مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1159|ئىنكاس: 15

ئەمدى نۆۋەت چىۋىنغا(ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77463
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3467
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2012-3-15
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                ئەمدى نۆۋەت چىۋىنغا
                                    (ھېكايە)
                                   ئەختەر
ئۇ ھۇجۇرسىغا كىرىپ ھەيران قالدى، تۇرۇستا دېرىزە تۈۋىدە چىۋىنلار غۇژژىدە قۇنىۋالغان بولۇپ بەزى چىۋىنلار ئۆي ئىچىدە گىژىلداپ ئۇچۇپ تۇراتتى، ئۇ چىۋىندىن شۇنداق يىرگىنەتتىكى ئوبۇرنىخانىغا كىرسىمۇ چىۋىننىڭ خاپا سېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئالدىراپ چىقىپ كىتەتتى، ھويلىسىدا كارۋات ئۈستىدە ياتسىمۇ بىرەر چىۋىن قونسا جىلە بولۇپ ئورنىدىن چاچىراپ تۇرۇپ كىتەتتى، ئۇ ئەڭ يىرگىنىدىغان چىۋىنلارنىڭ ئۇنىڭ ھۇجرسىغا توپلىنىۋېلىشى ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈتۈلمىگەن ئىش بولدى، ئۇ بورۇن ھۇجۇرسىغا بىرەر تال چىۋىن كىرىۋالسىمۇ ئۇ چىۋىننى قوغلىۋەتمىگىچە كۆڭلى تىنمايىتتى، ئۇنىڭ كەيپى ئۇچۇپ كەتتى، چىۋىنلار ئۇنى كۆرۈپ تېخىمۇ گىژىلداشقا باشلىدى، بەزى بىزەڭ چىۋىنلار ئۇنىڭغا ئۈزىنى ئاتتى، ئۇ دەررۇ ئۈزىنى سىرىتقا ئاتتى، ھەممە يەرنى ئاختۇرۇپ چىۋىن دارىسى ئىزدىدى، ئۆيدە چىۋىن دارىسى يوق ئىدى، ئۇ ھۇجۇرىسىغا ئېتىلىپ كىرىپ دېرىزىنى ئاچتىدە قۇلىغا لۈڭگىنى ئېلىپ چىۋىنلارنى قوغلىغىلى تۇردى، چىۋىنلار قاچماقتا يوق خۇددى ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرىدەك ئۇنىڭ ئەتىراپىدا ئۇچۇشقا باشلىدى، ئۇ باشقا ئۆيدە ياتماق بولۇپ يوتقىنىنى كۆتۈرۈپ مېڭىۋىدى چېۋىنلارمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۇچتى، ئۆيدە باشقىلار يوق ئىدى، ئۇ بىرەرسىنى ياردەمگە چاقىرىپ چىۋىنلارنى ھۇجۇرسىدىن قوغلاپ چىقارماقچى بولدى.
ھەئە، ئۇ نۇرغۇن ئەرلەرنى تۇنۇيىتتى، ھازىر ئۇنىڭ يېشى چوڭۇيۇپ ئۆيدە << قېرى قىز>> بولۇپ ئولتۇرۇپ قېلىپ تۇنۇشلىرى بۇرۇنقىدەك كۆپ ئەمەس، ئۇنى ئىزدەيدىغانلارمۇ ھازىر نەلەرگىدۇر غايىپ بولغانىدى، گۈلدەك ۋاقىتلىرىدا ئۇنى ھەممە ئەتىۋارلاپ بېشىدا كۈتىرەتتى، رومانتىك تانسىخانىلار، ئىسىل رىستۇرانلار، بەش يۇلتۇزلۇق مىھمانخانىلار... ئۇنىڭ گۈلدەك ۋاقىتلىرى ئەنە شۇنداق يەرلەردە ئۆتكەن، كۈڭۈلنىڭ كەينىگە كېرىپ كىم چاقىرسا شۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭغان، مانا ھازىرچۇ، ئۇنداق رومانتىك چاغلار ئاللا قاچان شىرىن چۈشكە ئايلانغان...
ئۇنىڭ كەيپىياتى بۈگۈن تۇلۇمۇ ناچار، ئۇ يېقىندىن بىرى تىزراق توي قىلىۋېلىشنى ئويلاپ بىرسى بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشكەن، كىم بىلسۇن پۈتۈشكەن ئادىمى ئۇنى دەسلەپتە ئادەتتىكى بىر ئاشخانىغا باشلاپ مىھمان قىلدى، ئارقىدىن بىر يەرگە بارايلى دەپ شەھەرنىڭ چېتىدىكى خارابىلىقتەك كۈرۈمسىز بىر مىھمانخانا ئالدىغا ئەكىلىپ ئۇنىڭغا<< بۈگۈن قايىتماي ماڭا ھەمراھ بولۇڭ>> دەپ سەت ھېجاراپ تۇردى، ئۇ ئۆزىنىڭ قەدىر قىممىتىنىڭ شۇ قەدەر تۈۋەنلەپ كەتكىنىدىن قاتتىق ئاچچىقى كەلدى، بۇرۇن ئۇنى ھېچكىم بۇنداق ئەسكى مىھمانخانىغا باشلاپ باقمىغان، ئۇ ھېلىقى ئەرنىڭ چىرايىغا تۈپۈرۈپ قويۇپ يىغلىغىنىچە ئۆيىگە كەلگىنىدى، بۇ ئەلەمنى ئاز دەپ چىۋىنلارنىڭ ھۇجۇرسىغا كىرىۋېلىشى ئۇنىڭغا ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دېگەندەك ئىش بولغانىدى، ئۇ دەرھال قۇلىغا تىلفۇنىنى ئېلىپ ئۆزى تۇنۇيدىغانلارغا تېلىفۇن قىلىشقا باشلىدى:
-ۋەي، سىز نەدە، تىز قېشىمغا كەلگەن بولسىڭىز، بىر توپ چىۋىن ھۇجۇرامغا كىرىۋاپتىكەن، ماڭا ئۈركۈتىشىپ بەرسىڭىز... نىمە ۋاقتىم يوق، بورۇن مىنى ئىزدەشكە ئەجەپ ۋاقتىڭ چىقاتتىغۇ... خەپ جۇمۇ...
-ۋەي، سادىقما، سەن نەدە، تىز قېشىمغا كەلگەن بولساڭ ، مەن بىر توپ چىۋىننىڭ قۇرشاۋىدا قالدىم...نىمە؟ بۈگۈن ۋاقتىم يوق... بىلەتتىم سىنى، ھۇ يۈزسىز...
ئۇ شۇ تاپتا يىغلىغۇدەك بوپقالغانىدى، ئۇنىڭ ئىسىگە ئەينى ۋاقىتتا ئۇنى قوغلاشقان ئەركىن كەلدى، ئەركىن ئۇنى بەكلا ياخشى كۈرەتتى، ئۇنىڭغا ئەقىيدە قىلغان، بىراق ئۇ ئەركىننى ياراتمىغانىدى، ئۇ ئەركىنگە تىلىفۇن قىلماقچى بولدى، بىراق ئەركىننىڭ يېقىندىلا توي قىلغىنى ئىسىگە كىلىپ تېلىفۇننى قۇيۇپ تامغا يۈلەنگىنىچە ئولتۇرۇپ قالدى، ئۇنىڭغا ھېچكىم ئەسقاتمىدى، رەھمەتلىك ئانىسى ئۆز ۋاقتىدا دېگەن مۇنۇ سۆز ئۇنىڭ ئىسىگە كەلدى<< قەدرىنى يۇقاتقان قىز پۇراپ قالغان گۆشكە ئوخشايدۇ، پۇراپ قالغان گۆشكە چىۋىن بەك ئامىراق... قىزىم سەن ھەرگىز قەدىرىڭنى يۇقاتما...>>
لېكىن ئۇ ئاللا قاچان كىچىككەنئىدى، شۇ تاپتا بىر توپ چىۋىن ئۇنىڭغا چىڭ چاپلىشىۋالغانىدى، خۇددى بورۇن باشقىلار ئۇنىڭغا چىڭ چاپلاشقاندەك، ئۇنىڭ مەڭزىدىن ياشلار سىرغىپ چۈشتى، چىۋىنلار ئۇنى تالىماقتا ئىدى...


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ahter تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-8 11:42 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85728
يازما سانى: 821
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2840
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 267 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزلارنىڭ بۇ ئالەمدىكى مەجبۇرىيتىنىڭ ، مەسئۇلىيتىنىڭ ۋە بۇرچىنىڭ ئوغۇللارنىڭكىدىن قىلىشمايدىغانلىقىنى تونۇپ   يىتىشىمىز كىرەك ! چۈنكى قىزلار مىللەتنىڭ ، دۆلەتنىڭ ۋە كەلگۈسىنىڭ ئانىسى
    كەلگۈسىدىكى ئانا بولغۇچى گۈزەل قىزلار! سىلەرنىڭ يۈكىڭلار يەڭگىل ئەمەس ، شۇڭا سىلەر ناھايىتى سەگەك ، ھۇشيار -
بولۇپ  ھەربىر قەدەمنى قاتتىق ئويلىنىپ بىسىڭلار !!!

39.gif




    ئۆزىنى يىگىت ، ئەركەك ۋە ئەر دەپ بىلىدىغان ، ئۆزىنى ئەر دەپ نوپوزغا ئالدۇرغان بارلىق ئەركەكلەر!  
    مەسئۇلىيتىڭىزنىڭ  ياشاش مەقسىدىڭزنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى، تۇغۇلغاندىن بىرى نىمىش قىلغانلىقىڭىزنى ۋە نىمىش قىلىشى كىرەكلىڭكىڭىزىزنى ھەر مىنۇت ئىسىڭىزدىن چىقارماڭ !
    ھەممە قىز ئاياللارنى ئۆزىڭىزنىڭ ئاچا-سىڭىللىرى قاتارىدا كۆرەڭ !
   شۇ ئىسىڭىزدە بولسۇنكى قىز-ئاياللار ھەرگىز كۆڭۈل ئاچىدىغان ئويۇنچۇق ئەمەس . . . . . . .

                           ئەرلەر  قىز-ئاياللارنى يىغلاتسا ،
                                                     قىز-ئاياللار دۇنيانى ۋە كەلگۈسىنى يىغلىتىدۇ


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
zulayha + 50

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85728
يازما سانى: 821
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2840
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 267 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزلارنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقى ئىمان بىلەن ھايا
ئوغۇللارنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقى ئىمان بىلەن ۋاپا
چاۋاك بىر قولدىن چىقمايدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96863
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 326
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2013-8-9
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
alenur يوللىغان ۋاقتى  2013-9-9 09:29 AM
قىزلارنىڭ بۇ ئالەمدىكى مەجبۇرىيتىنىڭ ، مەسئۇلىيتىنىڭ  ...

ئىنكاسىڭىزنى قوللايمەن

پىچاقنى ئاۋال ئۆ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65702
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4169
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 153 سائەت
تىزىم: 2011-11-18
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاللاپ تازغا ئۇچقاپتۇدە  ،

غەم قىلغۇچە ،پەم قىل .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96859
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 123
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2013-8-9
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىنى كىچىكىپ ھىس قىلىمىز

سىزمۇ كۈلۈڭ!!!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18699
يازما سانى: 513
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3357
تۆھپە نۇمۇرى: 452
توردا: 1659 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
alenur يوللىغان ۋاقتى  2013-9-9 09:29 AM
قىزلارنىڭ بۇ ئالەمدىكى مەجبۇرىيتىنىڭ ، مەسئۇلىيتىنىڭ  ...

ئورۇنلۇق......قوللايمەن

مۇھەببەت ۋە تىنچلىق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87058
يازما سانى: 561
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1323
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 121 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
alenur يوللىغان ۋاقتى  2013-9-9 09:36 AM
قىزلارنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقى ئىمان بىلەن ھايا
ئوغۇللارنى ...

يۇزگە ساسىما چىقىدۇ !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

ئىزىڭدىن تىكەن ئۇنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89457
يازما سانى: 537
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1065
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2013-1-2
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جەننەت ئانېلارنڭ تاپنې ئاستېدا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77213
يازما سانى: 460
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3781
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 130 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمدى ئۇ قىزنى چىۋىندىن باشقا كىممۇ يوقلايتتى .تۇزىغان گۇلنى كىم قىسىدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش