مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2161|ئىنكاس: 17

نەس بېسىش ‹‹مىكرو ھېكايە›› ئۆزقۇت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92689
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 710
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2013-3-5
ئاخىرقى: 2013-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-8 11:01:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئالىمجان نەسىردىن ئۆزقۇت

نەس بېسىش

مىكرو ھېكايە

مەن 2006-يىلى 9-ئايدا ئالىي مەكتەپنىڭ ‹‹ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبياتى›› كەسپى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتكۈزۈپ مەملىكەت مىقياسىدا بىر تۇتاش ئېلىنغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايوننىڭ يېزا بارىزىلىرىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلىرىگە ‹‹ئالاھىدە شتاتلىق ئوقۇتقۇچى›› تولۇقلاش ئېمتھانسىدىن بىرىنچى بولۇپ ئۆتۈپ قارتاغ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە خىزمەتكە چۈشتۈم.

مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەرياندا ئازدۇر-كۆپتۇر يېزىقچلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ رايونىمىزدىكى نوپۇزلۇق گېزىت-ژۇرناللاردا بىر قانچە ئەدەبي ئەسەلەرنى ئېلان قىلغانىدىم.بۇ ‹‹تالانت››ىمنى بىلگەن قارتاغ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پارتىيە ياچېيكىسى ۋە مەمۇرىيىتىدىكى رەھبەرلەر ‹‹ئالاھىدە›› مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق مېنى ‹‹مەكتەپ ئشخانسى››نىڭ  ئەزاسى سۈپتىدە ‹‹بۆلۈم ئەزاسى›› دەپ ئوقۇتقۇچى،ئشچى-خىزمەتچلەر چوڭ يىغىندا ئېلان قىلدى.

مەن شۇ كۈندىن باشلاپ ‹‹مەكتەپ ئشخانسى››نىڭ رەسىمىي ‹‹كادىرى›› بولۇپ جان تىكىپ ئشلەشكە باشلدىم.ئۇزۇن ئۆتمەي مەكتەپ رەھبەرلىكى مېنىڭ ‹‹ئىقتىدار››ىمىنى تېخمۇ تولۇق بايقاپ مەكتەپنىڭ كاتىپلىق خىزمتنى بەردى.بۇ مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ نەزىردە ماڭا بولغان ‹‹يۈكسەك›› ئشەنچىسى،‹‹ئۆسۈش›› شارائىتى بىلەن تەمىن ئەتكەنلىكى ئىكەن.

خىزمەتكە ئەمدىلا قەدەم قويغان مەندەك ئالىي مەكتەپنى يېڭى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىسى-‹‹ئوقۇتقۇچى››غا نسبەتەن بۇ ئۆزگىرىشلەر-ئۇچۇپ ‹‹ئامەت››لەر ماڭا ئاجايىپ بىر ‹‹تۇيغۇ›› بەخش ئەتكەن ئىدى.

مەن ئۆز كۆڭلۇمدە:‹‹ بۇ يەردە ئەمدى راھەت كۆرىدىغان بولدۇم›› دەپ ئويلغانىدىم.لېكىن،دەل ئەكسچە ئۆزەمگە باش ئاغىرىقى تېپىۋاپتىمەن ئەمەسمۇ!

شۇنىڭىدىن باشلاپ خىزمەتتە بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتىم.ھېلى مەكتەپ مۇدىرى كىرىپ:‹‹مەكتەپنىڭ ماۋسۇملۇق خىزمەت خۇلاسىنى يېزۋىتىڭ›› دەپ ‹‹جىددىي›› خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇپ چىقىپ كەتسە،ھېلى مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى كىرىپ:‹‹يېرىم سائەت ئىچىدە مەكتەپنىڭ مۇقىملىق-بىخەتەرلىك پىلانى تۈزۈۋېتىڭ›› دەپ چىقىپ كېتەتتى.ئەمدىلا بىر پىلاننىڭ دەسلەپكى ئورگىنالىنى يېزىپ بولۇشىمغا سىياسىي مۇدىر يۈگرەپ كىرىپ:‹‹خاپا بولماي سىياسىي بۆلۈمنىڭ پىلاننى تۈزۈپ بەرگەن بولسىڭىز›› دەپ قويۇپ چىقىپ كەتكەن،ئۇزۇن ئۆتمەي ئىلىمىي مۇدىر ياكى ئشچىلار ئويۇشما رەئىسى چاقماق كەبى ‹‹گۈلدۈر››لەپ كىرىپ بىر تالاي خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ چىقىپ كەتكەن.

بىر كۈنى ئىشخاندا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىخەتەرلىك-مۇقىملىق بويىچە ئىمىزالايدىغان ھۆددە-مەسئۇليەتنامنى يېزىپ ئولتۇرسام ئىشىك جالاققىدە ئېچىلىپ، مەكتەپ مۇدىرى مۇسا ئەپەندى كىرىپ كەلدى. مۇدىرنىڭ چىرايىغا قاراپ،بىرەر ئىش چىققان ئوخشايدۇ ياكى تاسادىپى يۇقىردىن تەكشۈرۈش ئۆمىكى كەلگەن ئوخشايدۇ، دەپ يۈرىكىم «قارتتىدە» قىلىپ، قىلۋاتقان ئىشىمنى توختۇتۇپ، ئورنىمدىن لىككىدە تۇرۇپ كەتتىم.

-بۈگۈن ناھىيلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن مەكتۋىمىزنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش،تەلىم-تەربىيە خىزمتنى تەكشۈرۈشكە كېلىدىكەن.تەييارلىقنى ئوبدان قىلىپ قويۇڭ.‹‹قەغەزدە بولىدىغان ئىشلار››دىن قەتئى چاتاق چىقىپ قالمسۇن،-دېدى مەكتەپ مۇدىرى مۇسا كەسكىن تەلەپپۇزدا.

-خاتىرجەم بولۇڭ مۇدىر،تەييارلىقنى ياخشى قىلمەن،-دېدىم بۇ خەۋەر بېشىمغا تاش ياققاندەك ئېغىر كەلگەن بولسمۇ مۇدىرىنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن.

مەكتەپ مۇدىرى چىقىپ كېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي كالتا باشلىقلار توشمۇ توشتىن كىرىپ كېلىشىكە باشلدى.

-ماڭا،ئشچىلار ئويۇشما كومتېتنىڭ خۇلاسىنى چىقىرىپ بېرىڭ.

-گاڭ نۆۋەتچلىكىنى تېزىملىكىنى تەييار قىلىپ بېرىڭ.

-ماليە دوكلاتى يېزىپ بەرگەن بولسىڭىز؟

-ماڭا،ئىتتپاق كومتېتىنىڭ يىللىق خۇلاسىنى يېزىپ بەرگەن بولسىڭىز.

-...

باشلىقلىرىم بېشىمىدا ناھايتى جىددىيلىشىپ قاراپ تۇرشاتتى.مەن قايىسى باشلىقىمىنىڭ ئشنى باشتا قىلىپ بېرىشىنى بىلەلمەي ئەتراپىمدا تۇرغان باشلىقلىرىمىغا سوئال نەزىرىدە قارىدىم.مېنىڭ يېنمىدا تۇرغان سىياىسىي مۇدىر مەمەت تۆت ئەتراپغا بىر قاراپ قويۇپ ئاستا كەينىگە ياندى.چۈنكى مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى جۈرئەت قاپىقىدىن مۇز ياغدۇرۇپ ئەتراپتىكلەر قاراپ تۇراتتى.

ئىككى سائەتكە يەتىمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بارلىق باشلىقىلىرىمىنىڭ ھاجىتىنى تولۇق راۋا قىلىپ ،ئۇھ دەپ ئولتۇرۇشىمىغا يۇقىرىدىن كېلىدىغان تەكشۈرۈش ئۆمكىنىڭ مەكتۋىمىزگە يېتىپ كەلگەنلىك ‹‹خۇش››خەۋىرى يېتىپ كەلدى.

مەكتەپ ئىچى بىر خىل جىمىتچلىقغا چۇمگەنىدى.دەرىسى يوق ئوقۇتقۇچىلار ئۆز ئوقۇتۇش گۇرۇپپلىردا جىددىي ھالدا چالا قالغان خىزمەتلىرىنى تولۇقلاش ھەلكچلىكىدە ئالدىراش ئىدى.

مەن ئۇرۇندۇقۇمغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ تاماكامنى ئاچچىق-ئاچچىق شوراپ ئولتۇراتتىم.كاللامدا نۇرغۇنلغان سوئاللار ئەگىپ يۇرەتتى.مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەرياندا باھالاش،تەكشۈرۈش دېگەن نەرسىلەرنى ئەسلا كۆرۈپ باقىمغاچقا بۈگۈن ئانچە جىددىيلىشىپ كەتمىگەنىدىم.لېكىن شۇنداق بولسىمۇ ئاچچىقى يامان مەكتەپ مۇدىرىمىنى ئويلسام يەنە سەل جىددىيلىشىپ قالاتتىم.بىر ھازا ئۆتكەندىن كېيىن ئىتتپاق شۇجسى ھاسىراپ-ھۆمدەپ  كىرىپ كەلدى-دە:

-مەكتەپ مۇدىرى سىزنى مەكتەپنىڭ ‹‹پىلان-خۇلاسى››نى ئېلىپ ئشخانا كىرسۇن دەيدۇ،-دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.مەن بۇ گەپتىن شىرە ئۈستدە تۇرغان ماتېرىيالغا قاراپ:‹‹ ئالدىراشچلىق ئىچىدە مەكتەپنىڭ پىلان-خۇلاسە ماتېرىياللىرىنى مەكتەپ مۇدىرىغا بېرىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن-دە›› دەپ ئويلىدىم.

مەن قەدەملىرىمنى تېز-تېز ئېلىپ مەكتەپ مۇدىرى ئشخانىسنىڭ ئالدىغا كەلدىم-دە،قىيا ئوچۇق تۇرغان مەكتەپ مۇدىرى ئشخانىسنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ قالدىم.

-سىز بىر مەكتەپنىڭ مۇدىرى تۇرۇپ خىزمەتنى مۇشۇنداقمۇ ئشلەمسز،ئىلىمىي بۆلۈمنىڭ پىلانى مۇشۇنداق بولامدۇ،بۇ مەكتەپ پىلانمۇ ياكى ئىلىمىي بۆلۈمنىڭ پىلانمۇ؟

سۆزلەۋاتقان ئادەم بەلىكىم مۇشۇ تەكشۈرۈش ئۆمكىنىڭ بىرەر باشلىقى بولسا كېرەك.مەكتەپ مۇدىرىغا قاتتىق ئاچىچىقلاپ كېتىۋاتاتتى.

-سىز بىر مەكتەپ مۇدىرى تۇرۇپ بەنزە ئەزالىرىنى ياخشى تەربىيىلمەپسىز،ئوڭلاپ بىر پىلاننى تۈزەلمەيدىغان كشنى مەكتەپنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش،تەلىم-تەربىيە خىزمتىگە مەسئۇل قىلىپ قويۇپسىز،كادىر دېگەننى جايدا تاللاپ ئشىقا قويۇشمۇ بىر خىل ئىقتىدار.

مۇدىر ئشخانىسى جىمىجتلىقغا تولغانىدى.شۇ پەيتتە ئۆز كۆڭلۈمدە:‹‹ھازىر باشلىقلىرىمنىڭ باشلىرى يەرگە چۈشۈپ كەتتى-دە›› دەپ ئويلاتتىم.

راسىت گەپ قىلسام،يۇقارىقى گەپلەرنى ئاڭلاپ بېشىم پۇررىدە قېيىپ كەتتى.‹‹قانداق قىلىپ بۇنداق بولۇپ قالىدۇ›› مەن دەرھال قولۇمدىكى پىلان-خۇلاسە ماتېرىيالغا قارىدىم-دە،ئىچىنى ئوقۇشقا باشلدىم.ئاھ خۇدا،بۈگۈن مېنى نەس بېسىپتۇ.قولۇمدىكىسى دەل ئىلىمىي بۆلۈمنىڭ پىلانى ئىكەن. دېمەك مەن ئالدىراشچلىق ئىچىدە پىلانلارنىڭ ماۋۇزسىنى ئالماشتۇرۇپ قويغانىدىم.

مەن دەرھال كەينىمىگە ياندىم-دە،ئشخانىمىدىكى كومپيۇتېرنىڭ ئالدىغا كېلىپ مەكتەپنىڭ پىلان-خۇلاسە ماتېرىيالىنى چاقماق تېزلكىدە ئۆزگەرتىپ-ئوڭشاپ چىقىرىپ مەكتەپ مۇدىرى ئشخانىسىغا ئېلىپ كىردىم.

مېنىڭ كىرگەنلكىمىنى كۆرگەن ئىلىمىي مۇدىر جامال قاپاقلىرىنى مۇشتۇمدەك تۇرۇپ بىرنى ئاليىپ قويدى.ئۇنىڭ قارا چىرايى تېخمۇ قارىداپ كەتكەنىدى.

مەن ئىلىمىي مۇدىرىنىڭ  بۇ قاراشلرىدىن :‹‹ئالدىرىماي تۇر،بۇلار-باھالاش ئۆمكى كەتكەندىن كېيىن ئەدىپىڭنى بىر بەرمسەم›› دېگەنلىرىنى ھېس قىلدىم.

تەكشۈرۈش ئۆمكىدىكى بىرىنچى قول رەھبەر مەكتەپنىڭ پىلان-خۇلاسىلەرنى ئەستايدىل كۆرۈپ چىقىپ:

-مەكتەپنىڭ خىزمەتلەرنى ئەتراپلىق،ئىنچكە پىلانلاپسلەر،خۇلاسىسىنمۇ ناھايىتى ياخشى چىقىرىپسلەر،-دەپ ماختاپ كەتتى.

باياتتىن تەكشۈرۈش ئۆمكىنىڭ باشلىقىدىن راسا بىر قورساق تىل ئاڭلغان مەكتەپ مۇدىرى مۇسا ئەمدى باشلىقىنىڭ ماختاشلىرىنى ئاڭلاپ چىرايدا تەبەسسۈم جىلۋەلەنگەنىدى.

مەكتەپ خىزمەتلىرىنى بىر قۇر تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇرغان تەكشۈرۈش ئۆمكى مەكتەپ تەييارلغان ‹‹ئالاھىدە تاماق››لىردىن بىر قورساق يەپ،سومكلىرىغا ئاللىقانداق بىر نەرسلەرنى سېلىشىپ چىقىپ كېتىشىتى.

ئىشخاندا تاماكا چېكىپ ئولتۇراتتىم.ئىشىك ئاستا ئېچلىپ مەكتەپ مۇدىرى مۇسا كىرىپ كەلدى-دە:

-دەرھال مېنىڭ ئشخانامىغا كىرىڭ،-دېدى.

مۇدىر شۇنداق دەپلا تېز- تېز مېڭىپ پەسكە چۈشۈپ كەتتى.مەن ئاللىقانداق ئەنسزچلىك ئىچىدە مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئشخانسىغا قاراپ كېتىپ باراتتىم.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-9 02:11 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16887
يازما سانى: 324
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8479
تۆھپە نۇمۇرى: 342
توردا: 1576 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-9 02:36:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈلۈپ تۇرۋېلىڭ ،ھىچنىمە قىلالمايدۇ.

دۇنيا نىمە دىگەن گۇزەل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97456
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 33
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2013-8-31
ئاخىرقى: 2013-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-9 08:03:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوسىدىكەنسىز خوش بۇلۇڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97297
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 283
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2013-8-27
ئاخىرقى: 2014-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-9 09:07:39 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
togra osidikansiz

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96863
يازما سانى: 256
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 900
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 508 سائەت
تىزىم: 2013-8-9
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-9 11:05:53 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپسىز دەپ مىھمان قىلامدۇ تىخى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95945
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 188
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 83 سائەت
تىزىم: 2013-7-15
ئاخىرقى: 2013-11-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-9 12:38:20 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە يانا خىزمەت تاپشۇردۇ

نۇرچى بىز ھىدايەتنى  قوللايمىز  قاراڭغۇلۇقتىن تىڭىرقاشتىن يورۇقلنى ۋە يول تىپىشنى تاللايمىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89457
يازما سانى: 944
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2274
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 311 سائەت
تىزىم: 2013-1-2
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-9 01:12:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە يانا  ئازراق سۈزلەيدۇ ،،،،،،،،ئاندېن ئشقا بۇيرۇيدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96859
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 691
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 124 سائەت
تىزىم: 2013-8-9
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-9 01:25:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىمىسىمۇ مەكتەپ كاتىپىنىڭ ئىشى ئىنتايىن تۇلا ، مەكتەپ مۇدىر ، ئىلمى مۇدىر ، مۇئاۋىن مۇدىر، سىياسى يىتەكچى ....ھەممىسى ئىشقا بۇيرۇيدۇ ،  جاپالىق خىزمەت ئۇ .  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95839
يازما سانى: 132
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 439
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 104 سائەت
تىزىم: 2013-6-6
ئاخىرقى: 2014-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-9 02:36:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەچۈرۈڭلار ، مەن ئاپتۇرنىڭ نىمە دىمەكچى بولغانلىقىنى دەماللىققا چۈشىنەلمىدىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77213
يازما سانى: 557
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4146
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 166 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2014-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-9 02:50:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قورىقماي كىرىۋىرىڭ ئۇرۇن بۇشۇتۇپ بىرەمدۇ تېخى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش