ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ئەزىزلەر ، ھەممىڭلار سالامەت تۇردۇڭلارمۇ؟مۇنبەردىشىڭلار مۇسىلىنەدىن سىلەرگە ئالىي ئېھتىرام، ئەزىز مۇنبەرداشلار ، ھەممىڭلارنىڭ تېنى سالامەت بولسۇن، ئىشلىرىڭلار ئۇتۇقلۇق بولسۇن، چېھرىڭلاردىن كۈلكىلەر ئۆچمىسۇن،باسقان قەدىمىڭلاردىن گۈللەر ئۈنسۇن. ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك ، خېلى بوپتۇ ماڭا مۇنبەردە مۇشائىرە سورۇنى ھازىرلاپ باقمىغىلى،بۈگۈن كۆڭۈل ئۈنچىلىرىمىزنى چېچىشقان ھالدا، مۇشائىرە قىلىشايلى دېگەن مەقسەتتە بۇ مۇشائىرە سورۇنىنى ھازىرلىدىم،قېنى ئەمسە،مۇشائىرەگە مەرھەمەت قىلايلى....
ھېجرانىڭ شۇنچە كەلدىغۇ ئېغىر، كۆزۈمدىن قۇرىماس تامچە ياشلىرىم. يۈتتى ئىزىڭ،كەتتىڭ يىراقلاپ، يەتمەس ساڭا ئاھۇ –زارلىرىم.
پەس ئارزۇ –ھەۋەسكە بولۇپ قالما قۇل ، ئۇ سېنى باشلار تېگى يوق ھاڭغا. ئاھ ئۇرۇپ ،ھەسرەتلەر چەكسەڭمۇ بىكار، گۈلدەك ياشلىقىڭ قايتماس ئارقىغا.
ئەسكەرتىش : يۇقارقى ئىككى كۇبلىت شېئىر ئايرىم مەزمۇننى ئىپادىلەيدىغان شېئىرلاردۇر، مۇشائىرە قائىدىسى كۇبلىتلارنىڭ ئاخىرقى مىسراسى باش مىسرا قىلىنىپ باشلىنىدۇ، ئىختىيارى قىلغانلار ئۆزلىرى خالىغان شېئىرلارنى قوشۇپ مۇشائىرەنى داۋاملاشتۇرسا بولىۋېرىدۇ، قېنى ئەمسە ، مەرھەمەت... مېنى نائۈمىتتە قويمىغايسىلەر....
مەنبە : كۆڭۈل ئۈنچىلىرىم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-8 11:40 PM
|