مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1758|ئىنكاس: 17

ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىنى ئوقۇغاندىن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئىمىنجان ھىدايە

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15099
يازما سانى: 586
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13701
تۆھپە نۇمۇرى: 2034
توردا: 1650 سائەت
تىزىم: 2010-10-24
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-8 08:41:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ 2012 يىلى يىڭىدىن نەشىر قىلىنغان«مەۋجۇتلىق تەشنالىقى» ناملىق كىتابىنى ئوقۇپ چىقتىىم. مەزكۇر كىتاب ئۇستازنىڭ ئىلگىرى ياپۇنيەدە كۆرگەن -ئاڭلىغانلىرىنى تەپەككۇر ئەلگىكىدىن ئۆتكۈزۈپ، خەلىقنىڭ ھوزۇرىغا سۇنغان «ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا» ناملىق كىتابدىن كىيىنكى يەنە بىر نادىر كىتابى بولۇپ، جەمئىيەتتە كۆپ ئالقىشقا ئىرىشتى. شەخسەن، مەن دوستۇم ئۇيغۇربەگ نىڭ سوۋغا قىلىشى بىلەن ئۇشبۇ كىتابنى ھاياجان ئىلكىدە قولۇمغا ئالدىم - دە، تولىمۇ قىزغىنلىق بىلەن قايتىلاپ ئوقۇپ چىقتىم. گەرچە ئۇستازلارنىڭ كىتابىغا باھا بەرگىدەك قۇۋۋەت بولمىسىمۇ، بۇ كىتابنىڭ «ئۆزلۈك ۋە كىملىك»، «ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا»، «ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە»... قاتارلىق كىتابلار بىلەن بىر قاتاردا، ئۆزىنى تونۇش، مىللەتنىڭ كەلگۈسى ۋە ھازىرى ھەققىدە باش قاتۇرۇش، دۇنيانى ئەقىل كۆزى بىلەن تونۇش ئىستىكىدىكى ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشىغا ئەرزىيدۇ دەپ ئويلايمەن. تۆۋەندە ئەزىزلەرگە مەزكۇر كىتابنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە تەسىراتىم ۋە ئۈزۈندە ئېلىۋالغان كىلاسسىك جۈملىلىرىنى ھوزۇرىغا سۇنىمەن.

كىتاب چۈشەندۈرلىشى
كىتاب ئىسمى: مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى
كىتاب ئاپتورى: ئابدۇقادىر جالالىدىن
نەشىرىيات: شىنجاڭ پەن - تېخنىكا نەشىرىياتى
نەشىر قىلىنغان ۋاقتى: 2012 - يىلى 4- ئاي
كىتاب ھەجىمى: 32 كەسلەم، 444 بەت
مۇندەرىجە:

ئىشىكلەرنى چىكىش ئاسان ئەمەس
يوللارنى بىر - بىرىگە ئۇلاپ
لوندوندىكى تۇنجى كۈن
ئەنگىلىيە شەكىلسىز پېلانىتا
ئادەم ئاتىنىڭ بالىلىرى
كۆزدىن ئەقىلگە
ئۈلپەت
بەخىت ۋە دەججالنىڭ پىتنىسى
لوندوندىكى ئۇيغۇر بالىلىرى
سۇغا ئوخشايمەن، دەريادا قىيان، قاچىدا نىمجان
مەيدان
مەن ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى
ئىبلىسنىڭ كۆلەڭگىسى: لوندوندا ئوقۇغان بەزى كىتابلىرىم
پاسپورت ۋە كىملىكتىكى مەن
قىسقىچە مەزمۇنى
پۈتكۈل كىتاب ئاپتورنىڭ ئەنگىلىيە كەمبىرىج ئۇنۋېرىستىتىغا 10 ئايلىق ئېلىم تەھسىل قىلىش سەپىرىنى يىپ ئۇچى قىلىپ، ئەنگىلىيە، جۈملىدىن، لوندون جەمئىيىتىنى ياندىن كۈزەتكۈچى سالاھىتىدە، ئىنچىكە نوختىلارنى تەپەككۇر ھالقىلىرىدىن ئۆتكۈزۈپ، ھىسسىي بايان شەكلىدە ئوقۇرمەنلەرگە تەقدىم قىلغان. كىتابتا ئاپتور ساياھەت خاتىرىسى شەكلىدە تۇرمۇشىنى مەركەزلىك يازماستىن، ئەكىسچە بىر ئەدىب سۈپىتىدە، ئىجتىمائىي ھالەتلەرنى تەھلىل قىلغان ۋە تەكلىماكان گىرۋەكلىرىگە تەدبىقلاپ ئىلمىي تەھلىللەرنى يۈرگۈزگەن. كىتابتىكى ھەربىر جۈمللىگە ئاپتورنىڭ شۇنداقلا پۈتكۈل ئۇيغۇرنىڭ كۈچلۈك ئارزۇ ئۈمۈدلىرى سىڭىپ كەتكەن. دۇنيانى چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىرىشەلمەي. بىر - بىرىىنى كۆرەلمەستىن، قۇدۇقتىكى پاقىلاردەك ياشاۋاتقان كىشىلەرگە بىر ھەقىقەتنى يورۇتۇپ بەرگەن.

مېنىڭ تەسىراتىم
مەن ئەزەلاىن «ساياھەت خاتىرىسى»گە تەققاس قىلىپ، ئەدىبلىرىمىزنىڭ چەتئەلدىكى زىيارەتلىرىنى بايان قىلغان كىتابلارنى بەكلا ياقتۇراتتىم. چۈنكى، مەنمۇ سەھرا قىشلاقلىرىمدىن ئايرىلىپ، ئېلىم كۆزلەپ يات مەدەنىيەت مۇھىتىدا سەرگەردان بولۇشقا باشلىغان شۇ كۈندىن بىرى، نۇرغۇن نەرسىلەرنى چۈشەندىم. «دۇنيا» دېگەننىڭ ئىلگىرى ئويلىغىنىمدەك، ئاقسۇ، خوتەن، قەشقەر ئۆرۈمچىلا ئەمەسلىكىنى، ئەكىسچە ھەربىر دەقىقدە تۈرلۈك تۈمەن ئۆزگىرىشلەر بولۇپ تۇرىدىغان پايانسىز بىر ئىجتىمائىي توپ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. گەرچە. ھازىرچە چىگرا ئاتلاپ جاھان كۆرۈپ بېقىشقا پۇرسەت بولمىغان بولسىمۇ، موشۇنداق كىتابلار ئارقىلىق تەپەككۇرۇمنى يىڭىلاپ تۇرىمەن.
بۇ كىتابنى ئوقۇش جەريانىدا ھېسياتىم پۈتۈنلەي ئاپتورنىڭ ھېس - تۇيغۇلىرى بىلەن بىرىكىپ كەتتى. نەقىل ئالغان بەزى جۈملىلەرگە ئاپتورنىڭ قانداق خىياللىرى يۇشۇرۇنغانلىقىنى كۆرىۋالغاندەك بولدۇم. دىمگىراتىيە، مىللىي ھوقۇق، كىشىلىك قىممەت، مىڭە يۇيۇش، كەمسىتىش... تالاي ئاتالغۇلارغا ئەڭ يىقىن تەپەككۇر دولقۇنلىرىغا چۈمۈلدۈم.

كىتابتىن ئۈزۈندىلەر
«پۇرسەت؟ پۇرسەت زادى قانداق نېمە؟ پۇرسەت كۈتۈپ تۇرۇشنىڭ ئەمەس، ئۇرۇنۇپ تۇرۇشنىڭ نەتىجىسى.پۇرسەت ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆز مۇھىتىغا يارىشا ئاكتىپ پائالىيەت قىلىشىدىن تۇغۇلىدۇ. ئۇ بىراۋدىن بىراۋغا بىرىلىدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى پەم بىلەن ئېلىنىدىغان نەرسە.» (10-بەت)
«دۇنيادىكى ياۋايىلىقنىڭ تۈرى كۆپ. بىر مەدەنىيەتنىڭ يەنە بىر مەدەنىيەتكە بولغان ئۆچمەنلىكى تۈزۈملەشتۈرۈلگەندە، بۇنىڭ ئۆزى زامانىۋى ياۋايىلىق بولۇپ، ئۇنىڭ خەتىرىگە ھېچنېمە توغرا كەلمەيدۇ.» (45 - بەت)
«تەبىئەتنىڭ ئاسمىنى تۇتۇق بولسا ھېچقىسى يوق، چۈنكى بۇنداق ئەھۋالدا كىشىلەرنىڭ چىراق يىقىشىغا ھېچكىم كاشىلا بولمايدۇ. ئەمما سىياسەتنىڭ ئاسمېنى تۇتۇق بولسا، چىراق يېقىش تۈگۈل، تۈزۈك يۆتەلگىلىمۇ بولمايدۇ.» (48-بەت)
«نېمىنىڭ خاتالىق ئىكەنلىكى تولۇق بىلدۈرۈلمىگەن ئەھۋالدا جازالاش، مەدەنىيەتنىڭ نامەردلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. مۇنداقچە ئىيىتقاندا، ئۇ ئىنسانىيلىققا تۇتۇلغان قاراقچىلىق.» (56- بەت)
«مەن بىر ئىنسان، تاماق يىيىش بىلەن ئۇخلاش فىزولوگىيلىك تەلېپىم. لېكىن مەن ئۆز تىلىمدا سۆزلەريمەن، مېنىڭ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان نۇرغۇن تەرىپىم بار. مانا بۇلار مەدەنىيىتىمنىڭ مەزمۇنىنى ھاسىل قىلىدۇ.شۇڭا، ماڭا بىلدۈرۈلگەن ھۆرمەت مېنىڭ ئېتقادىم، تىلىم، ئۆرىپ ئادىتىمگە بىلدۈرۈلگەن ھۆرمەتتىن باشلىنىشى كېرەك. شۇ چاغدىلا مەن بىر مەدەنىي ئىنساننىڭ مۇئامىلىسىگە ئۇچىرىغان بولىمەن.ئېتىراپ قىلىش ۋە ئىشىنش بولمىغان يەردە، يەككىلەمچى سالاھىيەت باش كۆتۈرۈپ، كىملىك زوراۋانلىقى پەيدا قىلىدۇ.» (61- بەت)
«ئەمدى بىلسەم، ئاجىزلارنىڭ ھەممىسى جاھەنگىرلارنى تىىلايدىكەن، ئاجىزلار كۈچەيسە، ئۆزى بۇرۇن تىللىغان ئىشلارنى قىلىشتىن يالتايمايدىكەن. شۇڭا، جاھانگىرلىكنىڭ تۈرلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ بولىدىكەن. تارىخ دىگەن ھىيلە - مكىرنىڭ ماغزاپلىرىدەك بىر نەرسە ئىكەن.» (76- بەت)
«ئۆزىنىڭ تىل ۋە ئەدەبىيات جەھەتتىكى ئەنئەنىسىدىن ئايرىلغان تەلىم - تەربىيە مىللىي روھ ۋە مىللىي ئاڭدىن مەھرۇم بولغان ناتىۋان تەلىم - تەربىيەدۇر.» (106- بەت)
«ۋاقتى كەلگەندە ھەرقانداق مىللەت بازار مىللىتىدۇر، ھەرقانداق مىللەت ھوقۇق مىللىتىدۇر، ھەرقانداق مىللەت ئېتىقاد مىللىتىدۇر.» (125- بەت)
«كۆپ ھالدا دۆلەت ئۆزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىللەتنى ياساپ چىقىدۇ.» (130- بەت)
«جانسىز مودىلدا يارىشىملىق كۆرۈنگەن كىيىم، خارەكتېرسىز ئادەملەرنىڭ ئۇچىسىدا گۈزەللىك قىممىتىنى يوقىتىدۇ.» (150 - بەت)
«تەشۋىقات ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئۆز كىملىكى ھەققىدىكى قارىشىنى ئۆزگەرتىش دۇنيادىكى نۇرغۇن زوراۋانلىقنىڭ مەنبەسى.» (171- بەت)
«ۋەتەن بىر بايراق، لېكىن شىھىتلەرنىڭ قېنى بولمىسا، بايراق بىر پارچە لاتا. ۋەتەن شۇ بايراقنىڭ ئاستىدا، ھىيىت بايراملارمۇ شۇ بايراقنىڭ ئاستىدا.» (184- بەت)
«تۇرمۇشتىك گۈزەللىكىنى كاپىتال ياكى ھوقۇقنىڭ كۈچى بىلەن قوغلىشىپ ياراتقىلى بولمايدۇ، ئۇ تاما ۋە مەھكۇملۇقتىن خالىي، ئاددىي - ساددا، خالىس ئىنسانىي قەلىبنىڭ دۇنيا ھەققىدىكى رىياسىز كەشپىياتىدۇر.» (213- بەت)
«ھەقىقىي ئۆزىڭىز مەۋجۇت بولغان ياكى ھەقىقي ئۆزىڭىزنى ئۇتتۇرۇۋەتمىگەن تۇرمۇش ئازادە تۇرمۇش بولىدۇ.» (234- بەت)
«ھاياتلىق رىقابىتى ئادەملەرنى بىر - بىرىگە شۈبىھلىك ۋە خەۋىپلىك قىلىپ كۆرسىتىۋەتسە، ئىت ئادەمدىن ئىشەنچىلىك بولۇپ چىقىدۇ ئەلۋەتتە.» (249 - بەت)
«مەنىۋىي جەھەتتىن ئۆزىنى بىلىشكە ئۈلگۈرمىگەن كىشىلەر ھامان بىر كۈنى تۇرمۇشنىڭ ماددىي ۋە پاكىتلىق تەرەپلىرىنىڭ زەربىسىدە سىىلكىنىدۇ ۋە ئالمان - تالمان كىملىك ساراسىمىسىگە چۈشىدۇ.» (261- بەت)
«ياشاۋاتقان زىمىنىدا سىياسىي ئىستىقبالى بولمىغان كىشىلەرنىڭ ۋەتىنى زادى قەيەر بولىشى كىرەك؟» (318 - بەت)
«ئۇيغۇر ياشلىرى چەت ئەللەردىكى داڭلىق بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇپ، ئالىدىغان بىلىملەرنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن قېرىنداشلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاشنىڭ كويىدا بولىشى، ھە دىسىلا ئەۋزەل شەھەرلەردە سوقۇنۇپ يۇرۇپ كۈن ئۆتكۈزۈشنىڭ كويىغا چۈشىۋالماسلىقى كىرەك.» (186- بەت)
«بىر شەھەردىكى ھەشەمەتلىك بىنالار، كەڭ كوچىلار، پارقىراپ تۇرغان ماشىنىلار پەقەت بىر بۆلۈك ئادەمنىڭ تۇرمۇشى ئۈچۈنلا بولۇپ قالسا، ئۇيەردە ئاشكارا نۇمۇسسىزلىقنىڭ ھەقلىق رەۋېشتە ئورۇنلاشقانلىقىدىن دىرەك بېرىدۇ.ۋەھالەنكى، نۇمۇسسىزلىقنى ھالاۋەتنىڭ دەسمايىسى دەپ قارايدىغان مەدەنىيەت توپى ئۈچۈن ئىيىتقاندا، ئادەمنىڭ قەدرى پەقەت مەنسەپدارلارنىڭ ئىختىيارىدىكى ۋە مەنسەپكە تايىنىپ بىيىغانلارنىڭ ئالقىنىدىكى نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.» (190- بەت)
«ئاتا - ئاناڭنى قەدىرلە، ئايالىڭ ۋە بالىلىرىڭنى سۆي، ئاددىي - ساددا ياشا. بەخىت دېگەن ئەنە شۇ.» (219-بەت)
«قانۇن قانچىكى خەلقچىل بولسا، قانۇننىڭ ئىجرا بولىشىغا قارىتا يۈرگۈزۈلگەن نازارەتتە خەلقنىڭ ئورنى قانچىكى زور بولسا، قانۇننى خەلق تۈزۈپ، خەلق ئىجرا قىلسا، ۋە خەلقنىڭ ئۆزى نازارەت قىلسا(قانۇن ئاز ساندىكى جەمئىيەت سەرخىللىرىنىڭ قولىدىكى نەرسىگە ئايلىنىپ قالمىسا)، خەلق ئۆز ھاياتىدىكى ھەربىر تاللاشنىڭ خوجايىنىغا ئايلىنىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا قانۇنغا بويسۇنۇش ئەركىنلىكنىڭ ئۆزى بولۇپ چىقىدۇ، تۇرمۇش قانۇنغا بويسۇنۇش بولۇپ چىقىدۇ.» (233- بەت)
«ئاھ، تۆمۈر - تەرسەكلەرنىڭ تاراق - تۇرۇقلىرى ، پۇلنىڭ شاراق - شۇرۇقلىرى يۈرەكنىڭ ئاۋازىنى بېسىپ كەتكەندە ئىنسانلار تەبئىي ھالدا ئۆزى ياراتقان نەرسىلەرنىڭ بەندىسىگە ئايلىنىپ كىتىدىكەن ئەمەسمۇ؟!» (242- بەت)
«ھەقىقىي ساھىبخانا مېھمانغا تائام بېرىشتىن ئىلگىرى ئىنسانلىق شەرىپىنى بېرىدۇ.» (246- بەت)
«مائارىپسىزلىق مۇسۇلمانلىقنىڭ ئۆلچىمىنى مۈجىمەللەشتۈرىۋەتكەن، مۇسۇلمانلىق بەزىلەر ئۈچۈن ئۆرپ - ئادەت، بەزىلەر ئۈچۈن ئاتا مىراس تۇيغۇ، بەزىلەر ئۈچۈن رەسمىيەت، بەزىلەر ئۈچۈن ئەقىدە، بەزىلەر ئۈچۈن پىكىر بولۇپ قالغان. شۇڭا تۆت ئۇيغۇرنىڭ بېشى بىر يەرگە كەلمەيىتتى.» (269- بەت)
«پىكىرىي زەئىپلىك ۋە نەپسىي غالىپلىققا مەھكۇم بولغان ئاۋامنىڭ ھوشيار، پەزىلەتلىك ئادىمى بولۇش ناھايىتى مۆشكۈل.» (282- بەت)
«بىر خەلقتە ئۆزىنى قەدىرلەش تۇيغۇسىنىڭ بەربات بولىشى ئۇنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىدە مەركەزلىك ئەكىس ئېتىدۇ. كۆرۈنۈشتىكى باياتچىلىق ۋە مولچىلىقنى ئىزدەپ، يېمەك - ئىچمەكتىكى پەرھىز ياكى تەرتىپنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويىشىدۇ. پانىي اۇنيانىڭ راھەتلىرىنى سۈرۈپ، ياشىۋېلىش ئەسەبىيلىكى باش كۆتۈرۈپ، چاروپايلاردەك يەپ - ئىچىشىدۇ.راھەت سۈرۈۋېلىش، نېرى - بېرىسىنى سۈرۈشتۈرمەي يەپ - ئىچىۋېلىش دەۋرىمىزدە ئاساسىي ئېقىمغا ئايلانغان تۇرمۇش ئىستىمالى بولۇپ قالدى. بۇنى نامرات باياشاتچىلىق دېسەك مۇۋاپىق بولار.» (302- بەت)
«بىر ئادەمنىڭ ئۇيەر - بۇيەرلەرگە بېرىپ بېقىشى مومكىن ئىكەن، بۇلارنىڭ كۆڭۈللۈك بولىشى ئۈچۈن، شۇ ئادەمنىڭ زادى قايىتمىسا بولمايدىغان مۇستەقىل ئۆيى بولىشى كېرەك ئىكەن.» (321-بەت)
«بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزدە نۇرغۇن دۇنياۋىي ئامىل بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت سىرىتقا چىقاي ياشاپ، بۇ تەرەپلەرنى بايقىماس بولۇپ كەتكەن ئىكەنمىز، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەپەككۇرىمىزنى ياشىغان مەھەللىمىزنىڭ ئۆزگەرمەس ئادەتلىرى بىلەن بوغۇپ قويغان ئىكەنمىز. بۇ خۇددى ئېقىندىن ئايرىلىپ قالغان سۇ قۇرۇتلاپ كەتكەندەك بىر ھال.» (330 - بەت)
«گىراژدانلىقنىڭ مۇھىم شەرتلىرىدىن بىرى، دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ بارلىق ئىشلىرى توغرىسىدا بىمالال مۇزاكىرە قىلىش پۇرسىتىگە ئىرىشكەن بولۇش، تالاش - تارتىش ئارقىلىق ئورتاق ئادالەتنى تېپىپ، ئۇنى مىزان قىلىش. ئەركىن تالاش - تارتىش بولمىغان يەردە مەسىلىنى ئادىل ھەل قىلىشتىن گەپ ئاچقىلى بولمايدۇ.» (350 - بەت)
«ھەربىر تىل كۆپ نوپۇسلۇق ياكى ئاز نوپۇسلۇق مىللەتلەرنىڭ تىلى بولىشىدىن قەتئىينەزەر تەڭدىشى يوق بىر تىلدۇركى، ئۇنى ئىككىنچى بىر تىلنىڭ ئايرىم تەرەپلىرىنى ئۆلچەم قىلىپ باھالىغىلى بولمايدۇ.» (363-بەت)

قىنى يەنە كىملەر ئوقۇپ چىقتى قانداق ئوخشىمىغان تەسراتلىرى بار

ئىمىنجان ھىدايەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36675
يازما سانى: 1200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9131
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3142 سائەت
تىزىم: 2011-4-6
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-8 11:18:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى كىتاپ بۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5575
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32243
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3400 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-8 11:34:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بەك ياخشى كىتاپ،ھەممەيلەننىڭ كۆرشىگە ئەرزىيدۇ.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6047
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1024 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-8 11:40:49 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياقتۇردۇم.ئوقۇپ باقماپتىمەن.
دىموكراتىيە بىر مىليون ئادەمگە ھوقۇق بىرىپ بىر ئادەمنى ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلسا ئۇ ھەقىقىي دىموكراتىيە بولالمايدۇ.
بۇ باشقا كىتابتىكى مەزمۇن.

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!
shahzada1 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-8 11:41:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4231
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20179
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1675 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-8 11:44:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانىلار بايرىمى كۈنى سېتۋېلىپ ئانامغا سوۋغات قىلغان ئىدىم....ئانام خوش بۇلۇپ كەتتى..

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87398
يازما سانى: 1200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2607
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 571 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-8 11:50:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن مەزمۇنى ياخشىكەن ،مەنمۇ ئوقۇسام بولغۇدەك .

كونس بىر يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى يىڭى يىڭى نەتىجىلەر بىلەن كۈتىۋالايلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92652
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5300
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1176 سائەت
تىزىم: 2013-3-4
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-9 01:02:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ كىتاپنى ئوقۇشقا تىرىشاي .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85728
يازما سانى: 1037
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4189
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 411 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-9 09:42:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئوقۇغان بولغىيىمىتىم ھېچ ئېسمىگە ئالالمايمەنغۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2907
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16637
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2570 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-9 09:50:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېلى ئىخلاس ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن كىتاپقا چۆكۈپسىز..رەھمەت...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش