كىرىش سۆز
ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم كەڭ ئوقۇرمەن قېرىنداشلار.
مەن بىرپەيلاسوپ ياكى دەۋەتچى ئەمەس، مۇئەللىممۇ ئەمەس،يازغۇچىمۇ ئەمەس .ئالىم ۋە تەتقىقاتچى تېخىمۇ ئەمەس. بىر ئاددى پىكىر يۈرگۈزگۈچى ئىنسان بولۇشسۈپىتىم بىلەن ئۇيغۇر جەمئيتىدە بوشلۇق ھالەتتە تۇرغان پىسخىكا ۋە ئەخلاقشۇناسلىقدۇنياسىغا، ئەمدىلا بىخ سۈرگەن ئاجىز قەلىمىم بىلەن ئۈنچە تىزماقنى نىيەت قىلدىم . ئىنشائاللاھ، ئاللاھ بۇ ئەجرىمنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى بەرسۇن ۋە نىيتىمنى خالىسقىلىپ بەرسۇن؛ئەلبەتتە بىر ئىجتىمائى مەسىللەر ئۈستىدە قەلەم تەۋرەتكۈچى ئاجىزئىنسانغا نىسبەتەن،مەيلى كىملا بولمىسۇن سۆزدە ھامان بىر جايلىرىدا يېڭىلىشىدۇ. ئۇلۇغ ئالىمىمىز، يۈسۈف خاس ھاجىپ بوۋىمىز قۇتادغۇ بىلىك ناملىق ئەسەرنى يىزىش ئالدىدا ئىلاۋەقىسمىغا مۇشۇ ھەقتە :دۇنيادا كۆرگەن بىلگەنلىرىمدىن ئېرىشكەن بىلىملەرنىئەۋلادلارغا سۇنغۇم بار ئىدى،ئەمما ئەقىل قارشى چىقىپ بۇ يولدا يېڭىلىشسەڭ سۆزچۆچەك بولىدۇ. يامان نامىڭ قالىدۇ دەپ ئاگاھلاندۇردى .دىگەن مەزمۇندا ئۆزئەندىشىسىنى ئىپادىلەيدۇ. دەرۋەقە ،ماتىماتىكا ،فىزىكا قاتارلىق تەبئىي پەنبىلىملىرى ئوخشاش بىر مەزمۇن بىلەن ئوخشىمىغان ئەللەر ئارىسىدا شۆھرەت قازانسا ،ئىجتىمائىي پەن بىلىملىرىدىن ئاز بىرقىسىمىدىن باشقىلىرى بۇ كوللىكتىپ ئىچىدە ئالقىشلىنىپ يەنە بىر كوللىكتىپ ئىچىدە نەپرەت ۋە لەنەتكە دۇچار بولىدۇ.ئەگەردە ،پۈتۈن ئىنسانىيەت ئارىسىدا ئورتاق بىر ھەقىقەت مەيدانى بارلىققا كەلسىدى،ھەممىمىزنىڭ ئالىمى بىر ،كۆز قارىشى بىر ، ياخشى كۆرىدىغىنمۇ ئوخشاش ئۆچكۆرىدىغىنىمۇ ئوخشاش بولغان ،مەنپەئەتچىلىك ،شەخسىيەتچىلىك ،زوراۋانلىققا بىرلىكتەزەربە بىرىپ تىنىچ خۇشال بىر دۇنيانى بەرپا قىلغان بولار ئىدۇق. ئەپسۇسكى، بىرئۆيدە چوڭ بولغان قوش كېزەك بالىلارنىڭمۇ پۈتۈنلەي ئوخشاش مەيدانى بولۇشى ناتايىن.دۇنياغا باققىنىمىزدا ، خىلمۇخىل كۆز قاراش ،خىلمۇخىل تاللاش ،خىلمۇخىل ھاياتلىقپەلسەپىسىگە دۇچ كېلىمىز .شۇ ئىنسانلار ئىچىدىن بىرى بولۇش سۈپتىمبىلەن مەنمۇ ھەم شۇنداق، ئەنە شۇ تاللاشلار ئىچىدە ئۈزۈپ يۈرۈپ ،گاھئېزىقىپ،گاھ دولقۇنغا ئۇرۇلۇپ، ئىنشائاللاھ قەتئىي تەۋرەنمەس بىر ئەقىدىگە،ئۈزۈلمەس بىرئارغامچىغا مەھكەم ئېسىلدىم .ماڭغان يولۇم،ئېرىشكەن تەجىربە ،قەلبىمدە ھىس قىلغانلىرىمنى خاتىرلەش ۋە باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىدىدەمۇنۇ ئەسەرنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. ھەربىر ئوقۇرمەن قېرىندىشىمنىڭ ئىمانى ۋەجىسمانى سالامەتلىكىم ھەققىدە دۇئا قىلىپ قويۇشىنى ئۆتۈنۈش بىلەن بىرگە مۇنۇئەسەردىن ئۆز قەلبىگە ئازتولا مەلھەم ۋە ھاياتىغا نىشان ئۈچۈن ياردەمچى تاپالىشىغاچىن دىلىمدىن تىلەكداشمەن .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 _, C' O: [9 N P- B
ھايات مارجانلىرى
خانقىز سەئىدىيە
ھايات تولىمۇ سىرلىق بىرئاتالغۇ، بەزىلەر ئۇنى جەڭگاھقا ئوخشاتسا بەزىلەر ئۇنى ئىمتىھان مەيدانىغائوخشىتىدۇ، بەزىلەر ئۈچۈن ئۇ ھوقوق مەنپەئەتتىن دىرەك بەرسە ،بەزىلەر ئۈچۈن ئۇمىھىر مۇھەببەتتىن دىرەك بىرىدۇ. كىملەردۇر ئۇنىڭ دىڭىزىدىن ئىلىم ئۈنچىلىرىنىسۈزۈپ چىقسا ، كىملەردۇر ئۇنىڭغا كۆز ياشلىرىنى تۆكىدۇ. دەرۋەقە، ھىچكىممۇھاياتىنى ئىسراپ قىلىپ ، جاپا چېكىپ،دەرىت تارتىپ ئۆتۈشنى خالىمايدۇ. ھەركىشى ئۆزىئېنىقلىما بەرگەن «بەخىت»كە ئىرىشىشنى ، ئۇنىڭ قوينىدا خاتىرجەم ياشاشنى ياكى يېڭىبىر پەللە ئۆرلەشنى ئۈمۈد قىلىدۇ .بۇ ئەگرى توقاي ھايات يولىدا بەزىلەر ئۆزنىشاننى بىلىدۇ ۋە شۇنىڭ ئۈچۈنلا ئۆزىنى شىددەتلىك ھايات دولقۇنلىرىغائۇرىدۇ. ،ئەپسۇسكى يەنە بەزىلەر نە نىشان ،نە ئۆزىنى كونتىرولقىلىشتىن مۇستەسنا ھالدا دولقۇنلارنىڭ ئۇرۇپ سوقۇشىدا سەرگەردان بولۇپ يۈرۈشكەمەجبۇر بولىدۇ. بولۇپمۇ كۈندىن كۈنگە مۇرەككەپلىشىپ ،ئىنساننىڭ ئالدىن پەرەز قىلىشدائىرسىدىن ھالقىپ كەتكەن بۈگۈنكى بۇ كەسكىن جەمىيەتتە ، نىشانى بارلارمۇ نىشاندىنئادىشىپ،ئۆزىگە ئوبدانراق سەپسېلىپ قاراشقا،ئۆزىنى تونۇشقا ۋە ئۆز يولىنى تاللاشقاتېخى ئۈلگۈرمىگەن ياكى ئۆزىدىن خەۋەرسىز ھالدا ھايات دولقۇنلىرىدائۇرۇلۇپ سوقۇلۇپ ،تىنەپ تەمتىرەپ يۈرمەكتە .
ئەگەر سىز بىر پىكىريۈرگۈزۈشنى خالايدىغان ،باشقىلارنىڭ يىتىلىشى ،ئىتتىرىشى بىلەن ئەمەس ئۆزىڭىزمۇستەقىل ھالدا ئۆزىڭىز تاللىغان يولدا دادىل مېڭىشنى خالايدىغان كارۋانبولسىڭىز،ئۇنداقتا چوقۇم ھاياتىڭىزنىڭ سەرمايىسى بولغان ۋاقىتنى چىڭتۇتۇپ،ئەقىلدىن ئىبارەت ئالتۇن ئاچقۇچ بىلەن ھاياتىڭىز ئۈچۈن قىممەتلىكخەرىتە ساقلانغان ئالتۇن قۇلۇپنى تېپىپ ئېچىشىڭىز ۋە بۇ يولدا ھەرىكەت قىلىشىڭىزكېرەك.بۇ ئالتۇن قۇلۇپ ،دەل سىزنىڭ قەلىپ قەسىرىڭىزدىدۇر.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ c' e! Y- T7 e* w# i0 F1 D v; n
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ U* H$ y8 O4 I; d4 S! D( b) @بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 w( j/ i; v2 l2 c2 |
(1)قەلبىڭىز يۇيۇنۇشقا مۇھتاجبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ c1 N y, X- t4 T" L. T+ J
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ B1 N* ]; h# k
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! f0 J+ f) t0 |0 y# c% g
بەلكى سىز كۈلىۋاتىسىزيۇ قەلبىڭىز كۈلمىدى، بەلكى سىز يىغلاۋاتىسزيۇ قەلبىڭىز يىغلىمىدى. بەلكىم سىز كۈلىۋاتىسىز ،ئەمما قەلبىڭىز يىغلاۋاتىدۇ ۋەيەنە بەلكىم سىز يىغلاۋاتىسىز ،قەلبىڭىز كۈلىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا ،سىز كۈلىۋاتامسىز ياكى يىغلاۋاتامسىز؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 V2 _# `, A* [/ r ئىنساننىڭ ھەقىقى ئەكسىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان ئەينەك دەل
ئۇنىڭ قەلبى .قەلىپ يالغاننى توقىمايدۇ،راسىتنى يوشۇرمايدۇ، بۇنىڭدا شۇنداق ھەم ھىكمەت باركى ئىنسان ھەركىشىنى ،ھەتتاكى ئۆزىنى ئالدىغىنى بىلەنمۇ قەلبىدىكى ھەربىر سىرىدىن خەۋەردار ئاللاھنى مەڭگۈ ئالدىيالمايدۇ.بىر نۇرمال ئىنسانغا نىسبەتەن، كۆز ،تىل ۋە قول پۇتلاربولسا ئەنە شۇ قەلىپنىڭ خالىس ئىجراچىلىرى خالاس. كۆز قەلىپنىڭ بۇيرۇقى بىلەن قارايدۇ ۋەيەنە قەلىپكە ئۇچۇر يەتكۈزىدۇ، تىل ئۇنىڭدا بارىنى سۆزلەيدۇ. بىر كىشى مۇنداق دىگەن ئىكەن: ئويلىغان ئويۇڭغا دىققەت قىل ،ئۇ سۆزۈڭگە ئايلىنىدۇ ، سۆزلىگەن سۆزۈڭگە دىققەت قىل ئۇ ئىش ھەركىتىڭگە ئايلىنىدۇ. ئىنسان قەلبىنىڭ ،يۈرىكىنىڭ بۇزۇلۇش ۋە تۈزۈلىشىنىڭ ئىنساننىڭ پۈتۈن ئىش ھەركەتلىرىنىڭ بۇزۇلۇش ۋە تۈزۈلۈشنى بەلگىلەيدىغانلىقى ھەققىدە ،يەنى ئىنسان بەدىنىدە بىر پارچە گۆش بار ،ئۇ تۈزەلسە جىمى ئىشلىرى تۈزۈلىدۇ،ئۇ بۇزۇلسا جىمى ئىشلىرى بۇزۇلىدۇ .مەزمۇنىدا سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسى باردۇر.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% A7 z; i5 G' Y
ئەمما ،ئەمدى ئۆزىمىزگە قاراپ باقايلى. كۈندە بەلكىم قانچە رەت ئەينەككە قارىغاندىمىز، ئەمما قەلبىمىزنى قاچان ،ۋە قانچىلىك كۆزىتىپ تۇرىۋاتىمىز. يۈزىمىزدىكى ،كىيىمىمىزدىكى كىرلارنى يۇيۇشقا شۇنچىلىك ئالدىرايمىزيۇ، بىزنى ھەقىقى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ، ئالەملەرنىڭ رەببى كۆرۈپ تۇرىدىغان ۋە بىزنى ئەڭ چۈشىنىدىغان ياخشى كۆرىدىغان سىرداشلىرىمىز كۆرەلەيدىغان قەلبىمىزنى يۇيۇشقا قانچىلىك ۋاقىت ۋە زىھنىمىزنى ئاجىرتىپ باققاندىمىز؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 Q6 N2 Q3 b& _+ P8 s. ~1 u7 V3 ~ شۇنداق،قەلىب يۇيۇپ تۇرۇشقا مۇھتاج. مەيلى سىز كىم بولۇڭ ، دۆلەت ،مىللەت ،ئېرىق ،مال دۇنيا ،ھوقۇق ،ۋە باشقا پەرىقلەرنى ئۇنتۇپ، يالغۇز ئانىڭىزدىن تۇغما ھالىتىڭىزدە ئۆزىڭىزنى تەسەۋۋۇر قىلىڭكى ،سىز پەقەت بىر ئىنسانسىز . ھەر بىر قەلىپتە ،(بايا دىگەندەك مەيلى ئۇ قانچىلىك ئالىيجاناب ياكى قانچىلىك ناچار كىشى بولسۇن) نەفىس،ھىسيات ۋە ئەقىل تەڭلا مەۋجۇت بولغان بولىدۇ. نەفىس ئازغۇنلۇق ،ھاۋايى ھەۋەس قاتارلىق كىرلار بىلەن بۇلغانغان بولسا ،ئەقىل پىكىر ،تەپەككۇر جەۋھەرلىرىنىڭ ئالتۇن كانىدۇر . ئىنسان ئەقلى ئارقىلىق ھىسياتىنى بويسۇندۇرغىنىدا ،ھىسيات نەفىسنى ئازغۇنلۇقتىن تازلايدۇ. نەفىسكە بويسۇندۇرۇلغىنىدا ،ھىسيات ئەقىلنى نەفىسنىڭ ئازغۇنلىقى ئۈچۈن چاپتۇرىدۇ. كىشىلەر ھىسياتنى پەقەت ئازغۇنلۇققا بۇيرۇيدۇ دەپ قارايدۇ،مەنچە ئۇنداق ئەمەس. مىسالى، سىز بىر مۇسۇلمان كىشى، قۇرئان كەرىمنى ياخشى كۆرىسىز. بۇ يەردىكى ياخشى كۆرۈشنى ئۈچ خىل شەرھىيلەشكە بولىدۇ. بىرى ،ئەقىل بىلەن . يەنى ،مەن مۇسۇلمان بولغانلىقىم ئۈچۈن بۇ كىتابنى ياخشى كۆرىشىم كېرەك دەپ تەپەككۇر قىلىش. يەنە بىرى،ھىسيات بىلەن مەن قۇرئاننى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىمەن، ئوقۇسام چۈشەنمىسەممۇ قەلبىم لەرزىگە كېلىدۇ . مانا بۇ ھىسيات. ئۈچىنچى خىلى ،ئەقىل ھىسياتنى بويسۇندۇرغان ھالدا قۇرئاننى ئاللاھنىڭ سۆزى دەپ تونۇپ ھىسيات ۋە ئەقلى بىلەن ياخشى كۆرۈش . يەنى سىز ئاۋال ئەقىل بىلەن ئىسلامنىڭ ھەقىقەتلىكىنى بىلىپ ئىمان كەلدۈردىڭىز. قەلبىڭىزدىكى تەۋەلىك تۇيغۇسى ھەم ئىسلامنى قوبۇل قىلدى. بۇنداق بولغاندا ھەرگىزمۇ «مۇسۇلمانلار شۇنداقمۇ؟»نامىدىكى ئەسەر ۋە پىكىرلەر چىقمايدۇ. يەنى شۇ كوللىكتىپقا تەۋەلىكىڭىزنى ھىسياتىڭىز قوبۇل قىلىدۇ. ھەرگىزمۇ ئېغىزىڭىزدا مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلىپ ،ھىسياتىڭىزغا ئەگىشىپ گۇناھقا يول قويۇپ يۈرىۋەرمەيسىز . دىمەك ھىسيات يامان نەرسە ئەمەس. بىز ئەقىل بىلەن ھىسياتنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىقلا ھەقىقى مۇھەببەتنىڭ لەززىتىنى بىلەلەيمىز. ئەمما ، يامان بولغىنى شۇكى ،نەفىسكە بويسۇنغان ھىسيات. ئىنسان نەفسىمۇ پۈتۈنلەي يامان بولىشى ناتايىن . نەفىس دىمەك نەرسە ۋە ئىشلارنى خالايدىغان قەلىپ. ھىسيات شۇ قەلىپنىڭ ئىپادىلنىشى .نەفىسنى ئەلبەتتە توغرا بولغان ھالدا ،مۇۋاپىق ئۆز مەيلىگە قويۇش كېرەك ،مەسىلەن،ئىنسان مۇھەببەتسىز ياشىيالمايدۇ .ئەمما نەفىس ئۆز ئىچىگە ئالغان نەرسىلەر ئىچىدە ھەقىقەتەن يامان نەرسىلەرمۇ بار ،دۇنيادىن يۇققان توپا چاڭلارمۇ بار.بەزىدە شۇنداق ئويلاپ قالىمەن ، ئىنساننىڭ ھاياتتىن ئىبارەت بۇ سىناق مەيدانىدا قىلىدىغان مۇھىم ئىبادەتلىرىدىن بىرى تۈرلۈك جاپا مۇشەققەتلەر بىلەن تاۋلىنىپ،ئەقلى بىلەن تەفەككۇر قىلىپ، شۇ ناپاك ئازغۇنلۇق ،چاڭ توزانلار بىلەن بۇلغانغان نەفسى بىلەن كۆرەش قىلىپ، ئۇنى پاكلاپ، ھىسياتىنى پۈتۈنلەي ھەق يولغا توغىرلاش بولسا كېرەك.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' w2 H' t5 p4 X$ u) N2 ^' q
خوش ،ئۇنداقتا قەلىپنى قانداق يۇيىمىز؟ خۇددى ئىنسان ئۆزىنى تازلاشنىڭ ئۇسۇلى ھەرخىل بولغىنىدەك ،ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى قەلىپ كىرلىرىنى يۇيۇشنىڭ ئۇسۇلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئەڭ ئالدى بىلەن قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىستىن ئىبارەت مۇقەددەس قانۇن ۋە ھەقىقەت ئەينەكلىرىنىڭ چىن ئادەم بولۇش ئۆلچىمى ئۈستىدە يۈزەكى بولسىمۇ تونۇشۇپ چىقىڭ،ياكى ساھابىلەر ،تابىئىنلار ئىش ھاياتىغا نەزەر سېلىڭ . قەلبىڭىزنىڭ ،يۈرىكىڭىزنىڭ مۇشۇ دەقىقە نىمىلەرنى خالايدىغانلىقىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلاپ بېقىڭ . ھەقىقى ئىمان كەلتۈردىڭىزمۇ؟ ئاخىرەت ۋە قىيامەتكە تەقدىرگە ،ھاياتىڭىزنىڭ ئەبەدى بولماستىن ھامان بىركۈن ئەجەلنىڭ يىتىپ كېلىدىغانلىقىغا جەزمەن ئىشەندىڭىزمۇ؟ قەلبىڭىزدە نىمە ياخشىلىق ۋە نىمە يامانلىقلار بار؟ بۇللارنىڭ ھەربىرىنى باشقىلارنىڭ بىلىشىنى خالامسىز؟ نىمە ئۈچۈن ؟ قەلبىڭز بىلەن ئىش ھەرىكىتىڭىز بىردەكمۇ ؟ مۇشۇنداق سۇئاللارنى ۆزىڭىزدىن سوراپ كۆرۈڭ ۋە ئۆزىڭىزگە دىئاگنوز قويۇپ بېقىڭ.ئاندىن مەن رەتلىگەن قەلىپ تازلاش ئۇسۇللىرىدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 ~" q# h' G8 m& t$ i: r
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 a" u2 B0 B& E(مەزمۇن بەك كۆپ بولۇپ ئوقۇرمەنلەرنى چارچىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن داۋامىنى كىيىن يوللاشنى قارار تاپتىم .)
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 z8 `5 u! H: D/ A$ k# L: |" V" eمەنبە -------قەلىمىم
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" S9 {# x" a. B( k: O
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 J4 \- h x. A, p7 n
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, h( W/ F }8 q1 Z/ W1 Z