلمسا ئۇقۇرغا باغلاپ قۇيغان كالدەك ھەلەپ يىيىشنى بىلدغان ئوخشايدۇ!قۇڭاڭنى پاڭىز يۇيۇپ قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ئۇقۇپ قوي...ئاندى بۇ گەپنى دەيسەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77212
يازما سانى: 726
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5865
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 265 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-13 07:51:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇلىرنىڭ ئىسلام تەتقىقاتىغا پايدىسى بارمۇ؟

ئادەمدە كاللا تەپەككۇر قىلمسا ئۇقۇرغا باغلاپ قۇيغان كالدەك ھەلەپ يىيىشنى بىلدغان ئوخشايدۇ!قۇڭاڭنى پاڭىز يۇيۇپ قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ئۇقۇپ قوي...ئاندىن بۇ گەپنى دەيسەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش